ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش ، باسقان ئىزلىرىمىزنى خاتىرلەپ، يېڭى مەنزىللەرنى نىشانلاش ئۈچۈن << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ 2008 – يىلىغا قايتا نەزەر سېلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

يۈكسەل بلوگى ئۈچۈن 2008 – يىلىدىكى 10 چوڭ ئىش

1. 2008 – يىلى 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، << يۈكسەل بلوگى >> دۇنياغا كەلدى.

2. 2008 – يىلى 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، << يۈكسە بلوگى >> دا تۇنجى بلوگ يازمىسى << ئۇيغۇرلاردا تەگئات ( يۈرۈشلۈك يازما )>> ئېلان قىلىندى.

3. 2008 – 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، << يۈكسەل بلوگى >> غا Google نىڭ ئىزدەش ماتۇرى << يۈكسەل Google >> قويۇلۇپ، بلوگ زىيارتچىلىرىنىڭ مەزكۇر بلوگدىن ئۆزىگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدىشىگە زور دەرىجىدە قۇلايلىق تۇغدۇرۇلدى.

4. 2008 – يىلى 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، << ئۇلانما ئالماشتۇرۇش جاكارى >> چىقىرىلىپ، كەڭ بلوگىر قېرىنداشلار بىلەن ئۆز – ئارا ئۇلانما ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بلوگىرلار ئارا ھەمكارلىق كۈچەيتىلدى.

5. 2008 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، يۈكسەل جەمەتىنىڭ چوڭلىرىدىن م ئا يۈكسەل ئەپەندى كەمىنىگە خەت ( << باش يۈكسەلدىن ياش يۈكسەلگە خەت >> ) يېزىپ ، << يۈكسەل بلوگى >> نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر تورلىرىدىن كۈتكەن ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

6. 2008 – يىلى 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، << يۈكسەل بلوگى >> تورداشلارنىڭ مەزكۇر بلوگىنى زىيارەت قىلىشىغا تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىش مەقسىتىدە << يۈكسەل بلوگى >> غا ئېلخەت ئارقىلىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش تۈرى نى يولغا قويدى.

7. 2008 – يىلى 9 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، << يۈكسەل AIDS تور تەشۋىقات گۇرۇپپىسى >> قۇرۇلدى. كروران بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى قاتارلىق تورداشلار مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىغا ئايلىنىپ، يۈكسەل بلوگىنىڭ تور ئارقىلىق ئەيدىز تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، تور ئاممىسىنى ئەيدىزگە قارشى كۆرەشكە چاقىرىشىغا تېگىشلىك ھەسسىسىلىرىنى قوشۇشتى.

8. 2008 – يىلى 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، بلوگ تەرەققىياتىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن ئارقىلىق ھوقۇق – مەنپەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن يۈكسەل بلوگىغا مۇستەقىل تور ئادرېس (http://www.yukselblog.com) ئىلتىماس قىلىنىپ، << يۈكسەل بلوگى >> ئەنگە ئالدۇرۇلدى ( http://yuksel.blogbus.com/logs/29236267.html ).

9. 2008 – يىلى 10 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، << يۈكسەل بلوگى >> ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا تۇنجى قېتىم داڭدار بلوگلارنى باھالاش يەنى << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) نى باھالاش >> پائالىيىتىنى تەشكىللىدى .

10. 2008 – يىلى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، كەڭ تورداشلارنىڭ ئەركىن ، ئادىل ئاۋاز بېرىشى بىلەن << يۈكسەل بلوگى >> ئۇيغۇرلاردىكى 2008 – يىللىق 10 چوڭ بلوگىنىڭ بىرى ( بەشىنچىسى ) بولۇپ باھالاندى ( http://yuksel.blogbus.com/logs/33176760.html ) .

2008 – يىلىدىكى خۇشاللىنارلىق 5 ئىش

1. << يۈكسەل بلوگى >> قۇرۇلغاندىن ئېتىبارەن كەڭ تورداشلار ۋە بلوگىرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. ئۆزىنىڭ يازما يېڭىلاش سىجىللىقىنى باشتىن – ئاخىرى ياخشى ساقلاش بىلەن بىرگە، يازمىلارغا قويۇلىدىغان سۈپەت ئۆلچىمىنى يۇقىرى قويۇپ، يىل ئاخىرىغىچە 165 پارچە ئىجادىي يازما يوللىنىپ، بلوگىدا 1 پارچىمۇ پىچەك يازما بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2. << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى مۇقىم ئاشتى.
(1) زىيارەت مىقدارى سىجىل ئېشىپ، قىسقىغىنا 8 ئايدا 90 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.
(2) يىل ئاخىرىغا كەلگەندە بلوگىنىڭ Google Page Rank يەنى PR قىممىتى 10 / 3 كە چىقتى.
(3) ئۇيغۇرلاردىكى ھەرقايسى چوڭ تور بېكەتلەر << يۈكسەل بلوگى >> غا ئالاھىدە قىزغىنلىق بىلەن ھەمكارلىق قۇلىنى سۇندى. ئۇيغۇرلاردىكى ئىككى چوڭ ئۇلىنىش تورى ( ئۇلىنىش com ، ئۇلىنىش cn )، ئۇلىنىش بىز، ياخشى ئۇلىنىش، چىچەن ئۇلىنىش … قاتارلىق ئۇلىنىش بەتلىرى بلوگىمىزنى كۆرۈنەرلىك جايدا ئۇلىنىش قىلدى.
بۇندىن باشقا تورداشلارنىڭ Uygoogle ، ئىزدەش ، بىرمۇ بىر قاتارلىق ئىزدەش تور بېكەتلىرى ئارقىلىق بلوگىمىزنى ئىزدەپ زىيارەت قىلىش سالمىقى بارغانسېرى ئاشتى.
شەبنەم، سەلكىن، دىيارىم ، ئىزدىنىش، خانتەڭرى ، چوغلان قاتارلىق تور بېكەتلەر بلوگىمىزدىكى پائالىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىشتا تېخىمۇ كەڭ سورۇن ھازىرىلاپ بەردى.
دىيارىم تورى ئۆز باش بېتىنىڭ ئەڭ كۆزنەك ئورنىدا << يۈكسەل بلوگى >> نى 1 ھەپتە تەۋسىيە قىلدى.
بىر زات ئەپەندى ئۆزىنىڭ بلوگ تورى << 80 خالتا تورى >> دا ، جېك ئەپەندى << جېك تور خاتىرىسى >> دە ئۇلىنىش بەردى.

3. << يۈكسەل بلوگى >> دا ئېلان قىلىنغان يازمىلار دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى.
مەسىلەن، بلوگىمىزنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى م ئا يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بلوگىمىزدا ئېلان قىلغان << تارىخ، شىنجاڭ، تاشپۈتۈك >> ، << تارىخ، بېيجىڭ، ئۇيغۇرلار >>، << ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى >> گە ئوخشاش كۆپىنچە ئەسەرلىرى << قەشقەر >> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. بىر قىسىم ئىجادىي يامىلىرىمىز << شىنجاڭ گېزىتى >> ،<< ئاسىيا كىندىكى >> ، << ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى >> قاتارلىق گېزىتلەردە ئېلان قىلىندى.
4. بلوگىمىزدا يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەر ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا بىرقەدەر چوڭ تەسىر قوزغاپ ، بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. مەسىلەن:

1. ئۇيغۇرلاردا تەگئات

http://yuksel.blogbus.com/logs/18212361.html

2. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 10 مەشھۇر ئەدىب

http://yuksel.blogbus.com/logs/18212856.html

3. ئاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش توغرىسىدا

http://yuksel.blogbus.com/logs/18239997.html

4. بىر كېچىلىك مۇھەببەت

http://yuksel.blogbus.com/logs/19130916.html

5. ئۇيغۇرنىڭ پىيىنى قىرقىۋاتقان ئەيدىز

http://yuksel.blogbus.com/logs/20074203.html

6. ئۈرۈمچىدىكى ئەبجەش مۇدا سۆزلەردىن مېساللار

http://yuksel.blogbus.com/logs/18534936.html

7. ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسى

http://yuksel.blogbus.com/logs/27996724.html

8. چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قويۇش كېرەكمۇ؟

http://yuksel.blogbus.com/logs/29965188.html

9. ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ

http://yuksel.blogbus.com/c2183533/

盐酸曲马多 .10 نى يەنە يەيمىزمۇ ؟

http://yuksel.blogbus.com/logs/31277769.html

بولۇپمۇ ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ 盐酸曲马多 نى قالايمىقان يېيىش مەسىسلىسىگە بېغىشلانغان يازمىمىز كەڭ تور ئاممىسىنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. << شىنجاڭ گېزىتى >> بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ رەقەملىك تېلېۋىزىيىسى << ساغلاملىق يولى >> فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ، پېقىرنى زىيارەت قىلدى ( بۇ فىلىم پات ئارىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىن ) ۋە << يۈكسەل بلوگى >> نى مەزكۇر پروگىراممىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن بولۇشىغا رەسمىي تەكلىپ قىلدى.

5. دىيارىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ۋە سەھىيە – ئەيدىزئۇچۇرلىرىغا ئائىت يازمىلىرىمىز ( http://yuksel.blogbus.com/c2299405/ ۋە http://yuksel.blogbus.com/c1860547/ ) تورداشلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ، تورداشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆزىنى قەدىرلەپ ، ئۆزىنى قوغداش، ئەيدىزنى ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.

2008 – يىلدىكى ئەپسۇسلىنارلىق 5 ئىش

1. كومپيۇتېر – تور تېخنىكىمىزنىڭ تولىمۇ يېتەرسىزلىكى سەۋەبلىك بلوگىمىزنىڭ تېخنىكىلىق سالمىقىنى ئاشۇرالمىدۇق. بلوگنىڭ قۇرۇلما ، ئىقتىدار جەھەتتىكى سۈپەت كۆرسەتكۈچىسىنى داۋاملىق ياخشىلاپ ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى بولغان بلوگ زىيارەت قىلىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرەلمىدۇق.

2. تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمىزنىڭ تىز ، ۋاقىتنىڭ قىس بولۇشى سەۋەبلىك بىر قىسىم زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىغا ۋاقتىدا ، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرالمىدۇق.

3. ئۆزىمىزنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغىدىيالىمىدۇق. << يۈكسەل بلوگى >> دىكى يازمىلار ئۇيغۇر تور ساھەسىدە تور بەتمۇ -توربەت ، مۇنبەرمۇ – مۇنبەر ئۇچۇپ يۈرۈشتىن ساقلىنالمىدى. ياشلار تورى ، كەسپىي ساغلاملىق تورى ، تارانچىلار تورى … غا ئوخشاش تور ۋە مۇنبەرلەردە يۈكسەل بلوگىنىڭ يازمىلىرى بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى تامامەن باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنىۋەردى. بىز مۇناسىۋەتلىك توربېكەت مەسئۇللىرى بىلەن جىددىي ئالاقىلەشكەن ، مۇناسىپ ئىرادىمىزنى بىلدۈرگەن بولساقمۇ ياشلار تورىدىن باشقا تور مەسئۇللىرى بۇ ھەقتىكى تەلەپ – ئىنكاسلىرىمىزغا پەرۋا قىلمىدى. بىز بۇ يەردە يۇقىرىقىغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا ، ئەقلى ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ، ئەمما ، ئۇيغۇرلارنىڭ تور مەدەنىيىتىگە << زور تۆھپە يارىتىش ئىستىكى >> كۈچلۈك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن يۈزىنى يەنمۇ قېلىن قىلىپ، << كۆچۈرمىكەشلىك >> نىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى ھەققىدە قېتىرقىنىپ، دادىل ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، داۋاملىق ئۆز قىلغۇلىقىنى قىلىپ، تورداشلارنىڭ << كۆچۈرۈشتە ياخشى يۈز قېلىن ئوغرى >> دېگەن شەرەپلىك باھاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بوشاشماي تىپىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

4. ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگىنى باھالاش ئىشىدا ، مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشكەن بلوگلارغا مۇۋاپىق رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ماددىي ياكى باشقا مۇكاپات بېرەلمىدۇق. بەرگىنىمىز پەقەت << قۇرۇق نام >> بولۇپ قالدى.

5. يىل ئاخىرىدا 100 مىڭ ئادەم قېتىملىق زىيارەت قېتىم سانى ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدۇق.

يۇقىرىقىلار ، << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ 2008 – يىلىدا قالدۇرغان ئەستىلىكلىرى بولۇپ، بىز بۇ بىر يىل جەريانىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، 2009 – يىلىدا تېخىمۇ ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ( خۇدا خالىسا ! ) .
ئاخىرىدا ، << يۈكسەل بلوگى >> نى باشتىن – ئاخىرى قىزغىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان كەڭ تورداشلارغا ، بلوگىر قېرىنداشلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز . سىلەرنىڭ قوللىشىڭىلار بولمىغان بولسا ، << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى …

يۈكسەل بلوگى

2009 – يىلى 1- ئاينىڭ 10 – كۈنى

يوللانغان ۋاقتى: 2009-يىل 01-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:11
كۆرۈلۈشى: 53 قېتىم
خەتكۈش: ،
يازما مەنبەسى: ?p=668  [كۆچۈرۈش]