torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئىنساننى ئەزىزلەپ، ھاياتنى قەدىرلەيلى !

‹‹ ئەسىر ۋاباسى ›› دېگەن نام بىلەن كۆڭۈللەرنى شۈركەندۈرگۈچى ئەيدىز ( AIDS ) دۇنيا مىقىياسىدا ئاللىقاچان مىليۇنلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئىنسانىيەت AIDS خىرس قىلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن جان – جەھلى بىلەن تىرىشىپ كەلدى. تاكى شۇ تاپقىچە، نە AIDS نىڭ شىپاسى تېپىلغىنى ، نە AIDS نىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقىلغىنى يوق. ئەمما، AIDS نى داۋالايدىغان دورىلارنى ياساشتا ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلىۋاتىدۇ، AIDS ۋاكسىنىسىنى ياساشتىمۇ بۆسۈشلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. بىر ئېغىز گەپ، بىز ھامان بىر كۈنى ئىنسانىيەتنىڭ AIDS ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز!

بۈگۈن 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ، بۈگۈن 23 – نۆۋەتلىك ‹‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى ( World AIDS Day ) ›› . بۇ يىلقى دۇنيا ئەيدىز كۈنىدىكى تەشۋىقات باش تېمىسى يەنىلا ‹‹ ئەھدىمىزگە ۋاپا قىلىپ ، ئەيدىزنى چەكلەيلى ›› ، قوشۇمچە تېما ‹‹ ئىنساننى ئەزىزلەپ، ھاياتنى قەدىرلەيلى ›› دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

رەقەملەردىن AIDS يۇقۇمىغا نەزەر

ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى ( UNAIDS ) نىڭ 2009 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان دۇنيا ئەيدىز يۇقۇمى ھەققىدە چىقارغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە AIDS يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 33 مىليۇن نەپەر ئىكەن. جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010 – يىلى جۇڭگودىكى ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 370 مىڭ نەپەرگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەيدىز ( AIDS ) بىمارى 130 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئەيدىز ( AIDS ) تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن كىشى 68 مىڭ نەپەر بولغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، 2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ، شىنجاڭدا جەمئىي دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى 32532 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە AIDS بىمارى 5651 نەپەر. AIDS يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بويىچە مەملىكەت بويىچە 5 – ئورۇندا تۇرغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2010 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 10226 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئومۇمىي سانى ( 32532 نەپەر ) نىڭ ئازغىنە كەم 3 / 1 نى ئىگىلىگەن.

دىققىتىمىزنى قوزغاشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا

1. دىيارىمىز جۇڭگودىكى ئەيدىز يۇقۇمى بىرقەدەر ئېغىر بولغان رايون. گەرچە ھۆكۈمەت دوكلاتلىرىدا تىلغا ئېلىنمىغىنى بىلەن شۇنى كۆرۈپ يەتمەك تەس ئەمەسكى ،دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئەيدىزنىڭ ئەڭ كەسكىن خىرسىغا دۇچ كەلمەكتە.
2. ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى زەھەر چېكىش جەريانىدا شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەشتىن ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەشكە ئۆزگەرگەن.
3. دىيارىمىزدىكى ئەركەك ھەمجىنىسۋازلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش سۈرئىتى تېز ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە بولۇپ، بۇ خىل ھالەت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋرىدە دىيارىمىزدىكى ئەركەك ھەمجىنىسۋازلار ئومۇمىي سانىنىڭ 30 مىڭدىن كەم ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
4. ئەيدىز يۇقۇمى يۇقتۇرۇۋېلىش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىدىن بارغانسېرى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭەيمەكتە.
5. ئاياللار ئەيدىز يۇقۇمى ئالىدىدا ئاجىز توپقا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
6. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەيدىز تەشۋىقاتىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى قەدىرلەش، ھاياتنى ئەزىزلەش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش زۆرۈر.
7. ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى ناھىيە – بازارلار ، يېزا – قىشلاقلارغىچە ياخشى ئىشلەش ، ھەممە ئادەمنى ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلارنى خەۋەردار قىلىش كېرەك.

ئاخىرقى سۆز

دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە ، يۈكسەل بلوگى بارلىق زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، AIDS گە ئالاقىدار بىلىم ، خەۋەر – ئۇچۇرلارنى يوللاپ ، كەڭ تورداشلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى AIDS مەسىلىسىگە ئاغدۇرۇشقا تىرىشتى. ئاخىرىدا ، يۈكسەل بارىلىق تورداشلارنى ئۆزىمىزنى قەدىرلەپ ، AIDS دىن نېرى تۇرۇشقا ، AIDS بىمارلىرىنى كەمسىتمەي ئۇلارنى ئارىغا ئېلىپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىشقا، ئەھدىمىزگە ۋاپا قىلىپ، ئەيدىزنى چەكلەشكە، ئىنساننى ئەزىزلەپ، ھاياتنى قەدىرلەشكە چاقىرىق قىلىدۇ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئىنساننى ئەزىزلەپ، ھاياتنى قەدىرلەيلى !

خەتكۈچ: ، ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!7 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    — ئېلىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش–داۋالاش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا

    بۇ، خەلقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەش.

    بۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ساپاسى ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ – ياشنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىق.

    ئۇزاقتىن بۇيان، ئېلىمىز ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇم ئەھۋالى تېز كېڭىيىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، كېسەل بىلەن ئۆلىدىغانلارنىڭ نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئاغرىقلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

    جەڭنى كۈتۈۋېلىش: ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش ئۈچۈن ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇلدى

    ئىنسانلارنىڭ ئەيدىزگە قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش ئەمەلىيىتى ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئەيدىزنىڭ يامرىشىنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

    مەلۇم بولۇشىچە، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە بايقاش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە ئەيدىزنى توردا بىۋاسىتە مەلۇم قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسى، قاراۋۇلخانىدا كۆزىتىش سىستېمىسى ھەم مەخسۇس تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان. 2010 – يىلى ئېلىمىزنىڭ ئەيدىزنى كۆزىتىش قاراۋۇلخانىسى 1888گە، كۆزەتكۈچى خادىم 840 مىڭغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزلۈكىدىن ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش، تەكشۈرۈش نۇقتىسى 8526گە كېڭىيىپ، كېسەللىكنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، جىنسىي كېسەل، تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتى، ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتى، پىلانلىق تۇغۇت ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى قاپلاپ، مۇكەممەل مەسلىھەت بېرىش، تەكشۈرۈش سىستېمىسى شەكىللەندى.

    ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان جەمئىي 5 مىليون 700 مىڭ ھامىلىدار ئايال ئەيدىزنى تەكشۈرۈش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈش، مەسلىھەت بېرىشنى قوبۇل قىلغان ھامىلىدارلار ئومۇمىي سانىنىڭ %51.8ىنى ئىگىلىدى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، مېتادون بىلەن مادارلاندۇرۇپ داۋالاش خىزمىتى مەملىكەت دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلدى. ھازىر مەملىكەت بويىچە 27 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە مېتادون بىلەن مادارلاندۇرۇپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيەسىدىن جەمئىي 692سى قۇرۇلۇپ، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان 287 مىڭ كىشى داۋالاندى.

    ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، دۆلىتىمىزدە داۋالانغان ئاغرىق جەمئىي 100 مىڭدىن ئاشقان. ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى 2008 – يىلىدىكى 100/.1 16 كىشىدىن 2009 – يىلىدىكى 100/.5 13 كىشىگە تۆۋەنلىگەن.

    ئىجتىمائىي كۈچلەرمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە كەڭ كۆلەمدە قاتناشتى، ھازىر 1000دىن كۆپرەك ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ.

    جەڭ ئېلان قىلىش: ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشتىكى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇلدى

    ئېلىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىدە ئېرىشكەن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، بەزى يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەر يەنىلا ساقلىنىۋاتىدۇ.

    سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئېلىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقى جەمئىي 370 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاغرىقلار 130 مىڭدىن كۆپرەككە، ئۆلگەنلەر 68 مىڭغا يەتكەن. قىسمەن رايونلار ۋە ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئىچىدە يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش ئەھۋالى ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان، ئەيدىزنىڭ ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى ئارقىلىق تارقىلىشى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەيدىزنىڭ ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى 2008 – يىلىدىكى %.9 5 تىن 2009 – يىلىدىكى %.6 8كە ئۆرلىگەن.

    سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئالاھىدە خەتەرلىك قىلمىشلار كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت، جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىشنىتوسۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش ۋاسىتىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ خىرىس.

    جەڭگە ئاتلىنىش: ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىنى بەرپا قىلىش لازىم

    گوۋۇيۈەننىڭ 29 – نويابىردىكى دائىمىي يىغىنىدا: ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خەلقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ياكى گۇمران بولۇشىغا چېتىلىدۇ، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشتىكى يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى خىرىس ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت تەشكىللىك رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەتتىكىلەر ئورتاق قاتنىشىدىغان›› ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىمىز.

    بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشنى تىزگىنلەش جەھەتتە، گاندون ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرىمىز، مېھمانساراي قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىغا گاندون قويىمىز؛ جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جىنسىي كېسەللەرنى ۋاقتىدا داۋالاپ، جىنسىي كېسەلنى تىزگىنلەيمىز.

    مەلۇم بولۇشىچە، ئەيدىزنى داۋالاشتىكى دورىغا چىدامچانلىق مەسىلىسىدە، ئېلىمىز 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دورىغا چىداملىق كىشىلەر ئارىسىدا 2 – لىنىيەدىكى ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرغان. ھازىر 4603 ئەيدىز ئاغرىقى 2 – لىنىيەدىكى دورا بىلەن داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.

    بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئېلىمىز تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي دورىلار مۇندەرىجىسىدىكى ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن پۇرسەتپەرەس يۇقۇملىنىشقا قارشى دورا تۈرلىرىنى تەدرىجىي ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈپ، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىدۇ ھەم 2 – لىنىيەدىكى ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى مەملىكىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2 – لنىيەدىكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىز كۆچمە ئاھالە ئارىسىدىكى ئاغرىقلارنى باشقا جايدا داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن داۋالاش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالاشنىڭ سىجىللىقى ۋە ئۆلچەملىشىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

    29 – نويابىر ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا تەشۋىقات، تەربىيەنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە بايقاش؛ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش ئىشلىرىنىڭ يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.
    * مەنبە: http://www.xjtsnews.com

  2. بايلىق بلوگى مۇنداق يازغان:

    يۇكسەل ئەپەندى 10 داڭلىق بلوگقا بىلەت تاشلاش پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرساق بولاتتى قاچان باشلايدىلا

  3. teklimakan مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرچە بلوگ ئىزدەش ماتورى موللا تاپقاق چىقتى.
    يۈكسەل بلوگدىكى مەزمۇنلارنى تاپالامدۇ يوق
    http://molla.blogbus.com

  4. بايلىق بلوگى مۇنداق يازغان:

    ئوخخو! ئەسلى 12 ئاينىڭ 1 كۈنى يوللىناتتىغۇ ھىلىمۇ ساقلاپ كۆزىمىز تىشىلىپ كىتەي دىدى :shock: :roll:

  5. ھەۋەسكار مۇنداق يازغان:

    تىمىغا مۇناسىۋەسىز بىر سۇئال؟
    بەيدۇ ئىلانى قويۇپسىز مۇبارەك بولسۇن. مەن مۇشۇ بەيدۇ ئىلانىغا بەك قىززىقىمەن بولسا مۇشۇ بەيدۇ ئىلانىغا قانداق ئىرىشكەنلىكىڭىز توغرىسىدا ئىككى ئىغىز سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز،يەنە تاپاۋەت قانداراق؟ مۇنا مىكروفۇن! :lol:

شاھ ئۇيغۇر 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟