torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

AIDS بىمارلىرىنىڭ توي قىلىش ۋە بالىلىق بولۇش مەسىلىسى

ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ، AIDS ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. AIDS ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺯﺍﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯘﭼﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ AIDS ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ تاراتقۇلارنىڭ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭگە ﻛﯚﺭﻩ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ 12 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 – ﻛﯜﻧﻰ << دۇنيا ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯜﻧﻰ ، World AIDS Day >> ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ، ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 5 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯩﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﯩﻜﯩﺸﻜﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺑﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ۋىرۇسى ( HIV ) نىﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﯩﮕﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﻟﯩﻖ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻜﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺳﯚﻳﮕﯜ – مۇھەببىتىدىن ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍ : << ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﻪﻣﺪﯗ؟! ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﻻ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﺎﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯘﻗﺴﺎ، ﺑﯘ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﺗﯩﮕﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯘ؟!...>>
ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ << ﭘﻪﻗﻪﺕ < ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻧﯘﻗﺘﺪﯨﻦ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ> ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻻ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ >> ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﺮﻟﯩﻘﻰ 2002 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ << ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ( ﺗﯜﺯﯛﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﯘﺳﯩﺨﺴﻰ) >> ﺩﺍ ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺘﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﻣﯜﺭﺑﻮﻳﻰ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺴﺎ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺗﯧﺒﺒﯩﻴﻠﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎن ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯧﺒﺒﯩﻴﻠﯩﻚ ﺗﻪﺩﯨﺒﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ تەكلىپىنىﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﻰ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ، ﺗﯧﺒﺒﯩﻴﻠﯩﻚ ﺗﻪﺩﯨﺒﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ تەكلىپىنى بېرىش ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ.

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ، ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺭ! ئارىمىزدىكى ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ …

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ۋىرۇسى ( HIV ) نى ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﯞﻩ AIDS ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ؟!! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﯖﯩﺰ، ﺩﻭﺳﺖ – ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﺰ؟!!…

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: AIDS بىمارلىرىنىڭ توي قىلىش ۋە بالىلىق بولۇش مەسىلىسى

خەتكۈچ: ، ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!6 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇرئوغلى مۇنداق يازغان:

    ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺩﯛﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﺠﺪﯨﻤﺎﺋﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
    ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﺴﺎ:
    1.ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ،ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    2.ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﻻﻳﺪﯗ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ
    ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ(ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ)، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺯﻻﻳﺪﯗ.
    3.ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯘﺭﺳﻪ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﮬﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﻻﺗﻘﯩﻠﻰ ﮬﻪﻡ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      خېلى ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ، بولۇپمۇ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆز-ئارا نىكاھلىنىشىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك پايدىسىنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك قىلىپ دەپ ئۆتۈپسىز، مەنمۇ مۇشۇ ئاساستا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي.
      ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى بىمارلار ھەقىقەتەنمۇ توي قىلىپ ئائىلە قۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭدا باشقىلارغا ئوخشاشلا يۇقۇملانغۇچىلارغىمۇ ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمايدۇ. ئەمما يۇقۇملانغۇچىلار توي قىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئەتىراپلىق ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر نەچچە مەسىلە بار. بىرىنچىدىن، ئەر- ئايال ھەر ئىككىسى يۇقۇملانغۇچى بولغان شارائىتتا ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنىلا ئۆز-ئارا يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى زۆرۈر، بولمىغاندا كېسەللىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ ھەم داۋالاش(ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش)مۇ تەسكە توختايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىمۇ بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشى زۆرۈر. ئىككىنچىدىن، تۇرمۇش قۇرغان ئىكەن ئۇلار دۈچ كېلىدىغان مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرسى پەرزەنتلىك بولۇش. يۇقۇملانغان ئانىدىن تۇغۇلغان بوۋاققا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش ئېھتىماللىقى15-40 پىرسەنتكىچە بولىدۇ، دىمەك بۇنىڭدا خېلىلا چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش كېرەك. ئەگەر بوۋاق توغۇلغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن يۇقۇملىنىپ توغۇلغان بولسا، گەرچە ھازىر ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ھەقسىز بولسىمۇ،بالا يەنە نۇرغۇن جىسمانى ئازاپلارنى تارتىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ يۇقۇملانغان بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشىمۇ ئاستا، ئۆمىرىمۇ قىسقا بولىدۇ، ئۆز يۈرەك پارىسىنىڭ بۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغىنىنى كۆرۈشنى ھېچقانداق ئاتا-ئانا خالىمىسا كېرەك. ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن بوۋاق ساق توغۇلدىمۇ دەيلى، سالامەتلىكى كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان، ھەر قاچان جىسمانى ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان بىر جۈپ ئەر-ئايالغا نىسبەتەن بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئېنىقلا ئاسانغا توختىمايدۇ، بالا ئۇلاردىن كېيىن قالسا بېقىش ۋە تەربىيلىنىش مەسىلىسىمۇ ئالدىن ئويلىشىدىغان ئامىلدۇر.
      دېمەك يۇقۇملانغۇچىلار ئۆز-ئارا توي قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭدا قانۇن تەرەپتىن كاپالەتكە ئىگە، ئەمما بالىلىق بولۇش مەسىلىسىدە چوقۇم ئەتراپلىق ئويلىنىشى كېرەك.

  2. تەكلىماكان مۇنداق يازغان:

    بەزى نەرسىلەرگە دىققەت قىلىدىغان تەشۋىقاتلار كۆپەيگەنسىرى كىشلەر دىققەت قىمايۋاتقاندەك. ئەيدىزنىڭ ئالىدىنى ئالىدىغان تەشۋىقات كۆپەيگەنسىرى ئەيدىزمۇ كۆپىيۋاتقاندەك…

  3. تىۋىپ مۇنداق يازغان:

    ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﭘﯩﺸﺘﯩﻢ ﺩﻩﭘﻼ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ؟ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(ﻧﺎﺷﺎﻳﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﻗﺴﺎ) ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﺴﺎ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﺴﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ.ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻤﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺧﺎﻻﺱ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘ(7-8ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﻩﻟﯩﺴﻪ) ﺑﺎﻻ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﻏﺎﻳﺪﯗ.
    ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ:ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ.

    • پەرىشان مۇنداق يازغان:

      كۆڭلۈمنى ھەجەپ يېرىم قىلدىڭىز . مەن توي قىلىپ قۇرسىقىم بەش ئايلىق بولغاندا ئاندىن يۇقۇملانغىنىمنى بىلدىم بالىنى ئالدۇرىۋىتەي دىسەم مىنىڭ تۇنجى پەرزەنتىم يەنە تۇغۇش ئىمكانىيتىم يوق ، شۇڭا دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدىغان دورا يەپ تۇرۇپ تۇغسا 98% يۇقۇملاندۇرماي تۇغۇش مۇمكىنچىلىقى بارلىقىنى بىلىپ داۋالىنىپ تۇرۇپ تۇغدۇم بالام ھازىر 16 ئايلىق بولدى شۇنداق شوخ يامان ئەقىللىق بەك جانلىق مىنىڭ پۈتۈن خۇشاللىقىم مۇشۇ بالاملا خالاس بالامنىڭ دادىسى كىسىلىنى ئالىدىغان قىز بالىدىن يۇشۇرۇپ تۇرۇپ 50000 يۈئەن تويلۇق بىرىپ مەن تۇغۇشتىن بۇرۇنلا توي قىلىۋالدى ، قۇسقۇمنى كۈتۈرۈپ ئاجىرشىپ كەتتىم ، بالام مىنىڭ ھاياتىم خۇشاللىقىم ئىدى يۇقۇملانمىدى دەپ ئىشەنچ قىلاتتىم گۇمان قىلىشتىنمۇ قورقاتتىم ………. بۇ تىمىنى نىمىشقىمۇ ئۇقىغاندىمەن توۋا……….. يەنە دەر ئەلەم ئىچىدە ئازاپ چىكىپ ئۈتىۋىرەرمەنمۇ………..

      • بوھران مۇنداق يازغان:

        سالام،
        بىر تەرەپتىن بېشىڭىزغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلاپ ئەپسۇسلانسام، يەنە بىر تەرەپتىن جانجىگەر پەرزەنتىڭىزنىڭ ساق-سالامەت ئۆسۈپ يېتىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ چەكسىز خۇشال بولدۇم. ھەقىقەتەن سىز دىگەندەك ھامىلىدار مەزگىلىدە ۋە تۇغۇت جەريانىدا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇل قوللانسا ھامىلىنىڭ ياكى بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، بالىڭىز 16 ئايلىق بولغان بولسا ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمال بولسا يۇقۇملانمىغانلىق ئېھتىماللىقى بەكمۇ يۇقىرى ، چۈنكى نەزەرىيە جەھەتتىن بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا پەقەت 18 ئايدىن كېيىن ئاندىن ئېنىق دىئاگىنوز قويغىلى بولىدۇ.
        مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ تېمىنى كۆرۈپ تېخىمۇ بېسىم قىلىۋېلىشىڭىزنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق. بالىڭىز سىزگە خوشاللىق ۋە روھىي ئۇزۇق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇمۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ئىنتايىن پايدىلىق. پەقەت كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزنى، بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆپرەك زېھىنىڭىز ۋە كۈچىڭىزنى سەرىپ قىلىشىڭىز كېرەكتۇر.ھازىر ئاتا-ئانىسى يۇقۇملانغان بالىلار ئۈچۈن جەمئىيەتتەھۆكۈمەت ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ نۇرغۇن ياردەم تۈرلىرى بار، خالىسىڭىز ئەتىراپىڭىزدىكى باشقا يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ، كۆپرەك پىكىرلىشىڭ، شۇنىڭدا ئۆز ئارا نۇرغۇن بىلىم، ئۇچۇر ۋە مەدەت-ياردەملەرگە ئېرىشەلەيسىز. بۇ ھەقتە بىزمۇ ياردەم قىلالىشىمىز مۇمكىن.
        سىز ۋە پەرزەنتىڭىزگە سالامەتلىك ۋە بەخىت تىلەيمەن.

بوھران 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟