نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بىرلىشىش = يۈكسىلىش ( Unite = Victory )

بىرلەشكەن ئۇزار، بىرلەشمىگەن توزار .
بىرلىك بولماي، تىرىكلىك بولماس.
– ئاتىلار سۆزى

ئاتىلار سۆزىنىڭ چىن ئىخلاسمەنلىرى ، ئاتىلار ئارزۇسىنىڭ چىن ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىر تەرەپتىن تور ئەھلىنى نەسىرىي ، نەزمىي، تارىخي، ئىلمىي ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق ئاقارتىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلگە ئەيدىز [AIDS] ھەققىدىكى ساۋاتلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، ئاۋامغا زۆرۈر ساغلاملىق بىلىملىرىنى بېرىش، ئاجىزلارنى تېگىشلىك ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشتەك ئورتاق غايە، ئوخشاش مەنزىل ئۈچۈن بىز ( يۈكسەل بلوگى ۋە بوھران بلوگى ) بۈگۈن ئۆز ئارا بىرلىشىشكە باغلاشتۇق. بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارمىساقمۇ، بىر بلوگدا ئەلگە خىزمەت قىلىشقا ( چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ) كېلىشتۇق.
قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى ( Red Cross ) دە خىزمەت قىلىدىغان، سەھىيە، ئەيدىز [AIDS] ، ئاجىزلارنى يۆلەش قاتارلىق ساھەلەردە خېلى چوڭقۇر خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىي تەسىراتقا ئىگە، مۇشۇ ساھەلەر بويىچە پىكىر بايان قىلىشتا كۈچلۈك نوپۇز ۋە سالاھىيەتكە ئىگە قېرىندىشىمىز __ بوھران بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى يۈكسەل بلوگىمىزغا بلوگ [Blog] مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ رەسمىي قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن يۈكسەل بلوگى ئىلگىرىكى پەقەت 1 كىشى ( مەن، يۈكسەل ) باشقۇرىدىغان، يازىدىغان ھالەتتىن، ھازىرقى بوھران ۋە يۈكسەل 2 كىشى باشقۇرىدىغان، يازىدىغان بلوگقا ئايلاندى. بىز بىرلەشكەندىن كېيىن بلوگ [Blog] سەھىپىلىرىنى مەلۇم كۆلەمدە تەڭشىدۇق. بۇندىن كېيىن بلوگ [Blog] يازمىلىرى ئۇشبۇ سەھىپىلەر بويىچە ئۆز راۋاجىنى تاپىدۇ. شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، يۈكسەل بلوگى بۇندىن كېيىن تور ئەھلىگە تېخىمۇ ياخشى ، ئەتراپلىق خىزمەت قىلغۇسى، بىز ئېلان قىلغان ئۇچۇرلار تېخىمۇ كۈچلۈك نوپۇز ۋە كاپالەتكە ئىگە بولغۇسى!
بىز كۆپچىلىكنىڭ يۈكسەل بلوگىغا داۋاملىق دىققەت قىلىشىنى، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلاردىن ياخشى پايدىلىنىشىنى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىمۇ بۇ ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان قىلىشىنى، ئەيدىز ، سەھىيە ، ساخاۋەت ئىشلىرى ھەققىدە ئىزتىراپلىق سۇئال – مەسلىھەتلىرى بولسا، ئىككىلەنمەي بىزدىن سورىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
بىرلىشىش دېمەك، يۈكسىلىشتىن دېرەك. ( Unite = Victory )

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بىرلىشىش = يۈكسىلىش ( Unite = Victory )

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!5 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. birzat مۇنداق يازغان:

    تولىمۇ كاتتا ئىش بوپتۇ. ياشاپ كېتىڭلا! [face57]
    [reply=Yuksel,2010-07-01 00:38 AM]ئېيتقانلىرى كەلسۇن ، ھەكىم ![/reply]

  2. uyghurlarblogbus مۇنداق يازغان:

    مىدىسىنادىكى چۇقۇم تىزگىلەش كېرەك بولغا نوختىنى يارقىن يۇرىتىپ ،كىشىلەرگە ئاقىتى ھەققىدە مەلۇم چۇشەنچە بېرىۋاتقاللىقىڭىزنى قوللايمەن تىرىشىڭ .
    [reply=Yuksel,2010-07-01 00:37 AM]قوللىغان دوستلارغا تەشەككۈر![/reply]

  3. koktash مۇنداق يازغان:

    ناھايىتى مۇبارەكلىگۈدەك ئىش بوپتۇ!
    تېخىمۇ تىرىشىپ، ئۇيغۇر بلوگچىلىكى ۋە تورچىلىقىغا زور ھەسسە قوشۇشىڭلارنى تىلەيمەن!
    [reply=Yuksel,2010-07-04 10:08 PM]سەمىمىي تېلەكلەرگە تەشەككۈر، كۆكتاش بۇرادەر!
    كۆپچىلىكنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىش بىزنىڭمۇ نىيەت ئىقبالىمىزدۇر – ئەلۋەتتە. پەقەت ئۇلۇغ تەڭرىم نىسىپ قىلسىلا …[/reply]

  4. pengiyar مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش، بىزدە مۇشۇنداق داڭلىق كىشىلەر ھەمكارلىشىپ بلوگ يازىدىغان ئەھۋال كۆپرەك چىقسا بولاتتى.
    ئالدىنقى كۈنى ئەرتۈك ئەپەندى بىلەن پاراڭلىشىپ بلوگ ھەققىدە ئازراق پىكىرلەشكەن ئىدۇق. ئەرتۈك ئەپەندى ھازىرقى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى ئۆلۈك ھالەتتىن بەك ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدى. بولسا كۆپرەك قېرىنداشلار مۇشۇنداق قىلساق دەپ ئويلايمەن.
    [reply=Yuksel,2010-07-07 03:19 PM]يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس دېگەن ھېكمەتلەر بىكار ئېيتىلمىغاندە ؟! …[/reply]

  5. ئارغۇ مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن! بۇ ناھايىتى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، مۇندىن كېيىن مۇشۇنداق بىرلىشىشنىڭ كۆپرەك بولىشىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا تىرىشساق دەيمەن، ئىشلىرىمىز مۇشۇنداق بىرلەشكەندىلا روناق تاپىدۇ.

ئارغۇ 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟