نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

لۇۋۇشۈەننىڭ شور پىشانىسىدىن جۇڭگودىكى چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ داپ يۈزگىچە

لۇۋۇشۈەننىڭ شور پىشانىسىدىن جۇڭگودىكى چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ داپ يۈزگىچە

كورىيىنىڭ سابىق ئەلباشى لۇۋۇشۈەن ( 卢武铉 ) دۆلەتتىكى چىرىكلىكنى تۈگىتىپ، ئۇنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىمەن دەپ ۋەدە بېرىپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئىدى. ئەمما، دەل ئايالىنىڭ مەلۇم بىر سودىگەرنىڭ بىرقانچە مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق پارىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەدىلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ سىياسى ۋە تەبئىي ھايات گۈلشەنىنى نابۇت قىلىدىغان پارازېت قۇرت بولۇپ قالدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كورىيىدە ئىلگىرى ئەلباش بولغانلارنىڭ ئىچىدە لۇۋۇشۈەن ئەڭ پاك ئۆتكەن ئەلباش ئىكەن. ئەمما، ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى ئىلگىرىكىلىرىدىن پۈتۈنلەي باشقىچە يەكۈنلەنگەن. ئەلۋەتتە، سىياسىغا تەئەللۇق ئىشلارنىڭ قايسىسىنىڭ راست، قايسىسىنىڭ يالغانلىقىغا بىر نېمە دەپ بولمايدۇ. ئاۋامنىڭ كۆرۈپ – ئىشتقانلىرى پەقەت << ئىش قوشۇلغان ھەقىقەت >> تىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداقكەن، بىز لۇۋۇشۈەننىڭ ئۆلۋېلشىدا ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ئۇۋال بولغانلىقى ياكى ئەسلىدىنلا ئۆلۈمگە لايىقلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېيەلمەيمىز. ئەمما، بىر ئەلگە باش بولغان، ئۇزۇن يىل سىياسىي بوران – چاپقۇنلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن، پىشقان سىياسىئون بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىنى تاللىشى ھەقىقەتەنمۇ بىزنى ئويغا سالىدۇ ۋە ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
ئۇنىڭ قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسىدىن ئۇنىڭ قانداقتۇر ئىچكى زىددىيەت ياكى سىياسى سەتچىلىك تۈپەيلى ئەمەس، دەل ئۆزىدەك بىر دېھقانلار پۇشتىنىڭ ۋۇجۇدىدا ساقلانغان ياخشىلىق ئېلمىنتىنىڭ تەسىرىدىن ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. لۇۋۇشۈەن ئۆلۈۋېلىش ئالدىدا توردا ئېلان قىلغان باياناتىدا ھېلىقى سودىگەرنىڭ ئايالىغا بەرگەن بىرقانچە مىليۇن دوللار پۇلنىڭ قانداقتۇر ئۇنىڭغا بېرىلگەن پارا بولماستىن، ئايالىنىڭ سودا جەريانىدا بوغۇلۇپ قالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا قىلىنغان ياردەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. لۇۋۇشۈەننىڭ ئېيتقانلىرى بەلكىم راستۇ ياكى بۇ ھېلىقى سودىگەر تەرىپىدىن ئەپچىللىك بىلەن قۇرۇلغان << سىياسىي قىلتاق >> تۇ. ئىشقىلىپ، بۇ ئىش ھەققىدە خۇددىي لۇۋۇشۈەن ئۆزى ۋەسىيەتنامىسىدە دېگەندەك << تارىخ توغرا باھا بەرگۈسى >>.
بەلكىم بىز سىياسىي سەھنىلەردىكى پەردىنىڭ ئارقىدا ھەقىقىي ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكىمىز، بىلىپ يېتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما، لۇۋۇشۈەن ۋەسىيەتنامىسىنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىدا << ئەلباشلىق تەختىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆز يېزامغا قايتىپ، قالدى ئۆمرۈمنى دېھقانچىلىك بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى. ھالبۇكى بۇ ئارزۇيۇممۇ ئىشقا ئاشمىدى … >> دېگىنىدەك، ئۇنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا يېزىسىغا قايتالمغانلىقى راست ئىدى. قىزىق يېرى ، لۇۋۇشۈەننىڭ بۇ ئارزۇسى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم پارىخور ، چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن تورىغا چۈشكەندىن كېيىن ، ئەمەل تۇتقۇچە يېزىغا بېرىپ دېھقانچىلىق قىلغان بولسامچۇ ؟ دەپ ۋايساشلىرىغا ئوخشاپ كېتەتتى.
ئىنساننىڭ ئەسلى تەبئىيتى شۇنچىلىك ئوخشاپ كەتسە كېرەك. ماڭارغا يولى ، سىغارغا يېرى قالمىغاندا ئاندىن يېزىغا بېرىپ دېھقانچىلىق قىلىش ئېسىگە كېلىدىغان ئىشكەن. ئەمما، بۇ چاغدا ئاللىقاچان دەريا ئوتتۇردىكى قېيقنىڭ قارنى يېرىلغان بولۇپ ، ئارقىغا قايتىش مۇمكىن بولاتتىمۇ ؟! لۇۋۇشۈەننىڭ قىيادىن سەكرىۋېلىش يولى بىلەن ئۆز ھايات دەپتىرىگە نۇقتا قويغانلىقىدىن، شۇنچە سوراق قىلسىمۇ، ھەتتا بۇرنىغا ئۆلۈم پۇراپ تۇرسىمۇ نەچچە يۈز مىليۇنلىغان پۇلنىڭ دېرىكىنى تاپشۇرمايۋاتقان، ھەممە دەلىل – پاكىتلىرى بىلەن قولغا چۈشۈپ، سوت مەيدانىغا ھەيدەپ چىقىرىلىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىمۇ ۋۇسۇڭدەك قەددىنى پۈكمەي گېدىيىپ تۇرغان چىن لىياڭيۈ، چىن شىتۇڭلارغا قاراپ، لۇۋۇشۈەن ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل ، پەزىلەتلىك، ئار – نومۇسلۇق، ياخشى ئادەمكەن دېمەي تۇرالمايمەن.
لۇۋۇشۈەننى قىيادىن ئىتتەرگىنى قانداقتۇر ئۇنىڭ سىياسىي رەقىبى بولماستىن دەل ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان ياخشىلىق تەبئىيىتى ئىدى. ئۇنداقتا، چىن لىياڭيۈ، چىن شىتۇڭلارغا ئوخشاش دۆلەت ئىچىدىكى پارىخور ، چىرىك ئەمەلدارلارنى گىدەيتكىنى ئۇلارنىڭ داپ يۈزى دەيمىزمۇ ؟! …

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : لۇۋۇشۈەننىڭ شور پىشانىسىدىن جۇڭگودىكى چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ داپ يۈزگىچە

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. KODAY مۇنداق يازغان:

    شۇنداق .جۇڭگۇدىكى بىرقىسىم ئەمەلدارلارنىڭ نۇرغۇن پۇلنى يۇتۇۋېلىپ ئارقىسىدىن ،مەيدىسىنى كىرىپ سوت مەيدانىدىن چىقىپ كىتىشى ،ئۇزىگە قىلچىمۇ يۇقتۇرماسلىقى دۆلەت قانۇنىنى كۆز ئىلمىغانلىغىنى كۆرسەتسە كېرەك.كۇرىيە دىگەن دىمىگىراتىك دۆلەت بولغاچقا ،بۇ سابىق دۆلەت رەھبىرى تارىخ تەرىپىدىن ئۈزىگە داغ چۇشۇپ قېلىشىدىن، ۋىجدان ئازابى تارتىپ ئاخرى ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ .بۇ ياپۇنلارنىڭ ئۆزىنى ئولتۇرۇۋېلىپ ،ۋەتەن مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئۇرۇنلىغانلىغا ئوخشاش بىر ئىش بۇپتىمۇ نىمە؟
    [reply=Nursel,2009-05-29 02:55 AM]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    يۈكسەل بلوگىغا قەدەم تەشرىپ ئەتكەنلىكىڭىزگە مەرھابا! ئىسمىڭىزدىن قارىغاندا سىز قوداي جەمەتىدىن ئوخشىمامسىز؟[/reply]

  2. armanbag مۇنداق يازغان:

    بىزنىڭ جۇڭگودا ھەرگىز بۇنداق ئىش يوق.يەيدىغاننى يەپ،يەنە مال ئىگىىسدىن ئوغرى كۇچلۇك دىگەندەك،باشقىلارغا سۇر-ھەيۋە كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەم دۆلەت تۇزۇلمىسىدىكى مەسىلە، نازارەتنىڭ ياخشى بولماسلىقى، پاش قىلسىمۇ ئىتىبار قىلماسلىق، قىسقىسى سۇ باشتىن لاي، باشلىقنىڭ چوڭىدىن-كىچىكىگىچە ھەممىسى دىگۇدەك نەپسانىيەتچى بولغاچقا، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ھالى مۇشۇ. بىز بەلكىم كورىيەدە بولغان بۇنداق ئىشنى يەنە 100يىلغىچە كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن(جۇڭگو كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت بىشىدا تۇرىدىغانلا بولسا).

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟