نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

18 دىن ئاشقان << يەسلى بالىلىرى >>

مەمەت 3 كۈندىن بېرى ئۆيدىن تېزراق پۇل كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى. نېمە سەۋەبتىندۇر ئۆيدىن كېلىدىغان بۇ ئايلىق پۇل ئەسلى قەرەلىدىن كېچىكىپ كەتكەن ئىدى. ئەتە يېڭى تونۇشقان قىز دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئېسىل سوۋغات تەييارلىشى، ئۇنى ئەتە راۋۇرۇس مېھمان قىلىشى، كەچتە كىنوغا باشلىشى كېرەك. ئەمما…

ھەرقايسى دەۋرنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ ياشلىرى بولىدۇ. ئۇلارنى زامان، ۋاقىت بىلەن باغلىق بولغان ئايرىم جەھەتلەر بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئارىدا يەنىلا مەلۇم ئوخشاشلىقلار بار. بۇ ئاتا – ئانىغا بولغان مۇناسىۋەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى مۇمكىن. يەنى ياشلار ھەردائىم ئاتا – ئانا ، تۇغقان – قاياشلىرىغا يۆلىنىپ، ئىمكاننىڭ بارىچە ئۇلاردىن << پايدىلىنىش >> قا ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنداق ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئەۋلادىنىڭ كامالى ئۈچۈن كۆپ قايغۇرىدىغان، جىگەرپارىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن جانىنى ھەم ئايىمايدىغان ئاتا – ئانىلار ناھايىتى كۆپ. بىر قارىغاندا، بۇ تەبىئىي ھالدەك تۇيۇلىدۇ. بۇ دېگەن ئاتا – ئانىلارنىڭ بۇرچىغۇ ئاخىر ، دەيمىز كۆپ ھاللاردا.

ئالىي ئوقۇل ( ئۇنىۋېرسىتېت، University ) دا مۇئەللىملىك قىلىدىغان ياشقا چوڭ بىر تونۇشۇم بىلەن كۈنىمىزدىكى ياشلار ئۈستىدە سۆھبەتلىشىپ قالدۇق. سۆھبەت جەريانىدا ئۇ :<< مەن ئۇلارنى ( ياشلارنى دېمەكچى ) چوڭ ياشلىق يەسلى بالىلىرىغا ئوخشىتىمەن >> دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، كۈنىمىزدىكى بالاغەت يېشىدىن ئۆتكەن يىگىت – قىزلار ھامان ئاتا – ئانىسىنىڭ ھىمايىسىدە كۈن ئېتىدىكەن، ئاتا – ئانىلارنىڭ ياردىمىسىز ھېچ ئىش قىلالمايدىكەن، مۇستەقىل تەرزدە ئىش بېجىرىش قوللىرىدىن كەلمەيدىكەن، توغرىراقى بۇنداق قىلىشنى خالىمايدىكەن … << - مۇشۇ ياشلاردەك چاغلىرىمىزدا تالاي ئىشلار قولىمىزدىن كېلەتتى. تىراكتور - سوپەك ھەيدەپ ، بولمىغاندا مال بېقىپ بولسا ھەم ئائىلە ئۈچۈن ياردەم بېرەتتۇق، ئۆز ئۆيلىرىمىزنى لاي كېسەك قۇيۇپ ئۆزىمىز سالاتتۇق ... >> دەپ ئىزاھلايدۇ ئۇ سۆزىنى ۋە ئۆز پىكىرىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە ھاياتىي مېساللىرىنى باشلاپ…
بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىدە ئىشارە قىلغىنى يالغۇز ئالىي ئوقۇللاردىكى ئوقۇغۇچى ياشلارغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ھېلىھەم ئۆز يولىنى تاپالمايۋاتقان، بىرەر ھۈنەر – كەسىپنىڭ پېشىنى تۇتمىغان، ئاتا – ئانىلىرىغا باقىمەندە ياشلارغا قارىتىپ ئېيتىلغان ئاچچىق بولسىمۇ ، لېكىن ھەق گەپ ئىدى.

شۇنداق، پەرزەنت ئەلۋەتتە، ئاتا – ئانىسىغا ئىشنىپ، ئۇلاردىن مەدەت كۈتىدۇ. ئازغىنە قىينالىدىمۇ ، ئاتىسىغا يۈگرەيدۇ. روھى ئېزىلدىمۇ ، ئانىسىغا دەردىنى تۆكىدۇ. باشىغا تەشۋىش چۈشسە، ئوڭايلا ئۇلارنىڭ يەلكىسىگە << ئاغدۇرۇپ >> قويىدۇ.
ئاتا – ئانا ئۈچۈن بالىسىنىڭ بەختىدىن باشقا نەرسە كېرەك ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار جانلىرىنى گۆرۈگە قويۇپ بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىشىدۇ. قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ قىزىنىڭ قىممەتباھالىق لىباسى ئۈچۈن پۇل تېپىپ بېرىدىغان، ئوغلىنىڭ تويىغا ئۇ ئىستىگەن سەنئەتكار ۋە ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلارنى ئېلىپ كېلىدىغان، لايىقىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپمۇ يەنە پەرزەنتلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆيى ھەققىدە غەم يەيدىغان، بىساتىنى سېتىپ بولسىمۇ ئۆي ئېلىپ بېرىدىغان ئاتا – ئانىلار بار. بۇ بالىلار بولسا ئاتا – ئانىسىنىڭ ، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ – بىلىپ تۇرۇپ ئاتا – ئانىسىنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالايدۇ. ئاتا – ئانىلىرىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىدىن رازى بولۇپ سۆيۈنۈشنىڭ ئەكسىچە ، يەنە كەم قالغان جايلىرىنى پەش قىلىشىدۇ. بالىسىنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلماسلىق ئۈچۈن، تەڭداشلىرى ئارىسدا كەمسىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاتا – ئانا بارلىقىنى تەسەددۇق ئەيلەشكە يەنىلا تەييار ئېھتىمال.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: 18 دىن ئاشقان << يەسلى بالىلىرى >>

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. dolkun731 مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ يازمىدىكى "ئالىي ئوقۇل" ماڭا بەك يارىدى ھەجەپ يېقىملىق سۆزكەن بۇ . مۇشۇنى ئىشلەتسەك بولغۇدەك .
    ———
    بۇ يازمىغا بىر مۇنچە ئىنكاس يازغان ئىدىم ، كومپيوتىردىن خاتالىق چىقىپ ئۆچۈپ كەتتى[face11] ھەي بولدىلا .
    ——–
    ئۇلىنىش ئىلتىماسىمنى تەستىقلىۋەتكەن بولسىڭىز
    [reply=Yuksel,2010-06-24 05:30 PM]ئۆز تىلىمىزدىكى ساپ ، چۈشىنىشلىك سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ سىز كەبىي تورداشلىرىمىزغا ياراپ ، كەڭ قوللىنىشقا ئېرىشەلىشىنىڭ ئۆزى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش ئەلۋەتتە.
    ئەمما، يېزىپ تەييار قىلغان ئىنكاسنى قايتا يوللاشتىن يالتىيۋالغىنىڭىز قەتئىي قاملاشماپتۇ. بۇ سىزنىڭ بىز بىلەن پىكىرلىشىشنى تەرك ئەتكەنلىكىڭىز ئەمەسمۇ ؟!
    ئۇلىنىش ئىلتىماس مەسىلىسىگە كەلسەك، بلوگگىرلار سەمىگە ماۋزۇلۇق بىلدۈرگىدە ئېيتقىنىمىزدەك مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى يۈكسەل بلوگ ئۇلىنىش بېتىنى كەڭ دائىرىلىك رەتلىمەكچىمىز. بلوگىڭىزنىڭ ئۇلىنىشىنىمۇ شۇ چاغدا تۈزەپ قويغايمىز ( دولقۇن731 بلوگى ئەسلىدە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشىدا بار بولۇپ، ئۆزىڭىز بلوگ ئادرېسىنى ئالماشتۇرغانلىقىڭىز تۈپەيلى ئۇلىنىش ئەھمىيىتىنى يوقاتقان ئىكەن ).[/reply]

  2. tuyghun مۇنداق يازغان:

    مەن يېقىندا مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم غەش بولدى، ھەم غەزەپلەندىم يۇرتىمىزدا خىزمەتكە قاتناشقىلى ئون تۆت يىلدىن ئارتۇق بولغان بىر ئوقۇتقۇچى ئالدىنقى يىلى يىراق بىر شەھەردىكى ئوقۇتقۇچى قىزغا ئۆيلۈنۈپتۇ. يېقىندا ئايالىنىڭ ئىدارىسىدىن ئېتىبار باھادا ئۆي تەخسىم قىلىنىپ ئۆينىڭ باھاسى 160 مىڭ يۈەن بىكىتىلىپ ئالدىن 80 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەزمەت ئاپىسىغا، نەدىن قانداق قىلىپ بولسۇن 80 مىڭ يۈەن تېپىپ بېرىشنى. تاپالمىسا ئاتا–ئانىسى ھازىر ئولتۇرىۋاتقان ئۆينى سېتىپ بولسىمۇ پۇل ماڭدۇرۇپ بىرىشنى بۇنداق قىلىش ئاتا–ئانىنىڭ مەجبۇريىتى ئىكەنلىىگىنى، ئەگەر شۇنداق قىلمىغاندا ئاتا–ئانىسىنىڭ ئۆز قۇلى بىلەن ئوغلىنىڭ تەغدىرىنى ۋەيران قىلىدىغانلىغنى تەكىتلەپ تېلىفۇن قىلىپتۇ.
    بۇنى ئاڭلىغان ئانا نىمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈپتۇ. چۇنكى ئەسلىدىن ئىختىسادى شارائىتى ئانچە ياخشى بولمىغان بۇ ئانىنىڭ ئالدىدا ئوقۇش پۇتتۇرۇپ خىزمەت كۇتۇپ تۇرىۋتقان تۇيىنى قىلمىغان ئككى پەرزەنتى بۇلۇپ ئانا بۇلارنى ئويلاپ كۆزلىرى قاراڭغۇلۇققا تىقىلىپتۇ.
    مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ئۆزەمنىڭ توي قىلىشنىڭ ئالدى–كەينىدىكى ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.
    ئاتا–ئانام دۆلەت مەمۇرلىرى بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا ئىقتىسادى ئەھۋال ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇڭا مەن تولۇق ئوتتۇرنى پۇتتۇرگەندىن كېيىن يېزىغا چېنىقىشقا چۇشتۇق كۇنلىرىمىز جاپالىق ئىدى. ھازىرقى ياشلاردەك راھەتلىك پۇلدىن غەمسىز ئۆتۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتىم ھەمدە ئاتا–ئانامغا ئېغىز ئېچىپ پۇل دىيىشتىن ئۇيۇلاتتىم. ھەم غۇرۇرۇم چىدىمايتى .چۇنكى مەن «مەن ئانامنىڭ قۇرسىقسغا تۆرەلگەن كۇندىن باشلاپ ئاتا–ئانامغا بۇلۇپمۇ ئانامغا قەرزدار» دەپ ئويلايتىم.
    چۇنكى ئانا ئون ئايغا يېقىن قورساق كۆتۈرۈپ ئاچچىق تولغاق تارتىپ بىزنى تۇغۇپ، قانچىلىغان كىچىلىرىنى ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزۇپ، شۇنچىكى ئاغرىپ قالساق يۇم–يۇم يىغلاپ كېچىنى كېچە دىمەي تۇن قاراڭغۇسىدا قۇرقۇنچىنى يېڭىپ دوختۇرخانلارغا ئاپىرىپ، يىمەي–ئىچمەي يىگۇزۇپ، كىيمەي كىيگۇزۇپ، ئوقۇتۇپ، چوڭ قىلدى، ئەمدى مەن قايسى يۈزۈم بىلەن يەنە پۇل دەيمەن دەپ بوش ۋاقىت چىقسىلا قۇرلۇشلاردا ئشلەمچى بۇلۇپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئۆزەمنىڭ پارچە خىراجىتىنى ھەل قىلاتتىم.
    كېيىنچە خىزمەتكە چىقىپ ئۆزكۈنۈمنى ئۆزۇم ئالالايدىغان بۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي توي قىلدىم، توي ئىشلىرىم ئۈچۈن ئاتا–ئانام قەرز ئالغان بولغاچقا ھەر ئايلىق مۇئاشىمنىڭ ئۈچتىن ئككى قىسمىنى قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن ئاپامغا بېرەتتىم، ئۆز ئۆيۇمنىڭ خىراجىتىگە يىتىشمىگەن يىرىگە پارچە–پۇرەت سىرچىلىق دىگەندەك ئشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ پۇل تېپىپ كۈنلىرىمنى خېلە ئازادە ئۆتكۈزەتتىم، جاپالىق بولسىمۇ ئەمما كۈنلىرىم تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى.
    مەن بۇنىڭ بىلەن تارىخىمنى كۆز–كۆز قىلماقچى ئەمەسمەن، شۇنداقلا مەندىن ئۈگەن دىگەنلىكمۇ ئەمەس، پەقەتلا ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ قانات–قۇيرۇقلىرى يىتىلىپ ئۆز كۈنلىرنى ئۆزلىرى ئالالىغۇدەك بولغاندىمۇ ئاتا–ئانىسىغا يار–يۇلەكتە بولماق تۈگۈل ئۇلارغا يۆلىنىۋالدىغان خىجىل بولماي چوڭلارنى تەڭلىكتە قۇيۇپ پۇل سورايدىغان، نۇمۇس قىلماي قەرز ئېلىشقا قىستايدىغان، ئۇششۇغلۇق، ئۆكتەملىك بىلەن ئائىلە بىساتلىرنى سېتىشقا مەجبۇرلايدىغان ئۇچچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىكنىڭ بىر تەربىيە كۆرگەن بىلىملىك ئادەم تەرىپىدىن سادىر بولغىنىغا …..
    مەن تا ھازىرغىچە، بىز ئاتا–ئانىغا قەرىزدار. بىز بۇ قەرزنى ئۆمۇر بۇيى قايتۇرۇپ بۇلالمىساقمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىزنى شەرتسىز مىننەتسىز، كۆڭۇل ئازادىلىگى بىلەن ئادا قىلىشىمىز شەرت دەپ قارايمەن.
    ئەمدى ئاتا–ئانىلارغا كەلسەك، ئۇلار بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئوقۇتۇپ، قاتارغا قۇشۇپ، ئۆيلەپ، ئۆز مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىپ بولدى. ئەگەر ئىقتىسادى يىتىشىپ (ئەلۋەتتە ھەر قانداق ئاتا–ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەخىتلىك ئىستىقپاللىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ) ئۆزى قىينالمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم قىلسا ياكى ئۇلاردىن قۇبۇل قىلالىغىدەك دەرىجىدە ياردەم سورىساق ئۇلار خالىسا بىز ئۇلارنىڭ ياردىمىنى مىننەتدارلىق بىلەن قۇبۇل قىلساق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپمۇ بىزگە بېرىشنى خالىمىسا بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئىختىيارى چۈنكى بۇ ئىقتىسادنى ئۇلار ئۆزلىرى تىرىشىپ–تىرمىشىپ تاپقان، ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى دائىرىسىدىكى مۈلۈك، ئۇلار ئۆزى خالىسا ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلسۇن، خالىسا بىرەرسىگە ھەدىيە قىلىۋەتسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىغىدا، بىزنىڭ ئاتالمىش ئۆز ئىستىقپالىمىز دەپ خىجىل قىلىش، ئۇنى تەلەپ قىلىش، مەجبۇرلاش، تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئېرىشىش ھەققىمىز يوق.
    مەن ئەمدى ئانىسىنى شۇنداق خىجىلچىلىققا قويغان خەلق ئوقۇتقۇچىسىغا شۇنى دېگىم كېلىۋاتىدۇ «سىزگە ئاتا–ئانىڭىز قەرىزدارمۇ، سىز ئاتا–ئانىڭىزغا نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز، سىزنىڭ ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغان قانچىلىك پۇلىڭىز بار ئىدى سىزدىن كىچىك ئاشۇ ئىككى ئۇكىلىرىڭىزغا نىمە قىلىپ بەردىڭىز. پەرزەنتلىك، ئاكىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟.
    ئىلگىرىكىنى دىمەيلى، ئاتا–ئانىڭىز ئوقۇتۇپتۇ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئۆيلەپمۇ قۇيۇپتۇ، سىز خىزمەت قىلغىلى 14 يىلدىن ئېشىپتۇ، بۇ جەرياندا نىمە ئىش قىلدىڭىز، 14 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ بالا تەربىيلەيدىغان ئادەم ئۆز يۇلىڭىزنى ئۆزىڭىز تېپىپ ماڭمامسىز؟ ماقۇل پۇل ئىقتىساد قىلالمىغانمۇ دەيلى، بانكىدىن سىلەردەك ئىككى ئادەم مۇئاش ئالىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا مۇئاش كارتىسىنى رەنىگە قۇيۇپ قەرز ئالسا قەرز بېجىرىپ بېرىۋاتىدىغۇ، نىمىشقا بۇ يولنى ئۆزىڭىز ماڭمايسىز، قاچانغىچە سىزنىڭ ئىشتان–پايپىغىڭىزنى ئاپىڭىز كەيدۈرۈپ قۇيىدۇ».

  3. zakira مۇنداق يازغان:

    ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى
    (ئىبراھىم ئالىپ تىكىن)

    ياراتقۇچىنىڭ چىرىغى بارمۇ ؟
    - ئاتا .
    - تۇپراقنى يىلتىزى بارمۇ ؟
    - ئاتا .
    - ئالەمنىڭ تۈۋرىكى بارمۇ ؟
    - ئاتا .
    - قۇياشنىڭ يۈرىكى بارمۇ ؟
    - ئاتا .
    مۇزلىغان چاغلىرىڭدا ئۇ بىر باھار . ئىسسىغان چاغلىرىڭدا ئۇ سەلكىن شامالغا ئايلىنىپ ، سىنى سىپايدۇ . ئۇ خۇددى دىڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنىپ تاپماي سىنى سۆيۈپ تۇرىدۇ .
    بالىلارنىڭ – سۈرەنلىرىنى ئاتىنىڭ مەۋجۈتلىقى ئىچىدە كۆرەلەيسىز . ئانىنىڭ بەختىنى ئاتا بىرىدۇ ، بالىنىڭ بەختى ھەر ئىككىسىنىڭ قولىدا بولىدۇ ؛ دادامنىڭ كىچىك سوۋغىتى ئىللىق تەبەسسۇم ، بىز ئۇنىڭدىن چەكسىز ھوزۇر ئالىمىز .دادامنىڭ چوڭ سوۋغىتى – بۈيۈك سۆيگۇ ، ئۇ ئۇنى پۈتكۈل ئاۋامغا بىرىدۇ . ناۋادا ئۇلۇغ ئاتىنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالىدىغان بولسا ، ئائىلە ھەممە نەرسىدىن قۇرۇق قالىدۇ .
    ئوغۇزخاننىڭ قولىدىكى زۇلپىقارنى تۆمۈرچى سوققان ، نوھنىڭ كىمىسىنى ياغاچچى ياسىغان ، چىڭگىزخاننىڭ ئوقياسىنىمۇ ھۈنەرۋەن تەييارلىغان . ئۇلار دۇنياغا ئاتامان بولۇپ شانۇ – شەۋكەتلىك ئالتۇن يەخىتكە ئولتۇرغاندا ، تۇنجى بولۇپ ئەسلىگىنى – ئاتا .
    پەيلاسوپلار ‹‹ ساڭا يامانلىق قىلغان ئادەمنى سۆيۈپ قوي ›› دەيدۇ ؛ دادام ‹‹ زەھەرلىك يىلاننى تۇتۇپ سۆيگىلى بولمايدۇ ›› دەيدۇ جاھاندا تىرىشساڭ ھەممىنى قىلالىشىڭ ياكى ھەممە بولالىشىڭ مۈمكىن ، تازا ئويلىساڭ ، ھەقىقى بىر ئۇلۇغ ئاتا بولماق نەقەدەر تەس – ھە ؟ بىلەمسەن ئاتىنىڭ قەلبى ئازاپلانسا ، زىمىن كۆزىدىن قان ئاقىدۇ ، ئانا ياش تۆكسە ، ئاسمان ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ .
    دۇنيانىڭ ئۇ چىتىدىن بۇ چىتىگە يىپنىڭ بىر ئۇچى ئاتىنىڭ قولىدا ، يەنە بىر ئۇچى ئانىنىڭ قولىدا بولىدۇ . يىپنىڭ ئۈزۈلىشى ‹‹ قىيامەت ›› نىڭ باشلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ .
    ئۇ ئاتىنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى بۆشىكىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىنىڭ چىھرىدە نامايەن بولدى ؛ ئۇ ئاتىنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى قىش قۇچىقىدا خىرامان ئۇخلاۋاتقان بالىنى ئويغاتتى .
    زىمىن ئەڭ مۇلايىم ئاتا .ئۇ تەبىئەت ، ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئىغىر ئازاپ لىرى ۋە سىلكىشلىرىگە جىمجىت بەرداشلىق بىرەلەيدۇ .
    ئاتا قەلبىدە يۈكسەك ئىتىقات بولسا ، بالىلار ھەقىقى يىتىلىدۇ . چاڭ – توزاڭ بىسىپ كەتكەن يۈرىكىڭنى پاكىز لىمىساڭ ، بالىلارنىڭ لەنىتىگە قالىسەن ، بالىلار پاك يۈرەكنى سۆيىدۇ ، چۈنكى ئۇلار دۇنياغا ئەڭ پاك ، بىغۇبار تۆرەلگەن …..بىپايان دىڭىزنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى بالىلارنىڭ كۈلكە – چاخچاقلىرىدەك ەۈزەل ھەم يىقىملىق ئەمەس .
    بەخىت توغرىسىدا سۆزلىگەنلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمەن . بىراق ئۇلار بەخىتكە تۇتىشىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بىرەلىگىنى يوق ئەگەر ئۇلار كۆرسىتىپ بىرەلىگەندە ، يۇمران بالىلار بىھۇدە يىتىم بولماس ئىدى . كوچىدا بۇردا نانغا زار بولغان تەلەيسىز بالىنىڭ گۆھەر كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش سىرغىماس ئىدى .
    كۆكرىگىگە ئوق تەككەن تۇپراقنىڭ ئۈنسىز قايغۇسىنى دىڭىز دولقۇنلىرى سۆزلديدۇ ، يارلانغان قۇشنىڭ كۆز يىشى دەرەخ يۇپۇرماق لىرىدا جىلۋە قىلىدۇ . ، ناۋادا بىر قۇش دەرىخىڭگە قونۇپ ناۋا قىلىپ بەرسە ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشا ؛ سەمىمى بىر ئادەم ئىىشىكىڭ ئالدىدا سالام قىلىپ ئۆتسە ، ئۇنىڭغا ئىززەت – ئىكرامىڭنى بەر . بىلگىنكى ،ياخشى زىمىننىڭ مول بايلىقى .
    ناۋادا مەن زىمىستان قىش قار – مۇزنىڭ ئىچىدە زۇلمەت كىچە قاباھەتلىك چۈش قوينىدا تۇرۇپ قالساممۇ ، يەنىلا ھايات تۇرالايمەن ، چۈنكى مەندە بۈيۈك ئىتىقات ، ئىشەنچ ۋە ھاياتقا بولغان چەكسىز سۆيگۈ – مۇھەببەت بار بەزىدە شات – خوراملىققا قارىغاندا قىيىنچىلىق ۋە ئازاپلىنىش كىشىنى كۆپرەك ئەقىل – پاراسەتكە ئىرىشتۈرۈپ قويىدۇ ئۆزۈڭگە ئىشەن ، ئولۇم دادا بايقىيالمىغان نەرسىلەرنى بالا بايقىيالايدۇ .
    قورام تاشنىڭ يۈرىكىدىن بۇلدۇقلاپ چىققان زۇمرەت سۇ دىھقاننىڭ ئىتىزىنى سۆيۈپ ئارمىنىغا يىتىدۇ ، يادىن ئىتىلغان ئوقنىڭمۇ نىشانى بار . بىر سۆزۈم بار : ئەي ئوغۇل خاتىرجەم ياشاي دىسەڭ ئاتا روھىغا دۇغ تەككۈزمە . بىلەمسەن ؟ يۈرەككە قورۇق چۈشمەيدۇ ، ۋاھالەنكى يۈرەككە دەز كەتسە يەملىگىلى بولمايدۇ . ھايات مۇساپىسىدە ئۆزۈڭنى ئەڭ لىللا چۈشىنىدىغان ، ئۆزۈڭنى ئەڭ پاكىز سۆيىدىغىنى يەنىلا ئۆزۈڭدۇر ؛ ئاتا سەن ئۈچۈن مەدەتكار ، پەقەت ئۆزۈڭگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچ ، ساناقسىز تىرىشچانلىقلا سىنى ھەممىگە ئىرىشتۈرىدۇ شۇندىلا سەن سامادىكى قۇشلاردەك ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا مۇيەسسەر بولالايسەن .
    سەن ئۆز چىرىغىڭنى قوغدا ، قاراڭغۇلۇقتا قالمايسەن . ئاتا – بىر ۋەتەن ئۇنى سۆي ، ئۇ سىنى قوغدايدۇ ؛ ئاتا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى ، ئۆچمەس مەشئەل ،ئۇ سىنىڭ يولۇقغا مەڭگۈلۈك نۇر بىرىدۇ .
    مەنبە: http://www.iz.la/u/uyrs/asar/34854
    [reply=Yuksel,2010-07-12 00:13 AM]شۇنداق ئېسىل بىر ئەسەر سوۋغا قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت! [/reply]

zakira 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟