نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇرلاردا چىلىم مەدەنىيتى ئەۋج ئالماقتا …

ئابدۇكېرىم راھمان ئالىپ

( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزگە يەنە بىر يېڭى مەدەنىيەت قۇشۇلدى ، ئۇ بولسىمۇ چىلىم مەدەنىيتى . بۇ ئىلغار مەدەنىيەت قەيەردىن كەلدى ؟ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىكى دۇبەيدىن . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۇبەي دېگەن يەردە باي ، ھاجى خېنىملار چىرايلىق گىرىم قىلىشىپ ، كېچىدە دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ چىلىم چىكىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ كېلەرمىش . ئەمىلىيەتتە بۇ چىلىم قانداقتۇر ئەپىيۇن ، نېشە ياكى زەھەرلىك چىكىملىك بولماستىن ، ھەرخىل خۇشپۇراق دورا ماتىرىياللىرى ( قىزىل گۈل بەرگى ، ئالما ، ئۈرۈك قاقلىرى دىگەندەك …) ئىكەن ، بۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئۆپكىنى ياشارتىپ ، ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە نەپ قىلىدىكەن ، بۇلۇپمۇ ئاياللارغا بەك پايدىسى بار ئىكەن .
بۇ خىل ئىسلاپ داۋالاش شەكلى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدىكى نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى رېتىسىپلىرىدىمۇ بار . ئېسىمدە قېلىشچە ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرىدىغان يەرلىك تېۋىبلار دورىلىرىنى تاماكىغا ئوراپ بىمارلارغا چەكتۈرۈپ ياكى بىۋاستە نەپەس يوللىرىغا پۈۋلەش شەكلى بىلەن ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىرىنى داۋالاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم . مانا بۇ سىرىتتىن كىرگەن ئىلغارلىق بىلەن ئۆزىمىزدە بار بولغان ئەنئەنىۋىيلىك بىرلەشكەن چىلىم مەدەنىيتى .
بۇ مەدەنىيەت دىيارىمىزغا كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن نېشە -بەڭ ، زەھەرلىك چېكىملىك بەكرەك ئەۋج ئالغان رايۇنلاردا باشلاندى ، ئايرىمخانىلاردا ياكى بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردىكى شەخىسلەرنىڭ ياسىداق ئارامبەخىش ئۆيلىرىدە، ئالدى بىلەن خانىم _ قىزلىرىمىز ئوغۇرلۇقچە بېرىپ چېكىدىغان، ئاندىن ئەر-خۇتۇن بىللە بېرىپ چېكىدىغان بولدى . كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدىن قارىغاندا ھەممە ئائىلىدە چىلىم بار بۇلۇپ ،ئاتا- ئانا ، پەرزەنىتلەر بىللە ئولتۇرۇپ چېكىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغان ئوخشايدۇ ؟!…
بەزى تاماكا ،نېشە -بەڭ چېكىدىغان (ھەتتا بەش ناماز ئۆتەيدىغانلارمۇ بار ) قېرىنداشلىرىمىزغا چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەشەببۇس قىلساق ، دائىم ئاڭلايدىغان بىر جۈملە دانا سۆزى بار ، ئۇ بولسىمۇ قورئاندا ئىچىملىك(ئېچىتىلغان ) مەنئىي قىلىنغان ، چېكىملىك تىلغا ئېلىنمىغان ،دەيدۇ . بۇ چىلىم مەدەنىيتىنىڭ دۇبەيدە باشقىدىن رۇناق تېپىشى ، دۇبەيگە بېرىپ -كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەر ، ئۇقۇمۇشلۇق ھاجىم ئەپەندى – خانىملىرىمىز تەرىپىدىن دىيارىمىزغا تارىتىلىشى بىزنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ .ئەسلىدىنلا نېشە – بەڭ ، زەھەرلىك چېكىملىكتىن قۇتۇلالمايۋاتقان خەلىقىمىزگە ئەمدى چىلىم مەدەنىيتى قېتىلدى ، بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار نىڭ كۆپچىلىكى دۇبەيگە بارغان ھاجىملار ، ھاجى خېنىملار دىيارىمىزدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلار (كۆپچىلىكى خانىم -قىزلار )، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پائالىيەت دەل نىشە -بەڭ ، زەھەرلىك چىكىملىك بەكرەك يامراپ كەتكەن رايۇنلاردا ئەدەب كېتىۋاتىدۇ …
‹‹ تەنگە شىپا بۇلىدىغان خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئىكەن ، دۇبەيدىكى ھاجىملار ، ھاجى خېنىملار چېكىدىكەنغۇ ، يامان ئىش قىلمىساق -يا ! ›› مانا بۇ يېڭى چىلىمكەش «بەڭگە » لەرنىڭ پەتىۋاسى . نىمە دىگەن ھاماقەتلىك -بۇ! زەھەرلىك چېكىملىك قاتتىق چەكلىنىپمۇ تۇسۇلۇپ بۇلالمايۋاتقان بۇ دىيارىمىزدا ئاشۇ ھارامخور، ئەتكەسچى مەلئۇنلار سىزنىڭ ئاشۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللىرىڭىزغا چاڭ سالماي قالارمۇ ؟!…
ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان نورۇز بايرىمىنى ، ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىمىزنى ، ئۆزىمىزگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئسلام دىنىمىزغا يات دەپ قارىغان ‹‹ ئۇقۇمۇشلۇق ئۆلىمالىرىمىز ›› توردا بولساڭلار ، قېنى بۇ دۇبەيدىن كەلتۈرۈلگەن چىلىم مەدەنىيتى ئالدىدا مەڭدەرەپ قالغان ئەپەندى ، خانىم -قىزلىرىمىزغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟! …

چىلىم مەدەنىيتىنىڭ پايدا – زېيىنى توغرىسىدا بىلىپ – بىلمەي سۆزلەپ قالغان بولسام ، قېنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىم قىممەتلىك پىكىرىڭلارنى بەرگەن بولساڭلار . يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتقان بۇ چىلىمكەشلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزگە ، ئىجتىمائىي ئەخلاق تۇپراقلىرىمىزغا زادى قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ؟! …

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردا چىلىم مەدەنىيتى ئەۋج ئالماقتا …

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!52 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. قاپلان مۇنداق يازغان:

    توۋا! ‹‹ چىلىم مەدەنىيىتى ›› – ماۋۇ مەن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر «مەدىنىيەت» ئىكەن. قۇرئاندا چىكىملىك تىلغا ئېلىنمىغان بىلەن ئېنىق قىلىپ «ئۆزەڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايتى مېھرىباندۇر[نىسا سۈرىسى 29 - ئايەت]»، «ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار [بەقەرە سۈرىسى 195-ئايەت]» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. دىمەك بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆز ئۆزىنى خاراپلىققا يۈزلەندۇرىدىغان، بەدەنگە زىيان قىلىدىغان نەرسىلەر ھەرقاچان چەكلەنگەن بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا چىكىملىكمۇ ھاراققا ئوخشاش ھارام قىلىنغان بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەينى دەۋىردە ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق پەتىۋالادىن پايدىلىنىپ ھارامنى ھالال قىلىۋېلىشىتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيۇلاھ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيسىلامنىڭ دەۋرىدە ‹ئەقىلىنى پەردىلەيدىغان ھەرقانداق نەرسە ھاراق دىيىلىدۇ› دەپ «ھاراق» ئۇقۇمىغا كەسكىن ئېنىقلىما بەرگەن. بۇ ئېنىقلىما ئارقىلىق تاماكا، ئەپيۇن، نەشە ۋە باشقا ھەرقانداق چىكىملىكلەر مەيلى ئۇ قانداق گۈزەل ناملار بىلەن ئاتالسۇن يەنىلا شۇ «ھاراق» كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغان ھارام نەرسىلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
    ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قايىل بولمىسڭىز شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مال دۇنيانى ئىسراپ قىلىشتىن چەكلىگەن . ئەگەر سىزنىڭ تاماكىغا، ماۋۇ چىلىم مەدىنىيتىدە ئىشلەتكەن ئاتالمىش خۇش پۇراق «دورا ماتىريال»لىرىڭىزغا خەجلىگەن پۇلىڭىزغا سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ،ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىز ئېھتىياجلىق تۇرۇقلۇق سىز يەنە مۇشۇنداق يوللار بىلەن بۇزۇپ چاچسىڭىز ھارامنى قىلىشقا قاراپ يول ئالغان بولىسىز. سىز مانا مۇشۇنداق ھارام ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ ئاللاغا ئىبادەت قىلىۋەرسىڭز، بىلىپ تۇرۇپ گۈناھ قىلغانلار قاتارىغا كىرىپ قالسىز . راسىت، ئاللاھ رەھىمدىل، بەندىلىرىنىڭ ھەرخىل گۈناھلىرنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئەمما سىز بىلىپ تۇرۇپ تەكرارلار ۋەرسىڭز بۇ گۈناھلىرىڭىز قاندقمۇ كەچۈرۈمگە ئىرەشەلىسۇن؟ قىلغان ھەجىڭىز قانداقمۇ مەقبۇل بولسۇن؟
    بىلىپ قېلىڭ، تاماكا، چىكىملىك، چىلىم دىگەن بۇ نەرسىلەر ھاراقنىڭ كاتوگورىيسىدىكى ھارام نەرسىلەردۇر.چوشقا گۆشىمۇ بىزگە ھارم قىلىنغان نەرسىدۇر. ھارامنىڭ چوڭ كىچىكى بولمايدۇ، سىزنىڭ يۇقارقىدەك تاماكا ۋە چىلىم مەدەنىيىتى بىلەن شۇغۇللانغىڭىز خۇددى چوشقا گۆشىنى ئىستىمال قىلغىنىڭىزبىلەن ئوخشاش بىر ئىشتۇر.

  2. خالىس مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بىرقانچە بەش ناماز ئۆتەيدىغان كىشلەرنىڭ كىشلەرنىڭ چىلىم چەككەنلىكى توغرىسىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، ئۇلارنىڭ نەزىردە ھارام پەقەت ئاق ھاراق بىلەن چوشقا بولسا كىرەك ، كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزدە ھالال-ھارام چۈشەنچىسى تازا ئېنىق ئەمەس، چىلىم جىسمانىيتىمىزگە تەسىر قىلمىغان بىلەن ئىقتىسادىمىزغا تەسىر قىلىشى، مەس قىلمىغان بىلەن روھىمىزنى پەس قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇنداق بولمىغۇر مەدەنىيەتنى بىخ ھالىتىدىلا قاتتىق تەنقىدلەپ يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

  3. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ئەسلى مەدەنىيەت قانچە ئاجىز ياكى ئارقىغا چېكىنگەن بولسا كىرمە « مەدەنىيەت » لەرگە قارشى تۇرۇش كۈچى شۇنچە ئاجىزلايدىكەن. يەنە بىر نۇقتىدىن بۇ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ مىللەتنىڭ مەلۇم ساھاسىدىكى ئاۋانگارتلار تەرەپىدىن ئېلىپ كىرىلىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈلىشى، شۇ خىل مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسىنى ساپلاشتۇرۇشنىڭ قانچىلىك تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلدۇرىدىكەن…..

  4. كامىل مۇنداق يازغان:

    قۇرئان كەرىمدە ھارامغا يېقىن كەلمەڭلەر ، شۈبھىدىن يىراق تۇرۇڭلار دىگەن ئايەتلەر بارلىقى ھەممىمىزگە ئېنىق. ئۆزىنى مۇسۇلمان دىگەن بىر كىشى ئاتىقى يامان يەنى نىشە ، ئەپيۇنغا يېقىن ( ھىچ بولمىسا ئىجرا شەكلى ، بەرگەن تەسىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ) نەرسىلەرنى خۇشپۇراق دورا دەپلا چىكىپ يۈرسە، باشقىلار ئەشۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازى توغرىسىدا ھەر-خىل گەپ سۆزلەرنى قىلىپ يۈرسە ، جەمىيەتتە پىتنە-پاسات تالاش-تارتىشلار ئاۋۇسا، ئاشۇنى چىكىپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىز يەنىلا ئۆزىنى كامىل مۇسۇلمان دىيەلەمدۇ ؟!… مۇسۇلمان دىگەن ھەر بىر ئىش ھەركىتى بىلەن ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى نامايىش قىلىپ يۈرمەمدۇ؟! ئىسلامى ئوبراز تىكلىمەمدۇ؟!… مىنىڭچە بۇنى قىلىپ ئۆزىنى ئاقلاپ يۈرگەنلىك بىر ناكەسلىك خالاس.

  5. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    تېمىنىڭ خاتىمە قىسمىغا ئىنكاسلارلار قوشۇلۇپ گەپ تولىمۇ جايىغا چۈپتۇ. بۇ يەردە قانداق ماتىرىيالنىڭ ئىشلىتىدىغىنىنى بىلمىدىم، بىلگەنلەردىن ئاڭلىشىمچە بۇنىڭ زىيىنى تاماكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ئىكەن. ئىچىگە سالغىنى مىۋە تەملىك دورا دېگىنى، ساتقۇچى ۋە «ھوزۇرىنى سۈرگۈچى» گە ئەڭ پايدىلىق بولغان پەتىۋا، باھانە خالاس…
    ئۆلۈمگە كېتىپتۇ دېسە ئۆلۈپ كېتىپتۇ، دەپ گەپ تارقىتىدىغان بەزىلەرگە چىلىمكەشلىك تولىمۇ ئوبدان باھانە بولۇپ بېرىدۇ.

  6. سەيياھ مۇنداق يازغان:

    جامائەتنىڭ ئەيىپلەش كۈچىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىمۇ بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئەۋىج ئېلىشىنىڭ بىر تۈرلۈك سەۋەبلىرىنىڭ بىرى .

  7. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    قىسمەن سودىگەر، ھاجىم خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق خاتا يولغا مېڭىشى ھەم باشقىلارغا ۋاستىلىك زىيانكەشلىك ئېلىپ كېلىشىدەك بۇنداق ناچار ئىشلار ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدۇ. قەلبىنى پۇچىلاندۇرىدۇ.
    بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى خانىم-قىزلىرىمىزنى يېتەكلەپ ماڭغۇچى ئەر-يىگىتلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك رولىنى ئوينىيالمايۋاتلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كونىلارنىڭ «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلمانمۇ خوتۇن» دىگەن قىسمەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان سۆزىگە ئەمدى ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىسەك بولمىدى…
    ئەمەلىيەتتە، قائىدە بويىچە «خوتۇننى خوتۇن قىلغانمۇ ئەر، يوچۇن قىلغانمۇ ئەر» دەپ ئېلىنىشى كېرەك. ئەركەك-يىگىتلىرىمىزنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ كۆپلىكى، تەخىرسىزلىكى نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.
    ئاشۇ پۇلدار، سودىگەر( تېخى ھاجىممىش) چىلىمكەش خانىم-قىزلارنىڭ يولدىشى، ئاكىسى، تاغىلىرى باردۇ. ئەگەر ئاشۇ ئەركەك زاتىلار ئايال-قىزلارنى توغرا يېتەكلەپ ماڭالىغان بولسا، بەلكىم بۇنداق ئىش كېلىپ چىقماس بولغىيتتى.

    ئەگەر ئەركەك زاتىلىرىمىزنىڭ بېشى يۇمشاپ، گېپى كەسمەس بۇلۇپ كېتىۋېرىدىغان بولسا،قسىمەن ئايال-قىزلىرىمىز يەنە قانداق خاتا ئىشلارنى قىلار؟؟ ؟
    يولدىشىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، تەپ تارتمايدىغان، ھەتتا كۆزگە ئىلمايدىغان قىسمەن ئايال-قىزلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى يەنىلا زاتىي ئەركەكلەرگە قىلىنغان جىددىي سىگىنال!
    ئېتقاد، پۇل، مەنسەپ، شۆھرەت،شەرمىي-ھايا، مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەت قاتارلىق كاتىگورىيە سۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك ئاخبارات، تاراتقۇلاردابارغانسىرى كۆپلەپ تىلغا ئىلىنىشى بىزنى ئويلاندۇرۇشى، چۈچۈتىشى لازىم.
    شۇڭا، جەمئىيىتىمىزدە، ئائىلىمىزدە، تۇرمۇشىمىزدا ئەر ئەركەكتەك، ئايال ئايالغۇچىدەك بولغاندا ئىشلىرىمىز روناق تاپىدۇ. ئائىلىرىمىز بەخىتلىك بۇلىدۇ، پەرزەنتلىرىمىز توغرا ئېتقاد، كۆز-قاراشقا ئىگە بۇلىدۇ. مەنىۋى ھاۋايىمىز ساپ، كۈڭۈللىرىمىز شاد، ئىشلىرىمىز بەرىكەتلىك بۇلىدۇ.

  8. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    تەرەققىي قىلايلى، يېڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلايلى، ئەتىدىن كەچكىچە «يەر دىگەن دېھقاننىڭ جېنى» دەپ كۈنىمىز ئۆتسىلا بولدى، دەپ ئۆتمەيلى. تاماق قىلساق، شاخ-شۇمبىدا، لايدىن ياسىغان ئوچاقتا، تاش تۇزدا تاماق قىلىدىغان دەۋرلەر بىزگە ئەمدى ياراشمايدۇ.
    ئەمما، قانچە تەرەققىي قىلساقمۇ توغرا بولغان ئەنئەنىۋى كۆز-قاراشلىرىمىزدىن چەتنىسەك، يۈز ئۆرسەك قەتئىي بولمايدۇ.
    ھەرقانچە تەرەققىي قىلىپ، مارسقا چىقىپ ئۆي سېلىپ ئولتۇرساقمۇ، «يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى» دىگەندەك، ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئەخلاق، ئەنئەنە ، كىشلىك تۇرمۇش قاراشلىرىمىزنىڭ يەنىلا ۋاقتى ئۆتكىنى يوق، ھەم ۋاقتى ئۆتمەيدۇ.

  9. ئاۋاتار مۇنداق يازغان:

    چىلىم مەدىنىيىتى دىيىش سەل بالدۇرلۇق قىلامىكى ،ئەمما بۇنى چىكىپ يۈرۈش بىلەن ياخشى ئىش قىلدىم ، دورا قىلدىم ، ھالاللنى قىلدىم دىگۈچىلەر مىنڭچە كاززاپ . يەنە بىرگەپ كونىلارنىڭ ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، يەر قىلغانمۇ خوتۇن دىگەن سۆزىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، مەنىسىنى توغرا چۈشۈنۈپ ، ئۆزىمىز ئەردەك ياشىساق بۇلاۋىرىدۇ

  10. سەبر مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ! مەنمۇ ئۇرۇمچىدىكى بىر رىستۇراندا بۇ خىل ئىشقا يولۇقۇپ ، بەكلا غەيرىلىك ھىس قىلغانتىم ، لىكىن قىزىق يىرى مەن بىلەن بىرگە كىرگەن مىنىڭدىن دىنى ئىلىمى يۇقۇرى قىرىنداشلىرىم « بۇ دىگەن ھالال ، گۇلنىڭ بەرگىدە ياسىلىدۇ ، كاللىنى ئارام ئالدۇرىدۇ ، ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن تەقۋا كىشىلەرمۇ چىلىم چىكىدۇ » دىگەن ئىدى . . . . . شۇ چاغدا مەن تېخى تاماكىدىن ئايرىلالماي يۇرۈپ ، يوشۇرۇن چىكىپ ئۆزەمنى زەھەرلەپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى ، لىكىن مەن شۇ كۇنى قانداق بىر ئىرادىنىڭ كۇچى بولدى بىلمىدىم ، چەكمىدىم . . . لىكىن باشقا قىرىنداشلىرىم ھالال ساناپ چەكتى . . . ئەمما ئۇلارنىڭ چەككىنىنى بىلىدىغان خەقلەر كۆرسە ، ھەقىقەتەنمۇ چوڭ پىتنە پەيدا بولاتتى . . . :!: . . . ھازىر ئاللاھ خالىسا تاماكىنى تاشلىۋەتتىم ( ئاللاغا شۇكرى ) . بۇرادەرلەرگە مۇراجىتىم — چىلىمدىن يىراق تۇرايلى ! چەت ئەلدىكى ئەيىشت – ئىشرەتكە بىرىلگەن ئەرەپلەرنى دورىمايلى ! ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ھازىر قانداق قالايمىقانچىلىقلار بولىۋاتىدۇ ؟ بىز ئەرەپلەرگە ئىمان ئىتمىغان ! پەيغەمبىرىمىز بۇيرىمىغان ئىشلارنى قىلىپ گۇناھكار بولمايلى ! كاللىنى ئارام ئالدۇرماقچى بولساق ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلايلى چۇنكى ئىغىرچىلىقى بار قىرىنداشلىرىمىزگە ياردەم بىرىپ ، شۇلارنىڭ چىھرىدىكى خوشاللىقنى كورسەك ھەقىقەتەنمۇ يەڭگىللەپ قالىمىز . . . . شۇنىڭ بىلەن كاللىمىز ئارام ئالىدۇ . . . .

  11. موللام مۇنداق يازغان:

    مېنىڭ قارىشىمچە، چىلىممۇ مەينەتچىلىكنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر ئۇنى تاماق شىرەسىگە ئاپىرىپ شۇ يەردە چېكىدىغان، بۇرۇن چەككەن «مۇتەخەسىس»لىرى باشقىلارغا ئۇنى چېكىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈدىغان بولۇۋاپتۇ. تاماكا، ھاراق، نەشە … قاتارلىق مەينەتچىلىكلەردىن قۇتۇلالمايۋاتساق، يەنە بىر مەينەتچىلىك چىققىنىنى قارىمامدىغان، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرۈپ … مۇشۇنداق مەينەتچىلىكلەر ئەقىلىمىزنى بارغانسېرى بۇزۇپ كېتىپ بارىدۇ.

  12. سەكىنە مۇنداق يازغان:

    چىلىمنىڭ چىرايلىق تەرەپلىنىشىنى دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ سەسكىنىپ كەتكەن ئىدىم .بۇ سەسكىنىش ھازىر ئويلاپ باقسام ‹ئەسمەتخان›فىلىمدە ،بايلارنىڭ نامراتلارنى چىلىم چىكىپ ئولتۇرۇپ قانداق خورلىغىنى يۈرىكىمنى تىلىۋەتكىنىدىن بولغان بىر خىل ئۆچمەنلىك بولغان بولسا ،يۇقارقى قېرىنداشلىرىم ھەدىس ،قورئاندىن نەقىل كەلتۈرۈپ يازغان ھارام كاتۇگىرىيىسىگە كىردىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن تېخىمۇ سەسكىنىۋاتىمەن .
    ئوبدان تەبىر بېرىپسىلەر قېرىنداشلىرىم !تۇرمۇشىمىزغا پەيدا بولىۋاتقان يۇچۇن ئىش -ھەرىكەت ،نەرسلەرنىڭ ھالال -ھاراملىرىنى ئېنىق بىلىش بىزنىڭ تەقەززالىقىمىزنى قوزغاۋاتقان ئۇشبۇ ۋاقىتتا ،بۇ تېما مىنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى .
    اللاھ ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلسۇن ئامىن !

  13. يار مۇنداق يازغان:

    ھالال -ھاراملىرىنى ئېنىق بىلىش بىزنىڭ تەقەززالىقىمىزنى قوزغاۋاتقان ئۇشبۇ ۋاقىتتا ،بۇ تېما مىنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى .
    ا
    للاھ ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلسۇن ئامىن !

  14. كەسكىن مۇنداق يازغان:

    ھەي ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم سالىدىغان خەقتە بىز!«بىز ئەرەبلەرگە ئىمان ئېيتمىغان!»ماۋۇ گەپ جايىدا ئېيتىلىپتۇ

  15. نۇقرۇم مۇنداق يازغان:

    ھارام بولسا ئۇنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىدىغان بىرەر پاكىت ياكى ئىسپات بولۇشى كىرەك ئىدىغۇ ، ئەينى چاغدا داستىرخان ۋە ھەرەمباغ قاتارلىق كاتتا تاماقخانا قەھۋەخانىلاردا ئوچۇق ئاشكارا چىلىم چېكىشىۋاتقانلارچۇ ، شۇ يەرلەرنى ئاچقان ھاجىلارچۇ ؟

    مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئەزەلدىنلا چېكىدىكەن ، ئۇنداق بولسا نېمىشكە شۇلار باشتىلا ھارام دەپ چەكلىمىگەن ؟ ھەتتا مىراسخور فىلىمىدە خېلى مەن مەن دىگەن دىندار كىشىلەرمۇ چېكىدىغۇ ؟

    مەن بۇلارنى ئېنىق بىلمىگەچكە سوراپ ئېنكاس يازدىم ، ئۇ نەرسىنى تۈرۈك كۆرۈپمۇ باقمىغان ھەم قىززىقمايمەن ، ھەتتا تاماكىمۇ چەكمەيمەن ، ئەمما ئېنىق پاكىت ۋە ئىسپاتلىرى بار بولىشى مۆمكىن ، كۆز قاراش بىلەن بىرەر كىشىنىڭ شەخسي قارىشى بىلەن بىرەرنەرسىنى توغرا – خاتا دەۋىتىشكە سەل بالدۇرلۇق قىلارمىكىن دەيمەن !

  16. مەمنۇن مۇنداق يازغان:

    مةن خصلص دصندار ھاجصملارنصڭ چةككصنصنص كۆردۈم ئةجابا ئۇلار ھارام ئصكةنلصگصنص بصلمةمدصغاندۇ ؟ ھةم بةزص كصشلةرنصڭ ئاغزصدصن چصلصمدا نصشة دصگةندةك نةرسصلةرنص چةكسة ھارام ، لصكصن گۈل بةرگص ، مصۋةلةرنص چةكسة ھارام بولمايدۇ دةپ ئاڭلصغان قايسص توغرصدۇ ؟ مۇشۇ ئصشتصن خةۋرص بار كصشصلةرنصڭ ئصنصقراق جاۋاپ بصرصشصنص ئۈمۈت قصلصمةن … مةن كصتاپ ئاختۇرسام چصلصمنصڭ زادص ھارام ياكص ھاللالصقص توغورلۇق گةپ يوقكةن . پةقةت مةس قصلغۇچص نةرسصلةر ھارام دةپ باركةن ، چصلصمدا نصشة چةكسة مةس قصلغان بصلةن باشقا گۈل بةرگص دصگةنلةرنص چةكسة ھارام بۇلالمدصغاندۇ بولمامدصغاندۇ ؟
    مةسلةن گۈل بةرگصدة ياسالغاننص چةكسة ئۆپكصنص تازلاپ يۈرةككة پايدصلصق دةيدصكةن ، بۇ تصمصدا بةدةنگة زصيانلصق بۇلسا ھارام بۇلصدۇ دصيصلصپتۇ ( ئاستصدصن 2- ئابزاستا شۇنداق كۆرسصتصلصپتۇ) ئۇنداق بۇلسا دورا ئورنصدا چةكسة ، بةدةنگة پايدصلصق بۇلسا ھارام بۇلامدۇ يوق ؟ ئةگةر ھارام بولسا نصمة سةۋةپتصن ؟ كصتاپ ئصچصپ تۇرۇپ بصر مۇنازصرة قصلصپ باقساق .

    • قاپلان مۇنداق يازغان:

      مەمنۇن سىزنىڭ سوئالىڭزغا قارىتا مىنىڭ مۇنداق كۆزقارىشىم بار.
      1.خۇمار مەسىلىسى .
      تىبابەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سىز دىگەندەك ساپ گۈل بەرگى دىگەنلەر دورا ئورنىدا ئشلەتسە بۇ ھارامنىڭ كاتىگورىيىسىگە كىرمەيدۇ(ساپ گۈل بەرگى ئەسلىدىنلا بەدەنگە زىيانلىق ماددا بولماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭغا تىۋىپ ھەكىملار بىر نەرسە دىسۇن).ئەمما مەندە مۇشۇ خىل نەرسىلەرگە چىكىشكە بولغان بىر خىل شۈيھى بار، ئۇ بولسىمۇ بۇ «يېڭى مەدىنىيەت» نىڭ خۇمار قىلىش رولى. ناۋدا ئۇنىڭ ساپ دورىلىق خۇسۇسىيىتى بولسا، ئۇنى بىر مەزگىل ئستىمال قىلغاندىن كىيىن، بەدەندە ياخشلىنىش كۆرۈلۈپ كىسەللىك ئالامەتلىرى يوقالسا ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۇنى توختىدۇ. داۋاملىق چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ئۇنىڭ ئەكىس تەسىرى بولىدۇ، ھېچ بولمىسا يانچۇققا، ئىقتىساتقا تەسىر بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇ نەرسىنىڭ چۇقۇم خۇمار قىلىش تەسىرى بارمىكىن دەيمەن( بولمىسا ئۇلار نىمە ئۈچۈن توختىماي ئىستىمال قىلىدۇ؟ ھەرەمدىكى ، دۈبەيدىكى ياكى كىنولاردىكى ئۆلىما سۈپەتلەرنىڭ چەككەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟ ئەگەر باشقىلارنى دوراپ قىلغان بولسا بىر چەكتىن ئاشقان نادانلىق). ناۋادا شۇنداق تەسىرى بولدىكەن ئۇ ئەلۋەتتە ئەقىلنى گال قىلغۇچى، بىخۇتلاشتۇرغۇچى ماددىلار قاتارىغا كىرىدۇ. مۇشۇنداق بولسا سىز كۆرسىتىپ ئۆتكەندك كىتاپلارنىڭ ھۆكمى بويىچە ھارام ماددىلارھىساپلىنىدۇ.
      2.ئىسراپلىچىلىق.
      ناۋادا ئۇنىڭ خۇمار قىلىش تەسىرى يوق دەپ قارىساق، ئۇنداقتا بۇنى چىكىۋاتقانلار پۈتۈنلەي ئاشقان-تاشقان پۇللىرىنى بۇزۇپ چىچىپ، ھىچبىر ئىھتىياجى يوق بىر نەرسىنى ئىستىمال قىلىپ، بىر بىرسىنى دوراپ ئابروي، شۆھرەتپەرەسلىك يولىغا قاراپ ماڭغان بولىدۇ. بىزدە بۇزۇپ چېچىش، ئابريپەرەسلىك ھەرۋاقىت چەكلەنگەنلىكىنى سىزمۇ بىلىسز.
      3. چىككىملىك مەسىلىسى.
      ئەپيۇن چىكىش، نەشە چىكىش، «گۈل بەرگى» چىكىش دىگەنلەر گەرچە بەدەنگە بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ چىكىشلەرنىڭ ئىچىگە خۇددى ئاپتور ماقالىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئىنتايىن بىر خەتەرلىك ئامىل يۇشۇرۇنغان. يەنى بىزنىڭ بۇ يېڭىدىنى قۇبۇل قىلغان «مەدەنىيەت» مىزگە ھارامنىڭ ئارلىشىپ قېلشىدۇر.« گۈل بەرگىگە ئانى قېتىپ چەكسە مەندا بولىدكەن؛ ماۋۇ دورىنى قاتسا تېخىمۇ ئىسىل بولىدىكەن» دەپ «نەپەس يولى» دورىسىنىڭ تەركىبىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، تىخىمۇ يېڭى ماددىلارنى ئىجاد قىلىپ جەمىيىتىمىزدە ئۇمۇمى بىر ۋابانىڭ يامراپ كىتىشىدۇر. ئەتە ئۆگۈن يەنە بىرسى تەركىبىدە دورا باركەن، چەكسەڭ ۋەھشى ھوزۇرىنى سۈرىدىكەنسەن دەپ يېڭى بىر تاماكىنى كۆتۈرۈپ چىقسا، باللارمۇ ئاتا-ئانىلىرىدىن «گۈل بەرگى» چىكىشنى ئۆگەنسە، كەلگۈسىدە مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەررىجىنى تارتىپ قالماسمىزمۇ(ھازىر تارتىۋاتقان زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ دەردى ئازمۇ بىزدە)؟
      ھەي ئاللاھ ئاشۇ ئىخلاسمەن بەندىلەرنىڭ شەنىگە داخ تەككۈزىۋاتقان« تەقۋادارلار»غا، «ھاجىلار»غا ئىنساپ بېرەر. ئۇلار ئەجىبا ئۆزىنىڭ قايسى كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ، نىمە ئىشلار، نىمە ئاتالمىش «يېڭىلقلار» بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقنى بىلمەيۋاتقانمىدۇ؟

      • مەمنۇن مۇنداق يازغان:

        دىگىنىڭىز ناھايىتى ئورونلۇق … مەسلەن بىر كىسەلگە مۇشۇ بۇيرۇلغان بولسىچۇ ؟ ئۇ ھۇزۇرنى كۆزلەپ ئەمەس ، سالامەتلىكنى كۆزلەپ چەكسىچۇ ؟ ئەجابا بۇمۇ ھارام بۇلامدا؟ مەن تۈنۈگۈن مۇشۇ ماقالىنى كۆرگەندىن بىرى كىتاپ ئاختۇردۇم … كىتاپتا دىيىلىپتۇكى : مەس قىلىدىغان نەرسىلەر ھارام دەپتۇ . بۇ مەس قىلمايدىغان تورسا . چىلىمدا نىشە چىكىشنى مەنمۇ ھارام دەپ بىلىمەن .چۈنكى چىلىم ئەمەس نىشە ھارام . بۇ كىتاپتا ئىنىق چىقىدۇ . لىكىن گۈل بەرگى ، مىۋە دىگەنلەر ھارام ئەمەسقۇ ؟ ئۇنداقتا تۇرغان ئاشۇ ئەينەك سايمان ھارام ھىسابلىنامدۇ ؟ (خاتا گەپ قىلىپ قۇيغان بولسام ئۇلۇغ ئاللاھتىن گوناھىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيمەن ، مەن پەقەت تەپسىلى چۈشىنىۋالاي دىمەكچى ، چۈنكى بىزنىڭ ئۆيدىكى ھاراق تاماكاغا يىقىن كەلمەيدىغان بىر ئاللاھنىڭ مۆمىنگە دوختۇرمۇشۇ نەرسە بۇيرىغان )

        • قاپلان مۇنداق يازغان:

          كىسەلگە دورا ئورنىدا بۇيرۇلغان بولسا بۇنىڭ يولى باشقىچە بولۇشى مۇمكىن(مەن بۇنى ئالدىنقى ئىنكاسنىڭ بېشىدىلا كۆرسىتىپ ئۆتكەن). ئەمما يۇقارقى مۇنازىرىدە بولسا يېڭىدىن باشلانغان بۇ چىلىمچىككە ھۇزۇر ۋە خۇمار سەۋەبىدىن كىرىپ كىتىپ، چىكىۋاتقان نەرسىنى گۈل بەرگى ئىكەن دىسە ھە شۇنداق نەرسە ئوخشايدۇ دەپ نېرى بىرىنى سۈرۈشتۈرمەي، «دورا بۇ، نەپەس يولىنى ياخشىلايدۇ » دىگەننى ھۇزۇر قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋىلىپ، نەدىن كەلگەنلىكىنى، نىمە تەركىپنىڭ بارلىقىنى بىلمەيلا قىممەت باھالاردا سېتىۋالىدىغان، ھارام نىجىس نەرسىلەرنىڭ ئارلىشىپ قېلىشىدىن، ئاخىرىدا بۇ ئىشنىڭ جەمىيەتتە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ناچار ئادەتكە ئايلىنىپ كىتىشىتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ نەرسىدىن يىراق تۇرۇشنى كۆزلەپ ئۆز كۆزقارىشىمنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم.
          سىزنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ ئىزلەنگەنلىكىڭزدىن ناھايتى سۈيۈندۈم. سىزمۇ بىلىسز ئېتىقادىمىزدا دورا ئۈچۈن پەقەت ئامال بولمىغاندا، جاننى ساقلاپ قېلىش يۈزىسىدىن بەزى ئىستىمال قىلغىلى بولمايدىغان نەرسىنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلەتسە بولىدۇ#1. گۈل بەرگى، مىۋە دىگەن نەرسىلەر ھارام نەرسىلەر ئەمەس(شۇنداققۇ)، ئەمما يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىىشىمىز لازىمكى بۇنى دورا ئورنىدا ئىشلەتكەندە، بولۇپمۇ چىلىمغا سېلىپ چىكىشكە توغرا كەلگەند چۇقۇم ئۇنى دىنايىتىگە ۋە ئىلمىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولىدىغان مۇسۇلمان دوختۇردىن، مەنبەسى ئېنىق بولغان ئۇرۇندىن، تەركىىبىنى بىلگەن ئاساستا ئىستىمال قىلسا بولامدىكەن دەپ قارايمەن.
          ئەمما مىنىڭ قاتتقى ئەنسىرەيدىغىنىم ، يەنىلا بۇنىڭ بەزى ياشلار ئارىسدا ئاشۇ «دورا»نى بانا قىلىپ، ھۇزۇر سۈرۈشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىشنى ۋە ئاخىرىدا دۈبەيدىن كەپتۈ، پالانى ھاجىم ئالغاچ كەپتۈ، تېلۋوزۇردىكى ئۆلىمالار قىلىدىكەن دەپ نادانلارچە تەركىبىنى بىلمىگەن ئاساستا ،پايدىنى كۆزلەپ ھەممىنى قىلىشتىن يانمايدىغان قارا كۆڭۈل نا ئىنساپسىزلارنىڭ قار قولى ئارلىشىپ قالغان، خۇمار قىلىپ قويۇدىغان مەينەت نەرسىلەرنى، توپلۇشۇپ سورۇن تۈزەپ چىكىپ سېلىپ ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلىۋېلىشىدىن قاتتق ئەنسىرەيمەن(بۇ نىمە دىگەن خەتەرلىك ھالەت ھە).
          ئاخىرىدا قېرىندىشىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

          #1 يۈسۈپ ئەلقاراداۋى، «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام»؛ 1960-يىل، 98-بەت.

          • قاپلان مۇنداق يازغان:

            قىستۇرما: راستىنلا دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە مۇشۇ چىلىمغا سېلىپ چىكىشتىن باشقىراق ئۇسۇل يوقمىدۇ؟

          • مەمنۇن مۇنداق يازغان:

            ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ، ئىنكاسىڭىزدىن شۇنداق مەمنۇن بۇلدۇم . لىكىن بۇ ھالال ھاراملىقىغا كۆڭلۈمدە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ھاسىل بۇلمىدى ….سىزنى ئاۋارە قىلدىم . بايا سىز قالدۇرغان ئىنكاستىكى ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام دىگەن كىتابنىڭ 98- بىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بۇ يەردە ھارام نەرسلەرنىڭ دورا ئورنىدا ئىشلىتىشنىڭ شەرتلىرى ئىيتىلىپتۇ ، لىكىن مەن گۈل بەرگىنى ھارام دەپ قارىمايمەن …. مىنى بەك تەرساكەن دەپ ئۇيلاپ قالماڭ ، مۇشۇنداق تالاش تارتىشلارغا جاۋاپ ئىزەپ يۈرۈپ تىىىمۇ كۆپ بىلمىگەننى بىلىۋالغىلى بۇلىدىكەن . ئاللاھ سزدىن رازى بولسۇن قىرىندىشىم .

  17. *木丁* مۇنداق يازغان:

    قانداق تىتىقسىز يازمابۇ ؟! بىشدا ئالما ، قاقلانىڭ ئىسىنى سۈمۈرۇپ نەپەس يوللىرىنى ياخشىلايدۇ دەپ قۇيۇپ كەينىدىنلا بىرمۇنچە شۇڭا دەيمېين ئاستىرنومىيە يەپ قۇيۇڭ تەنگە داۋا ، تىلغا شىپا ھاھاھاھا

    • قاپلان مۇنداق يازغان:

      بۇرادەر ئۆپكىڭىزنى بېسېۋىلىڭ. يازمىنى تېتىقىسز دەپ قارىغان بولسىڭىز «تېتىغىدەك » بىر يازما يېزىپ ئۇلانمىسىنى ئەۋەتىپ بېرىڭە؟ مۇشۇ تاپتا ئۆينى سېغىنىپ تۇرغاندا بىر ئوقۇپ ھاردۇقىمنى چىقىرۋالاي. ماۋۇ تىمىدا ئاپتۇر جەمىيەتتە بىخ سۈرىۋاتقان بىر ئىجتىمائىي ھادىسىنى ئەتراپلىق ھالدا، پايدا زىياننى ئويلاشقان ھالدا ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. بولسا سىزمۇ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك تاققا تۇققۇ سۆزلىمەي، ئويلىغانلىرىڭىزنى قويۇپ بېقىڭ.
      دوختۇر ئۇنى دورا ئورنىدا بەرگەن بولسا ئۇنى سىز ئاتايەن «چىلىم» نىڭ ئىچىگە سېلىۋېلىپ چىكىۋالمىسىىڭىزمۇ بولىدۇ. دورىنىڭمۇ مۇۋاپىق مىقدارى بولىدۇ، نەپەس يولىنى ياخشىلايمەن دەپ بانا تېپىۋىلىپ 360 كۈن ئاۋۇيلۇق قىلىپ چىكىۋەرسىڭىز مىقداردىن ئاشۇرۇۋەتكەن نەرسە سىزگە «زەھەر» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  18. مۇرات مۇنداق يازغان:

    توۋا بىزنىڭ كىشىلىرىمىز قىلىدىغانغا ئىش، دەيدىغانغا گەپ تاپالماي قالدىمۇ ياكى مەن بۇ تىمىنى چۈشۈنەلمەي قالدىممۇ؟ تىمىنىڭ بىشىدا چىلىمنىڭ ماتىرىيالى، چىلىمنىڭ پايدىسى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدىمۇ ئىسلاپ داۋالاشنىڭ بارلىقىنى تونۇشتۇرۇپتۇ، نىمىشكە كىيىن چىلىمنى ھارامغا چىقىرىدۇ؟ توۋا، توۋا، بىر نەرسىنى ھارامغا چىقىرىش شۇنداق ئاسانمۇ؟ بىر نەرسىنىڭ ھالال-ھاراملىقىنى بەلگىلەشتە مىللى ھىسىياتنى چىقىش قىلامدۇق ياكى قۇرئان ھەدىس ھۆكۈمىمىنىمۇ؟ قىرىنداشلا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان، ھەسەلدىن قىل ئىلغايدىغان قىلىقىمىزنى قاچان تاشلايمىز؟ ئۆزىمىزنىڭ مەنتىقىسىنى قۇرئان ھەدىس بىلەن زىننەتلەپ كىتىدىكەنمىز، نۇمۇس قىلساقچۇ؟ مىنىڭچە تىما يوللاشتىن ئىلگىرى چۇڭقۇر ئويلۇنۇپ ئاندىن يوللايلى، تاماكا، ھاراق ئەلۋەتتە ھارام، لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىس چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارام قاتارىغا چىقىرىۋەتسەك بولامدۇ؟ بۇنداق ھوقۇقنى بىزگە كىم بەردى؟ توۋا! توۋا! بىزنىڭ ھاجىلىرىمىز، ھاجى ئانىلىرىمىزغا ئالدىراپ تىل تەككۈزمەيلى بولامدۇ؟ باشقىلارنى سوكۈشتىن ئىلگىرى ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ باقايلى.

  19. ۋەسىيلە مۇنداق يازغان:

    ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان نورۇز بايرىمىنى ، ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىمىزنى ، ئۆزىمىزگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئسلام دىنىمىزغا يات دەپ قارىغان ‹‹ ئۇقۇمۇشلۇق ئۆلىمالىرىمىز ›› توردا بولساڭلار ، قېنى بۇ دۇبەيدىن كەلتۈرۈلگەن چىلىم مەدەنىيتى ئالدىدا مەڭدەرەپ قالغان ئەپەندى ، خانىم -قىزلىرىمىزغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟! …
    ***
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    يۇقۇرقى يازمىنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە يازغۇچىنىڭ مەقسىدىنى بىلەلمەي قالدىم.شۇڭا چۈشەنمەي قالغان يېرىمنى كۆچۈرۈپ قويدۇمل.
    بۇ تېمىدا چىلىم چېكىشنىڭ ھۆكۈمىنى سورىماقچىمۇ؟ ياكى ‹‹ ئۇقۇمۇشلۇق ئۆلىمالىرىمىز ›› نى سۆكمەكچىمۇ؟ ۋە ياكى ئىسلام دىنىنى سۆكمەكچىمۇ؟…ئەگەر چىلىم چېكىشنىڭ ھۆكۈمىنى سورىماقچى بولسا، ئۇنىڭغا پەقەت ‹‹ ئۇقۇمۇشلۇق ئۆلىمالىرىمىز ›› جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئەگەر شۇنداق كىشىلەر جاۋاب بەرسە ھەم قايىل ئەمەسكەن. ئۇنداق بولسا كىم جاۋاب بەرسە بولار؟؟؟
    ***
    ھەممە يەردە ئۇرۇش، ئېكىسپىلاتاتسىيە،ئەخلاقسىزلىق، ساختىپەزلىك ئەۋچ ئېلىپ كەتتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك كۆرۈنۈشلىرى، كېسەللىك ھالىتى بولۇپ، ھەرگىزمۇ كېسەللىكنىڭ مەنبەسى ياكى يىلتىزى ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئىنسانلارنىڭ ئىدىيە-ئاڭ سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئادەملىكىنىڭ پەسكەشلىشى، چۈشكۈنلىشىشى ۋە قىممەت قارشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدا. توغرا قىممەت قاراش پەقەت توغرا ئېتىقاددىن ھاسىل بولىدۇ.ئىنسانلارنىڭ قىممەت قارشىنىڭ توغرا بولماسلىقى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ دۇنيادا ياشاشتىكى مۇددىئانى بىلمىگەنلىكىدە، يەنى اللەنىڭ بىز ئىنسانلارنى يارتىشتىكى ھىكىمىتىنى چۈشەنمىگەنلىكىدە، كىشىلەر توغرا بولمىغان قىممەت قاراشتا قالغاچقا ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مەنىۋى نامراتلىق باش كۆتەردى.(شېھىد سەييىد قۇتۇب)
    توغرا ئىتىقادقا ئىگە بولمىغان بۇنداق روھىي نامىرات كىشىلەر ئۆز ئەمەللىرنىڭ ،ئادەتلىرىنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكۈمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنى«مۇسۇلمانلار»دەپ ئاتاش توغرا بولمايدۇ.بۇنداق كىشىلەر پەقەت ئاتاققىلا مۇسۇلمان، ھاجى ۋە ھاجى خېنىملاردۇر.
    دىنغا ئىختىيار ھالدا قانائەتچانلىق بىلەن كىرگەن ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسى، ئەقلىي تەسەۋۋۇرى، دىنغا بولغان ئىخلاسى باشقا ئىنسانلاردىن پۇتۇنلەي پەرىقلىق بولىدۇ. قانائەت بىلەن دىنغا كىرگەن ئىنسان دىننىڭ پارلىق يوليۇرۇقلىرىنى بىجاندىل ئىجرا قىلىدۇ. اللەنىڭ توسقانلىرىدىن ئىتائەتمەنلىك بىلەن قول ئۈزۈلىدۇ.
    جەمىيەتنى تۈزەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈمىزنى ئاڭلىق تۈزەيلى. كېسەلنى ئۇرۇپ-سوقۇپ ساقايتقىلى بولمىغىنىدەك،يامان ئىللەتنى تىلاپ تۈزەتكىلى بولمايدۇ.
    [سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتى دۇنيادا بەھرىمان بولۇپ تۈگەتتىڭلار.](سۈرە ئەھقاف 20-ئاتەتنىڭ بىر قىسمى)
    [ئى مۆمىنلەر اللەغا سەمىمىي تۆۋبە قىلىڭلار](سۈرە تەھرىم7-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
    بىر مىللەتدە ئىشەنچىلىك كىشىلەر كېمەيسە، دىنىنى سېتىپ دۇنيا يىگۈچىلەر كۆپەيسە، ئۇ مىللەت ئارسىدا پىتنە كۆپىيدۇ.(ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇ)

  20. نازۇك چىمەن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ، ئاياللارنىڭ كۆپۇنچىسىنىڭ دوزاخقا لايىق ئىكەنلىكى بىكار ئەمەس -دە .
    پەرۋانىنىڭ ئۆزىنى ئوتقا ئېتىشى، ئۆزىنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغىنىنى بىلمەيدىغىنىدىن بولغان. سۇدىكى بېلىقنىڭ يەمچۈكنى يالماپ يۇتۇشى، بۇنىڭ ئۆزىگە ئۆلۈم ئېلىپ كېلىشىنى بىلمەسلىكىدىن بولغان. ئۇنداقتا شەھۋانىي ھەۋىسىمىز بىزنى ھالاك قىلىپ تاشلايدىغىنىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ شەھۋانىيلىقىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىشىمىزدىكى سەۋەپچۈ ؟
    ئى ئاللاھ ،بىزدىن رەھمىتىڭنى ئۈزۈپ قويمىغىن، ئەگەر سەن رەھمەت قوللىرىڭنى ئۈزۈپ قويساڭ بىز پەقەت دوزاخقا لايىقمىز .

  21. زىيارەتچى مۇنداق يازغان:

    مەنغۇ چىلىم چىكىپ باقمىغان ھېلىھەم چەكمەيمەن ! بۇ يازمىنى باشقا تورلاردا ‹‹دىققەت،چىلىم ھارامدۇر!››دىگەن تىمىدا يوللاپ قويۇپتىكەن شۇڭا كىرىپ كۆرۈپ باقتىم ! مەن قارىسام بۇلار ئاپتورنىڭ كۆز قارىشى ئىكەن خالاس ،ئېنىق بىر پاكىت يوق! مەن ئالدىراپ بىر نەرسىنى ھالال ھارام دىيەلمەيمەن ! ھەممىمىز بىلىمىز ‹‹ ئېشەكنڭ كۈچى ھالال ، ئۆزى ھارامدۇر!›› ئەمما ئۇنىڭ سۈتىچۇ ؟؟ ئېشەك سۈتى ئۇزۇن يىللىق ئۆپكە كىسىلىنىڭ دورىسى ، تىۋىپلىرىمىزلا ئەمەس تىببى خادىملىرىمىزمۇ بەزى ساقايمىغان بىمارلارغا ئېشەك سۈتىنى بۇيرۇيدۇ ! شۇلارمۇ غىڭ قىلماي نەچچە يىللاپ ئېچىدىغۇ شۇ ھارامنىڭ سۈتىنى ! بۇنداق بىر يازما بىلەنلا بىرنەرسىنى ھارامغا ياكى ھارامنى ھالالغا چىقىرىۋەتكىلى بولسا يەنە بىرنى يېزىپلا شۇ ئېشەك سۈتى ئېچكەنلەرنىمۇ مۇسۇلمان ئەمەسكىلا چىقىرىۋىتەيلىچۇ ! ئەگەر چىلىم راسلا ھارام بولسا رەھىمدىل ئاللاھ ئىگىمىز شۇنى چەككۈچىلەردىنمۇ رەھمىتىنى ئايىماس !
    بەك قىلىدىغان ئېش تاپالماي قالىساق باشقىلارنى سۆكمەي ، ئېبادىتىمىزنى جايىدا قىلىپ بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزغا تۆۋە قىلايلى!!!
    ئاقساقاللىق قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۋىتىشكەيلا!!!!!

    • تىڭشارمەن مۇنداق يازغان:

      ئۆپكە كېسەل، يەنى سىل كېسەل بولۇپ، تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئېشەك سۈتى ئىچكەنلەرنى موسۇلمانلىقتىن چىقىرىۋېتەلمەيمىز، بۇ سىل كېسەل جاھىل بولغاچقا، ئاشۇنداق نەچچە يىللاپ دورا يېيىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، سىز ئۆپكىسى تازا، سىل كېسىلى بولمىغان موسۇلمانلاردىن نەچچە يىللاپ بىكاردىن-بىكار ئېشەك سۈتى ئىچىپ يۈرگەنلىرىنى كۆرسىتىپ بېقىڭچۇ!

  22. ۋادىرىخا مۇنداق يازغان:

    چىلىمنىڭ ھاراملىقى 100 دە 100 مىڭ ھارام ، ئاددىيسى ، ئۇيغۇر خەلقىدە ، خوتۇن خەقلەر ۋە ياكى ئەر خەقلەر چىلىمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ، ھەر قانچە زەپە سېلىپ چەكسىمۇ ، شۇ ئەقىلگە سىغىدىغان ئىشمۇ ؟ كېيىنكى ئەۋلادلار باشقا نەرسە سېلىپ چېكىپ باقماسمۇ ؟
    ماۋۇ چىلىمنى ھالال دىگەنلەر ، دەرھال اللەغا توۋبە ئېيتىڭلار ، دوزاخنىڭ بېلىتىدىن زاكاز قىلىۋالماڭلار يەنە . ئۇ دۇنيادا ئادەمنىڭ قەۋمى دوزاقتا كۆيۈۋاتسا ، چىدىماي قالىمىز ھەقىچان ! شۇڭا سەل دىققەت قىلىپ ئېيتىڭلار .
    بىزمۇ ئەمدى چىشى ئۆتكەن نەرسىنى يەيدىغان قەۋم بولۇپ قالمايلى . چىلىم چەككەندىن ، كېلىپ ماۋۇ بالامنىڭ مەززىلىك پوقىدىن يەڭلار ئازراق ! پايدا قىلىدۇ !

  23. پەرۋاز مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ يۇقىرىدىكى تورداشنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن ، سىزنىڭچە بىر ئايال زاتىنىڭ ئاغزى بۇرنىدىن ئىس چىقىرىپ يۈرىشى ھالالما؟

  24. جەسۇر مۇنداق يازغان:

    زىيارەتچى ئەپەندىم قارىغاندا سىز بەزى بىر مىساللارنى ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە ئادەم لەنەت ئېيتىۋاتقان ئىشنى قىلىپ قالغىنڭىزغا تەسەللى تاپماقچى ئىكەنلىكىڭىز چىقىپلا تۇرۇپتۇ. بىز پەقەت ئۆز مەدەنىيتىمىزگە مۇخالىپ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز، ئەگەر سىزگە ئاشۇ نىجىس ئۆزىڭىز دەپ ئېيتقان ئىشەك سۈتىدەك دورا بولغان بولسا خاتېرجەم چىكىۋىرىڭ!، ھە راس ئائىلىدىكىلىرىڭىزمۇ كىسەل بولۇپ قالىمىسۇن، ئۇلارمۇ چىكىپ قويسۇن، كىسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ئەمەسمۇ؟!

  25. جەسۇر مۇنداق يازغان:

    ئۈرۈمچىدە بولساڭلار، XXXXXX خانىلارغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭلا!
    قىزلارنىڭ، يەنە يۈزىنى يۆگىۋالغان ھاجى خېنىملارنىڭ چىكىشىپ، ھەتتا مەس بولۇپ، دەلدەڭشىپ قالغىننى كۆرۈش تەس ئەمەس!

    • چەۋەنداز مۇنداق يازغان:

      كۆپچىلىك ئەسسالامۇ ئەلايكۇم !ھالال ھارام توغۇرلۇق ھەدىس ۋەقۇرئان كەرىمدە ئېنىق چۇشەندۇرۇشلەر بار .. مەسىلەن:قۇرئان كەرىمدە ‹ئوزۇڭلەرگە زىيان قىلدىغان ھەرقانداق ن نەرسىلەرسىلەر ئۇچۇن ھارامدۇر.›دىيىلگەن.يەنەئۇنىڭدىن باشقا چوشقا گۇشى،ئىت گۇشى ….قان قاتارلىقلار ھارام دەپ،چەكلەنگەن. ئەمدى ئوز گىپىمگە كەلسەم ھاراق ،تاماكا،نېشە…..قاتارلىقلارمۇ ئسلامىيىتىمىزدەھارام دەپ چەكلەنگەن .بۇلار نىمىشقا ھارام دىگەندە چۇنكى بۇلار ئادەمگە زىيان قىلدۇ،ئادەمنى مەس قىلدۇ،ئادەم مەس بولغاندىن كىيىن نىمە ئشلارنى قىلدىغانلىرى ھەممىمىزگە ئايان …شۇڭا ھارام .يەنە بۇلارنى كوپ ئستىمال قىلغاندا ئادەمنى زەئپلەشتۇردۇ.ئاخىرى ئادەم ھالاك بولدۇ.ئەگەر چىلىم مەس قىلسىلا چۇقۇم ئۇھارام.
      ئەسكەرتىش:ھارام دەپ بەلگىلەنگەن نەرسىلەر زورۇر تېپىلسا دورۇلۇققا ھالال.

  26. قاپلان مۇنداق يازغان:

    «ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ، ئىنكاسىڭىزدىن شۇنداق مەمنۇن بۇلدۇم . لىكىن بۇ ھالال ھاراملىقىغا كۆڭلۈمدە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ھاسىل بۇلمىدى ….سىزنى ئاۋارە قىلدىم . بايا سىز قالدۇرغان ئىنكاستىكى ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام دىگەن كىتابنىڭ 98- بىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بۇ يەردە ھارام نەرسلەرنىڭ دورا ئورنىدا ئىشلىتىشنىڭ شەرتلىرى ئىيتىلىپتۇ ، لىكىن مەن گۈل بەرگىنى ھارام دەپ قارىمايمەن …. مىنى بەك تەرساكەن دەپ ئۇيلاپ قالماڭ ، مۇشۇنداق تالاش تارتىشلارغا جاۋاپ ئىزەپ يۈرۈپ تىىىمۇ كۆپ بىلمىگەننى بىلىۋالغىلى بۇلىدىكەن . ئاللاھ سزدىن رازى بولسۇن قىرىندىشىم .»

    سالام مەمنۇن!
    جاۋابىڭىزنىڭ ئاخرىغا ئىنكاس يازغىلى بولمىغانلىقتىن ئىنكاسىڭزنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلدىم. ئەگەر يەنىلا قانائەتلەندىكىدك چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىغان بولسىڭىز، تۆتىنچى قەۋەتتىكى(ئۈستىىدىن سانىغاندا 4-ئىنكاس) كامىل ئىسىملىك تورداشنىڭ ئىنكاسى بويىچە ئىمكانىمىزنىڭ بېرىچە شۈبھىدىن يىراق تۇرغىىنىمىز ياخشى.
    ئاخرىدا ھەممىمىزنىڭ بىرەر ھەركەتنىڭ يېڭى پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئويلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگىلا قارىۋالماي، ئېلىپ كىلىدىغان ئاقىۋەت ۋە جەمىيەتكە بولغان تەسىرىنىمۇ ئويلاشقان ئەھۋال ئاستىدا توغرا بىر ھۆكۈم چىقىرىشىمىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. يۇقارقى مۇنازىلەر ئاساسىدا سىنزنىڭ توغرا بولغان بىر چۈشەنچىگە ئىرىشىڭىزگە ئىشەنچىم كامىل. ئامان بولۇڭ!!!
    تۈگىدى!

  27. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    تورداشلارنىڭ مەزكۇر مۇنازىرىسىدىن ئوقۇرمەنلەر جەزمەنكى بەلگىلىك مەنپەت ھاسىل قىلىدۇ. ھەر كىمنىڭ ئۆز كۆڭلىدە مەزكۇر مەسىلىگە نىسبەتەن مەلۇم قاراش شەكىللىنىپ بولۇنغانلىقى ئېنىق.
    ئەمدى، مۇمكىن بولسا تورداشلار چىلىم چېكىشنى دىنىي نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىشتىن جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە قىلىشقا ئۆتكەن بولسا تولا ياخشى بولار ئىدى. مەسىلەن:
    1. چىلىم چېكىش مەدەنىيىتى قانداق ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ؟
    2. كىملەر بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاۋانگىراتلىرى بولىۋاتىدۇ؟
    3. بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزگە ، مەدەنىيىتىمىزگە، ئەخلاق ئىكلوگىيىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى نېمىلەر بولۇشى مۇمكىن؟

  28. فەزل مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم…. ..بۇ توغۇرسىدا جىق سوزلەشنىڭ ھاجىتى يوق… ئەگەر مۇسۇلمان بولسىڭىز …
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : قانداق بىر كىىشى يات بىر مىللەتنى دورىسا ياكى ئوخشىۋالسا ئۇ كىشى ئەنە شۇلاردىن . دىدى ………..يەنە يەھودىيلار بىلەن ئوخشاش بوپ قالماسلىق توغۇرسىدا ئەسھابلىرگە كۆپ ۋەسيەتلەرنى قىلدى …
    ئەگەر چۇشەنسەك بۇ بىز ئۈچۇن يېتەرلىك … بىلسىڭىز بۇ تالىشىپ ئولتۇردىغان مەسىل ئەمەس .. بۈگۈن ئۈممەت نىمە كۈندە ……..؟؟؟ سىز نىمە غەمدە ..؟؟؟

  29. ۋەسىيلە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۇكسەل ئەپەندىم!
    چىلىم چېكىش جەمىيىتىمىزدە كېڭىيۋاتقانلىغى ئېنىق. مەزكۈر تېمىدا كىملەرنىڭ چېكىۋاتقانلىغىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتۈپتۇ.
    بۇ كۆرنۈش پەقەت ئىتىقادىمىزغا زىت بولغان كۆرنۈشلەر ئىچىدىكى بىر كۆرۈۇش خالاس. بۇندىن كېيىن بۇنىڭدىنمۇ يامان بولغان، خىلمۇ-خىل ھادسىلەر ئوتتۇرغا چىقىشى مۇقەرەر…
    بۇ پەقەت كىېسەللىڭنىڭ ھالىتى ۋە كۆرنۈشى .ئەمدى بىز بۇ كېسەللىكنى داۋالاش ئۈستىدە ئېزدەنسەكمىكىن دەيمەن. كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن كىسەلنىڭ مەنبەسىنى تېپىش كېرەك.

  30. دىلاۋۇر مۇنداق يازغان:

    توۋا خۇدايىم،ئەسمەتخان بىگىمنىڭ چىلىمى ئەمدى دىيارىمىزغا كىرىپتۇدە……
    چىلىمنىمۇ ھالال دەپ چىكىدىغان ئىش بارمىكەن ئەمدى؟
    گۈل بەرگىدىن،دورىلق ماتىرىياللاردىن ياسايدۇ ،ھۇزۇر بولىدۇ،كاللا ئارام ئالىدۇ ،دىگەن نىمە گەپ ئەمدى؟
    ھۇزۇر بولغان كاللا ئارام ئالغان زادى قانداق ئىش؟ئۇ دىگەن مەستلىك،مەست بولۇش،
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:مەست قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھارام دىگەن……….
    توۋا توۋا…………………

  31. مۇھەممەتجان مۇنداق يازغان:

    كىسەل ئۈچۈن بولسا چوشقا گۆشىمۇ ھالال لىكىن كەيىپ باشقا گەپتە
    شۇڭا ئەزىز قىرىنداشلىرىم ئىغىز خاتالىقى بەك يامان ئىش
    بىلسەك سۆزلەيلى بولمىسا ياخشى گەپ بولسا قوبۇل قىلايلى
    بۇنى ھارام دىسە بۇ كىسەل داۋالاشمۇ ياكى كەيىپ قىلىشمۇ ئىشنىڭ ماھىيتىگە قارايلى
    دوپپىسىنى ئەكەل دىسە بىشىنىمۇ كىسىپ قويۇشتىن ساقلىنايلى
    گۈل بەرگىنى ھالال دىسە كەندىر دىن ياسالغان نەشە نىچۈن ھارام
    كەيىپ بولغاچقا ھارام بولار ھەقىچان …
    شۇڭا بۇنى كەيىپ قىلغانلارغا ھارام دىسە دورا قىلغانلار تولا ئىلەشتۈرمەڭلار
    بۇنداق بولغاندا بۇدورا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىپ قويمىسۇن…
    ياراتقان ئىگەم شۇ بىر نەس بىلەن داۋالىمىسا بولمايدىغان كىسلىڭىزگە باشقا يول بىلەن شىپالىق بىرىپمۇ قالار
    ياراتقان ئىگەم ھەممىگە قادىردۇر ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر ناھايىتى مىھرىباندۇر
    بىلىپ بىلمەي قىلغان قىلغان خاتا ئىش ھەركەت گەپ سۆزلىمىزنى ئاللاھ ئىگەم ئۆزى كەچۈرگەي…
    دىندا زورلاش يوق ياخشىنى ئاڭلاپ توغرىنى قوبۇل قىلىپ ياماندىن خاتادىن يانايلى ئاللاھ ھەممىمىزگە مەغفىرەت ئاتا
    قىلىپ دىلىمىزنى يورۇتسۇن ئامىن ،….

  32. گۈلۈم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! تورداشلارنىڭ تۈرلۈك ئىنكاس ۋە يازمىلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى چىلىم چېكىش ئۆزىنىڭ شەرمى ھايالىقى، گۈزەل ئەخلاقى بىلەن يېرىم دۇنيالىق رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان قىز-ئاياللىرىمىز ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ ھەقىقەتەنمۇ ھەممە كىشىنى ئويغا، غەم ئەندىشىگە سالىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپتۇ. دېمىسىمۇ بۇنداق ئايرىمخانىلاردا، ئاللىقانداق نامەلۇم خانىلاردا چىلىم چېكىپ يۈرۈش بىر مىللەتنىڭ خاراپلىققا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر، يەنە كېلىپ پەرزەنتلەرنىڭ ئۈلگىسى ۋە ئەڭ مۇھىم ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئانىلاردا بۇخىل ئەھۋال مەۋجۈت بولسا، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايمىز. مەن قانداقتۇر چېلىم، نەشە دېگەنلەرنى كۆرۈپمۇ باقمىغان، پەقەت باشقىلاردىن ئاڭلاپ باققان. مېنىڭچە ھاراق، نەشە، زەھەر دېگەنلەرنى ياسايدىغان ماتىرىيالىمۇ ئەسلىدە ئانا تۇپراقتىن ئۆسۈپ چىقىدىغان ھالال نەرسە ئىدى (خۇددىي گۈل بەرگىگە ئوخشاش) ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش نەتىجىسىدە ئادەمنى مەس قىلىدىغان ھارام نەرسىگە ئايلانغان، ئۇنىڭ ھارام نەرسە بولىشى ئۇنىڭ ماتىرىيالىدا بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئاخىرىدا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى چىلىمنىڭ ھالال ھاراملىق مەسىلىسىگە كەلسەك ، ئەگەر دوختۇر دورىغا بۇيرىغان بولسا لايىقىدا، مۇۋاپىق ئىستىمال قىلساق، بەلكىم ئۇلۇغ ئاللا كەچۈرەر. لېكىن «دورىكەن» دەپ ساقلارمۇ، كېسەللەرمۇ ئىستىمال قىلىۋەرسە، (ئەتە-ئۆگۈن كالا سۈتى يېتىشمىسە، ئېشەك سۈتىمۇ كالا سۈتى ئورنىدا ئىستىمال قىلىنارمۇ تېخى)مەدەنىيەتنى توغرا قوبۇل قىلىدىغانلارغۇ مۇۋاپىق پايدىلىنار، بىرقىسىم قارا-نىيەت كىشىلەر بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ مىللەتنى خاراپلاشتۇرىدىغان قارا قولىنى ئىشقا سېلىپ قالسا(ئۇلۇغ ئاللا ئۇنداقلارنى مۇرادىغا يەتكۈزمىگەي) مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى قانداق بولۇپ كېتەر. قانچىلىغان ئاتا-ئانىلار پەريات ئۇرۇپ قالار!
    بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئىنكاس يېزىشىم، سۆزلىرىمدە ئېگىز-پەسلىك بولسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر!

  33. ئالىپ مۇنداق يازغان:

    چىلىم چىكىش جەريانى ،ئاۋۋال ۋەزخانىلىق قىلىپ قىزىقتۇرۇش ،ئاندىن شىپالىق رۇلىنى كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن (چەككۈچى كاتتا شەخىسلەرنى شىپى كەلتۈرۈش ،ئۆزىگە قانداق پايدا قىلغىنىنى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەش …)دەلىللەش ،ئاخىرىدا ئۆزى يۈرەكلىك باشلامچى بۇلۇپ بېرىش .
    پەيدا بۇلۇش جەريانىدىن قارىغاندا ، ئاۋۋال تىجارەت تۈسىنى ئالغان ، بارغانسېرى ئەيىش- ئىشرەت ،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ يەنە بىر يېڭى تۈرى بۇلۇپ قالغان .ئەگەر راسستىنلا شىپالىق رۇلىنى دەپ چەككۈچىلەر بار دىيلسە ،ئۇ دەل دوختۇرخانىدا دوختۇرنىڭ رىتىسىپىغا ئاساسەن چەكلەنگەن مىقداردىكى ھەقىقىي دورىدىن ئۆزىگە شىپالىق ئىزدىگەن بۇلىشى كېرەك .ئۇندداق بولمايدىكەن ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىئيتىمىزدە نورمال ئەقىل ئىگىسى بولغان ئادەم ھەرگىز ئۆز ئالدىغا خالىغان نەرسىنى چىكىپ ،كېسىلىگە شىپالىق ئىزدىمەيدۇ ، پەۋقۇلئاددە جاھىل خارەكتېرلىك نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بولمىسا دىيانەتلىك دوختۇرلىرىمىزمۇ بۇنداق رېتىسىپ بۇيرىمايدۇ .بەزىلەر پاكىت تەلەپ قىلىپسىلەر ، چەككۈچىلەر ھەرگىز ئالدىڭىزغا چىلىم كۆتۈرۈپ چىقىپ سىزگە دوكلات بېرىپ ،رۇخسىتىڭىزنى سوراپ ئولتۇرمايدۇ ياكى ھالال ماركىسىنى چاپلاپ تېلىۋوزورلاردا ئېلان بېرىپ يۈرمەيدۇ .
    ئاۋانگارتلارغا كەلسەك ، بىرى مودا قوغلاشقۇچىلار،يەنى نېرى -بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا قارىغۇلارچە ئەگەشكۈچىلەر.بۇلار قانداقلا يېڭىلىق بولسا ھەممىدىن ئاۋال تۆردىن ئورۇن ئېلىشنىڭ كويىدىلا يۈرىدۇ ،ھەرگىزمۇ قاتاردىن چۈشۈپ قالغۇسى كەلمەيدۇ . بۇنداقلار ئەڭ ياخشى ھەقسىز ئېلانچىلار .
    ئىككىنجى تۈردىكىلەر ،ئىچ-پۇشۇغىنى چىقارغۇچىلار .بۇلار ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان جەمىئيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشەلمەي زاماندىن زارلاپ يۈرۈيدىغان ، ھىسيات ئۆتكۈلىدىن ئۆتەلمەي ئاھ ئۇرۇپ يۈرۈيدىغان پىسخىك ساپاسى ئاجىز كىشلەر. زاغرا نان تىلىمىزدا بۇنداقلارنى دەرد كۆتۈرەلمەيدىغانلار دەپمۇ ئاتايمىز . بۇلار ئەڭ ياخشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.
    يەنە بىر تۈردىكىلەر ،ئەرلەر بىلەن باراۋەرلىك تالاشقۇچىلار ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئىنقىلاپ قوزغۇغۇچىلار .ئەلۋەتتە بەزى سەۋەبلەرنى ئەرلىرىمىزدىن كۆرۈشكىمۇ بۇلىدۇ .ئەمىلىنىڭ ئۆسىشىگە ،پۇل -مېلىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، بەزى ئەرلىرىمىز ئەرلىك ئىمتىيازىدىن پايدىلنىپ سىرىتتا ئەيىش-ئىشرەت قىلغاندىن تارتىپ ، خۇتۇن ئۈستىگە خۇتۇن ئالغۇچە بولغان جەرياندا ،ئاياللىر ىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ كەلدى ، ھەرقانچە كەڭ قورساق بولسىمۇ يەنىلا ئايال كىشى ئەمەسمۇ ، بۇنى قانداقمۇ قۇبۇل قىلالىسۇن ؟ئىچەي دىسەم سېسىق ئېشىم ، تۆكەي دىسەم ئېسىت ئېشىم دەپ ،بىر تەرەپكە قارىسا ئائىلە ، پەرزەنت ،ئوزۇن يىللىق ئەجىر ،بىللە ئۆتۈپ كەتكەن ئالتۇن ياشلىق ياكى ھەشەمەتلىك تۇرمۇش شارائىتى ،يەنە بىر تەرەپكە قارىسا ئەرنىڭ قىلىقى چەكتىن ئېشىپ كىتىۋاتقان،شۇنىڭ ناشايەن يولغا كىرىپ مۇشۇخىل يول بىلەن ئۆزلىرىگە ئەرمەك تېپىۋالغان .بۇ خىل تۈدىكىلەر كۈچلۈك قالقانلىق رۇلىنى ئوينايدىغانلار . بەزىلەر سۆزۈمنى چۈشىنەلمەي ،«ئۇقۇمۇشلۇق ئولىمالار» نىڭ دىگىنى ھىساپمىكەن ؟ دەپ سوئال قۇيۇپسىلەر ، ئەمىلىيەتتە ،بۇ قالقاننى تېشىپ ئۆتۈشتە ئۇلار تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايدۇ .
    بەزىلەر ھاجىلارغا قالايمىقان تىل تەككۈزمەڭلار ، دەپسىلەر . چىن ئخلاسى بىلەن مەككىنى تاۋاپ قىلىپ ، مۇسۇلمانچىلىقنى ئاداقىلىۋاتقان (ئاللا ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزلىرىدىن ئەنبەر چاچراتسۇن! ) ھاجىلاردىن قانچىسى باردۇر ؟
    ساياھەت يۈزىسىدىن ھەج تاۋاپ قىلىدىغان ھاجىلار ،يىلدا تىجارەت ئۈچۈن مەككىگە بېرىپ پۇل تېپىپ كىلىدىغان ھاجىلار ،پۇلى بولغاندىكىن روسمىيەت ئۈچۈن ھاجى بۇلىدىغانلار ، قاتاردىن قالماسلىق ئۈچۈن مودا قوغلىشىدىغان ھاجىلار ، نۇغۇنلىغان مۆئمىنلەرنىڭ رىسقىنى ئالداپ ، ھارامدىن بىيىغان پۇلىغا ھەج تاۋاپ قىلىدىغان ، قايىتقاندىن كىيىنمۇ تۆۋە قىلماي ،ئىزچىل ھارامخورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قىزىلكۆز ھاجىلار…مۇشۇلارنىمۇ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىمدۇ ؟
    ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭمۇ يات ئەللەردە كۆرگەن -بىلگەنلىرىنىڭ ئارىسىدا ،بەزى ئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەدەنىيەتلەر بار ،ئۈگنىشكە ئەرزىيدۇ.لېكىن مۇسۇلمان بولغىنى بىلەن ،ئايرىم نامى بار مىللەت ياكى قەۋم بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يات ئەللەر خەلقنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەتلىرى بۇلىدۇ ھەم تاشلىۋەتكىنى يوق ، ھەمدە مۇسۇلمانچىلىققا يات بولغان قىلمىشلارمۇ بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ .ئاشۇنداق يات قىلمىشلارنى خەلقىمىزگە تاراتقان ھاجىلىرىمىز ئارىسىدىكى ساختا ھاجىلىرىمىزنى ئەيىبلىمەي تۇرالمايمىز .
    چىلىمچىلىكنى ھالال -ھارام دەپ قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىلىپسىلەر ،بۇلىدۇ ھالاللا دەپ چىكىدىغان ئىش بولسا ، مەن بىرقانچە يېڭى تۈرنى تەۋسىيە قىلاي ، شۇ تۈگىمەس پۇللىرىڭىزنى دەسمايە قىلىپ ،قانغۇچە چىكىۋېلىڭ ، نۇرغۇن كېسەللىرىڭىزگە شىپا بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس :
    ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ،داۋالىنىشقا قۇربى يەتمەيۋاتقان كېسەلمەنلەر ۋەئۇلارنىڭ ھامىيلىرىنىڭ دەردىنى چىكىڭ ،ئۇ ھالال.
    ۋاقىتسىز ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان يىتم سەبىيلەرنىڭ ، يۈلەنچۈكسىز قالغان ،ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان بۇۋاي-مۇمايلارنىڭ دەردىنى چىكىڭ ،ئۇ ھالال .
    مەكتەپتە ئۇقۇپ بىلىم ئېلىش ئارزۇسىغا يىتەلمەيۋاتقانلارنىڭ دەردىنى چىكىڭ ،ئۇھالال .
    پېقىرچىلىقتا قالغان ، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلارنىڭ دەردىنى چىكىڭ ، ئۇ ھالال …
    … … …
    مۇشۇنداق چىكىۋېرىدىغان بولسىڭىز ، ئۇلۇغ ئاللا سىزنىڭ ھەرقانداق ئېغىر كېسەللىرىڭىزگىمۇ شىپالىق بەرگەي!ئەلۋەتتە ، بۇ پۇللارنى مەيلى ھالال ياكى ھارام بولسۇن ، جاپا تارتىپ تاپتىڭىز ، بۇنىڭدا ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق ،لېكىن مۇشۇ ئامەتنى سىزگە بەرگەن خۇدايىم يەنە خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ كىتىشى مۈمكىن . ئۇنتۇلۇپ قالمايلى ،چىڭگىزخان ،ئىسكەندەرلەرمۇ قۇرۇق قول كىتىپ قالغان .
    ئەمدى چىلىمچىلىكنىڭ تەسىرىگە كەلسەك ، بۇ ئىش ئىزچىل داۋام ئىتىۋەرسە ، ئۇيغۇر جەمىئيتىمىزگە يەنە بىر قېتىملىق بۇرۇختۇملۇق ، جاھالەت ئېلىپ كىلىدۇ ،زەھەرلىك چىكىملىك بىلەن ئەيدېزنىڭ يامراپ كىتىش جەريانى ھەممىمىزگە ئايان ،ھەممە سەلىبى يېڭىلىقلار ئاۋۋال پايدىلىق تەرىپىنى قوغلىشىپ قۇبۇل قىلىندۇ ، ئەكىس ئۈنۈم كۆرسەتكەندەك بولسا يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدىغان ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇلىدۇ .ئەگەر بىر ئادەم بىر چىكەرمەننى نىيتىدىن ياندۇرالىسا ،پۈتكۈل مىللەتتىن ئۇنىڭغا بارىكاللا ، ئاللا ئۇنىڭ ساۋابىنى ھەرگىز كام قىلمىغاي !

  34. فەخرۇ مۇنداق يازغان:

    بۇ توربەتتە چىلىمنىڭ ھاراملىقىغا كەسكىن پەتىۋا بېرىلىپتۇ:Your text to link…

  35. ۋولقان مۇنداق يازغان:

    بۇ ھەقتە ئۇيغۇر دىنى ئالىمى دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمىتۇللاھنىڭ بەرگەن پەتىۋاسىغا قاراب باقايلى:
    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ :

    بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

    بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا، دۇرۇد-سالاملار رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتىگە ۋە ساھابە كىراملىرىگە بولسۇن.

    چىلىم چېكىشنىڭ ھۆكمى تاماكا چېكىشكە ئوخشاشلا ھارام، شۇنداقلا ئۇنى ياساش، تېرىش، سېتىش، ئېلان قىلىپ بېرىش، ئۇنىڭدا تىجارەت قىلىش ۋە چايخانىلاردا ئۇنى ئەكىلىپ بېرىشمۇ ھارام.

    چىلىم چەككەندە ئىشلىتىلىدىغان تۈتۈندە نىكوتىن قاتارلىق نۇرغۇن زەھەرلىك ماددىلار بار. ئۇنىڭغا يەنە تەم ۋە پۇراق قاتىدىغان خىمىيىۋى ماددىلار قوشۇلىدۇ، بۇ ماددىلارمۇ بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق. بۇ زەھەرلەرنىڭ سۇنىڭ ئارىسىدىن ئۆتىشى ئۇنىڭ زىيىنىنى چەكلىمەيدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر)(نىسا سۈرىسى 29-ئايەت.)

    (ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل-مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار)( بەقەرە سۈرىسى 195-ئايەت.)

    ئۇنىڭ ئۈستىگە چىلىممۇ خۇمار قىلىپ تاشلىيالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئايدا نۇرغۇن ئىقتىساد كۆيۈپ بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ئىسراپ بولغانلىقتىنمۇ ھارام بولىدۇ.

    ۋەللاھۇ ئەئلەم.

    پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ .
    http://www.sajiye.net/viewsj.php?id=29

    2011-4-19

  36. ئابدۇلقادىر بەزمەس مۇنداق يازغان:

    ناخشا قولاققا پايدا قىلدۇ، ئۇسسۇل كۆزگە شىپا قلىدۇ ، نەشىنمڭمۇ پايدا قلىدىغان ، كۆڭلنى تېچلاندۇردىغان ، مڭىنى ئارام ئالدۇردىغان تەرىپى بار ، شۇڭا ئامرىكىدىكى 17شىتاتتا نەشىنى دوختۇر بويرۇپ بەرگەن بولسا دوختۇرنڭ ئسىكراپ قەغىزى بولسا ئاممۋى سورۇندا ئولۇرۇپ چەكسىمۇ بولۋىۋېردۇ ، مەن ئىسلامغا ئەشەددى ئۆچ ، ئەمما ئويغۇرنڭ ۋە ئىسلامنڭ ھەمما پەرىزلىرىگە ئىتائەت قېلمەن ، مېنڭ بىلىشمچە قۇرئاندا كەيىپ ساپادىن نېرى تۇرۇشنى ئييتقان ، چىلىم دەل شۇ كەيپ تۈرىگە كېردۇ دەپ قاريمەن ، بىچارە مىللىتمىزنڭ ھلىغىچە مانى قلىسا بولدۇ ، مانى قلىسا بولمايدۇنى ئايرىيالماي ئۆز نەپسى ئۈچۈن خۇدانى ئالداشىتىنمۇ يالتايماي يالغان ئېيتۋاتقېنىغا ئېچىنمەن … مەن ئۆمرۈمدە بىرەر قېتىم مەسىچىت دېگەن يەرنڭ بوسۇغىسىغا دەسسەپ باقمغان ، ئەمما مەندە ياخشى يامان قلىش قلىماسلىق توغرىسىدا تارازا بار … تاماكا چەكمەيمەن ،ھاراقنى ئاندا ماندا ئچىىپ قويىمەن . ئۆيدە ھاراق ساقللايمەن ، ئەمما ئچىكۈدەك ئش بولسا ئچىمەن … بىچاردە ئۆزىنى مانچە دەرىجىدە موسلمان چاغلاپ خەلىقمىزنڭ كۆزىنى ئالداپ يۈرگەن قارى ھاجىملارنڭ نەشىنى ھالال قلىۋالغىنىغا ھەيرانمەن …ئادەت ، خومار ، يۆلىنىش پەيدا قلىدىغان نەرسە ئەجەبا ھارام ئەمەسما ؟!؟

    • گۈلبەر مۇنداق يازغان:

      كىمنىڭ ھەق كىمنىڭ باتىلدا ئىكەنلىكى تاڭلا ئاسماندىكى قۇياشتەك ئايان بولىدۇ. شۇ چاغدا ، سىزمۇ ئۆزىڭىز ئۆچ بولغان ‹‹ ئىسلام ›› ، ئۆمىرىڭىزدە دەسسەپ باقىمغان ‹‹ مەسچىت ››، نەزىرىڭىزدىكى ‹‹ بىچارە ›› ھېسابلانغان ئۇيغۇرنى قايتىدىن تونۇيسىز…

    • روھچىن مۇنداق يازغان:

      ما ئاداش ئانچە- مۇنچە ئىچىۋالغان ھارىقىدا مەس كىرىپ ئىنكاس يېزىۋاتامدۇ

  37. 4تادۇ مۇنداق يازغان:

    چىلىمنىڭ ھاراملىقىنى 4-ئاينىڭ 29- كۈنى جىگدىلىك مەسجىدىدە ئېلان قىلدى ۋە ئۇشبۇ پەتىۋانى ئۇستاز-ئۆلىمالاردىن ئالغانلىقىنى ھەم ئېيتتى.

    كۆپ كىشىلەر ئۆزى ئىستىمال قىلماقچى بولغان مەلۇم بىر نەرسىنى ئۇ يەرگە پايدا قىلىدىكەنغۇ، بۇ يەرگە پايدا قىلىدىكەنغۇ دېگەن دەۋا بىلەن ئۆزىگە يوللۇق ساناشماقچى بولىدۇ ۋە ھەتتا ئۆزى كاتتا كۆرگەن بىر قانچىلىغان كىشىلەرنى ۋە ياكى شەھەرلەرنى شىپى كەلتۈرۈشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئاشۇ كېسەل يەرلىرىگە (ئەمەلىيەتتە ئۇلاردا كېسەل يوق، بار دېيىلسە قەلبى كېسەل) ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ۋە شۈبھىسىز دورىلارنىڭ بارلىقىدىن بىخەۋەر ياكى بىلسىمۇ ئۇنىڭدا ئۆزى ئىستىگەن كەيپ، مەستخۇشلۇقلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەگىپ ئۆتۈپ ئۆزى ئىستىگەننى يوللۇق قىلماقنى ئويلايدۇ.

  38. ئارمان مۇنداق يازغان:

    نمە كىسەلگە پايدا قىلىدۇ كىم بلىدۇ ؟

  39. كامىل مۇنداق يازغان:

    چىلىم چىكىش ئەگەر كىسەل داۋالاش ئۈچۈن بولسا نىمىشقا مىللى تىبابەت دوختۇرخانىللىردا پەيدا بولماي غەرىپچە تاماق بىرلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى ئاشخانىلاردا پەيدا بوپ قالدى؟نىمىشقا ئاددى ئۇسۇل بىلەن كىسەلنى ساقايتىشقا ئىھتىياجلىق تۆۋەن كىرىملىكلەر ئارىسىدا پەيدا بولماي يۇقىرى ئىستىماللىق كىشىلەر ئارىسىدا پەيدا بولدى؟نىمىشقا تەقۋا ياخشى كىشىلەر ئەڭ كۆپ كىردىغان ئاشخانىلاردا پەيدا بولماي كىرىپ چىقىۋاتقانلارنىڭ قانداق ئادەملىكىگىمۇ ياخشى باھا بەرگىلى بولمايدىغان گۇڭگا سورۇنلاردا پەيدا بولدى؟ دىنىمىزدا ئىتتىپاقلىق پەرىز ،ۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزدىغان (جەمىيەتتە ئىسپاتى تولۇپ يىتىپتۇ،جۈملىدىن ھاجىملىرىمىز گۇمانلىق نەزەرگە ئۇچراپتۇ)زىيانلىق ئۆسمىنى ئاقلاش كامىل مۇسۇلمانلارغا راۋا ئەمەس دەپ قارايمەن. كىسىلىگە شىپاھ بايلار سېتىۋىلىپ داۋالىنىشقا تامامەن قادىر،شۇڭا بۇ تەرپىنى بۇ مۇنازىرگە دەستەك قىلىۋىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس

  40. ئارسلان مۇنداق يازغان:

    توۋا ،مىڭ توۋا ،ئوچۇقتىن ئاشكارا مەن ئىسلامغا ئۆچ دىگەن ئۇيغۇرنى تۇنجى كۆرۈشۈم! تېخى ئۇيغۇرنىڭ،ئىسلامنىڭ ھەممە پەتىۋالىرىغا ئەمەل قىلارمىش! توۋا توۋا! غەرق مەس بولۇپ كوچىدا ياتقان ئۇيغۇرنىڭمۇ ئۆزىنى كاپىر! دەپ تىللاپ قويغان كىشىنى قوغلاپ سۈرۈپ كەتكىنىنى كۆرگەن! غەيرىتىڭگە ئاپىرىن ئوغاۋالا! مۇشۇ ئاغزىڭ قىڭغىر كەتمىسە مېنى ئىزدە!

  41. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ بىر ئىغىز سۆزۈم باشقىلارنىڭ مەملىكىتىگە باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا بەكلا ھەۋەس قىلىپ كەتمەيلى كەئىبە ھەرەمدە بولسىمۇ ئىتقاد ئىمان ئۇيەردە بولىشى ناتايىن ئىمان ئىتقاد پەقەت ئۆزىمزنىڭ دىلىمىزدا، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە قاراقۇيۇق كىرىپ كەتمەيلى.

بەگمۇراد 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟