نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > تارىخ - مەدەنىيەت
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخىي تەسىرى

 

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخي تەسىرى توغرىسىدا  دەسلەپكى ئىزدىنىش

مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل

كىرىشمە: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن موڭغۇل مەدەنىيىتى بۈيۈك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. موڭغۇل مەدەنىيىتىگە، جۈملىدىن موڭغۇل تارىخىغا ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى باشلامچى قىلغان ھالدا  كەڭ دائىرىدە، زەنجىرسىمان ۋە ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز . بۇ  خىل تەسىر تىل – يېزىق جەھەتتە، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ۋە سىياسىي- ئىجتىمائىي جەھەتلەردە كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ.

ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ << تۇركىي تىللار دىۋانى>> دىكى “ خاقانىيە تىلى“ ياكى ”كاشىغەر تۇركچىىسى ”دەپ ئاتالغان ئەينى دەۋىردىكى ئورتاق ئۇيغۇرئەدەبىي تىلى بولسۇن ۋەياكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بولسۇن، موڭغۇل تىل لوغىتىگە  سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، موڭغۇل تىلىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تىلى تەركىبلىرىنى ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭدىن ، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى ئوخشاشلا ئۇرال -ئالتاي تىللىرى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ تىللار بولغاچقا، ئەسلىدىن ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن تىل ساقىندىلىرىنىڭ ئىپادىسىنى؛ ئىككىنچىدىن، تارىختا ئۇرخۇن-سېلىنگا ۋادىسى ۋە كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆتكەن كۆك تۈرك خانلىقى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، قارا خانىلار سۇلالىسى قاتارلىق خاندانلىقلار دەۋرىدە، نۇرغۇن موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ  تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياكى قوشنا بولۇپ ياشىغانلىقى سەۋەپلىك، مەدەنىيەتتە بىر قەدەر ئىلغارراق بولغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان تىل ئىلمىنىتلىرىنىڭ موڭغۇل تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى؛ ئۈچىنچىدىن، چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كىيىنكى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇر تامغىچىسى ( باش كاتىپى ) تاتاتۇڭادىن باشلاپ، ناھايىتى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىم- زىيالىلىرىنىڭ موڭغۇل خان ئوردىسىغا ۋە ھەر  قايسى ئىلىكخانلىقلارغا جەلىپ قىلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ پۈتكۈل موڭغۇل ئىمپىريېسى تەۋەسىدە ( ئەسلىدىكى سۇڭ سۇلالىسى – ئوتتۇرا ئىقلىم رايونىدىن باشقا )  رەسمى ھۆكۈمەت يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى سەۋەپلىك ناھايىتى نۇرغۇن ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنىڭ موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى؛ تۆتىنچىدىن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن ھۆكۈم سۈرگەن چاغاتاي خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ئىلىخانىيلار قاتارلىق خاندانلىقلار دەۋرىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ موڭغۇل تىلىغا تېخىمۇ كۆپلەپ سىڭىپ – ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

1. تىل – يېزىق جەھەتتىكى تەسىرى

ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل تىل – يېزىق مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ :

بىرىنچى باسقۇچ - چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن ئاۋۋالقى تەسىر باسقۇچى .

ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى  ئۇرال – ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە تىللار بولغاندىن تاشقىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللار ئۇزاق قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ سىبىرىيە، ئۇرخۇن – سىلىنگا دەرياسى بويلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئارىلىشىپ ياشىغاچقا، تىل-تاۋۇش، تىل ئىشلىتىش جەھەتتە خېلى كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە. بۇنىڭغا بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دىنمۇ نۇرغۇن تىل پاكىتلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل تىللىرىدا ھايۋانات ناملىرىنى  ئوخشاش ئاتايدىغان سۆزلەر خېلى كۆپ. مەسىلەن: ئات، ئايغىر (ئازغىر)، جىرغا، بۇغرۇل، يورغا، ئارغىماق، بۇتا – بۇتىلاق، بۇقا، بۆكەن، جەرەن، بۇغرا، شۇڭقار، بۈركۈت، تاخىيە (تاقاغۇ-تۇخا) قاتارلىق. يەنە ، جاھانگىر، ئاقساقال، بابا، باخشى، جادۇ(جادۇگەر) قاتارلىق سۆزلەرمۇ ئىككى تىلدا ئوخشاش مەنىگە ئىگە. كىشى ئىسىملىرىدىن ئارسلان، تۆمۈر، باتۇر، بارس قاتارلىقلارمۇ  ئىككى مىللەتتە ھازىرغىچە ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلماقتا.<1>

ئىككىنچى باسقۇچ – چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىنكى موڭغۇل ئىمپىرىيىسىدە ئۇيغۇر ئىلىمدارلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش باسقۇچى.

چىڭگىزخان مىلادىيە 1204-يىلى ئالتايدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، نايمان خانى ئىنانچ بىلگە خاننىڭ ئوغلى تايانخان چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تايانخاننىڭ ئۇستازى ۋە تامغىچىسى ئۇيغۇر تاتاتۇڭا چىڭگىزخانغا ئەسىرگە چۈشكەن. چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ بېكىتكەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇللاردا يېزىق يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەندى ، موڭغۇل بەگلىرىنىڭ ، جۈملىدىن پۈتۈن موڭغۇل قۇۋمىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلىرى، يارلىقلىرى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىدىغان بولدى. <2> مىلادىيە 1211-يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارتتېكىن موڭغۇل ئىمپىريېسىنىڭ قۇرۇلۇن دەرياسى بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كىيىن، <3>  ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى موڭغۇل ئىمپىريېسىنىڭ دۆلەت ئشلىرىنى  باشقۇرۇشقا جەلىپ قىلىندى. كېيىن يەنە، ئۇيغۇر ئالىمى چۇس كىخودزىر يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قوبلاينىڭ دۆلەت ئۇستازى بولدى. ئۇ تاتاتۇڭا چىڭگىزخان دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان ‹‹ كونا موڭغۇل يېزىقى » نى ئىسلاھ قىلىپ ، موڭغۇل تىل-تاۋۇشىنى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان << يىڭى موڭغۇل يېزىقى >> نى  شەكىللەندۈردى . ئۇ تۈزگەن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى « موڭغۇل  يېزىقى ئېلىپبەسى» موڭغۇل مىللىتىنىڭ يېزىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ( چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن، مانجۇلارمۇ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقىنى شەكىللەندۇرۇپ قوللاندى ).  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنزاڭ ، ئوردۇتېكىن ، ئەنسارى قاتارلىقلار جۇڭگۇ كلاسسىك ئەدەبىياتى ، كۇڭزى ئەھكاملىرى ۋە تىبەت تىلىدىكى بۇددا نوملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى . بيەنلۈ ، ليەنشىگۇاڭ ، لۇلۈ ، شىسەن ، پراجناشرى قاتارلىقلار ‹‹ رەسساملىق ھەققىدە مۇتالىيە ›› ،‹‹ ئالتۇن خەتلىك بۇددا نوم ››، ‹‹ كلاسسىك قامۇسنامە ›› قاتارلىق كىتابلارنى يازدى ياكى تۈزدى.  شۇ دەۋردە يەنە، كاپيان سالى ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى›› نى خەنزۇ تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا تەرجىمەقىلدى. <4>  ﺷﻪﻣﺴﯩﺪدﯨﻦ ( 1277 – 1351 ) ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ تارىخي ئەھۋاللارنى ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ « چېن ئەيزۇڭ توغرىسىدا خاتىرە » ، « جېڭدا يىللىرىدىكى ۋەزىرلەرنىڭ تەرجىمھالى » ، « غەربىي يۇرتلۇق يات تائىپىلەرنىڭ تەرجىمھالى » ، « غەرىپتىكى ئەللەرنىڭ خەرىتىلىك تەپسىراتى » ، « جىنياڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ھەققىدە » ، « دۇڭياڭ تەپسىراتىنىڭ داۋامى » قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەرنى يازدى. قاڭلى توقدۇ ئوردىنىڭ پەرمانى بىلەن مىلادىيە 1343- 1345 – يىللىرى تارىخشۇناس سارابانى ۋە ساكياقايا بىلەن بىرلىكتە « لياۋ سۇلالىسى تارىخى » ، « جىن سۇلالىسى تارىخى » ، « سۇڭ سۇلالىسى تارىخى » نى يېزىشقا مەسئۇل بولدى.ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻦ 1288 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ « ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﺍﺗﻰ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﺎ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1303 – ﻳﯩﻠﻰ 600 ﻗﯩﺴﯩﻢ ، 1300 ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ . بۇلاردىن باشقا ، ئارىق ھىيا، راببىن سائۇما ، نەسىردىن ، سەئدۇللا ، توقلان ، شى شى ، شۆ چاڭفۇ ، ما زۇچاڭ ، گۈەن يۆەنشى قايا ، كۇكۇن ، ليەن شىشەن ، سارابان ، ئارىق قايا ، يۈلۈن تۆمۈر ، سۇجىس ، شىيبان ، يۇچۇرۇچ قايا ، نىزەر ، چاقاي ، سادمىش ، قۇسقۇي ، قاتارلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر سەركەردىلەر ، دىپلوماتلار ، پىداگۇكلار، تىلماچلار ، يازغۇچىلار ، شائىرلار ، رەسساملار ، ئەمچىلەر(تېۋىب – دوختۇرلار) يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ) بېيجىڭ ( دا ئولتۇراقلىشىپ ، خانلىق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى . موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان ئېلخانىلار (مىلادىيىنىڭ 1258 – يىلىدىن 1388 -يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ  يارلىقلىرى، ئالاقىلىرى ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن  ئۇيغۇر يېزىقى ۋە پارس يېزىقىدا يېزىلغان بولسا، چاغاتاي خانلىقى(1370-1321) بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى (1502-1227) دا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر تىلى رەسمىي ‹‹ دۆلەت تىل-يېزىقى›› بولدى. بۇ يېزىق كىيىن«چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى»، يېزىق تىلى-ئەدەبىي تىل«چاغاتاي تىلى»دىيىلىدىغان بولدى. (مۇڭكۇخان 1254-يىلى 8-ئاينىڭ18-كۇنى فىرانسىيەدىن  ئەلچىلىككە كەلگەن رۇبرۇك ئارقىلىق فىرانسىيە كارۇلى لۇئې 9-غا ئېۋەتكەن خېتىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان.) چۈنكى بۇ چاغدا، چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللار ئۇيغۇرلار، تاتارلار، قىپچاقلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ تۈركلىشىپ، ئېتىقاد جەھەتتىن ئىسلام دىنىغا كىرىپ بولغانىدى. <5>  دېمەك، يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغان، ئۇمۇملاشقان بولسا، چاغاتايخان دەۋرىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدىن باشلاپ، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقى ئۇمۇمىيۈزلۈك قوللىنىلدى.

ئۈچىنچى باسقۇچ - موڭغۇل نەسەبلىك تۈركلەشكەن چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان خانلار دەۋرى، يەنى  موغۇلىستان خانلىقى ، ئالتۇن ئورداخانلىقى، ئېلخانىلار، بابۇرموغۇل ئىمپىرىيىسى، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق خانىدانلىقلار دەۋرى.
بۇ باسقۇچتا تېخىمۇ كۆپ موڭغۇل قەبىلىلىرى، بولۇپمۇ ھۆكۈمران تەبىقىدىكى موڭغۇللار  ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللۇنۇش بىلەن بىر چاغدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد يادروسى بولغان ئىسلام دىنىنىمۇ قوبۇل قىلدى، ئاندىن تەدرىجىي تۈركلىشىش – ئۇيغۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، نەتىجىدە، چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن تاكى  16 – ئەسىرلەرگىچە بولغان ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋردە، نۇرغۇنلىغان تۈركلەشكەن-ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل نەسەبلىك داڭلىق خان-پادىشاھلار مەيدانغا چىقتى. مەسىلەن: بېرىكىخان، تارماشىرى(ئالاۋۇدۇن)، خىزىرخان، تۇغلۇق تۆمۈرخان، ئۇۋەيىسخان، ئاقساق تۆمۈر(تۆمۈرلەڭ)، يۇنۇسخان، مەخمۇدخان، ئوبۇلخەيرىخان، مۇھەممەد بابۇرخان، سەئىدخان ۋاھاكازالار… بۇ ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتنىڭ ئۆزلىرى بويسۇندۇرغان، لېكىن ئۆزىدىن مەدەنىيەت جەھەتتە كۆپ ئىلغار بولغان مىللەتلەرگە يۇغۇرۇلۇپ-سىڭىپ كەتكەنلىكىنىڭ تىپىك مسالى بولالايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەكەن، قاغىلىق، پوسكام ، مەكىت، مارالبېشى، يۇپۇرغا، ئاۋات، شايار، كورلا قاتارلىق جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئايرىم توپ-قوۋملەر ۋە موغال ئىسىملىك يۇرت-مەھەللىلەر بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى.  بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي يېزىقى دىگەن نام بىلەن تۈركلەشكەن ۋە تۈركلىشىۋاتقان موڭغۇللار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشتى. خۇددى ئەينى زاماندا، ئۇيغۇر پىسخۇلۇگ (شامان دىنى باخشىلىرى) لىرى ئوتتۇرا ئىقلىمدا ”بوشى“ دەپ ئۆزلەشكەندەك ، ئۇيغۇر تىلىدىن قاغان، خان، خاقان، خاتۇن (خانىش )، ئالتۇن بىكە، ئا لتۇن ئۇرۇغ (شاھزادە-مەلىكە)، ئالتۇنلۇق (خان-پادىشاھلار مازىرى)، بىلىگ، بىتىگ، يارلىغ قاتارلىق سۇز-ئاتالغۇلار ئۇز ئەينى بويىچە موڭغۇل تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتتى. مۇشۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ، تىل-يېزىقنىڭ تەسىرىدە، چاغاتاي دەۋرىدىن تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ، چاغاتاي ئۇيغۇريېزىقى، ئەرەپ يېزىقى، پارىس يېزىقى قاتارلىق  تىل-يىزىقلاردا ئەدەبىيات-سەنئەت، تىبابەتچىلىك، ھەرخىل ھۈنەر-كەسىپ، تارىخ-تەزكىرە قاتارلىق مەزمۇنلاردا ناھايىتى كۆپ قىممەتلىك ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، پەقەت تارىخ-تەزكىرە مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەردىن: جامالقارشى قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە چاغاتاي دەۋرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەر __ « سۇراھ لۇغىتى » نى روياپقا چىقاردى. سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھرىدە تۇغۇلۇپ، سەككىز يېشىدىن باشلاپ سەمەرقەندتە ياشىغان ئىبنى مۇھەممەد ئەرەبشاھ ( 1392 – 1450 ) « ئاجايىبۇل مەفتۇرخناۋائىبول تېمۇر » نامىلىق ئەسەرنى، ماۋارائۇننەھىردە ياشىغان سۈرىيىلىك نىزامىدىن شامى 1404 – يىلى « سەفەرنامەئىي تېمۇر » ناملىق ئەسەرنى، شەرىفىدىن ئەلى يەزدى 1425 – يىلى « زەفەرنامە » نامىلىق ئەسەرنى، ھافىز ئەبرۇ « زەبدەتۇل تەۋارىخ » ناملىق ئەسەرنى،  ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﻟﯩﻚ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺯﺯﺍﻕ « ﻣﻪﺗﻠﻪﺋﯘﺳﺴﻪ ﺋﯩﺪﻩﻳﯩﻦ ﯞﻩ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﻝ ﺑﻪھرﻩﻳﯩﻦ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺧﺸﻰ « ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﻧﯩﻴﻪ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ. زوھۇرىدىن مۇھەممەدبابۇر (1530-1483) «بابۇرنامە»نى، ئەبۇلغازى باھادىرخان (1603-1666) «شەجەرەئى تەراكىمە» ۋە «شەجەرەئى تۈرك» نى يازدى.

ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺧﺎنلىقى دەۋرىدە ﻣﯩﺮﺯﺍ مۇھەممەد ھەﻳﺪﻩﺭ ﻛﻮﺭﺍﮔﺎﻧﻰ ( 1499    1547 – ﻳﯩﻠﻰ) ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ «تارىخى رەشىدىي» نى ﻳﯧﺰﯨﭗ ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 200 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ …<6>

شۇڭا، مۇشۇ تارىخىي دەۋىرلەردە ئۇيغۇر تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن:

موڭغۇلچە ئۇيغۇرچە موڭغۇلچە ئۇيغۇرچە
Alag bulag ئالا-بۇلا Almas ئالماس
Altan ئالتۇن Alven ئالۋاڭ
Amguulang esen ئامان-ئېسەن Amereg ئامراق
Ara ئارا Aral ئارال
Arc ئارچا Arba ئارپا
Arslan arslang ئارسلان Arshan ئارشاڭ
Argumag ئارغىماق Argamii ئارقان
Argal ئارقار Aimag ئايماق
Ajirga ئايغىر Agsahal ئاقساقال
Bagshi باخشى Bal بال(ھەسەل)
Baatur باتۇر Baaturlig باتۇرلۇق
Bayan باي Bayalig بايلىق
Bayar بايرام Bagla باغلام
(Beleg(temdeg بەلگە Boran بۇران
Boshuh بوسۇغا Botuh بوتا(بۇتىلاق)
Booz بوزا Bulangqi بۇلاڭچى
Bulchung بولجۇڭ Bulung بۇلۇڭ
Bulgun بۇلغۇن Bughdai بۇغداي
Buurul بۇغرۇل Buh بۇقا
Belkuus بەل Boedun بۆدىنە
Boejung بۆجەن Boekung بۆكەن
Boeljirghen بۆلجۈرگەن Boelgunchilchi بۆلگۈنچى
Boeer بۆرەك Boert بۆرە
Burgud بۈركۈت Daah داغ
Dald دالدا Devter دەپتەر
Dogui دوغا Dolgaan دولقۇن
Dolgaalh دولقۇنلىماق Dulguu دوبۇلغا
Dudungneh دۇدۇقلىماق Dairui دەررۇ
Doex دۆش Gadarlig گەۋدىلىك
Kuwr قەبرە Hart-Hurt خارت-خۇرت
Khan خان-خاقان Jangar جاھانگىر
Jad جادۇ-جادۇگەر Jilga جىلغا
Jeren جەرەن Har قارا
Khokukhe كاككۇك Hargai قارىغاي
Heglig كەكلىك Kerchim كىسىم
Hereg كېرەك Hongshar كومشار
Koek كۆك Koek كۆكرەك
Koev koek كۆپكۆك Kuq كۈچ
Kuqutai كۈچلۈك Kiqig كۈچۈك
Hurai قورۇ Hudug قۇدۇق
Nam-jim لام -جىم Mal مال
Malhlai مالىخاي Manan مانان
Maigag مايماق Magtaad ماختاش
Minik مېنىڭ Mergen مەرگەن
Moeq مۈچە(ئۇگە) Moerv مۈرە
Mix مۈشۈك Nogtu نوختا
Osal ئوسال Ogul ئوغۇل
Balta پالتا Burtsug پۇرچاق
Burhuh پۈركىمەك Tozang Toos چاڭ -توزان
موڭغۇلچە ئۇيغۇرچە موڭغۇلچە ئۇيغۇرچە
qereg چىرىك qehir چېقىر
Qidemgai چىداملىق Qimhi چىمدىم
Qimhih چىمدىماق Qirai چىراي
Qirailig چىرايلىق Qivi چىۋى
qog چوغ Qohum چوقۇم
qohur چوقۇر qoka چوققا
qulvur چۇلۋۇر qoel چۆل
qoeldh چۆلدىمەك Qochih چۆچىمەك
Qochaah سالماق Sunagaad سۇنايلاپ
Salhi Salhin سالقىن Saelhin سەلكىن
Saerimseg سامساق Tataad تارتىپ
Sav ساي Tal تال
Saah ساغماق Talen تالان-تاراج
Sahel ساقال Talh تالقان
Solgai سولخاي Taemhi تاماكا
Su سۇ Taemhichi تاماكىچى
Tamga تامغا Tah تاقا
Tavag تاپان Tajir تاقىر
Tatungga تاتۇق Tajirshih تاقىرلاشماق
Tarhu تارالماق Teng تەڭ
Tayag تاياق Tengshi تەكشى
Taegan تايغان Tegshileh تەكشىلىمەك
Tor تور Tulum تۇلۇم
Tohum تۇقۇم Tulumchilen تۇلۇمچىلىماق
Tohuh توقۇماق Tomuu تۇمۇ
Togus توز Taeskaen تەسكىن
Toel تۆل Toelleh تۆللەش
Toemur تۆمۈر Tum تۈمەن
Ur ئۇرۇق Udum ئۇدۇم(ئۇدۇم قالماق)
Ulir ئۇلار Uqiraad ئۇچراپ
Uchiraah ئۇچراشماق Ochi Ochin ئۇچقۇن
Uzum ئۈزۈم Shalvur شالۋۇر
Xikir شېكەر Shamalh شىمايلىماق
Sheveneh شىۋىرلىماق
Xivi Xivir شىۋىر-شىۋىر
Shurgun شىۋىرغان
Sorh شوراش
Shorvug شورلۇق
Shat شوتا
Shonghur شۇڭقار
Zurh يۈرەك
Zuu يۈز
Jorga يورغا
Yos Yosun يوسۇن
Ixihireed ئىسقىرتىش
Evleg ئەپلىك
Evleh ئەپلىمەك
Er ئەر
Erh ئەرك Oesvur ئۆسمۈر

<7>

يۇقارقى سېلىشتۇرما سۆزلۈك -موڭغۇل تەتقىقاتچىسى يىلىياستۇ ئەپەندىنىڭ ‹‹ئۇيغۇرچە ۋە موڭغۇلچە ئاھاڭداش، مەناداش سۆزلەر›› ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، بۇ سۆزلۈكلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمىنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدىن، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئارقىلىق ئەرەپ-پارىس تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ..(بەزى لوغەت -قامۇسلاردا بىزنىڭ نۇرغۇن سۆز-ئاتالغۇلىرىمىز پارىس ۋە ئەرەپ تىللىرىغا تەئەللۇق قىلىۋىتىلدى. ۋاھالەنكى، 16 -ئەسىردىن تاكى 20 -ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر، ئوسمانلى ئىمپىريېسىنىڭ ئەرەپ، پارىس تىللىق خەلىقلەرگە ئىلگىرى-ئاخىر  بولۇپ 5 ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى سەۋەپلىك تۈركىي تىلنىڭ ئەرەپ، پارىس تىللىرىغا كۆپلەپ سىڭىپ-ئۆزلىشىپ كىرگەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك  ،ئەلۋەتتە. ) بەزى تارىخشۇناسلار چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى نەسەبىنى قىيات قەبىلىسىگە باغلاپ، قىيات، ئۇيرات، بارلاس، دۇغلات، جالايىر، قوڭغىرات قاتارلىق مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنى تەكتى-يىلتىزى تۈركىي قەۋىمگە تەئەللۇق قەبىلىلەر قاتارىدا تەتقىق قىلىۋاتقان، مۇشۇ قەبىلىلەرنىڭ چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا بىللە كەلگەنلىكىنى ،  نۇرغۇن تۈركىي سۇزلۈكلەرنىڭ موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلەشكەنلىكىدىكى مۇھىم ئامىل دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ، ۋاھالەنكى، بۇ خىل تەتقىقاتلاردىن تېخى ئاخىرقى يەكۈن چىقىرىلمىدى. تارىختا خاتىرلىنىشىچە<8>،  چىڭگىزخان تۈركى خەلىقلەرنى ئەمەس، بەلكى، موڭغۇللارنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادىنى تىكلەپ، تارقاق موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر موڭغۇل مىللىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇچۇن ھەر تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ، دۇنيانى لەرزىگە سالىدىغان بۈيۈك موڭغۇل ئىمپىريىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تارىختا ”تەڭرىنىڭ ئەركىسى“ دىگەن ئالەمشۇمۇل نامغا ئىگە بولغان.

تارىخى پاكىتلاردىن ئايانكى،پۇتكۇل مۇڭغۇل ئىمپىريىسى دەۋرىدە،مۇڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر ئالىم-ئۇلىما،زىيالىلىرىنىڭ  تەسىرىدە،مۇكەممەل بىر يېزىققا ئىگە بولدى،خان ئوردىسىدىن تارتىپ پۇتكۇل مۇڭغۇل ئىمپىريېسى تەۋەسىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسلىق يېزىق ئالاقە قۇرالىغا ئايلاندى.<9>.

2 . دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى تەسىرى

قۇبلايخان چىڭگىزخاننىڭ ئورنىنى بېسىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ خاقانى بولغاندىن كېيىن، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللۇنۇشنى داۋاملىق ئۇمۇملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، موڭغۇللار ئىچىدە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن،  مۇڭكۇخان تەخىتتىكى چاغدا، يەنى 1246 -يىلى، ئۇ تىبەتتىكى بۇددا دىنىنىڭ ساجا مەزھىپىنىڭ 4 -ئەۋلاد پىشىۋاسى سابان بىلەن لياڭجۇ دىگەن جايدا ئۇچرۇشۇپ، ساباننىڭ پۈتكۈل تىبەت رايۇنىدىكى بۇددا دىنى راھىبلىرىنىڭ داھىيسىلىق ئورنىنى بېكىتىپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى. قۇبلايخانمۇ شۇ ئاساستا يەنە ساجا مەزھىپىنىڭ 5-ئەۋلات پىشىۋاسى باسباغا ئوردا ئۆلىماسىلىق مەرتىۋىسىنى بېرىپ، باسبانى پۈتكۈل يۈەن سۇلالىسىسىنىڭ بۇددا دىنى ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئەسلىدە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان موڭغۇللار  تەدرىجى يۇسۇندا بۇددا دىنىنىڭ ساجا (لاما) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىشقا يۈزلەندى. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىدىكى نۇرغۇنلىغان بۇددا دىنى ئۆلىما-راھىبلىرى يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ھاكىمىيەت  ۋە بۇددا دىنى ئىشلىرى بۇيىچە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلدى. پەقەت  1328 – يىلى ۋە 1329 -يىلىلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىدىن 108 نەپەر راھىب خانبالىقتىكى ساڭرام – بۇتخانىلارغا راھىپكالانلىققا تەكلىپ قىلىندى. قۇبلايخان يەنە ئوردىدا مەخسۇس ئۇيغۇر بۇددا دىنى سارىيى سالدۇردى. بۇنى تۇرپان ۋە دەشىتئاتا (دۇنخۇاڭ) دىن تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان، مەخسۇس موڭغۇل خان-پادىشاھلىرىغا ، مەلىكە-خانىشلارغا ۋە شاھزادىلەرگە قۇت-ئامەت تىلەش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان دۇئا-پۈتۈكلەرمۇ  ئاساسلايدۇ.

مۇڭكۇخان دەۋرىدە، تەرىقەت دىنى (داۋجياۋ) بىلەن بۇددا دىنى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، ھەر ئىككىلا دىننىڭ ئۆلىمالىرى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدە-ئەركانلىرىنى“ ئەڭ توغرا ھەقىقەت ”دەپ دەۋا-داۋراڭ قىلىشىدۇ. مۇڭكۇخان بۇ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇچۇن، 1256- يىلى ئىككى تەرەپنى مۇنازىرە قىلىشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ. نەتىجىدە، شۇ قېتىمقى مۇنازىرىگە ئىككى تەرەپتىن 300دىن ئارتۇق بۇددا دىنى ئۆلىماسى قاتناشقاندىن سىرت ، ئەتراپتىكى بۇددا دىنى ئەللىرىدىنمۇ ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، كەسكىن مۇنازىرە ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بۇددا دىنى تەرەپ يېڭىپ چىقىدۇ، بۇددا دىنى تەرەپنىڭ يېڭىپ چىقىشىدا ئۇيغۇر بۇددا ئۆلىمالىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. <10>

قۇبلايخان دەۋرىدە، 1285 – يىلىدىن 1287- يىلىغىچە قۇبلايخان «بۈيۈك بۇددا نومى» غا قارىتا بىر قېتىم چوڭ ھەجىمدە رەتلەش-تۇلۇقلاش ئېلىپ باردى. ئاساسلىقى تىبەت نۇسخىسىدىكى 1440 قىسىم، 5586 پارە بۇددا نوم ئارقىلىق خەنزۇچە نۇسخىدىكى بۇددا نومنى رەتلەپ توغرىلىدى، بۇ قېتىمقى بۇددا نومنى رەتلەپ توغرىلاشقا ھىندى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خەنزۇ قاتارلىقلاردىن  29 نەپەر بۇددا دىنى ئۆلىماسى ئىشتىراك قىلغان بۇلۇپ، بۇلارغا مىڭسۇسى، ئەنزاڭ، كاپيان سالى قاتارلىق ئۇيغۇرلار باشچىلىق قىلدى.<11> >

تارىخنىڭ چاقى ئىلگىرىلەپ  14 – ئەسىرگە كەلگەندە، يۈەن سۇلالىسى چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ، ئۇنىڭ تىرىتوريېسى دائىرسىدە مىڭ سۇلالىسى، چاغاتاي خانلىغى، ئېلخانىلار خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى قاتارلىق خاندانلىقلار بارلىققا كەلدى. بۇ دەۋردە، چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق يەرلىك خەلىقلەرنىڭ تەسىرىدە، ھۆكۈمران ئورۇندىكى موڭغۇللارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا يەنە بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش بولدى، يەنى چاغاتاي خانلىقى پارچىلانغاندىن كىيىن بارلىققا كەلگەن موغۇلىستان خانلىقىدا، تۇغلۇق تۆمۈر (1329-1369) تۇنجى بۇلۇپ، 1322-يىلى ئاقسۇغا كىلىپ، ئايكۆل دىگەن يەردە ئىمام جالالىدىننىڭ ئالدىدا ئىمان ئېيىتپ ئىسلام دىنىغاكىردى. ھەمدە 160مىڭ تۈتۈن(ئائىلە) موڭغۇلنى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ، تاغ-جىرا، يايلاقلاردىن چۈشۈپ، تۇزلەڭلىكلەردىكى دىھقانچىلىق رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇر قىلدى.<12> مۇشۇ دەۋردە، ئىسلام دىنىغا كىرگەن موڭغۇل خانلار ھەتتا تېخىچە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان قۇمۇل، تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلانىمۇ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ دەۋىردە يەنە، موغۇلىستان خانلىقى  غەربىي ۋە شەرقىي موغۇلىستانغا بۆلۈنۈپ، دېھقانچىلىق رايۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان موڭغۇللار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ يەرلىك ئۇيغۇر -تۈركىي خەلىقلەرگە قۇشۇلۇپ ئۆزلىشىپ كەتتى، تاغ-يايلاقلاردىكى موڭغۇللار بولسا ئەسلىدىكى بۇددا دىنى ئېتىقادىدا قېلىۋەردى. نەتىجىدە، ئىسلام دىنىغا كىرىپ ئۇيغۇرلاشقان-تۈركلەشكەن موڭغۇللار بەزى تارىخنامىلاردا ”موغۇل ”دەپ ئاتالدى. ئۇلار ئەسلىدىكى كۆچمەن چارۋىچى موڭغۇللارنى ”چاتاي(قاراقچى)“ دەپ كەمسىتسە، كۆچمەن چارۋىچى موڭغۇللار  ئۇيغۇر-تۈركلەشكەن موڭغۇللارنى“ قارا ئۇناس(شالغۇت)“ دەپ كەمسىتىدىغان بولدى.<13> بۇ دەۋردە شەرقىي موغۇلىستانغا دۇغلات قەبىلىسىدىن چىققان خان-سۇلتانلار، غەربىي موغۇلىستانغا بارلاس قەبىلىسىدىن چىققان خان-سۇلتانلار ھۇكۇمرانلىق قىلدى.

3. سىياسى ئىجتىمائى جەھەتتىكى تەسىرى

بۇ خىل تەسىر چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كىيىن باشلىنىپ، موغۇلىستان دەۋرىدە تېخىمۇ قۇيۇق ۋە گەۋدىلىك بولغان دىيىشكە بولىدۇ. بۇ مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتە ئىپادىنىدۇ :ئالدى بىلەن، چىڭگىزخان قاغان بولغاندىن كىيىن، ئۇ تاتاتۇڭا، چۇسكىخۇتزىر، مەڭگۈقايا قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئوردىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە، تامغا-مۆھۈردارلىق، بېتىك-دەپتەردارلىقنى (دىۋان كاتىباتلىقنى) يولغا قويدى؛ ئىككىنچىدىن، قاغان ئوردىسىدىن تارتىپ(ئەسلىدىكى سۇڭ سۇلالىسى -ئوتتۇرا ئىقلىم رايۇنىدىن باشقا)  ئېلىكخانلىقلارغىچە ئۇيغۇر خانىدانلىقلىرىدىكىگە ئوخشاش ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەسىس قىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، چاغاتاي خانىدانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ئىلخانىلار خانلىقى، موغۇلىستان خانلىقى قاتارلىق خانلىقلار دەۋرىدە، ئوردا-مەھكىمىلەردە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە ئۇيغۇر زىيالىلىرى قۇيۇلدى. ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەل-مەنسەپ ناملىرى ئىشلىتىلدى.

چىڭگىزخان مىلادىيە 1206- يىلى قاغان بولغاندىن باشلاپ،  موڭغۇل ئوردىسىغا توپلانغان ئۇيغۇر ھەربىي ئالىملىرى چىڭگىزخاننىڭ مىلادى 1215- يىلى جورجىت خانلىقى (1115- 1234) غا قىلغان يۈرۈشلىرىدە ھەربىي مەسلىھەتچى سۈپىتىدە قاتناشقاندىن تاشقىرى، چىڭگىزخاننىڭ مىلادىيە 1219- يىلىدىن 1225- يىلىغىچە داۋام قىلغان غەرب ۋە شەرققە قىلغان يۈرۈشلىرىگىمۇ مەسلىھەتچى بولۇپ باردى. چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
چىڭگىزخاننىڭ غەرىبكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە توراقايا  ، بۇلاد قايا قاتارلىق ئۇيغۇر سەركەردىلەرمۇ قاتناشقان . توراقايا چىڭگىزخاننىڭ  خارازىم شاھلار خانلىقىغا قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان بۇلۇپ ، ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەربىي ئالىم ئىدى. بۇلادقايا مۇ چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ كېيىن چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى تولىخاننىڭ ئۇرۇنباسارى بولغان.<14>
موڭغۇللار مىلادىيە 1279- يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، قوبلايخان يۈەن سۇلالىسى (1279-1368) نى قۇرغان، قوبلايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋرىدە (1279-1368) ئۇيغۇرلاردىن لەنششەن (مىلادىيەنىڭ 1231- يىل تۇغۇلۇپ، 1280 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، ساڭگا (؟-1291)،  ئەل ئۇقمىش (مىلادىيەنىڭ 1320- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، مەڭگۈتىكىن (13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، شايبان (مىلادىيەنىڭ 1197- يىلى تۇغۇلۇپ، 1276- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، موڭسۇر (13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، ئەختەرىدىن (13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن) قاتارلىق ئۇيغۇرئالىملار خان بالىقتا (ھازىرقى بېيجىڭدا) ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن<15>.
موڭغۇللار مىلادى 1279- يىلى پۈتۈن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، قوبلايخان يۈەن سۇلالىسىغا خان بولۇپ، خانبالىق( بېيجىڭ)نى پايتەخت قىلغان. لەنششەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قوبلايخانغا باش ۋەزىر بولغان.<16>.
يەنە شۇ دەۋردە، مەڭگۈتىكىن قوبلايخانغا ئۇستازبولغان، ئۇنىڭ تەربىيىسى نەتىجىسىدە، قوبلايخان موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەت قىلىدىغان شەخس بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
شايبان مەشھۇر، ئۇستا دىپلومات بۇلۇپ، ئوگدايخان بىلەن قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان، ئۇ مىلادىيە 1276- يىلى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن<17>.
ئەسلى خوتەنلىك ئۇيغۇر ئەھمەت قوبلايخانغا ۋەزىر بولغان.<18>

قۇبلايخان سەلتەنەت سۈرگەن دەۋردە، ئۇيغۇر بىناكارلىق ئالىمى ئەختەرىدىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايىتەختى خانبالىقنى(ھازىرقى بېيجىڭ شەھرى) نى قايتا لاھيىلەش، قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ تۆھپىسى جۇڭگو تارخ كىتاپلىرىدا قەيىت قىلىنغان.<19>
يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر خانلىرى قوبلايخان، مۇڭكۇخان، ئىسەنبۇقاخانلار دەۋرىدە (مىلادىيە 1270- يىلىدىن 1320- يىلىغىچە) مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى، دىپلومات ئەلئۇقمىش  1272- يىلىدىن باشلاپ ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىدىكى دۆلەتلەرگە بىرنەچچە قېتىم ئەلچى بولۇپ بارغان. ئۇ قايتىشىدا چەل ئەل ئەلچىلىرىنى باشلاپ ۋە شۇ دۆلەتلەردە چىقىدىغان دورا – دەرمەكلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باش ۋەزىر ئۇرۇن باسارى بولغان.

ئىقتىسادشۇناس ساڭگا، لەشكەرشۇناس ئېلقايا، كۇنجەك، چاغان تۆمۈر، مەھمۇد يالىۋاچ ، مەسئۇت يالىۋاچ (ئاتا – بالا) قاتارلىقلارمۇ ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان<20>.

راببىن سائۇما چىڭگىزخان دەۋرىدە مۇڭغۇل شاھزادىلەرگە ئۇستاز بولغان شايباننىڭ ئوغلى بولۇپ،ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ نىستىرىئان دىنىدا تەربىيلەنگەن ۋە كۆپخىل ياۋرۇپا تىللىرىنى ئۆگەنگەن  1287-يىلى ئېلخانىلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى ئارغۇن ئۇنى پۈتۈن ياۋرۇپاغا باش ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. سائۇما كونىستانتىنپولغا بېرىپ پادىشاھ ئاندرونكۇس 2نىڭ ئەتىۋارلىق مېھمىنى بولىدۇ. ئۇ يەردىن رىمغا بېرىپ كادىنال يېرۇمى بىلەن دىنىي مۇنازىرە يۈرگۈزىدۇ. ئۇ يەردىن پارىژ شەھىرىگە بېرىپ فىرانسىيە پادىشاھى فىلىپ فائىر6نىڭ قىزغىن ۋە داغدىغۇلۇق قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئارغۇن خاقاننىڭ خېتىنى ۋە سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرىدۇ. پارىژدا يېرىم ئايغا يېقىن تۇرۇپ فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بور شەھىرىگە بېرىپ ئەنگىلىيە پادىشاھى ئېدۋارد1بىلەن كۆرىشىدۇ. 1288 -يىلى سائۇما دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىدە پاپا نىكۇلاس4نىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىغىدىن خەۋەر تېپېپ ، قايتا رىمغا بېرىپ ، دۆلەت خېتى تاپشۇرىدۇ . پاپا ئارغۇننىڭ خىرىستىئان دىنىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىگىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ. ئۇ 1294-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بۇلغان<21>.

ئۇمۇمەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى چىڭگىزخان دەۋرىدىن باشلاپ تاكى 16-17-ئەسىرلەرگىچە موڭغۇل مەدەنىيىتىگە ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن بۇلۇپ، بۇ خىل تەسىر  ھاكىمىيەت باشقۇرۇش، لەشكىرى ئىشلار ، تىل-يېزىق ، دىۋان ئىشلىرى، دىپلۇماتىيە، مالىيە-ئىقتىساد ، تىبابەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگىچە ئەكىس ئىتىپ،تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.

تۈگەللىمە: ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ مۇناسىۋەت تارىخىنى مۇنداق بىرنەچچە دەۋىرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: قەدىمقى يىنسەي، ئۇرخۇن، سىلىنگا، سىبىرىيە، ئۆتۈكەن قاتارلىق پايانسىز تۈزلەڭلىك، يايلاقلاردا بىللە ياشىغان تۇغقاندارچىلىق خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت؛ كۆكتۈرك خانلىقى ، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، قارا خانىلار سۇلالىسى دەۋىرلىرىدىكى ئىناق قوشنىدارچىلىق خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت ؛ چىڭگىزخان، قۇبلايخان، چاغاتايخان قاتارلىقلار دەۋرىدىكى  ئۇيغۇرلارغا تايىنىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرىنى ئومۇمىيۈزلۇك قۇبۇل قىلىش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت ؛ تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدىن باشلانغان تۈركلىشىش-ئۇيغۇرلىشىش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت؛ جوڭغارلار (ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماي ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ساقلاپ قالغان موڭغۇللار) دەۋرىدىكى تەسەۋۇپچى سۇپى-ئىشانلارغا تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنى دەھشەتلىك ئىزىش-ئىكىسپۇلاتتاسىيە قىلىش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت ( بۇ يەردە موڭغۇل ھۆكۈمرانلار قاتلىمى كۆزدە تۇتۇلغان ؛) ؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوخشاشلا مەھكۇملۇقتا ياشاش ، تەقدىرداش بۇلۇش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت دىيىشكە بولىدۇ.  شىڭخەي ئىنقىلاۋىدىن كېيىن، بولۇپمۇ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتى قىرىنداشلارچە دوستلۇق مۇناسىۋەت ئاساسىدا ساغلام تەرەققى قىلماقتا.

يۇقارقىلاردىن كەلىمە ھاسىلات شۇكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇزاق دەۋىرلەردىن باشلاپلا، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، بۇلۇپمۇ جۇغراپىيىۋىي، تارىخىي ۋە سىياسى ئىجتىمائې سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بۇ خىل تەسىر ئوخشاشمىغان تارىخىي دەۋىرلەردە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇلۇپمۇ بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان. شۇ ۋەجىدىن بۇ ماقالىدا پەقەت مۇشۇ بىر نوقتا ئۇستىدىلا توختىلىشقا توغرا كەلدى.ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ قەيىت قىلىپ ئۇتۇش زۇرۇركى،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ خۇددى باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ئوخشاش تارىخى،جۇغراپىيىۋىي ۋە سىياسى ئجتىمائې سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن، باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ، مەسىلەن: ئەرەپ، پارىس، موڭغۇل، مانجۇ، خەنزۇ، ئۇرۇس، ھىندى، ئىنگىلىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەسىرلىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىپ كۈچەيتىپ كەلگەن. لىكىن جۇغراپىيىۋىي ۋە ھەرخىل تارىخىي، سىياسى ئىجتىمائې سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە پۈتۈنلەي قۇشۇلۇپ ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتمىگەن، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۇچىنى ئىزچىل ساقلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا، شۇنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەككى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيەت باغچىسىدىكى بىر رەڭدار گۈللۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن  خۇددى تارىختىكىگە ئوخشاش ھازىرمۇ ۋە كەلگۇسىدىمۇ ئۆزىنىڭ چەكسىز قۇدرەتلىك جەزبىدار ھاياتى كۈچىنى مەڭگۈ نامايان قىلىدۇ.

ئاپتۇرنىڭ ئۆزرىسى: ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخىي تەسىرى كۆپ تەرەپلىمە ۋە كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇماقالە پەقەت مېنىڭ دەسلەپكى ئۆگىنىش-ئىزدىنىشىمنىڭ ئازغىنە نەتىجىسىى بۇلۇپ، ئېنىقسزلىق، سەھۋەنلىك ۋە يىتەرسىزلىكلەردىن خالى بولالماسلىقى مۇمكىن. ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇ كۆزىدە قارىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

مەنبەئاچقۇچى:

<1> ئۇلانزالات:‹‹تۈركلەربىلەن موڭغۇللارئايرىلىشتىن بۇرۇنقى پاكىتلار››، ئۇلانزالات بلوگى، 2007 -يىل، 12-ئاينىڭ18-كۈنى.

<2> تۇجى (چىڭ سۇلالىسى): «مۇڭغۇل تارىخى»“تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى“، 3048 – بەت. جۇڭگۇ كىتاپچىلىقى، 1984- يىل خەنزۇچە نەشرى.

<3> جۇۋەينى(ئىران) : «جاھاننى بويسۇندۇرغۇچىلار تارىخى»، 50-49بەتلەر. ئىچكى مۇڭغۇل نەشىرياتى، 1980-يىل، خەنزۇچە نەشرى.

<4> تۇجى(چىڭ سۇلالىسى) :«مۇڭغۇل تارىخى»، 351 – بەت.

<5> ۋاڭ جىلەي: ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى››، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1999-يىل نەشرى.

<6> كۆﺭﻩﺵ ﺗﺎھىر : «ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىغىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى»، « كىتاب مۇنبىرى » ژۇرنىلىنىڭ 1999 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 – ، 2 – ﺳﺎنلىرى.

<7> ئۇلياستۇ:«ئۇيغۇرچە مۇڭغۇلچە ئاھاڭداش ۋە مەناداش سۆزلەر». ئىنتېرنىت، «ھون مۇنبىرى»، 2006-يىلى5-ئاينىڭ23-كۇنى.

<8>. ‹‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل نەشرى.

<9> جۇچى (چىڭ سۇلالىسى) : «مۇڭغۇل تارىخى» ”تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى“، 3048-بەت. جۇڭگۇ كىتاپچىلىقى، 1984-يىل خەنزۇچە نەشرى.

<10> ياڭ فۇشۆ: «ئۇيغۇرلار ۋە بۇددا دىنى»، 168-،170-بەتلەر. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1998-يىل خەنزۇچە نەشرى.

<11> تۇجى (چىڭ سۇلالىسى): «مۇڭغۇل تارىخى» ”تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى“،3048 -بەت. جۇڭگۇ كىتاپچىلىقى، 1984-يىل خەنزۇچە نەشرى.

<12> ليۇزىشياۋ: «ئۇيغۇرتارىخى»، 574 – بەت. مىللەتلەر نەشىرياتى، 1988- يىل نەشرى.

<13>ۋاڭ جىلەي: «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»، 326-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1999-يىل نەشرى.

<14>،<15>،<16>،<17>،<18>،<19>،<20> غەيرەتجان ئوسمان : «ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە»،117 -بەتتىن165-بەتلەرگىچە، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2002 – يىل نەشرى.

<21> «جۇڭگو بۈيۈك ئىنسكلۇپېدىيىسى»- جۇڭگوتارىخى – يۈەن سولالىسى تارىخى-   ”راببىن سائۇما قىسمى “ خەنزۇچە نەشرى، 56-بەت .
پايدىلانما ئاساسلىرى:
1. ئۇبۇلغازى باھادىرخان:‹‹شەجەرىي تۈرك››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2002-يىل،نەشرى.

2. ‹‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل نەشرى.

3. مەھمۇدكاشىغەرىي ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981 -يىل نەشرى.

4. ليۇزىشاۋ: « ئۇيغۇر تارىخى ». مىللەتلەر نەشىرياتى، 1988-يىل نەشرى.

5. مىرزامۇھەممەد ھەيدەر كۇراگان: « تارىخي رەشىدىي » . شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى ،2007-يىل نەشرى.

7. موللامۇساسايرامى: « تارىخى ھەمىدى ». مىللەتلەرنەشىرياتى، 1986-يىل نەشرى.

8. ۋ.ۋ.بارتولدى: ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا قىسقىچە تارىخى›› شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 1980-يىل خەنزۇچە نەشرى.

2008-يىلى 10–ئۆكتەبىر، كاشىغەر شەھرىدە يېزىلدى

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخىي تەسىرى

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    شۇنداق تەپسىلىي يېزىلىپتۇ. مۇشۇ ھەقتىكى بارلىق كىتابلارنى ئوقۇسىمۇ، ئاشۇنچىلىك بىر خاتىرە قالدۇرماق تەس.

  2. لوپنۇرى مۇنداق يازغان:

    ماقالىنى خېلى ئەتىراپلىق ئىزدىنىپ يېزىپسىز.سىز دەپ ئۆتكەندەك بۇ تەتقىق قىلىش توغرا كەلسە،بەك چوڭ تېما. ماقالىڭىزدىن نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بىلىۋالدىم. كىچىككىنە تەكلىپىم خۇلاسە قىسمىدا بىر نەچچە سۆزنى ئۈچ جايدا تەكرار ئىشلىتىپسىز.مەسىلەن: « جۇغراپىيىۋىي، تارىخىي ۋە سىياسى ئىجتىمائې سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بۇ خىل تەسىر ئوخشاشمىغان تارىخىي دەۋىرلەردە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. »، « تارىخى،جۇغراپىيىۋىي ۋە سىياسى ئجتىمائې سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن، باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ، »، «لىكىن جۇغراپىيىۋىي ۋە ھەرخىل تارىخىي، سىياسى ئىجتىمائې سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ » دېگەندەك،مومكىن بولسا ماقالىڭىزنى باشتىن-ئاخىر يەنە بىر ئوقۇپ،خۇلاسە قىسمىنى يەنە بىر ئىشلەپ كۆرسىڭىز.چۈنكى، خۇلاسە گەرچە قىسقا يېزىلسىمۇ،لىكىن ئۇ ماقالىنىڭ ئەڭ نىگىزلىك يېرى ھېسابلىنىدۇ.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟