نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئوقۇپ ئالىم بولغىنىڭدىن، داداڭنىڭ ھاكىم بولغىنى ياخشىمۇ؟

ئوقۇپ ئالىم بولغىنىڭدىن، داداڭنىڭ ھاكىم بولغىنى ياخشىمۇ؟

ماي بايرىمىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە پەرزەنتلىرى ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋە ئاللىقاچان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بىر قانچە ئاتا – ئانىلار بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىرلىشىپ قالدىم. سۆھبىتىمىز تازا ئەۋجىگە چىققاندا، بىرەيلەن ‹‹ بۇ ئىشلار ھەققىدە بىزنىڭ بۇ يەردە تالاش – تارتىش قىلىپ، ئاغزىمىزدىن كۆپۈك ئۆرلەتكىنىمىزنىڭ قىلچىلىك پايدىسى ۋە ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق. ئۆكۈنۈش توغرا كەلسە مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ مەنسەپ تۇتۇش يولىدا مېڭىپ، كىچىك بولسىمۇ بىرەر ئەمەلنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ قويمىغىنىمغا ئۆكۈنىمەن. شۇنچىلىك دىتىم بولغان بولسا ئىدى، بۇ ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى دەيسىلەر، بىر تېلېفون ياكى بىر شىرە زىياپەت بىلەنلا بالىنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ئاللىقاچان ھەل قىلىپ بولغان بولماي … ›› دېدى.

بالىنىڭ ياخشى ئوقۇشى ياكى ئوقۇماسلىقى، ياراملىق ئادەم بولۇشى ياكى بولماسلىقىنىڭ كارايىتى چاغلىق. مۇھىمى بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ ‹‹ ياراملىق ›› ياكى ‹‹ يارامسىز ›› بولۇشىدۇر. جەمئىيتىمىزدىكى خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەردە مۇشۇ خىل ئىدىيە ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، مانا مەن ھازىر سۆھبەت قۇرىۋاتقان بۇ بىر قانچە ئاتا – ئانىلاردىمۇ دەل مۇشۇ خىل ئىدىيە ھۆكۈمران ئىدى. ھەتتا ئۇلار بۇ خىل قارىشىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكلىرىگە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى مىساللارنى ئېلىپ سۆزلەپ كېتىشتى. مەلۇم بىر ئىدارە باشلىقىنىڭ ئەمدىلا تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئوغلىنىڭ ئۇياقتىن پۈتتۈرۈپلا بۇياقتىن بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىغا ئىشقا چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ھەتتا بۇ كارخانىدا نۇقتىلىق تەربىيىلىنىدىغان ئوبيېكتلار قاتارىدا ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ؛ يەنە قايسىدۇر رەھبەرنىڭ ئادەتتىكى ئوقۇش نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمىگەن قىزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا، ھەش – پەش دېگۈچە مەلۇم بىر بانكىغا ئىشقا چۈشۈپ كەتكەنلىكى؛ يەنە قايسىدۇر بىر شىركەتنىڭ خوجايىنىنىڭ نەچچە تۈمەنلەپ پۇل خەجلەپ بىر قانچە قېتىم سورۇن ھازىرلاپ، شاراب سورۇنىدا ئەركە بالىسىنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى توغرىلىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ كېتىشتى. بۇ گەپ سۆزلەر ئالدىدا مەن پەقەت ‹‹ ئاتىلارلا قولىدىن ئىش كېلىدىغان بولۇپ قالماي، پەرزەنتلەرمۇ ياراملىق، بىلىملىك بولۇشى كېرەك. بالا قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان لايغەزەل بولۇپ قالسا، ئاتىسى مىڭ نوچى بولۇپ كەتسىمۇ يەنە بىكاردۇ ؟! ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بىلەن، ئىشلىيەلەسىە ھېساب … ›› دېيەلىدىم.

مېنىڭ بىلىشىمچە، بەزى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ‹‹ يارامسىز ››، ئىستىقبالى يوق بالىلارنى ، بەزى قولدىن ئىش كېلىدىغان، ‹‹ دىتى ›› بار ئاتىلار ‹‹ ئىستىقباللىق ›› بالىلارغا ئايلاندۇرىۋېتەلەيدۇ. تاراتقۇلار دەل بۇ خىل ئەھۋال ئەدەپ قالغان بۈگۈنكى كۈنىمىزنى ‹‹ ئاتىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دەۋرى ›› دەپ ئاتىدى. ‹‹ جەنۇبلۇقلار ھەپتىلىك ژۇرنىلى، 南方人物周刊 ›› نىڭ بۇ يىل 4 – ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، شەخسنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى شۇ كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى شەرت بولسىمۇ، رىقابەت تولىمۇ كەسكىن بولغان ، ھوقۇق – نوپۇز دەۋران سۈرگەن ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى جاھاننى بىر ئالغان بۈگۈنكى كۈندە، قانچىكى ئادەتتىكى ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بالىنىڭ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتىدە ئېرىشىدىغان پۇرسىتى شۇنچىكى ئاز بولىدىكەن. ئادەتتىكى ئائىلىلەردىن، نامرات ئائىلىلەردىن چىققان بالىلارنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلار ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى ساھەلەرگە قانچىكى يېقىن ساھەلەردە بارغانسېرى ئىشلەش نېسىۋىسى قالمايدىكەن. ئاتىلارنىڭ ‹‹ ھوقۇقى ›› ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى مەلۇم خىل شەكىلدە ئاتىدىن بالىغا ‹‹ مىراس ›› شەكلىدە ئۆتىدىكەن.

بۇنىڭدىن خېلى ئىلگىرىلا يەنى 2006 – يىلى 8 – ئايدا شىنخۇا كۈندىلىك خەۋەرلىرى ( 新华每日电讯 ) گېزىتى دەل مۇشۇ ‹‹ ئاتىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دەۋرى ›› ھەققىدە توختالغان بولۇپ، خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتى نۆۋەتتە، پەيدىن پەي ئاتىلارنىڭ توپلىغان ئىجتىمائىي بايلىقى ( ھوقۇق، نوپۇز، كىشىلىك مۇناسىۋەت ) ۋە ئىقتىسادىي بايلىقى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە ئۆزگەرمەكتە. بەزى ياشلار ئاتىلىرى توپلىغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي دەسمايە بىلەن ناھايىتى ئوڭايلا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك ئىش ئورۇنلىرىغا ئىگە بولماقتا. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە يېزىلاردىن كەلگەن، ئاددىي ۋە نامرات ئائىلىلەردىن چىققان ياشلار ئىش ئىزدەش جەڭگاھلىرىدا ھە دېگەندە مەغلۇب بولۇپ باشلىرى چۈشمەكتە. بۇ خىل ھالەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئادىللىقىغا كەسكىن خىرس قىلماقتا.

مائارىپ ئادىللىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادىللىق باشلاشتىكى ئادىللىق ، جەريانىدىكى ئادىللىق ۋە نەتىجىدىكى ئادىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بولسا ئىشقا ئورنلاشتۇرۇش ئادىللىقى دائىرىسىدىكى ئىش بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا مائارىپتىكى نەتىجە ئادىللىقىغا بىۋاسىتە باغلانغان بولىدۇ. ‹‹ ئاتىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دەۋرى ›› دىن ئىلگىرىكى دەۋرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق كۆرىدىغىنىمىز دەل ‹‹ ئاتىلار ئوقۇتۇش دەۋرى ›› دۇر. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا ئاتىلارنىڭ توپلىغان ئىجتىمائىي دەسمايىسى قانچىلىك مۇھىم بولسا، بالىلارنىڭ باشلانغۇچ – ئوتتۇرا – ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئەتراپىلىق مائارىپ قوبۇل قىلىشىدىمۇ ئاتىلارنىڭ ئىجتىمائىي بايلىقى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەسىلەن، ئوقۇش بەدەل پۇللىرى، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش ھەقلىرى ، تەجرىبە سىنىپ، نۇقتىلىق مەكتەپلەردە ئوقۇش ھەقلىرى ، ئوقۇش جەريانىدا مۇناسىۋەت ئارقىلىق تۈرلۈك ئەۋزەللىكلەردىن بەھرىمان قىلىش، ئەڭ ياخشى ئوقۇش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىش دېگەندەك. ھەتتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشىشى، كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشىدىمۇ ئاتىلارنىڭ ئىجتىمائىي دەسمايسى ، مۇناسىۋەت ئالاقە تورى مىسلىسىز رول ئوينايدۇ. شۇنى كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەسكى، ‹‹ ئاتىلارنىڭ تەسىرى ›› مائارىپنىڭ باشلىنىشى ، جەريانى ۋە نەتىجىسىدىن ئىبارەت پۈتكۈل جەريانىغا سايە تاشلىغان بولىدۇ.

ئاتىلارنىڭ مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تەسىرى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەكسىلمائارىپتۇر ( مائارىپقا قارشى مائارىپ ) . يەنى، ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل تەسىردىن شۇنداق بىر مائارىپنى قوبۇل قىلىدۇكى، ئۇلار جەمئىيەتنى ئادىل ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئۆز جەمەتىدىن بىرەيلەن ھوقۇق ياكى تىجارەتتە ئۈزۈپ چىقسا، قالغان ئەزالارغىمۇ چىقىش يولى تەييار بولىدۇ، دەپ تونۇيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا شەخسنىڭ رىقابەت كۈچى، ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىرىنچى ئامىل بولماستىن، بەلكى مۇناسىۋەت تورى، ھوقۇق، پۇل – مال ئىشلاردا ئۇتۇق قازىنىشنىڭ يادرولۇق ئامىللىرى دەپ چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، كۈنىمىزدىكى ياش – ئۆسمۈرلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇلاردا ھوقۇقپەرەسلىك، تەبىقىۋازلىق ئېڭىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ خىل ئەھۋال ئائىلىسى نامرات ۋە قىيىنچىلىقتا بولغان بالىلاردا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇلار ھوقۇق ۋە پۇل ئارقىلىق ئۆز سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ ھېرىسمەن كېلىدۇ – دە ، ھە دېگەندە ئەگرى يوللارغا كىرىپ قالىدۇ.

ئادىللىق مەسىلىسى گوياكى پىلە قۇرتىدەك مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ ئۈجمە يوپۇرمىقى ›› نى غاجىلاپ يېمەكتە. ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئادىللىقنى كۈچەيتىش، مائارىپ بايلىقلىرىنى تەكشى تەقسىملەش پەقەت شوئار ھالىتىدە توۋلانسىلا، دوكلات شەكلىدە يىغىنلاردا ئوقۇلسىلا بولمايدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى ۋە مائارىپ تۈزۈمىنى ياخشىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

باشلانغۇچ – ئوتتۇرا – ئالىي مائارىپ ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار ھەيئىتى، ئاتا – ئانىلار ھەيئىتى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئالدىغا تەشكىللىگەن ئوقۇغۇچىلار ھەيئىتى قۇرۇپ چىقىپ، مائارىپ تۈزۈم – تەدبىرلىرىنى بېكىتىشنىڭ دېمۇكراتىك بولۇشىغا، مائارىپ قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنىڭ زىيانغا ئۇچرىتىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى تولۇق ئاشكارىلاپ، ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئۆز ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقدار كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ مائارىپلىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، جامائەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە كۈچەيتىش ، ھەممىلا ئادەمنى باراۋەر بولغان رىقباتلىشىش شارائىتى بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ، ئادىل بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئوقۇپ ئالىم بولغىنىڭدىن، داداڭنىڭ ھاكىم بولغىنى ياخشىمۇ؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. yolqi مۇنداق يازغان:

    سۆگەت ياغىچى بادىر بولماس، دېھقان بالىسى كادىر بولماس.

    - ئۇيغۇر خەلق ماقالى

  2. bohran مۇنداق يازغان:

    زامانلاردىن بېرى ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى، ئورنى شۇ ئادەمنىڭ ئىقتىدارى، قابىلىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەت تورى، ۋەزىپىسى(ھوقۇقى) بىلەن ئۆلچىنىدىغان جۇڭگو جەمئىيىتىدە بۇ ئىشلارغا خاتىمە بېرىش بەلكى يېقىن كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشماس. ئەمما يېڭى بىر ئەۋلات زىيالى دۆلەت رەھبەرلىرى ئاللىقاچان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ يەتتى ۋە بۇنىڭغا ماس سىياسەت-تەدبىر تۈزۈشكە تىرىشۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يېقىندا ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى چوقۇم ئۆگىنىشكە سەپەرۋەر قىلىۋاتقان 'سوتسىيالىستىك ئاساسى قىممەت قارىشى' دا تەكىتلىنىۋاتقىنى ئادەمنى ئاساس قىلىش، يەنى ھەممە ئادەمنىڭ تەڭ-باراۋەرلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە شەخسنى ھۆرمەتلەش، " ئادەمنى ئازات قىلىش" ۋە "ئادەمنى ئېچىش"(解放人和开发人) ، يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەرنىڭ بۇنى تونۇپ يەتكىنى بىر يېڭى بۆسۈش، بۇلارنىڭ ھەقىقەتەن قەغەز يۈزىدىكى ئىشلار بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

  3. Koktash مۇنداق يازغان:

    ئاتىسىنىڭ يولى بىلەن خىزمەتكە ئېرىشىش جۇڭگو جەمئىيىتىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ھەقىقىي يۈز بېرىۋاتقان ئىش. بۇنىسىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، بالىنىڭ ساپاسىز بولۇشى بىلەنمۇ خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقالماياتقانلارمۇ يوق ئەمەس.
    مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايۋاتقانلىقىدەك ئىجتمائىي ئامىللارنى 4 تۈرگە بۆلدۈم.
    1. ئاتا- ئانىسى ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ مۇناىسۋەت دائىرىسى، ھوقۇقى ۋە پۇل- مېلى.
    2. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىلىم ساپاسى ۋە ئىقتىدارى.
    3. ئۇيغۇر ياشلىرىغا بولغان خىزمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاز، ھەتتا يوق دىيەرلىك بولۇشى (مەن شۇ سەۋەبتىن http://xizmet.blogbus.com/ خىزمەت بلوگىنى قۇرغان ئىدىم).
    4. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى ئىشلەتمەسلىكى. يەنى خەنزۇلارغا خەنزۇچە سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرچە سۆزلىشى. يىغىنلاردا ئۇيغۇرچە يېزىق ياكى تىل ئىشلىتىمىسە، بىرەر ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ توغرىلىق بىرەر ئېغىز سۆزمۇ قىلىپ قويماسلىقى. قىسقا بىر مىسال: 114 غا ئۇچۇر سوراپ تېلېفون قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە سۆزلىسە، 114 ئىستانسىسغا ئۇيغۇر تېلفونىستلارنىڭ نېمە كېرىكى؟ بىز چۈشكەن مېھمانسارايلاردىكى خىزمەتچىلەرگە خەنزۇچە گەپ قىلساق، ئۇيغۇر مۇلازىمەتچىلەرنىڭ نېمە كېرىكى؟ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىش بىجرىگىلى كەلگەن ئۇيغۇرلار خەنزۇچىنى تۆتۆتلەپ بولسىمۇ ، سۆزلەپ يۈرسە، كېلەركى قېتىملىق خىزمەتچى ئېلىشقا ئۇيغۇرلارنى كۆپ ئالارمۇ ياكى ئاز ئالارمۇ؟ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى خەنزۇچىنى ئاناتىلىدەك بىلىپ كەتسە، ھەم ئانا تىلىدەك ئىشەتسە، ئۇيغۇرچە رادىئو- تېلېۋىزىيەنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ئۇ چاغدا، رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىدىكى 90% ئۇيغۇر ئىشسىز قالىدۇ. ئۈمىد غەنى، مەخمۇت ئىسمايىلدەك داڭلىق رىياسەتچىلەرمۇ دەنشىتەيگە ئىشىك باقار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ناۋادا شۇ خىزمەت تەگسىلا!
    ئىچكىرىدىكى ئاق ساتار، ئۇرۇپ-چانار، قىسىپ تارتار ئۇيغۇرلار ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالسا خەنزۇچە سۆزلىمەي تۇرىۋاتقاچقا، ئىچكىرىدىكى ج خ ئورۇنلىرى شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەرجىمانلىققا بولسىمۇ تالاپ تۈرۈپ دىگۈدەك خىزمەتچىلىككە ئېلىۋاتىدۇ.
    لېكىن، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزى قىينالسىمۇ، خەنزۇچە سۆزلەپ باشقىلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەچكە، ئىشسىز قېلىۋاتىدۇ.
    خۇدايا تۆۋە دەيمەن بەزىدە، باشقىلارنىڭ تىل بىلمەسلىك ئازابىنى بىز تارتىۋاتىمىز دىسە!
    بىر خەنزۇ بىر ئۇيغۇرغا خەنزۇچە سۆزلىسە، ئەتراپتىكىلەر بۇنى نورمال دەپ چۈشىنىمىز. بىر ئۇيغۇر بىر خەنزۇچغا ئۇيغۇرچە سۆزلىسە، زاڭلىق قىلىپ كۈلىمىز. كۈلگەندىمۇ خەنزۇنىڭ ئۇيغۇر بىلمەيدىغانلىقىنى ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلىكىنى ۋە خەنزۇچە بىلمىگەنلىكىنى زاڭلىق قىلىپ كۈلىمىز. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خەنزۇنىڭ ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمايدۇ. ئەكسىچە، ياندا تۇرغان "پىدائىي تەرجىمانلار" بۇ يولداشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشكە ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، باشقا مىللەتلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە پۇرسىتى بولمايدۇ.

    ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشالماسلىقدەك يۇقارقى 4 ئىجتىمائىي ئامىلنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى تۆۋەندىكدەك تىزىمەن.
    1. ئۇيغۇر تىل- ۋە يېزىقىنى ھەممە يەردە ئىشلەتمەسلىك. بۇ پۈتۈن مىللەتنىڭ ئورتاق ئويغىنىشىغا باغلىق ئىش.
    2. خىزمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىدا كەم بولۇشى. ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىدىكى خىزمەت ئۇچۇرلىنى خەنزۇچە نەشىرىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھەم بۇ ئۇچۇرلارنى يىغىپ، تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىغا تونۇشتۇرغۇدەك بىرەر شەخىس ياكى ئورۇن يوق دىيەرلىك.
    3. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مائارىپ ساپا مەسىلىسى. بۇ پۈتۈنلەي ئاتا- ئانىلارنىڭ شارائىت ھازىرلىشى بىلەن، ئاشۇ ياشنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئىشلار.
    4. ئاتا- ئانىسىنىڭ يولى. بۇنىڭغا ئامال يوق. بىز ئۆزىمىز ھوقۇقدار ياكى پۇلدار ئائىلىدە تۇغۇلاي دەپ تۇغۇلالمايمىز.

  4. infitar مۇنداق يازغان:

    بەش مىڭ يىلدىن بېرى پادىشاھ -ئەمەلدارلارنى خۇدا بىلىش ، كاللا ئوينۇتۇپ ئىش قىلىش -مانا بۇ خەنزۇلىزىم . بۇلارنىڭ قان قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ مەدەنىيتى ئىنسانىيەت كوممۇنىزىمغا يەتسىمۇ يەنە شۇنداق بۇلىۋېرىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى تارىختىكى سىياسەتچىلەر كەشىپ قىلغان ھەرخىل ئىزىملار ئۆلچىمى بويىچە كىشىلىك جەمىئيەتتىكى ھادىسلەرگە مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغىلى تۇردى . ھەرخىل مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس پىسخىك خاراكتېرى ، مەدەنىيتى بۇلىدۇ ، دەل مۇشۇ نوقتىدىن دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئىزىملار نامسىز ھالەتتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ، تارىختىن بۇيان كوللىكتىپ تۈسىنى ئالغان سوتيالىزىم ، ئىنسانپەرۋەرلىك تۇسىنى ئالغان كاپتالىزىم … دىگەندەك بىر قاتار ئىزىملارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمران ئۇرۇندىكىلەرنىڭ قالقىنى ، بويسۇنغۇچى ئورۇندىكىلەرنىڭ تەسەللىسى بۇلۇپ كەلدى . دۇنيادا قۇرال ئىشلەتمەيدىغان ، مەجبۇرلىغىلى بولمايدىغان ، سوئال – سورىغىمۇ بولمايدىغان بىر خىل كۈچ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ، ئۇ مىللەتنى ھەقىقى تۈردە يوقىتىۋىتەلەيدۇ – ئۇ بولسىمۇ مەدەنىيەت ئاسمىلىياتسىيسى .
    ئۈستۈنلىگىدىن پايدىلنىپ ئەگەشتۈرۈش ، خاسلىقىنى يۇقاتقان قۇبۇل قىلىش ھەرقايسى ئاجىز ئۇرۇندا تۇرغۇچى مىللەتلەرنى ئوراپ تۇرغان مەدەنىيەت سىرلىق تىلسىمى . بىزمۇ ئۇيغۇر لار تارىخنى تەشكىل قىلغۇچى بىر مىللەت بۇلۇش سۈپىىتىمىز بىلەن بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس .
    ئەمدى كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىشىۋاتقان تىمىسىغا كەلسەك ، يۇقارقى ئىشلار ئۇمۇميۈزلۈك ئېقىمغا ئايلىنىپ بولدى ، ھەتتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ "مۇشۇنداق قىلماي ئىلاجىم يوق ! " دەپ ئىچىمىزدىن تېشىمىزغا چىقرالمايدىغان قىبلىنامىمىز ( گەرچە تارىختا بىزدە بۇنداق خاراكتېر بۇلمىسىسمۇ) بۇلۇپ قالدى . تارىختىن بۇيان چىرىكلەشكەن ، ھارامخورلاشقان ، مۇستەبىتلەشكەن … قايسى بىر تۈزۈلمە ھالاك بولمىغان . چۈش كۆرىۋاتقان ئادەم ئويغانمىغۇچە ئۆزىنىڭ چۈش كۆرىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ ……

infitar 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟