نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

Blogger لار ئۈچۈن پەرھىزلەر (ھەميازما)

پەرھىز (Taboo) ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى كۆپلىگەن پەرھىزلەر بار.  ئالايلۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە ھاراق ئىچىش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، قىمار ئويناش، ئوغرىلىق قىلىش، زىنا قىلىش، يالغان گەپ قىلىش، چېقىمچىلىق، غەيۋەت قىلىش… قاتارلىق ئىللەتلەر ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىپ، بۇ قىلمىشلاردىن پەرھىز تۇتۇشقا دەۋەت قىلىنغان. بۇندىن باشقا يېمەك – ئىچمەكلىرىمىزدىكى ھالال – ھاراملارمۇ كۈچلۈك پەرھىزلەر جۈملىسىدىن. يىغىپ ئېيتقاندا، پەرھىز _ سادىر قىلىنسا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە جەمئىيەتكە پايدىسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىش – چەكلەش دېمەكتۇر. شۇڭا ئۇ تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە كەڭ ئۇچرايدۇ. خۇسۇسەن، نۆۋەتتىكى يازمىدا Blogger دوستلار ئەمەل قىلسا نەپكە ئېرىشىدىغان، ئەكسىچە بولغاندا ‹‹ مىققا ئۈسسىيدىغان ›› ، چوقۇم بىلىشى زۆرۈر بولغان پەرھىزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

يۈكسەل بۇيرىغان 5 پەرھىز

1. سىياسىي ھۇشيارلىقى كۈچلۈك بولماسلىق

بىر قىسىم بلوگگىرلار ئادەتتە دۆلەتنىڭ سىياسەت ، ئەمىر – پەرمانلىرىغا دىققەت قىلمايدۇ، ۋەزىيەت ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ، سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ تۇرۇشقا سەل قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇددىي ‹‹ قۇدۇق ئىچىكى پاقىدەك ›› ئۆزىنىڭ خىيالىي دۇنياسىدا مەجنۇنلارچە ياشايدۇ. Blog نىڭ زىيارەت ئېقىمىنى ئاشۇرىمەن دەپ، بىلىپ – بىلمەي سىياسىي سەزگۈر تېمىلار ھەققىدە يازما ئېلان قىلىدۇ ياكى ئۆز بلوگىغا چۈشكەن دۆلەتنىڭ سىياسەت – قانۇنلىرىغا مۇغالىپ بولغان ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تازىلاشقا سەل قارايدۇ. بۇنداق بولغاندا بۇ Blog نىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپلا قالماي، شۇ Blogger نىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ. بۇ جايدا، ‹‹ ئوت بىلەن ئويناشماڭ ›› ، ‹‹ ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ، ئويلاپ سۆزلە ›› ، ‹‹ پۇت يۈگرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگرۈكى باشقا ›› ، ‹‹ سۆز ئاتقان ئوق ›› … كەبىي ئاتا سۆزلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سالغاچ، Blogger لارغا ‹‹ Internet ۋە ياشلار ›› ماۋزۇلۇق باش يۈكسەلنىڭ ياش يۈكسەلگە يازغان خېتىنى قايتا كۆرۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

2. Blog باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمايدۇ دەپ قاراش

زور كۆپچىلىك Blogger لاردا تور بېخەتەرلىك ئېڭى تولىمۇ سۇس بولۇپ ، ئۆزىنىڭ بلوگىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش مۇمكىنلىكى، ئۇخلىسا ئۇلارنىڭ چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ. خۇسۇسەن، يۈكسەلمۇ ئىلگىرى شۇ خىل ئاڭدا بولۇپ، تاكى ‹‹ كۈنسېرى سارغىيىۋاتقان ئۇيغۇر تورلىرى ›› ماۋزۇلۇق تېما ئېلان قىلىنىپ ، قارامتۇل مېھماننىڭ Blog ئارقا ھويلىسىغا پەتىگە كىرگەنلىكىدىن كېيىنلا ئاندىن بۇ خىل قارىشىدا ئۆزگىرىش ياسىغان ئىدى. قىسقىسى ، Blogger لار ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولۇشى ، ئۆز بلوگىنى تېخنىكىلىق جەھەتتىن قانداق قوغداشنى بىلىشى لازىم. قارا مېھمانلارنىڭ مەزگىلسىز پەتىگە كىرىپ بلوگنى مالىمان قىلىشى ياكى قەستكارلىق قىلىشىدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىمەك لازىم.

3. تاڭ ئاتقۇچە تۈنەپ تورغا چىقىش

زور كۆپ ساندىكى Blogger لاردا ‹‹ ئۆزىگە دۈشمەن ›› شۇنداق بىر ناچار ئادەت باركى ، ئۇ بولسىمۇ كومپيۇتېر ئالدىدا تاڭ ئاتقۇچە تۈنەپ ئولتۇرۇپ Blog يېزىش. يۈكسەل Blogger لارغا شۇنى قاتتىق جېكىلەيدۇكى ، ھەرگىزمۇ ئۆمرىنىڭ تېڭىدە جاننى دەسمىي قىلىپ پۇل – دۇنيا تېپىپ ، تەڭ يېرىمىدا تاپقان پۇلنى دەسمىي قىلىپ جاننى قۇتقۇزۇش كويغا چۈشمەسلىك كېرەك. كونىلار ھەرگىز يالغان گەپ قىلمايدۇ، تەن ساقلىق زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل، بۇنىسى ھەقىقەت. پەقەت تەن سالامەتلىكىمىز ياخشى بولغاندىلا باشقا ئىشلىرىمىز راۋاج تاپىدۇ . شۇڭا، Blog ئۈچۈنمۇ ئەجىر قىلايلى،ئەمما ئۆزىمىزگىمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى ، ئۆزىمىزنىمۇ ئاسرايلى!

4. Blog نى قەرەللىك زاپاسلىۋالماسلىق

بۇ خىل ناچار ئادەت يۈكسەلدىمۇ بار. بىزدە كوزا كۈندە سۇنماس كۈندە سۇنار، دەيدىغان گەپ بار. بىز ئۆز بلوگىمىزغا كېلىدىغان كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى مۆلچەرلىيەلمەيمىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەلكىم بوشلۇقتىن ۋە ياكى تور نامدىن ، بولمىغاندىمۇ سىستېمىدىن چاتاق چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. مانا شۇنداق كۈتمىگەن چاتاق تۈپەيلى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۈجۈپىلەپ قىلغان ئەجرىمىزنىڭ نۆلگە تەڭ بولۇپ، ‹‹ ۋاي ئاللا خۇدايىم ! ›› دەپ بارماق چىشلەپ قېلىشنى ھېچقايسىمىز خالىمايمىز ، ئەلۋەتتە. شۇنداقكەن، Blog نى قەرەللىك زاپاسلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن تۈزۈك.

5. بوشلۇق تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىتىبارسىز قاراش

ئادەتتە كۆپىنچە مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىۋاتقان Blogger لار بوشلۇق تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن پەقەت بوشلۇق سېتىۋالغاندا ۋە سۈرۈكىنى كەينىگە داۋاملاشتۇرغاندىلا ئالاقىلىشىپ قويىدۇ. ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ قويۇشقا ئىتىبارسىز قارايدۇ. مەسىلە چىققاندا بولسا قارشى تەرەپنىڭ ۋاقتىدا ، ئەتراپلىق مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلمەي، ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى ئۆزىمىز يېگۈدەك بولۇپ تىت – تىت بولۇپ كېتىمىز. يۈكسەلنىڭ تەجرىبىسىدىن قارىغاندا ، ئادەتتە بوشلۇق تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق رىشتىنى چىڭىتىش لازىم. چاتاق چىققاندا ئۇلار سىز ئويلىغاندىنمۇ ياخىشى پوزىتسىيە بىلەن كۆڭلىڭىزدىكىدەك ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ . بۇنىڭدا QQ غا ئوخشاش ئالاقە قوراللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ، ئۇلاردىن ئەھۋال سوراش، مەدەت بېرىش، ماختاپ ئۇچۇرۇپ شىيلاش … دېگەندەك ئالاقە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش مۇمكىن.

تەدبىركار بۇيرىغان 2 پەرھىز

1. مەسئۇلىيەتسىزلىك

بلوگگېر ئۆز بلوگى ۋە ئوقۇرمەنلىرىگە مەسئۇلىيەتچان بولىشى كېرەك. بلوگىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئېرىنمەي ئولتۇرۇپ يازمىلاردىكى ئىملا، تىنىش بەلگە قاتارلىقلارنى بەلگىلىك توغرىلىق نىسبىتىگە يەتكۈزىشى، ھېچ بولمىسا ماڭا شۇ بلوگدىكى يازمىلارنى ھوزۇرلىنىپ ئوقۇش ئۈچۈن بىر باھانە تېپىپ بېرىشى كېرەك، ناۋادا مەن بۇ بلوگدىن مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ھىدىنى پۇراپ قالسام، شۇ بلوگقا ئىككىنچى قېتىم دەسسىمەيلا قالماي، يەنە بلوگ ئىگىسىگە پاسسىپ كۆز قاراشتا بولۇپ قالىمەن.

2. مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش

بىر قىسىم ئايرىم بلوگلاردا، بۇياقتىن قۇرۇلۇپلا ئۇ ياقتىن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراش، زىيادە زورۇقۇش ئەھۋالى مەۋجۇد. شۇنىسى سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ھەرگىز مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشكە ئۇرۇنماڭ! بلوگ يېزىش خۇددى بۇرۇن ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك بەكمۇ ئۇزۇن ۋە جاپالىق جەريان، ناۋادا سىز ئۇزۇن مۇددەت تەييارلىق قىلىپ، پۇختا پلانغا ئېلىپ بلوگ يازغان بولسىڭىز ۋە سىزدە شۇنداق ئۈنۈملۈك تېز تەرەققىي قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى بار بولسا، ئۇنداقتا بەلكىم بلوگ ئېچىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۈنۈمىنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق بلوگنى ئېچىپ قويۇپ، تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلىقىغا قاراپ ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسە، ئوقتەك قىززىپ ، پوقتەك سۇۋۇپ كەتسىڭىز يېرىم يولدا سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىڭىز ئېنىق. بلوگ يېزىش مەيلى يېزىقچىلىق قابىلىيىتى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە بولسۇن ئادەمنى تاۋلايدىغان مۇھىم بىر باسقۇچ. ئىشنى باشلىغانىكەنسىز، چوقۇم ئاخىرىغا چىقىرىشقا تىرىشىڭ، يېرىم يولدا ئالدىراپ بەل قويىۋەتمەڭ.

ئالاھىدە ئەسكەرتمە: بۇ بىر ھەميازما بولۇپ، كەڭ Blogger دوستلار بىرلىكتە يېزىپ چىقىدۇ. يەنى ، مۇشۇ ھەقتە بەلگىلىك تەسىرات ۋە قاراشقا ئىگە Blogger لار مەزكۇر تېما ئاستىغا ئۆزلىرى مۇھىم دەپ قارىغان ‹‹ پەرھىز ›› لەرنى ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يۈكسەل ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پىكرى ئورۇنلۇق، بىرقەدەر سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىرىنى تاللاپ، شۇ بلوگگىرنىڭ نامى بىلەن ‹‹ يۈكسەل بۇيرىغان پەرھىز ›› شەكلىدە تېمىغا قوشىدۇ. شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا كەڭ Blogger دوستلار ئورتاق پايدىلانغۇدەك نادىر بىر يازما پەيدا بولغۇسى!

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : Blogger لار ئۈچۈن پەرھىزلەر (ھەميازما)

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!17 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    ۋاھ دىۋان ماڭا قاپتۇ ، يۈكسەلدىن مۇشۇنداق پايدىلىق يازمىلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئۆزەمنىڭ يازمىلىرىغا قاراپ بىر قىسما بۇلۇپ كېتىمەن ، يارايسىلەر بۇرادەرلەر ، ئەمگىكىڭلارغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن ، كەمنە ئىزتىل سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيدۇ . داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر يازمىلارنى يېزىپ تۇرىشىڭىلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .

  2. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    شۇنداقمۇ ئىش بارمىكىنا؟

  3. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    تۇنجى قىتىم ئالغان بوشلۇقۇمدىن شۇنداق رازى بولغان ئىدىم، گەرچە سۈئىتى ئانچە تىز بولمىسىمۇ، تور قامال قىلىنىپ بوشلۇقنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ ،ئالتە ئاي بولغاندا تاساتتىبى ھالدا بوشلۇق ساتقۇچى بىلەن تىلىفوندا كۆرۈشتۈم، ئۇ ماڭا بوشلۇقتىكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى زاپاسلاپ،ساقلاپ قويغانلىقىنى، تور قامال بىكار قىلىنغان ھامان ،لازىم بولسا ماڭا يوللاپ بىرىدىغانلىقىنى ئىيتقاندا… ئاغزىمغا گەپ كەلمەي…رەھمەت لا دىيەلىدىم،ھازىرمۇ شۇ بوشلۇقنى ئىشلىتىۋاتىمەن، قاقشاپ باقمىدىم،بوشلۇق ساتقۇچى كىشى ھەقىقەتەنمۇ كىچىك پىئىل، سەمىمى ئادەم ئىدى،شۇڭا قىممەت بولسىمۇ داۋاملىق شۇ بوشلۇقنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم…
    يۈكسەلكامنىڭ ،بوشلۇق ساتقۇچى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش پىكىرىنى قاتتىق قوللايمەن!!!

  4. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    بۇ ھەقتە مەن ئىلگىرى بلوگ ۋە بلوگگېر تۈرىدىمۇ خېلى جىق توختىلىپتىكەنمەن. بۇ يەردە مەن تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان نۇقتىلاردىن ئازراق بىلجىرلاپ باقاي.
    بلوگگېر ئۆز مەسئۇلىيىتىگە مەسئۇلىيەتچان بولىشى كېرەك، بلوگىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئېرىنمەي ئولتۇرۇپ يازمىلاردىكى ئىملا، تىنىش بەلگە قاتارلىقلارنى بەلگىلىك توغرىلىق نىسبىتىگە يەتكۈزىشى، ھېچ بولمىسا ماڭا شۇ بلوگدىكى يازمىلارنى ھوزۇرلىنىپ ئوقۇش ئۈچۈن بىر باھانە تېپىپ بېرىشى كېرەك، ناۋادا مەن بۇ بلوگدىن مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ھىدىنى پۇراپ قالسام، شۇ بلوگقا ئىككىنچى قېتىم دەسسىمەيلا قالماي، يەنە بلوگ ئىگىسىگە پاسسىپ كۆز قاراشتا بولۇپ قالىمەن.
    يەنە بىر پەرھىز: مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرمەسلىك كېرەك! بۇ توغرىلىق تەپسىلىي توختالمىساممۇ كۆپچىلىك ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. بىر قىسىم پەرھىزلەرنى بلوگىمدىكى يازمىلاردىن كۆرۈۋېلىشقىمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە!

  5. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    بىر قىسىم ئايرىم بلوگلاردا، قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى مەۋجۇد. شۇنىسى سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ھەرگىز مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشكە ئۇرۇنماڭ! بلوگ يېزىش خۇددى بۇرۇن ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك بەكمۇ ئۇزۇن ۋە جاپالىق جەريان، ناۋادا سىز ئۇزۇن مۇددەت تەييارلىق قىلىپ، پۇختا پلانغا ئېلىپ بلوگ يازغان بولسىڭىز ۋە سىزدە شۇنداق ئۈنۈملۈك تېز تەرەققى قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى بار بولسا، ئۇنداقتا بەلكىم بلوگ ئېچىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۈنۈمىنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق بلوگنى ئېچىپ قويۇپ، تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلىقىغا قاراپ ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسە، تېخىمۇ خاتا يولغا مېڭىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بلوگ يېزىش ئىلگىرى ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك مەيلى يېزىقچىلىق قابىلىيىتى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە بولسۇن ئادەمنى تاۋلايدىغان مۇھىم بىر باسقۇچ. مەيلى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بلوگ يېزىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزدىكى يوشۇرۇن تالانتنى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئوي-پىكىرنى ئويغىتالىشىڭىز ۋە تاۋلىيالىشىڭىز مۇمكىن. باشلىغانىكەنسىز، چوقۇم ئاخىرىغا چىقىرىشقا تىرىشىڭ، يېرىم يولدا ئالدىراپ بەل قويىۋەتمەڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، نەچچە يىل بۇرۇنقى يازمىڭىزنى تارتىپ چىقىپ يېڭى يازمىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ چۆچۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.

    • سەھرالىق مۇنداق يازغان:

      بۇنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقانمەن، لىكىنزە ھازىر بىر نەرسە يازاي دىسەممۇ كاللامغا دەماللىققا ياخشى پىكىرلەر كەلمەيۋاتىدۇ…

  6. قاتىل مۇنداق يازغان:

    مەن دەسلەپ بلوگ يازغاندا ئاساسىي جەھەتتىن توردا ساقلىۋېلىشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارنى ساقلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ يازغان ئىدىم. كېيىن ئېلان قويۇپ پۇل تېپىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، ئېلان قويۇپ، مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشكە ئوخشاش بەزىبىر ئىشلارنى قىلغان. ئەمما ھازىر ئۆزگەردىم. ئۆزۈم بىلىدىغان،باشقىلارغا پايدىلىق دەپ قارىغان ھەم ياخشى كۆرىدىغان مەزمۇنلارنى بلوگىمدا ئېلان قىلىمەن. ھەم داۋاملىق مۇشۇ نىشاننى بويلاپ بلوگ يازىمەن.

  7. ئارغۇ مۇنداق يازغان:

    تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر يازما ئىكەن، بۇ بىز بىلوگېرلار ساقىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار كونكېرت ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، راس دېگەندەك نۇرغۇن ئىشلارغا پەرۋاسىز قارايدىكەنمىز، دىققەت قىلساق بولغۇدەك.

  8. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    تولىمۇ ياخشى پىكىرلەر بولۇپ ئۆتۈپتۇ بۇ يەردە، پېقىرمۇ بارلىق پەرھىزلەرگە ئۆزۈمنى دەڭسەپ باقسام بولغىدەك

  9. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    مەن تېخى بلوگنى ئەمدى يېزىشقا باشلىدىم. ھازىرچە كونا بلوگگىرلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى بولسا، تەسىراتلىرى بولسا ئولتۇرۇپ ئەستايىدىل ئاڭلاپ قويىمەن.

  10. 4تادۇ مۇنداق يازغان:

    پىقىرمۇ بۇ پەرھىزلەر ئارقىلىق ئۆزەمنى تەكشۈرۈپ تۇرىمەن، ھازىرچە مەندىن بلوگگىرلارغا پايدىلىق بىر نەرسە چىقماسلىقى مۇمكىن.

  11. ۋۇلقان مۇنداق يازغان:

    بۇ ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ، مىنڭچە بىلوگىلار ئىزچىللىقا ئالاھىدە قىققەت قىلىشى، بىلوگىنىڭ مەلۇم ساھەدە كىشىلەرگە بەلگىلىك دەرىجىدە نەپ يەتكۈزىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇگۈن شىئېر يىزىپ ئەتە كومىيوتىر تېخنىكىسى ، ئۆ گۈنلىككە ماشىنسازلىققا ئۆتۈپ كەتمەسلىكى، ئۆز بىلوگىنى باغۋەنلەردەك پەرۋىش قىلىپ، بىر گۈلزارلىققا ئايلاندۇرىشى، بىلوگ يىزىشنى ھەرگىزمۇ بىر ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى لازىم.
    بىوگىرلار مىنىڭچە خەۋەر يازمىغان تۈزۈك چۈنكى بىر بىلوگىنىڭ يازغۇچىسى بىر ياكى بىر قانچىلا ئادەمدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ، شۇنداق بولغن ئىكەن خەۋەرلەرنىڭ سۈرئىتىگە يىتشەلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر دەۋاملىق خەۋەر يازماقچى بولسا بىلوگ بىرخىل بېسىم بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    يەنە بىرى ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، باشقىلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا قولىدىن كىلىشىچە، ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئاساستا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرىشى ، باشقىلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلىرىنى توغرا بولسا قۇبۇل قىلىشتىن باش تارىتماسلىقى، بىلمەيدىغان چۇشەنمىگەن جايلىرىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا سىز كۆپ قىسم كۈرۈرمەنلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
    بىلوگقا كىرىپ چىقىش قولايلىق بۇلىشى، پۇلنى كۆزلەپ قالايمىقان ئېلانلارنى كۆپ قۇيۇۋېلىپ باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويماسلىقى، ئىنكاس يىزىشقا ئەپلىك بۇلىشى، بەت يۈزىنى بىزەيمەن دەپ بەك ئالا چىپار قىلىۋەتمەسلىكى، ئاددى كۆركەملىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
    بىلوگدىكى يازمىلارنى قەرەللىك تۈردە يېڭىلاپ تۇرىشى، بەك تشلىۋەتمەسلىكى، بىراق يېڭىلىنىش سۈرئىتى بەك تىز بۇلۇپ كەتمەسلىكى لازىم، ئەكسىچە ئۈنىمى تازا ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.
    بىلوگىرلار كۈچۈرمەكەشلىكتىن قەتئى ساقلىنىشى باشقا بىلوگلاردا ئېلان قىلىنغان تىمىلارنى ئۆز بىلوگىغا يۆتكەپ كەلمەسلىكى، زۈرۈر بولسا ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويىشى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا باشقا بىلوگلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىراپ قالىسىز.
    بىر بىلوگىر باشقا بىلوگلار بىلەن بولغان ئىناق مۇناسىۋەتنى ساقلىشى، ئۆز ئارا ھەمدەم ۋە يار يۆلەكتە بۇلىشى، ئىناق بولغان تور مەدىنيىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك، شۇندىلا سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزدىن باشقىلار ۋە ئۆزىڭىزمۇ سۈيىنىسىز.

    يەنە بىر مۇمكىن بولسا ئۆز كۈرۈر مەنلىرىڭىزگە ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاپ ، ئىلمىي چۇڭقۇر پىكىرلىك مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، بىلوگىڭىزغا دائىم كىردىغان ئالغار پىكىرلىك زىيارەتچىلەرنى قەدىرلەڭ، بۇ بىلوگنىڭ سىزنىڭلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭمۇ بىلوگى ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇرالىسىڭىز، بىلوگىڭىزنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولغۇسى ، بۇ ھەم ئۆزىڭىز ھەم باشقلار ئۈچۈنمۇ ياخشى.
    يۇقارقىلار مىنىڭ شەخسىي كۆز قارشىم، پايدىلىق يەرلىرى بولسا قۇبۇل قىلارسىلەر، خاتا تەرەپلىرىگە كۆز قارشىڭلارنى دادىل ئوتتۇرغا قويساڭلار بۇلىدۇ، مەن ھەر ۋاقىت قۇبۇل قىلىمەن.

  12. ئويغۇرلار بىلوگى مۇنداق يازغان:

    تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر يازما ئىكەن، بۇ بىز بىلوگېرلار ساقىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار كونكېرت ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ،دىققەت قىلساق بولغۇدەك.

  13. ۋاتاشى مۇنداق يازغان:

    پەرھىز – دىگەن سۆز ئاللاھ قۇرئاندا قىلىشنى بۇيرۇق قىلغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
    بەزى كاپىر يازغۇچىلار .. خۇدىنى بىلمەي بۇ سۆزنى ئەدەبى ئەسەر ياكى كۈندىلىك قۇرۇق گەپلەردە خالىغانچە ئىشلىتىپ سالغان.. بىلىش كېرەككى مۇھەممەد ئەلەيسالام بۇيرىغان ئىشلارنىمۇ پەرھىز دىيىشكە بولمايدۇ.
    شۇڭا بۇ يازمىغا قىلىشقا تىگىشىلىك ئىشلار دەپ ئىسىم قويساق. يازما تېمىسى ۋە يازمىدا ئىشلىتىلگەن پەرھىز سۆزنى دەرھال ئۆزگەرتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن.
    تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش دىگەندەك … كىشىلەر كۈندە دېۋالغان گەپكە كەلسەك بۇ خەقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. يۈكسەل بلوگدەك ئىناۋىتى يۇقىرى توربەتلەر خالىغانچە سۆز ئىشلەتسە بولماس.

    • ۋاتاشى مۇنداق يازغان:

      يۈكسەل بلوگ بلوگلارنى ئىلاھى بىز دەپ .. پەرھىز ئېلان قىلىۋاتامدۇ يە ؟ (چاقچاق)

    • ئەگۈز مۇنداق يازغان:

      مەنم شۇنداق ئويلايمەنكى، پەرھىز بىلەن پەرز ئىككىسى ئىككى گەپ، پەرز چوقۇق قىلىش لازىم دېگەن مەنىدە(ئىلاھىي بۇيرۇق)، پەرھىز بولسا قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم دېگەن مەنىدە. ئاللاھ ھەممىدىن ئوبدان بىلگۈچىدۇر.

  14. Vasli مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىنىڭ 3-تەۋسىيىسىگە بەك قايىلمەن.دىمىسىمۇ بىزياشلار شۇنداق مەنمۇ يېڭىدىن بلوگ يازغان ۋاقتىمد بەك ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كېتەتتىم ھازىر سەل تۈگىدى بۇ قىلىقىم لىكىن كەسىپىم كومپىيۇتېر بولغاندىكىنمۇ يېنىلا كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قىلىدىغان ئىش جېق ،ئولتۇرماي دىسەممۇ مەجبۇرلاپ قويىدۇ.قىزىقتە جانسىز نەرسىنىڭ جانلىق نەرسىنى كونتىرول قىلىۋىلىشى.
    يۈكسەل ئەپەندى بولسا بلوگۇمغا كىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ بلوگۇمغا بولغان تەسىراتىڭىزنى يىزىپ بەرسىڭزى ئۆزەم شۇنچە كۈچەپ بلوگ يازىمەنيۇ كىشىلەر تېمامغا قىزىقمامدۇ بىلمىدىم ياكى بۇ بلوگنى بىلمىدىمۇ ئىشقىلىو كۆرىلىشى ئۆزەم بىلەنلە چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.خې…خې

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟