torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

چەتنەش

ئابدۇكېرىم رەھمان ئالىپ

( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

 

نادامەت كۈلكىسىگە قالساممۇ، غەرقمەن خىياللارغا،
ئاقىۋەتلەردىن ئاپەت يېغىپ، ئارزۇلارمۇ ھەم زۇلۇم.
ھېچكىشىدەك بۇلالمىدىم، جاۋاپ يوقتۇر سۇئاللارغا،
ئىزاھ بولسىمۇ يەنىلا قەسەملىرىمگە قۇل بولدۇم.

يالۋۇرارمەن ئۆزۈمگە، روھىتىمنىڭ غەلىيانلىرىغا،
ئەۋلادىمنىڭ غەيرىتى ئۈچۈن بۇغۇشلاندى زارلاشلار.
كىمدىن-كىمگە مىراس بولغىيتى بۇ ناھەق-قايغۇ ھىسلار،
مەۋجۇتلىقىم ھەيۋەت ، بويسۇنماس ماڭا خارلانغان ھىسلار.

 

مەرتلەرگەقايىلمەن ، ئەخمەقلەرگەبۇلالمىدىم يۈلەك ،
ئامەت يوقتۇر جاھاندا، ھەركىم ئۆزىگە تايانمىغۇچە.
قانلار تولسىمۇ كوچىلارغا ، قېنىم يوقتۇرزەررىچە،
مۇھەببەت يوق جاھانداھەركىم ئۆز مۇرادىغا يەتمىگۈچە.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : چەتنەش

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. سەۋدا بىلوگى مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ جۇمۇ ، پاھ پاھ بۈگۈن تۆرىلەر ماڭا نىسىپ بوپتۇ . :grin:

  2. سالام مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى،نىمىشقا «يازغۇچى ياكى يازغۇچىسى» دەپ يازماي ،ئاتايىتەن «يازارى»دەپ ئالىسىز،بۇ يېڭىدىن مودا بولىۋاتقان تۈركچىگە يۈزلەنگىنىڭىزمۇ ياكى ئۇيغۇرلاردا ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق ئاتالغۇ بارمۇ؟

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق ؟ خالىساق يازغۇچى خالىساق يازارى دەپ ئالساق ھېچ ئىش بولماس ، دەپ ئويلايمەن. مەيلى يازغۇچى مەيلى يازارى بولسۇن، ئەلۋەتتە ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇرچە سۆزدۇر. پەقەت ئۇشبۇ تېمىدا مەن يازارى دېگەننى ئىشلەتتىم خالاس. بەلكىم كېلەر نۆۋەت يازمىدا يازغۇچىسى دەپ ئېلىشىممۇ مۇمكىن …

  3. ئالىپ مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر مىللىتى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ بىرى،ئۇيغۇر تىلىمۇ تۈركىي تىلىنىڭ بىر تارمىقى،بۇ يەردە« يازارى» دىگەن سۆزنى يىڭى مودىغا يۈزلىنىش دەپ قارىۋالساق بەكلا تەنتەكلىشىپ قالىمىز .ھەممىمىز بىلىمىز يازغۇچى دىگەن ھۈكۈمەت ئاكام تۈمۈر تامغا باسقان كىنىشكىسى بار ئادەملەر ،كۆرگەنلا ئادەمنى يازغۇچى دەپ ئاتىۋالغىلى بولمايدۇ -دە.كەمىنىنىڭمۇ ئۇنداق كىنىشكىسى يوق.
    گېزىت-ژورناللاردا ئەسەر ئېلان قىلغان شەخىسلەر بىلەن تور بىكەتلىرىدە بىرەر نەرسە يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر جەھەتتىن ئورتاقلاشقانلارنى پەرقلەندۈرۈپ «يازارى» دىگەن نامنى قوللىنىشنى مەن بەك خوپ كۆردۈم .يۈكسەلنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان يېڭى -يېڭى تىللارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوغەت تەركىبىنى بىيتىشىنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىمەن .
    شۇڭلاشقا ، يۇقىلاڭ يەردىن پۇتاق چىقارماي ، يوللانغان يازمىغا قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىماي بىرىشىڭلارغا تىلەكداشمەن .

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟