نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىكى 5 قەدەم

بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىكى 5 قەدەم

ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ قويۇش ھاجەتكى،  بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشى مانا ، دەپ ئېنىق بىر يول كۆرسىتىپ بېرىشكە ئىمكانسىزمەن. ئەمما، مەزكۇر تېمىدا بلوگىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، بلوگىڭىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئوي سۈرۈشىڭىزگە تۈرتكە بولۇشىم مۇمكىن.

1. بلوگىڭىزغا ئېنىق تەبىر بېرىڭ

شۇنىسى ئېنىقكى، خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بلوگ ياساش، بلوگ يېزىش جەريانىدا بلوگىڭىز مەلۇم كۆلەم ۋە يۆنىلىشكە ( خاراكتېرگە ) ئىگە بولدى. ئەمدىكى گەپ، سىزدە ئۆز بلوگىڭىزغا بولغان چۈشىنىشنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىقىدا ! يەنى ، سىز ئالدى بىلەن بلوگىڭىزنىڭ قايسى خىل بلوگ ئىكەنلىكىنى، سىزنىڭ بلوگ يېزىشتىكى مۇددىئايىڭىزنى ئېنىق بېكىتىڭ. ئاندىن سىز بېكىتكەن بلوگىڭىزنىڭ خاراكتېرى ۋە بلوگ يېزىش مۇددىئايىڭىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى غايە – نىشانىڭىز ، ئۆگىنىش – خىزمەت شارائىتىڭىز بىلەن بولغان ئالاقىدارلىقىنىڭ يېقىن ياكى يىراقلىقىنى پەملەڭ.

2. بلوگىڭىز ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىڭىزنى قاناتلاندۇرۇڭ

ئۆز بلوگىڭىزنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە خىيال سۈرۈڭ، تەسەۋۋۇر قىلىشتا دادىلراق بولۇڭ، ئۆز چامىڭىزنى چاغلاش ئاساسىدا تېخىمۇ يىراق مەنزىل – پەللىلەرنى كۆزلەڭ.

3. نىشاننى بەلگىلەڭ

بلوگىڭىزنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىڭىز بويىچە ، بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىلىدىكى تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىپ چىقىڭ. يەنى ، سىز بۇ بىر يىل ئىچىدە نېمىلەرنى قىلىش، قايسى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئارقىلىق خىيالىڭىزدىكى << مەنزىل >> گە تېخىمۇ يېقىنلىشىسىز ؟ مۇشۇ ھەقتە پىكىرلەپ، ئەشۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆزىڭىزگە نىشان قىلىپ بەلگىلەڭ.

4. نىشانغا يېتىش ستراتىگىيىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىڭ

سىز زادى نېمىلەرنى قىلىش ئارقىلىق بايا ئۆزىڭىز بېكىتكەن نىشانغا يەتمەكچىسىز ؟ ئەلۋەتتە ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىر يۈرۈش كونكرېت پىلان – ستراتىگىيە تۈزۈپ چىقىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، سىز يەنە باشقا ھەمرا بلوگلارنى قۇرۇپ چىقامسىز، ياكى نۆۋەتتىكى بلوگنى تاشلاپ يېڭى بلوگقا تۇتۇش قىلامسىز ، بلوگىڭىزغا يېڭى بلوگ يازغۇچىسى تەكلىپ قىلامسىز ، بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىسىز ، بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىنى قايتا يەڭگۈشلەمسىز دېگەندەك …
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، توغرا بولغان ستراتىگىيە سىزنى نىشانىڭىزغا قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاشتۇرىدۇ.

5. ئەمەلىي ھەرىكەت پىلانىنى بېكىتىش

رېئال تۇرمۇشتا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلارنى پۈككەن، كاللىسىدا كۆپلىگەن مەقسەت – نىشانلار تولۇپ تاشقان بولىدۇ. مەسىلەن، << مەن چوقۇم ئورۇقلايمەن >>  ياكى << ئۆزۈمگە تازا ئوبدان لايىقتىن بىرنى تاپمىسام ؟ >> دېگەندەك. گەرچە بۇ ئارمانلار تولىمۇ گۈزەل ۋە شېرىن بولسىمۇ ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئارمان پېتى قالىدۇ. چۈنكى ، بۇ ئارمانلارنىڭ ئىگىسى ئۆز ئارمانلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دەپ ئوي سۈرمەيدۇ. كۈنبۇيى ئارمانلىرىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ زىكىر قىلىديۇ ، شۇ ئارمان يېتىش يولىدا ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمەيدۇ. گەپنى يىغساق، بلوگچىلىقمۇ ئوخشاش بولۇپ، << 2009 – يىلى بلوگىمنى مۇنچىلىك زىيارەت ئېقىمىغا ئېرشتۈرىمەن ! >> دېگەن پىلاننى تۈزگۈچى چوقۇم، ئالدى بىلەن  قانداق قىلغاندا مۇشۇ زىيارەت مىقدارىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. مەسىلەن، بلوگىمىنى ھەپتىدە 3 قېتىم يېڭىلايمەن ( ھەپتىدە چوقۇم 3 تېما يازىمەن )، كۈنىگە باشقا بلوگلارغا مانچە 10 پارچە ئىنكاس يوللايمەن،  ھەر كۈنى ئېلخەت ئارقىلىق بلوگىمنى 7 كىشىگە تونۇشتۇرىمەن، ھەرقايسى مۇنبەرلەردە ھەپتىسىگە 2 پارچە يازما يوللاپ بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىمەن …  دېگەندەك.

بەلكىم بۇ 5 باسقۇچ ھەممىلا بلوگىرغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. بەلكىم سىز بۇ ھەقتە مەندىمۇ ياخشى ئوي – خىياللارغا ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بلوگىمىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدە ئويلىنىش بلوگىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىكى 5 قەدەم

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. uyghurtekin مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى ، يېڭى بلوگىڭىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ياخشى تەبرىكلىيەلمىدىم . ئەمما مېنىڭ ئۈلۈكسىز قىززىقىپ كەلگىنىم ، سىز بۇ خىل يەنى ئىجتىسادىي چىقىم ئاز بولىدىغان ، بىرىنچى دەرىجىلىك نامغا ئۇلاش ئاسان بولغان ، بۇخىل بلوگنى ئۇيغۇر بلوگچىلقىغا كىڭەيتىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ مېنىڭچە بۇ خىل بلوگنى كۆپەيتىدىغان ئىشنى قىلسان بولاتتى . ئەۋەتتە سىزمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىدە بۇخىل بىلوگقا ئىرىشتىڭىز ، ئەمما بىزمۇ مۇشۇنداق چىرېايلىق بلوگ ئىشلەتسەك بەك ياخشى بولغان بولاتتى ، شەخسەن مەنمۇ شۇنداق ئويلاۋاتقىلى خېلى بولدى . شۇڭا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكلار بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىشقا بىر توتوش قىلىسىڭىز قانداق بولار . خۇددى Blogbus ئومۇملاشقاندەك ، بۇخىل بلوگنمۇ ئومۇملاشسا بەك ياخشى بولاتتى . چۈنكى بۇخىل بلوگنىڭ ئارتۇقچىلىقى بەك كۆپ ئىكەن .
    شۇڭا بولسا بۇ بىلوگنى قانداق قۇرۇپ نچىققانلىقىڭىز توغۇرسىدا ياخشى بىر ماقالە يوللسىڭىز ، ئانىدىن بىز بىرىنچى دەرىجىلىك نامنى قاندق ئېلىشىنى ، بۇخىل بلوگنىڭ كودىغا قانداق ئىرىشىشىنى ، قايسى بوشلۇققا قانداق يوللاشنى ، ئىلانلارنى قانداق قويۇشنى بىلىۋالساق سىز ۋە باشقا تېخنىكلارنىڭ خۇشاللىقى ئورتاق خۇشاللىققا ئايلانغان بولاتتى .
    [reply=Yuksel,2009-01-27 03:14 AM]ئالدى بىلەن قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا دوستۇم! يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت. ھەقىقەتەنمۇ سىز ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلاردا بلوگچىلىق يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، نۆۋەتتە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىش، ئومۇملىشىش، تاكامۇللىشىش باسقۇچىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە. خۇسۇسەن، يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭىنى نەشىرىنى ئېلان قىلىشمۇ ھەم بىزنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمىدۇر.
    بولىدۇ، تەكلىپىڭىز بويىچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە < < يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرى قانداق بارلىققا كەلدى ؟ >> دېگەن ماۋزۇدا بىر تېما يوللاي، قالدى گەپنى شۇ تېمىدا ئورتاقلىشارمىز. سىزنىڭ داۋاملىق يۈكسەل بلوگىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنى، پىكىر تەكلىپ بەرگۈچىسى بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن![/reply]

uyghurtekin 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟