نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

پاكىستاندا ئېقىۋاتقىنى سەلمۇ ياكى كۆز ياش؟!

پاكىستاندا سەل ئاپىتى كۆرۈلگىنىگە 1 ئاي بولۇپ قالدى. يېقىنقى 80 يىل ئىچىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ قېتىمقى سەل ئاپىتى پاكىستاننى گويا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. سەل سۇلىرىنىڭ ئاستىدا قالغان تېرىلغۇ يەر ۋە ئولتۇراق رايونلار شۇ قەدەر كەڭ كەتكەنكى، گويا پاكىستاندا بىر دېڭىز شەكىللەنگەندەكلا مەنزىرە پەيدا بولدى. پاكىستاننىڭ 5 / 1 ئۆلۈش زېمىنى ھېلىھەم سۇ ئاستىدا تۇرماقتا. سەل ئاپىتى 1600 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى، 12مىليون كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قېلىشىنى ، 20 مىليون كىشىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پاكىستاندىكى سەل ئاپىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، سەل ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر پالاكەت ھەققىدە توختىلىپ، «مەن بۈگۈن كۆرگەن خارابە ۋە ئىزتىراپنى قەتئىي ئۇنۇتمايمەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا كۆپلىگەن ئاپەت رايونلىرىنى ئايلانغان ئىدىم. بىراق مۇنداق بىر مەنزىرىنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغانىدىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى . نۆۋەتتىكى ئەڭ زور تەھدىت ئاچارچىلىق بىلەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولماقتا.

كرىزىسكە پاتقان داۋالغۇشلۇق سىياسىي ۋەزىيەت

30 ئاينىڭ ئالدىكى چوڭ سايلامدىن كېيىن ، پاكىستان سىياسىي ۋەزىيىتى مىنۇت قىنىدا تۇرۇپ باققىنى يوق. ھە دېگەندە كرىزىس پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ قالدى. بۇ قېتىملىق سەل ئاپىتى خۇددى ‹‹ خۇدا ئۇرغاننى ، خۇدابەردىكام قوشلاپ ئۇرۇپتۇ ›› دېگەندەك پاكىستان سىياسىي ۋەزىيىتىگە قاقشاتقۇچ ئېغىر زەربە بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشى ئەتراپلىق ۋە كۈچلۈك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، خەلقنىڭ ئىسلامئابادقا بولغان غەزىپى قايناپ تاشتى. تاكى ھازىرغىچە 6 مىليون كىشى بارارغا يېرى، تۇرارغا ماكانى يوق ھالەتتە سەرسان – ساياق بولۇپ يۈرمەكتە. ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنىڭ ئۈزۈلمەي سادىر بولۇۋاتقانلىقى خەۋەرلەردە ئېيتىلىۋاتىدۇ. بىر پاكىستان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاقتىدا تېگىشلىك قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلمىگەن ئامما يول توساپ، ئاپەتكە توشۇلۇۋاتقان ئەشيالارنى زورلۇق كۈچى بىلەن بۇلاپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. ھەتتا بەزى ئاپەت رايونلىرى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت كونترولىدىن چىقىپ كەتكەن.

دەرد ئۈستىگە دەرد

ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئاپەت ئىقتىسادىي كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بۇ دۆلەتكە مىسلىسىز ئېغىر زەربە بولدى. پاكىستان ئەمدى دۇنيا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن ئالغان قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغاندەك قىلىدۇ.. بۇندىن كېيىن كەم دېگەندىمۇ 8 مىليون كىشىنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە تايىنىپ كۈن ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئانالىزچىلارنىڭ پىكرىچە، پاكىستاندا خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى ئارىلىق بەلكىم بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىشى ، ھەتتا ئىجتىمائىي داۋالغۇش كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ۋەزىيەت ئىسلام ئاشقۇنلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، كېيىنكى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىمەك قىيىن ئىكەن.

خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى داۋام ئەتمەكتە

جۇڭگو، ئامېرىكا، تۈركىيە، ياۋروپا ئەللىرى، مۇسۇلمانلار دۆلەتلىرى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر پاكىستان ئۈچۈن جۆنىمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە خەلقئارالىق ياردەم 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئەۋەتىلگەن داۋالاش ، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى پاكىستان ئاپەت رايونىغا شۇڭغۇپ كىرىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا.

سەل بولۇپ ئاققان پاكىستان

كەلكۈندىكى يىگانە ئارال

سۇ يۇتقان يۇرت - ماكان

ئاشقا زار ئىنسانلار

ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما

ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەر

يىگانە مەسچىت

دېڭىزمۇ ئوكيان ؟

جان قايغۇسى

جان قايغۇسى

نان قايغۇسى

ئاش ...

... .... ...

... ... ...

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: پاكىستاندا ئېقىۋاتقىنى سەلمۇ ياكى كۆز ياش؟!

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!7 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. بىرزات مۇنداق يازغان:

    ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتكۈدەك ئاپەت بولدى بۇ. ئاشۇ سۈرەتلەردىكى غەمكىن ئۈمۈدسىز كۆزلەر، كۆچتۈڭگۈر ئەرلەرنىڭ ئاش-نانغا زار خوتۇن -بالىلىرى ئالدىدىكى ئىمكانسىزلىقتىن ھىلىلا يېغلىۋېتىدىغاندەك تۇرغان مىسكىن كۆزلىرى ئىچىمنى بىر تىلغاپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۆزۈمنى شۇ ئاپەت رايونىدىكى ئىمكانسىز ئاتىلار قاتارىغا قويۇپ باقتىم. نېمە دېگەن دەھشەت!!!ئۆزۈڭغۇ مەيلى، چىداپ كېتىسەن…ھاياتنىڭ ھېچ خوۋلىقىنى كۆرمىگەن سەبى بالىلىرىڭ، گۈلدىن نازۇك سۆيۈملۈك خوتۇنلىرىڭ ئەشۇ ئىمكاسىزلىقىڭ ئالدىدا ساڭا تەلمۈرۈپ تۇرسا…ئاللاھ ئىگەم ھەر بىر بەندىسىنى بۇنداق ئېغىرچىلىقلاردىن ئامان قىلغاي! تاقىتى يەتمەيدىغان سىناقلارغا دۇچار قىلمىغاي! ئېغىرچىلىق بەرگەنلەرگە سەبرى-تاقەت، چىدامنىمۇ قوشۇپ بەرگەي! ئامىين !!!

  2. سەركەردە مۇنداق يازغان:

    گەرچە دىنى بىلىملەردىن ئانچە خەۋىرىم بولمىسىمۇ ئەمما ئاللاھنىڭ گۇناھكار بەندىلىرىنى ئاشۇنداق جازالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇلار تېزراق ھوشىنى تېپىپ ئاكىلىرىنىڭ گېپىنى ئاز ئاڭلاپ ھەقىقى مۇستەققىللىقنى قولغا كەلتۈرگىنى ياخشى

    • بىرزات مۇنداق يازغان:

      گەپنى چىلىۋەتمەيلى باللا…
      سىياسىي جەھەتتىكى بۇنداق قارا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ئانچە مۇناسىۋېتى بولمىسا كېرەك. ئەگەر بالا – قازا شۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرگە، گۇناھكارلارغا بولىدىغان بولسا ئەنە سىلى ئېيتقان ھۆكۈمەت بېشىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگىلا بىرەر بالا-قازا كەلسە بولاتتى. پەلەستىن، ئىراقتىكى بالىلار، ئاياللارنى ئاتىسىز، ئەرسىز قويۇۋاتقان كىشىلەر جازاغا مەھكۇم بولسا بولاتتى. بۇ بالا-قازانى سېنىڭ بېشىڭغا كەلدى، مېنىڭكىگە كەلمىدى دەيدىغان ئىش ئەمەس. خۇدادىن ئامانلىق تىلەيلى! بەزى بەندىلىرىگە سىناق ئۈچۈنمۇ بەزى ئېغىرچىلىقلارنى سالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى!!!

      • سەركەردە مۇنداق يازغان:

        ئەجىبا سىياسونلارنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتمىسىلا ، ئۇلارنىڭ زەربە يېمىگىنىنى بىلدۈرەمدا، قورال كۆتۈرۈپ ئۇرۇش قىلغانلانىڭ ھەممىسى مۇشۇ قەۋمنىڭ پەرزەنتلىرىغۇ، خەقنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ ئۆز مىللىتىنى قىرغان، خەقنىڭ يالىقىنى يالاش ئۈچۈن ئۆز دىنداشلىرىغا سالغان كۈلپىتىمۇ ئاز ئەمەسقۇ، ئاشۇ سىياسونلار ،ئاشۇ گىنراللار ئەجىبا مۇشۇلارنىڭ باللىرى ئەماسما.
        ( يۈكسەل بلوگ ئەسكەرتمىسى : پىكىر قىلغاندا سوغۇققان بولغايسىز، ھىسىياتقا بېرىلمەي ، ئىدراكىي پىكىر قىلغايسىز، سۆز گوياكى ئاتقان ئوقكى، چىققان ھامان قايتۇرۇۋېلىش مۇمكىن ئەمەس. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، پۇت يۈگرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگرۈكى باشقا … )

  3. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە،تەبىئىي ئاپەتتىن سىياسىي ئاپەت بەكرەك بالا بولىۋاتىدۇ بۇ خەلققە…

  4. مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرى مۇنداق يازغان:

    مەيلى كىم بولشىدىن قەتئىي نەزەر ، سەپسەتىنىڭ ئورنى يوق ،پەقەت ئامانلىق تىلەيلى …. :cry:

  5. دۇنياقارا مۇنداق يازغان:

    ئەسىرلەردىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا تۈرلۈك تەبىئى ئاپەتلەر يامراپ كېتىۋاتىدۇ، دۆلەتلەر مەنپەئەت توقۇنىشى ئالدىدا ، ئۆزىنى قۇردرەت تاپقۇزۇش يولىدا تالاشمىغان شىمالىي قۇتۇپ، جەنوبى قۇتۇپ، دېڭىز ئاستى، ئاي شارى قالمىدى، كەلگۈسىدە ئاي شارىغا ماكانلىشامىش، شۇڭا يەر شارىدىكى بايلىقلارنى غالجىرانە تالىشىپ، تەبىئەتنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ كېلىۋاتىدۇ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت تەڭپۇڭسىزلىققا ئۇچرىدى، يەر شارى ھالسىرىماقتا…تەبىئى ئەۋزەللىكنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر جۈملىدىن بارلىق ئىنسانلار نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ ھەممىسى باي بولۇپ كەتسە ھەر بىر ئادەمنىڭ قوينىدىن ئالتۇن-كومۇش، ئۈنچە-مارجانلار تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ھالەتكە يەتسە، ئەكسىچە ئىنسانلار بۆشۈكى بولغان يەر شارى «نامراتلىشىپ» تەبىئى بايلىقى تۈگەپ كەتسە، تاتلىق سۇ مەنبەلىرى قۇرۇپ كەتسە، تۇپراق ئۈنۈمسىزلىشىپ ئاشلىق تىرىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالسا….ئالتۇن-كۆمۇش، ئۈنچە-مەرۋايىتنى يا يېگىلى بولمىسا…..كېيىنكى ئىنسانلار باي بولدۇق دەپ ئۆزىنىڭ پوقىنى ئۆزى يەيدىغان بولۇپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ.

دۇنياقارا 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟