<< كالا سۈيدۈكى >> Pepsi ۋە Coca Cola غا خىرس قىلماقتا
ھىندىستانلىقلارنىڭ قەلبىدە كالا ئىلاھى مەخلۇق بولۇپ، كالىنىڭ ھەممە نېمىسى گوياكى گۆھەر – ئەنگۈشتەرنىڭ ئۆزىدۇر. كالا تېزىكى، كالا سۈيدۈكى ھىندىستاندا ناھايىتى بازارلىق مەھسۇلاتلار بولۇپ، ھىندىستان رەستە – بازارلىرىدا باس – باس سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھىندىستاندىكى بىر گورۇھ كىشىلەر كالا سۈيدۈكىدىن بىر خىل كولا تۈرىدىكى ئىچىملىك يەنى << كالا سۈيى، Cow Water >> نى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالغان . ئۇلار تېخى مەزكۇر Cow Water نىڭ دۇنيا مىقياسىدا سېتىلىپ، Pepsi ۋە Coca Cola نىڭ بازىرىدىن بېسىپ چۈشۈشنى ئۈمىد قىلىشقان.
بۇ گورۇھتىكى كىشىلەر ھىندىستاندىكى قەدىمقى ئەنئەنىنى ياقىلايدىغان << ئەنئەنىچىلەر >> بولۇپ، بۇلارنىڭ قارىشىچە كالا ھىندىستانلىقلارنىڭ ئىلاھى مەخلۇقى، كالىنىڭ سۈيدۈكىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان ھەممە نېمىسى بىباھا گۆھەر بولۇپ، باشقا كىشلەر ئېغىزغا ئېلىشتىمۇ كۆڭلى ئېلىشىدىغان كالا سۈيدۈكى بۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىچىملىك سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. ھەتتا كالا تېزىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تېتىتقۇسى قىلىپ ئىشلىتىلىدىكەن.
بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىشىچە، Cow Water نىڭ مەيدانغا كېلىشى ساغلاملىق يېمەك – ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىدىكى بىرخىل يۈزلىنىش بولۇپ، مەزكۇر Cow Water نى ئىشلەپ چىقىرىشتىمۇ دەل كالا سۈيدۈكىنىڭ شىپالىق رولىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش مەقسەت قىلىنغان. يەنى كالا سۈيدۈكى نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە شىپا ئىكەن.
بۇ بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، Cow Water مەھسۇلاتى ھازىر جىددىي ئوراپ قاچىلىنىش باسقۇچىدا بولۇپ، تېز ئارىدا بازارغا سېلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە كالا سۈيدۈكىدىن ئىچىملىك ئىشلەپ چىقىرىش دۇنيا ئىچىملىك ساھەسىدىكى بىر ئىنقىلاپ بولۇپ، كىشىلەر Cow Water ئارقىلىق كالا سۈيدۈكىنىڭ شىپالىق تەسىردىن بەھرى ئالغاچ، ھىندىستان مەدىيىتى بىلەنمۇ تونۇشالايدىكەن.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، Cow Water نىڭ ھىندىستان ۋە دۇنيادىكى بازىرى ئىستىقباللىق بولىدىكەن. ھەتتا، Pepsi ۋە Coca Cola لارنىڭ بازىرىدىن بېسىپ چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.
خەنزۇچە مەنبە | ئېنگىلىزچە مەنبە
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: كالا سۈيدۈكى ۋە Coca Cola ، Pepsi
ئۇماق ئوغرىنىڭ مۇنۇ قىلمىشىنى كۆرۈپ قويغايسىلەر ! يۈكسەل بلوگىنىڭ يازمىلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەسلىكنى قايتا – قايتا قەيىت قىلغان بولساقمۇ، ھەتتا ، كۆچۈرگەن تەقدىرىدىمۇ ئەسلى مەنزىلىنى مەجبۇرىي قاتقۇزۇش كودىنى قوشقان بولساقمۇ، مۇنۇ توردىشىمىز شۇنچىلىك ھەرەج بىلەن تېما < < ئۇغۇرلىغان >> كى، بۇ ئۇغرۇلۇقنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ، پېقىر قالدۇرۇپ قويغان ئېنگىلىزچە مەنبەدىكى يازمىنىمۇ كۆچۈرۈپ < < ئېنىگىلىزچە ئۆگىنىڭ >> دەپ ئاستىغا قىستۇرۇپ قويۇپتۇ. ھالبۇكى بۇ توردىشىم شۇنى بىلمىسە كېرەك ، مەزكۇر يازما بىلەن ئېنگىلىزچە مەنبەنىڭ قەتئىي ئوخشاشلىقى يوق ئىدى. مەن پەقەت ئۇنىڭدىن ئۇچۇر سۈپىتىدە پايدىلانغان ئىدىم. بۇ < < ئۇماق كۆچۈرۈش >> كۆرۈپ تازا كۈلۈپتىمەن. قېنى كۆپچىلىكمۇ كۆرۈپ باققاي :
http://bbs.hislet.com/read.php?tid=10111
كۆچۈرسە كۆچۈرمەمدۇ؟ مېنىڭچە شۇ ئالتۇندەك ۋاقتىڭىزنى ۋە ئىقتىدارىڭىزنى يېڭى-يېڭى بىلىملەرنى ئېلان قىلىشقا ئىشلەتسىڭىز ھەممىمىز سىزدىن خۇشال بولىمىز.
بۇ ھىندىستاندىكى كالا،ئىشت ، ئۆچكە دىگەندەكلەر بەك ئەركىن. ئەگەر بىرەر كالا چوڭ يولدا يېتىۋالسا دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى كەلسىمۇ كالىنى قوپۇرۋەتمەي ماشىنىسىنى قايدۇرۇپ باشقا يول بىلەن ماڭىدۇ. ئەتتىگىنى ەسجىتتىن چىقىپ ئۆي تەرەپكە ماڭسىچۇ تېخى 10، 15 كالا قاتار دۆلەتنى قوغدايدىغان ئەسكەرلەردەك ماڭىدۇ. ئەگەر شۇ كالىلارغا چېقلىپ قويسىڭىز تۈگەشكىنىڭىز شۇ. كالىلار قوغلاپ جېنىڭىزنى ئالىدۇ. بولدى مەن شۇنچىلىك سۆزلەي.