نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

كۈنسېرى سارغىيىۋاتقان ئۇيغۇر تورلىرى

شۇنى ئېتىراپ قىلماي ھېچ ئىلاجىمىز يوقكى، ئەينى چاغدا تېلېۋىزور ( Television ) بىزنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك تەسىر قىلغان، بىزنىڭ ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت بوشلۇقىمىزدا قانچىلىك زور زىل – زىلە پەيدا قىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تور ( Internet ) ھەم شۇنداق مىسلىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.
تېلېۋىزورنىڭ تېزگىنىكى ئۆز قولىمىزدا بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى پروگىراممىلارنىڭ قانداق بولۇش تەڭشىكى بىزنىڭ قولىمىزدا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ، تېلېۋىزوردا ئەنئەنىۋىي ئەخلاق مىزانىمىزغا كەسكىن خىرىس قىلغۇچى پروگراممىلار بازار تاپماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، سەللا ھايا – نومۇسلۇق كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلاندى … ئەمما، تورچۇ؟! …
باشقا تىلدىكى، باشقىلار نەشىر قىلغان تورلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆز ئۇيغۇرلىرىمىز نەشىر قىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە تورلارچۇ؟! … ئەجەبا بۇ تور بېكەتلەرنىڭ بارلىق باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا ئەمەسمىدى؟! ئۇنىڭغا قانداق مەزمۇن چىقىرىش – چىقارماسلىق بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئىش ئەمەسمىدى؟! بىز يەنە نېمە ئۈچۈن تىنىم تاپماستىن ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىمىز ؟! بىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆز ئېنى – سىڭىللىرىمىزنىڭ مېڭىسىنى ناچار ئۇچۇر بىلەن زەھەرلەيمىز؟! يەنە نېمە ئۈچۈن … ئەجەبا بىزدىكى ۋىجدان ، ئىمان، غۇرۇرنى ئىت يەپ كەتتىمۇ ياكى چاشقان غاجىلاپ ؟! ….
مانا شۇ تاپتا قارايدىغان بولسىڭىز، خېلى نىسبەتتىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ( بۇلارنىڭ ئىچىدە نوپۇزلۇق چوڭ تور بېكەتلەرمۇ بار ) رەڭگىنىڭ بارغانسېرى سارغىيۋاتقانلىقىنى كۆرۈمىز . شۇنچىكى بىر ئاددىي يازمىنى ئوقۇش ئۈچۈن كۆزىڭىز نەچچىلىگەن سارغۇچ ماۋزۇلارنى ئاتلاپ ئۆتۈشى كېرەك. ئاددىيغىنا بىر ئىتوت كۆرۈش ئۈچۈن قانچىلىغان تولغان ساغرا بىلەن تومپايغان مەيدىلەرگە كۆز يۇمۇشىڭىز شەرت. سىز بىلەن بىزغۇ ئۆزىمىزنى ئاز – تولا توختاتتۇق، ئاق – قارىنى پەرق ئەتكۈچىلىكىمىز بار، ئاشۇ ھەرخىل رەڭدىكى يازما – فىلىملارنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كۆزلىگەن يازما – فىلىملارنى سالامەت كۆرۈپ يېتەلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما تېخى ئۆزىنى توختىتىپ ئالالمىغان گۆدەك ئېنى – سىڭىللىرىمىزچۇ ؟ …
بىز شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، بەزىلەرنىڭ تور بېكەت قۇرۇشتىكى مۇددىئاسى توغرا ئەمەس. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تور پەقەت پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى خالاس. ئۇلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بولمىسۇن تورىنىڭ زىيارەت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم. چۈنكى زىيارەت ئېقىمى دېمەك ئۇلارنىڭ يانچۇقىغا ئېقىۋاتقان پۇلدىن دېرەك. شۇڭا، ئۇلار ھە دېگەندە سارغۇچ تېما – فىلىملارنى ئۆز تورىدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ زىيارەت ئېقىمىغا ئېرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئىستىشىدۇ. ئەگەر قانۇن يولغا قويغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ بۇ پەيلىدە ئوچۇق ئاشكارا سېرىق – شەھۋانىي نەرسىلەرنى يوللاشتىن ھەم باش تارتمايدىغانلىقى ئېنىق.
تور ئارقىلىق پۇل تېپىش خاتا ئەمەس ، ئەلۋەتتە. بىزمۇ ھەم تور ئارقىلىق پۇل تېپىشنى قوللايمىز ، قۇۋۋەتلەيمىز. ئەمما، پۇل تېپىشتىكى ۋاسىتە توغرا بولۇشى كېرەكتە ؟! پۇل ئۈچۈن ۋىجدان – غۇرۇرنى پايخان قىلىشقا بولمايدۇ – دە؟! تور ئارقىلىق پۇل تاپتىم دەپ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەخلاق مىزانلىرىنى كۆزگە ئىلمىسا، ئۆز مىللىتىدىن بولغان ئېنى – سىڭىللىرىنىمۇ ، گۆدەك – ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەشتىن يانمىسا ، مۇنداق تور بېكەت ئېچىشنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ ناشايان ئىشقا سېلىۋاتقان سولامچىلىقتىن نېمە پەرقى ؟! …
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەدەنىيەت – ئەخلاقنى تەكىتلەيدىغان، ئۆزىگە خاس قويۇق ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت – ئەخلاق قارىشىغا ئىگە خەلق. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تور مەدەنىيەت مۇھىتى ھە دېگەندە ئۆز پاكىزلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ؟!
- بۇنىڭدا يۇقىرىقىدەك ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن تور بېكەت قۇرغۇچىلاردىن باشقا، ھەممە ئىشقا سۇس قارايدىغان، ھەتتا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە تۇرۇپ مانتا يەيدىغان، ئۆز مەنپەتىگە كەسكىن ئالاقىدار ئىشلاردىن باشقىغا قۇلاق يوپۇرۇپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن سىز بىلەن بىزگە ئوخشاش بىپەرۋا تورداشلار سەۋەبكارمىز. بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ تور بېكەتلەرنى پاش قىلمايمىز؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ تور بېكەتلەرنى سېسىتمايمىز؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ تور بېكەتلەرنى بايقۇت قىلمايمىز؟! … كۆزىمىز كۆرۈۋاتقان ئەمەلىيەت شۇكى، بىز ئۇلارنى بايقۇت قىلماستىن ئۇلارنىڭ بازىرىنى ئاۋات قىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ، بلوگلىرى ھە دېگەندە ئۇلارغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايلاردىن ئۇلىنىشقا جاي بېرىشمەكتە. شۇنداق تور بېكەتلەرنىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئۆز ئۇلىنىشىنى قىستۇرۇش ئۈچۈن ئۆلۈمتۈكلەرچە تىپىرلىماقتا … ئېسىت بىزدىكى ۋىجدان ، ئېسىت بىزدىكى غورۇرغا !
ئەمما، بىر قىسىم بېكەت باشلىقلىرى سەگەك بولسۇنكى، ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن تۇيغۇن خەلق. ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىغىندەك، ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ئىش تۇتۇۋاتقان كىشىلەرنىمۇ ھەم ئۇنتۇپ قالمايدۇ. تارىخ ھامان بۇنداق كىشىلەرنى لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلايدۇ. بۇ دۇنيا شۇنداق بىر دۇنياكى، زەررىچە قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ جاۋابى بولغىنىدەك، زەررىچە قىلىنغان يامانلىقنىڭمۇ ھەم سورىقى بولىدۇ!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: كۈنسېرى سارغىيىۋاتقان ئۇيغۇر تورلىرى

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!14 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. dolkun731 مۇنداق يازغان:

    ئەخلاق مەسلىسى بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا تىگىشلىك مۇھىمنىڭ ئەڭ مۇھىمى .
    بوۋام يۈرگەن ئېتىكاپتا جەننەتنى كۆزلەپ ،
    دادام يۈررەر قاۋاقلاردا پوكەينى يۈلەپ .
    مەن يۈرەرمەن باغچىلاردا جاناننى ئىزدەپ ،
    ئوغلۇم…………………………………….
    [reply=Yuksel,2010-07-04 06:04 PM]ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە پۇلغا يۈرۈش قىلىپ،«پۇل ھەممىگە قادىر»دەيدىغان قاراش كۆپلىگەن ئادەملارنىڭ كاللىسىدا ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلاپ،ئەخلاق،نومۇس دىگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ،بارلىق ئاماللار بىلەن پۇل تېپىشقا تۇتۇندى.« پۇلى كۆپنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ»،«ساراڭ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن» دەپ قارالدى.ئاقىۋەتتە پۇل تېپىش ئۈچۈن قىسمەن ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر،ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى بەزى نازۇك پەدىشەپلەر بۇزۇلۇشقا،ئىلگىرى نومۇس دەپ قارىلىدىغان بەزى ئىشلار ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇرنقى مەرت كىشىلەرنىڭ قىسمەن ئەۋلاتلىرى سەل نامەرتلەشتى، بۇ نامەرتلەرنىڭ قىسمەن ئەۋلاتلىرى ئەمدىلىكتە بولسا نومۇسسىزلاشتى.بۇرۇنلاردا بولسا باشقىلاردىن ئۆز مەھەللىسىنىڭ يامان گىپىنى ئاڭلىسىمۇ نارازلىق بىلدۈرۈپ،ئۆكتە قوپىدىغان كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئەۋلاتلىرى بولسا، يۈزىدىن يۈزىگە ھاقارەت قىلىنسىمۇ لام-جىم دىمەي تۇرىدىغان گومۇش – قورقۇنچاقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.«غۇرۇر،ۋىجدان،نومۇس تۇيغۇسى دىگەنلەرگە قوساق تويامتى؟»دىگەندەك گەپلەرنى ھېچ نومۇس قىلمايلا دىيەلەيدىغان بولدى. ھەممىزدە نومۇس تۇيغۇسى مانا مۇشۇنداق قاشاڭلىشىپ كەتكەن، ھەممەيلەن تەپسە تەۋرىمەس كالىدەك ھەممىگە شۇك تۇرىدىغان بولۇشۇپ كەتكەندىن كېيىن، يۇقىرىقى تېمىدا دېيىلگەندەك شەھۋانىي مەزمۇن ۋە فىلىملار بىلەن تويۇنغان ئۇيغۇر تور بەتلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى مەيدانغا كېلىشتى. ئۇلار ھە دېگەندە ھايا پەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ ئاشكارىلىققا ئۆتۈشتى، مەزمۇنلىرى بارغانسىېرى چەكتىن ئاشسا ئاشتىكى پەيلىدىن يېنىشمىدى …
    شۇ تاپتا مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ئىچىم ئۆرتىنىپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ كەتتىم.بىزدىكى نومۇس تۇيغۇسى زادى نەگە كەتتى؟! ئەجىبا غورۇر – ئىمان، ھايا – نومۇس ھەممىسىنى تويماس نەپسىمىزگە تېگىشىۋەتتۇقمۇ؟!!!….[/reply]

  2. uyghurlarblogbus مۇنداق يازغان:

    ئىسىل يازمىكەن ، جەمىيەت تەرەقىياتى بىز قىلايدىغان ئىشلارشدىن بىزنى ياتلاشتۇرۇپ ، نۇمۇس قىلىدىغان ئىشقا ئۇندەۋاتامدۇ نىمە؟ سىزنىڭ بۇ ئىنكاس كۆزنىكىگە سەل كۆپرەك ئىنكاس يىزىلىپ قالسا قانۇنسىز مەشخۇلات دەپ چىقۋالىدىكەنغۇ ، ئەسلى دەيدىغانىم كۆپتى كىيىن دەمەن …

  3. uyradiofan مۇنداق يازغان:

    مانا بۇ < <ئاق مۇشۇك -قارا مۇشۇك ،چاشقان تۇتقان ياخشى مۇشۇك>> دىگەننىڭ نەتىجىسى .ئقتىسادنى تەرەققيى قىلدۇرۇش ئۇچۇن بەرگەن قۇربانلىق . ھازىرمۇ يۇزنى ئۇرىۋالغان ،روپاش ئاياللارنى قەدەمدە بىر تەكشۇرىدۇ ،لىكن پاھىشە خوتۇنلار بولسا كوچىدا ئەركىن يايراپ يۇرگەندەك .

  4. rohlanbiz مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى بۇ يازمىنى ناھايىتى ياخشى يوللاپتۇ، يۈكسەل ئەپەندى بۇ يازمىنى يولاشنىڭ ئالدىدا مەن شۇ خىلدىكى بىر بېكەتنى پاش قىلاي دەپ پاش قىلىش بىكەتلىرىگە كىرىپ خېلى بىر يەرلەرگىچە جەدىۋەللىرىنى تولدۇرغان بولسۇمما ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالماي(خەنزۇچە سەۋىيە ئاجىز كەلدى) مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۈمىت قىلىپ تۇرغان ئىدىم.
    بولسا خەنزۇچە سەۋىيىسى ياخشىراق بىرەيلەن بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرڭلار، بۇنداق تور بىكەتنى پاش قىلغانغا سىز-بىزلەرنى جازالىمايدۇ، بەلكىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
    بۇ يەردە ئاشۇنداق ئۆزىنىڭ ئېلانلىرىنى ئۇلىنىشلارغا ئېلان قىلغۇزۇپ، بېكىتىنى سارغايتىپ ، ھارام پۇل تېپىۋاتقانلارنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قۇياي دېگەن يەنىلا سەل توختاپ تۇراي.
    ئاخىرىدا بۇ ئىشلارنىڭ تېزراق ۋۇجۇتقا چىقىپ، ئۇيغۇر تور بىكەتچىلىكنىڭ پاكىزلىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
    روھلاندىن: ئادىل

  5. kamal مۇنداق يازغان:

    ئوغۇلبالا،خو!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    بەزى مازلار توردا پۇل تىپىش ئۈچۈن ئانا،ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ يالىڭاچ ھالەتتىكى سۈرىتىنى بىلوگىغا ،تورلىرىغا چىقىرىشتىن يانمايدىغاندەك قىلىدۇ…………………..
    پىروگىراممىرلار، خاككىرلار گۇمپاڭلارنى مانا مۇشۇنداق ئىشلارغا ئىشلىتەيلى!
    مەنمۇ بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن
    چ چ :287593903

  6. bilimlar مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى بۇ تېمىڭىزنى بەك ياخشى يېزىپسىز. بولسا مۇشۇنداق توربەت ئېچىۋاتقانلار مۇشۇ تېمىنى بىر كۆرگەن بولسا ياخشى بۇلاتتى.
    [reply=Yuksel,2010-07-08 10:05 PM]كۆرگەنلەر يوق ئەمەس. ئەمما، ئۆزىگە قايتقانلار يوق…[/reply]

  7. abdulla مۇنداق يازغان:

    توغرا دوسلار…، بىراق …،شۇڭلاشكىمۇ مەن ئابدۇكېرم ئابلېزنىڭ بەزى جەمئيەتتىكى يامان ئشلارنى پاش قىلىدىغان ئىتوتلىرىغا بەك ئامراق جۇمۇ!مەسىلەن < بۇزۇق تېلىۋىزور>.
    [reply=Yuksel,2010-07-11 02:12 PM]ئابدۇكرېىم ئاكىمىزنىڭ بەزى ئىتوتلىرى سەل – پەل مۇبالىغە قىلىنغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ۋە بەزى ناچار خاھىشلارنى قامچىلايدۇ. ئەمما، بۇ ئىتوتنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكىلەر كۆرمىدى بولغاي، كۆرسىمۇ پروگىراممىسىنى تەكشەشكە ئۆزلىرىنىڭ چىشى پاتمىدى بولغاي ….[/reply]

  8. sami998 مۇنداق يازغان:

    ئاللا قۇلڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن قېرىندىشىم …. ۋىجدانى بارلار تېخى باركەن مەن تېخى ۋىجدانلىقلارنىڭ ھەممىسنىڭ پۇت -قۇلدا كىشەن بارمىكىن دەپتىمەن ،،،رەھمەت
    [reply=Yuksel,2010-07-11 02:13 PM]سىزگىمۇ رەھمەت ، سىلەرگە ئوخشاش تورداشلارنىڭ مەدىتى – رىغبىتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا بىزمۇ ئۇنى – بۇنى دەپ بلوگ يېزىپ كېلىۋاتىمىز…[/reply]

  9. zakira مۇنداق يازغان:

    بىر قىسىم بېكەت باشلىقلىرى سەگەك بولسۇنكى، ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن تۇيغۇن خەلق. ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىغىندەك، ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ئىش تۇتۇۋاتقان كىشىلەرنىمۇ ھەم ئۇنتۇپ قالمايدۇ. تارىخ ھامان بۇنداق كىشىلەرنى لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلايدۇ. بۇ دۇنيا شۇنداق بىر دۇنياكى، زەررىچە قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ جاۋابى بولغىنىدەك، زەررىچە قىلىنغان يامانلىقنىڭمۇ ھەم سورىقى بولىدۇ!

    ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەركەن! ۋىجدانى بارلار ئۈچۈن بۇندىن ئارتۇق سۆز بولماس …

  10. ئابلىز مۇنداق يازغان:

    گەپنىڭ قىسقىسى تىيىپجان ئېلىيوپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، روزى سايىتتەك مىللەتنىڭ ساپاسىغا، مەدەنىيىتىگە مىللەتنڭ ئەخلاق قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەم شۇنىڭ قارشىسىدا بارلىق ناچارلىقلارنى ئۆتكۈر تىلى بىلەن قامچىلايدىغان زىيالى ، ئەدىپلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق.
    ھەم ھازىر بىزنىڭ زىيالى ئاتالمىش كىشىلىرىمىز نىڭ كۆپىنچىسى ماددى مەنپەئەتنىڭ قۇلى ،
    ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دىسە كۆنگەن دەپ بۇنىڭغا بىزنىڭ ساددا كىشىلىرىمىز كۆنۈپ كەتتى .
    ھازىر بىز مىللەتنىڭ ھازىرقى بارلىق روھى كىسەللەرگە توغرا دىئاگنۇز قۇيۇپ داۋالىيالايدىغان ھەم كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى توغرا يولغا باشلىيالايدىغان ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەر ، مىللەتپەرۋەر زىيالى ، ئەدىپلەرگە مۇھتاج

  11. سەزگۈر مۇنداق يازغان:

    ئەركەك ساناپ ئۆزىنى توربەت قۇرغان بېكەتچى،
    كۈندە رەسىم، كىنونى يوللاپ تۇرغان بېكەتچى.

    چۈشۈرمەيدۇ ئاغزىدىن ئەركەكلىكنى غۇرۇرنى،
    مىللىتم دەپ مەيدىگە مۇشتلاپ تۇرغان بېكەتچى.

    تەكلىپ قىلار بېتىگە ، يېڭى كىنو بار ئىمىش،
    ئېلان چېكىپ قويۇڭ دەپ يىغلاپ تۇرغان بېكەتچى.

    توشۇپ كەتكەن تور بېتى ياپ- يالىڭاچ رەسىمگە،
    مال بازىرى قوتانغا ئوخشاپ تۇرغان بېكەتچى.

    قوزغاپ ئىشقى- نەپسىنى زىيارەتچى باللانىڭ،
    «ۋاڭ كەمپى» نىڭ ئۆزىگە ئوخشاپ قالغان بېكەتچى.

    شەرمىي ھايا ئەخلاقنى ئاش ئورنىدا ھام ئىتىپ،
    بىھايالار سىپىدە توختاپ قالغان بېكەتچى.

    يۈرەك پارەم ئوغلۇم دەپ ئاق سۈتىدە چوڭ قىلسا،
    شۇ ئانىنىڭ سۈتىنى بولغاپ بولغان بېكەتچى.

    ئەل ۋەتەنگە ياراملىق يىگىت بولار ئىدىغۇ؟
    ئەپسۇس، ئەمەس ئىنسانغا ئوخشاپ بولغان بېكەتچى.

    ئاچ ئۇيقۇڭنى يان ئەمدى، دۇت پاھىشە كەسپىدىن،
    دۇرۇس يولنى پاكلىقنى تىپىۋالغىن بېكەتچى.

    يىگىت دېگەن ياشنايدۇ ھالاللىقنىڭ تەرىدە،
    شۇ ھالاللىق ئىتىنى مىنىۋالغىن بېكەتچى.

  12. [...] قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك تەسىر قىلغان، بىزنىڭ ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت بوشلۇقىمىزدا قانچىلىك زور زىل – زىلە پەيدا قىلغان [...]

  13. چۈلتىگىن مۇنداق يازغان:

    تور بەتلىرىمىز خېلى تەرەققىي قىلىپ ،ئازدۇر ئۈنۇمگە ئېرىشىپ، كىشىلىرىمىز ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئارلىغىلى تۇرغان پەيىتتە ئەمدى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بۇلغايدىغان سېرىق نەرسىلەر تور بەتلىرىمىزدە پەيدا بولغىلى تۇردى . بۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ قاراپ تۇرغىلى بولمايدۇ. كىچىككىنە بىر خەۋەرنى كۈرۈش ئۈچۈنمۇ خېلى نۇرغۇن سېرىق نەرسىلەرنى چىكىشكە مەجبۇر بۇلۇپ تۇرماقتىمىز .بۇ بىر ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس . بىز چۇقۇم بۇنداق ئىدىيىمىزنى بۇزىدىغان .ئۇيغۇر ئەخلاقىغا يات قىلمىشلارنى تۈگىتىشىمىز كېرەك . بۇنداق تور بەتلەرنى كۆزنەكتىن يۇقىتىشىمىز لازىم .

  14. ئوغۇز مۇنداق يازغان:

    ھەممىسى پۇل ئۈچۈن!

سەزگۈر 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟