torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

سىز AIDS نى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەردىنمۇ؟

كىملەرنىڭ AIDS نى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى؟

1. باشقىلار بىلەن ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلەتكۈچىلەر، باشقىلار بىلەن شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چەككۈچىلەر
2. ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىمىگەن قان ، قان پلازمىسى ۋە قان ياسالمىلىرىنى سالغۇچىلار ( ئىشلەتكۈچىلەر ).
3. جىنسىي ھەمراھى كۆپلەر ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى .
4. جىنسىي كېسەللىكى بارلار.
5. بەچچىۋازلار ( ئەركەك ھەمجىنىسۋازلار ، Gay ) ، قوش جىنسۋازلار ( bisexuality ، ئەر – ئايال ھەر ئىككى جىنس بىلەن جىنسىي ئالاقىدا بولغۇچىلار ).
6. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ئانا تۇغقان بالا.
7. دائىم قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان داۋالاش – سەھىيە خادىملىرى.

كىملەر AIDS دىن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك؟

تۆۋەندىكى كىشىلەر ۋاقتىدا AIDS دىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈشنى ئويلىشىشى لازىم.
1. جىنسىي كېسەللىكى بارلار، جىنسىي ھەمراھى كۆپلەر ياكى ئۆز جىنسىي ھەمراھىنىڭ ئۆزىدىن باشقا جىنسىي ھەمراھىنى كۆپ دەپ، گۇمان قىلغۇچىلار.
2. جىنسىي ھەمراھى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) يۇقۇمدارى ياكى AIDS بىمار بولغۇچىلار.
3. ئىلگىرى باشقىلار بىلەن ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلەتكۈچىلەر.
4. پەرزەنت كۆرۈش ئالدىدا تۇرغان ئاياللار.
5. ئىلگىرى ئۆزىگە ۋىرۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قان ياكى قان ياسالمىلىرى سېلىنغان دەپ، گۇمان قىلغۇچىلار.
6. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ئانا تۇغقان بالا.
7. دائىم ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) يۇقۇمدارى ياكى AIDS بىمارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان داۋالاش – سەھىيە خادىملىرى.

AIDS نىڭ ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇش نىسبىتى قانچە؟

ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسى 桂希恩 نىڭ ئېلان قىلغان يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، AIDS نىڭ ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇش نىسبىتى %10 ئىكەن. بۇ بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن.
桂希恩 نىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇناسىۋىتى مۇقىم بولغان جىنسىي ھەمراھلار ( قالايمىقان ئىشى يوق ئەر – خوتۇنلار دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ ) ئارىسىدا AIDS نىڭ يۇقۇش نىسبىتى ئانچىۋالا يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدىكەن. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 700 قېتىمدىن 1000 قېتىمغىچە ھېچقانداق قوغدىنىش چارىسى قوللىنىلماي جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ئاندىن يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر گاندوم ( condom ، بىخەتەرلىك قاپچۇقى، 安全套 ) ئىشلىتىلسە، يۇقۇملىنىش %85 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. ئەگەر نىكاھ سىرتىدىكى قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت بولسا، جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە AIDS نىڭ بۇ كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشى بەك تېز بولىدىكەن. ئەگەر جىنسىي كېسەللىكى بار AIDS يۇقۇمدارى بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پەقەت 10 – 5 قېتىمدىلا يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدىكەن. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، گاھى ئەھۋالدا 1 قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىلا AIDS دىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدىكەن.

مەنبە: ئۈچ توققۇز ساغلاملىق تورى ( http://www.39.net/ )

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: سىز AIDS نى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەردىنمۇ؟

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. bohran مۇنداق يازغان:

    بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئىكەن، لېكىن بۇ خىل سانلار بىلەن ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ئېھتىماللىقىنى ھىساپلاپ چىقىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، چۈنكى سانلىق ئىپادىلەرنى ھەر كىم ھەر خىل چۈشىنىشى مۇمكىن، مەسىلەن مۇناسىۋىتى مۇقىم بولغان جىنسى ھەمراھلار(قالايمىقان ئىشى يوق ئەر خوتۇنلار) ئارىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس دېيىلىپتۇ، بۇنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ؟ قالايمقان ئىشى يوق دىگەننى پەقەت ئېرىدىن( ئايالىدىن) يۇشۇرۇنچە سىرىتتا باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلمايدىغان دەپلا چۈشەنسەك، ئۇنداقتا بۇنداق زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر نۇرغۇن، ئەگەر بۇ قالايمىقان دىگەننى يەنە كېڭەيتىپ زەھەرمۇ چەكمەيدىغان دەپ چۈشەنسەك، باشقا تەسادىپى ئىشلاردىن ( قان سالدۇرغان، ئوپراتسىيە قىلغان، ساقال ئالدۇرغان….) يۇقتۇرۋېلىش ئېھتىماللىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇنداق ئەر خوتۇنلار ئارىسىدا يۇقۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۈت ئەمەس، 700-1000 قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەتتە ئاندىن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشى مۇمكىن دىگەن سۆز پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ . مەن بۇ سانلارنى مۇشۇنداق چۈشەندىم، بەلكىم ئەسلى ماقالىدە بۇ مەسىلىلەر ئېنىق ئىزاھلانغان بولسا بۇ يەردە قىسقارتىلىپ ئېلىنغاندۇ. خاتالاشقان بولسام تۈزىتىش بېرەرسىز.
    [reply=Yuksel,2010-06-09 00:20 AM]بۇ جايدىكى ئەر – خوتۇنلار ئارىسىدىكى يۇقۇش نىسبىتى دېگەننى ، ئەر – خوتۇن ئارسىدىكى بىر تەرەپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەھۋال ئاستىدىكى يۇقۇش نىسبىتى ، دەپ چۈشەنگەيسىز.
    ئەسلى ماقالىنىڭمۇ بېرى شۇكەن، بەلكىم تەرجىمىدىكى ناقىسلىقىم تۈپەيلى، چۈشىنىشلىك بايان قىلىپ بېرەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن. سىز كەبى تورداشلار ئالدىدا كۆپ خىجىلمەن.[/reply]

  2. birzat مۇنداق يازغان:

    دېگەندەك بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پەقەتلا ئەھمىيتى يوقتەك بىلىندى ماڭا[face06] پۈتۈن تېمىدىكى مەزمۇنلارنى يوغۇتۇپ بىر يەرگە ئىلىپ كەلسە ئەڭ ئاخىرقى قىزىل رەڭلىك جۈملىگە تەڭ بولماپتۇ .
    < <گاھى ئەھۋالدا 1 قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىلا AIDS دىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدىكەن.>>

    [reply=Yuksel,2010-06-09 00:23 AM]بۇ يازمىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن ئەھمىيىتى كەم بولسىمۇ، دائىم AIDS ۋەھىمىسىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بەلكىم ئەھمىيىتى زور بولۇشى ، ئۇلارغا ئاز – تولا ئۈمىد بېغىشلىشى ۋە بۇندىن كېيىنكى ھاياتىغا تېگىشلىك كۆرسەتمە بېرىشى مۇمكىن.
    ئەلۋەتتە، ئەڭ ئاخىرقى قىزىل رەڭلىك جۈملە ھەممەيلەننىڭ قايتا ئوقۇپ كۆرۈشىگە، ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدىن نېرى قىلماسلىقىمىزغا ئەرزىيدۇ.[/reply]

birzat 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟