torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

دۇنيا ئەيدىز يىغىنى (World AIDS Conference) ۋېنادا ئېچىلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن نەقىللەپ خەۋەر قىلىشىچە ، 18 – ئىيۇل كەچتە 18 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز يىغىنى ( XVIII International AIDS Conference ) ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنادىكى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا، يىغىن ئەھلى ئەيدىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم يېڭى دورا تەتقىقاتى ۋە داۋالاش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىرلىشىدۇ، بۇ ساھەدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئەڭ يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز يىغىنىنىڭ شوئارى ‹‹ھوقۇق – مەنپەئەت دەل شۇ پەيتتە، شۇ جايدا مەۋجۇت›› بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا ئەيدىزنىڭ تەھدىتىگە ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ھەم ئەيدىز ئاغرىقلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش مۇراجىئەت قىلىنغان.
ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر 33 مىليون 400 مىڭ كىشىگە يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن 30 يىلدا ئەيدىز 25 مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئەيدىز يۇقۇمى ھازىرمۇ ئېغىر ئىكەن.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: دۇنيا ئەيدىز يىغىنى (World AIDS Conference) ۋېنادا ئېچىلدى

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. bohran مۇنداق يازغان:

    بۇ يىغىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەيدىزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ھەر ساھەدىكى خادىملار، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار،پىدائىيلار ۋە يۇقۇملانغۇچىلار قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت تەجىرىبىلىرى، تەتقىقات نەتىنجىلىرى ۋە يېڭىچە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشىدۇ ۋە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. شۇ تەرىزىدە شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يولغا قويغان مەھەللىلەردە ئويۇن قۇيۇش ئارقىلىق ئەيدىز توغىرسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىش، يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىك تېمىسىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتىمۇ بىر تۈرلۈك مۇۋاپىقىيەتلىك خىزمەت ئۇسۇلى شەكلىدە جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىدىن بارغان ۋەكىل تەرىپىدىن مۇشۇ خەلقئارالىق چوڭ يىغىندا كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇلدى. بۇ بىز ھەم ھەر قايسى جايلاردا جاپا چېكىپ كۆرەش قىلىۋاتقان خىزمەتچى ۋە پىدائىيلىرىمىز ئۈچۈن زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى!

  2. koinlun مۇنداق يازغان:

    شىنخۇا تورىنىڭ 19-ئىيۇل ۋېينادىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خەلقئارا ئەيدىز كىسىلى بىرلەشمىسى ۋېينادا ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا ئەيدىز كىسىلى يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە يېرىمغا يېقىن ئادەم 25 ياشقا توشمىغان بولۇپ، ياشلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ، ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ھادىسىسى ناھايىتى روشەنلەشكەن.  

    خەلقئارا ئەيدىز كىسىلى بىرلەشمىسىنىڭ مۇتەخەسىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيادا ھەر كۈنى يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تەخمىنەن 7400 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3300 ئادەمنىڭ يېشى 25 كە يەتمەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ياشلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ھادىسىسى ناھايىتى ئېغىر، بۇ خىل ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەيدىز كىسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇچۇرى يېتەرلىك بولماسلىق، مۇناسىۋەتلىك تەربىيەنىڭ كەملىكى، جەمئىيەتتنىڭ ناچار تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر پۈتۈن دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ياشلىق دەرۋرىگە قەدەم قويۇش ۋاقتىنىڭ بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە ئالدىغا سۈرۈلۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توي قىلىش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ، تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بارغانسىرى ئومۇملىشىپ قېلىشىنى بۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر سەۋەبى دەپ قارىدى.

     ب د ت ئەيدىز كىسىلى پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ 2008-يىلىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2007-يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئەيدىز كېسلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغانلار 10 مىليونغا، ئەيدىز كېسلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 15 ياشتىن تۆۋەنلەر 2 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن.
    مەنبە: خەلق تورى

koinlun 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟