نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > 2010 - يىللىق 10 چوڭ بلوگ
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

10 چوڭ بلوگقا بىلەت تاشلاشتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە بايانات

يۈكسەل بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10چوڭ Blog نى باھالاش پائالىيىتى » باشلانغاندىن بۇيان، تورداشلار بۇ پائالىيەتكە قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، ئاكتىپ بېلەت تاشلاشتى. بېلەت تاشلاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۆپ قىسىم تورداشلار قائىدە-تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، پائالىيەتكە سەمىمىيلىك ، ھەققانىيلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم تورداشلاردا ساختىلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، بولۇپمۇ 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتىن باشلاپ ساختا بېلەت تاشلاش ئەھۋالى ئېغىرلاشقان.
نۆۋەتتە بۇ قىلمىشنىڭ باشقىلارنىڭ بلوگىغا دۈشمەنلىك بىلەن قىلىنغان قەستكارلىق ياكى بېلەت سانىنى قەستەن كۆپەيتىش ئۈچۈن قىلىنغان ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە ئىمكان بولمىدى. شۇڭا « ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10چوڭ Blog نى باھالاش ھەيئىتى » مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ:

ساختا بېلەت تاشلاش قىلمىشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش

1. بلوگلارغا تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ھەممە بلوگدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان بېلەتلەرنى بىردەك بىكار قىلىش ۋە سانداندىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش.
2. گۇمانلىق دەپ قارىلىپ، بىكار قىلىنغان بېلەت سانىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى ئەمەلىي بېلەت سانىنى كۈچكە ئىگە قىلىش.
3. «ساختا بېلەت تاشلىغان» دەپ گۇمان قىلىنغان IP ئادرېسلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش.
4. ساختا بېلەت ئەھۋالى كۆرۈلگەن بلوگلارغا ئىچكى قىسىمدا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش.

تورداشلاردىن ئۈمىد

ھۆرمەتلىك تورداشلار، « ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10چوڭ Blog نى باھالاش پائالىيىتى » ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى. گەرچە پائالىيەتتە نەتىجىگە ئېرىشكەن بلوگلارغا بېرىدىغان مۇكاپاتنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمىسىمۇ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئوينايدىغان رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ پائالىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىي، پاكىزە ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۇيغۇر تورچىلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.
« ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10چوڭ Blog نى باھالاش ھەيئىتى » تورداشلاردىن شۇنى ئۈمىد قىلىدۇكى، تورداشلار مەزكۇر پائالىيەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسا، بېلەت تاشلاشتا سەمىمى، ئادىل ، ھەققانىي بولسا، ساختىلىق ئىشلەتمىسە، بولۇپمۇ نامزات بلوگلارغا دۈشمەنلىق قىلىنمىسا.
ئاخىرىدا، تورداشلار ۋە نامزات بلوگلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ساختىلىق كۆرۈلگەن بلوگ ئىسمى ياكى ساختىلىقنىڭ تەپسىلاتنى ئاشكارىلىماسلىقىمىز ھەرگىزمۇ ساختىلىق قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئامال قىلالمىغانلىقىمىز ياكى بلوگلارغا يان باسقانلىقىمىز ئەمەس. بەلكى، پائالىيەتنىڭ نۇپۇزىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بلوگلارنىڭ ئابرويىنى ساقلاشتىن ئىبارەت. شۇڭا، تورداشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رېئايە قىلىشىنى سورايمىز.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: 10 چوڭ بلوگقا بىلەت تاشلاشتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە بايانات

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!29 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئىلىم-پەن مۇنداق يازغان:

    ئىلىم – پەن بىلوگىنىڭ بايانتى:
    ئىلىم پەن بىلوگىغا تۆنۈگۈن ئەتىگەنگىچە تاشلانغان بېلەت 48 ئىدى، بىراق بۈگۈن ئەتىگەن 108 بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا كېىيىنكى 60 بېلەتتە مەسىلە بار دەپ قارىدىم .
    ئىلىم – پەن بىلوگ «10 چوڭ بىلوگ» قاتارىغا كىرىشنى مۇھىم دەپ بىلمەيدۇ، ئىلىم – پەن بىلوگنىڭ مۇھىم دەپ بىلىدىغىنى «پائالىيەت ئاخىرلاشقۇچە ھەققانىي، ئادىل، سەمىمىي بولۇش» .
    ھەيئەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئىلىم – پەن بىلوگىغا تاشلانغان كېيىنكى 60 بىلەتنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بېقىشىنى، ئەگەر مەسىلە كۆرۈلسە قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئىلىم – پەن بىلوگىنى نامزاتلىقتىن ئېلىپ تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئىلىم – پەن بلوگىنىڭ سەمىمىيىتىدىن سۆيۈنۈشكە ھەقلىقمىز. چۈنكى، ئىلىم – پەن بلوگى بۈگۈن ئەتتىگەندىلا ئۆز بلوگىغا تاشلغان بېلەتتە مەسىلە مەۋجۇدلۇقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. دەرۋەقە يۇقىرىقى باياناتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىكىدەك، بىر قىسىم بلوگلارغا تاشلانغان بېلەتلەردە ساختىلىق بايقالدى. بۇنى ئۆزىمىز تەكشۈرۈپ، ساختا بېلەتلەرنى ئىناۋەتسىز قىلىمىز ۋە گۇمانلىق IP لارنى قارا تىزىملىككە تىقىۋېتىمىز.

  2. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى، بىزمۇ بىر ئىككى كۈندە بىر قېتىم نەتىجىسىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزگە تاشلانغان بېلەتتە مەسىلە بار يوقلىقىنى بىلىپ بولالمايدىكەنمىز، شۇڭلاشقا ھەر قانداق مەسىلە كۆرۈلسە ھېچ بولمىسا شۇ بلوگگېرنىڭ ئۆزىگە ئوقتۇرۇش قىلىپ قويسىڭىز، ئەلۋەتتە قوللىنىدىغان تەدبىرگە ھېچقانداق قارشى پىكىر تەكلىپىمىز يوق، پەقەت شۇ بلوگگېرنىڭ ئۆزى قانداق مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى دەل ۋاقتىدا بىلىۋالسا بولاتتى. رەھمەت

  3. تەكلىماكان مۇنداق يازغان:

    تۆنۈگۈن تەكلىماكان بلوگنىڭ بېلەت سانى 60 نەچچە تۇرغاندەك قىلغان…
    بۈگۈن چۈشتە قارىسام 100 دىن ئېشىپ كېتىپتۇ…
    بۇ بەلكىم بىرەرسى قەستەن تاشلىغان بېلەت بولۇشى مۇمكىن.
    مەن تۆنۈگۈن سىز بىلىك كۇلۇبىدا ئون چوڭ بلوگقا بېلەت تاشلاش ھەققىدە يازغان يازمىغا تەكلىماكان بلوگقا بېلەت تاشلاشنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئىنكاس يازغان… بەلكىم شۇنىڭ ئۈنىمى بولىشىمۇ مۇمكىن.
    ئىشقلىپ تەكلىماكان بلوگنىڭ تۆنۈگۈنكى بېلەت تاشلىنىش ئەھۋالى گۇمانلىق..
    ئەگەر ساختا بېلەت تاشلاش ئەھۋالى بايقالسا… باھالاش ھەيئىتى ساختا تاشلانغان بېلەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشۇڭلارنى ئۈمد قىلىمىز. بۇ ئىشنىڭ باراۋەر ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
    تەكلىماكان بلوگنىڭ بىلىك كۇلۇبىدا ئىنكاس يېزىپ تەكلىماكان بلوگقا بېلەت تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىشى بۇ پائالىيەت قائىدىسىگە خىلاپ بولمىسا ئاخشام تاشلىنىپ كەتكەن بېلەت ھەم بىلىكتىكى تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا… بىز بۇنى ساختا بېلەت دەپ قارايمىز. ھەم بۇ ئىشنىڭ تەكلىماكان بلوگ بىلەن ئالاقىسى يوق. رەھمەت .

  4. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچىمۇ بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەردىن بەلكىم بلوگگېرلارنىڭ خەۋىرى بولماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭدا چوقۇم مەلۇم قارشى ئېلىنمايدىغان بىرسى قالايمىقانچلىق چىقارغانلىقى ئېنىق، بۇنىڭدا بلوگگېرلاردىن ئاغرىنىشقىمۇ بولمايدۇ

  5. جېك مۇنداق يازغان:

    قارىسام ھەممىڭلار ھەركەتكە كەپ بولسىلەر، مەن تېخى ئالدىراشچىلىقتا ھېچيەردە پېقىرنىڭ بلوگىغا بىلەت تاشلاڭلار دىگۈدەك بولمىدىم، ئازراق خەۋەرلەندۈرۈپ قويمىسام ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرمىگىممۇ تەس بۇلامدۇ نىمە بۇ يىل.

  6. جېك مۇنداق يازغان:

    تەدبىركارنىڭ بلوگى بىلەن رىقابەتكە چۈشۈدىغان ئوخشايدۇ مىنىڭكى.

    • بىرزات مۇنداق يازغان:

      تەدبىركارغا يېتىشىۋالغانلىقنىڭ ئۆزىلا 80خالتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويىدۇ :lol: ئۇنىڭ ئۈستىگە 80خالتا ماۋۇ يېقىنقى 4-5 كۈن ئىچىدە ئىچىلىپ بولالمايدىغان ئوخشايدۇ. :sad:

      • شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

        80 خالتا بلوگى بۇ يىلمۇ بىرىنچىلىكنى ئېلىپ بوپتۇ مانا، خەلق قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان بلوگنىڭ بىرىنچى بولالىغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك سۆزىنىڭ دەلىلىدۇر

  7. كۆك كەپتەر مۇنداق يازغان:

    بىلەتنى ئالدىرماي تاشلارسىلەر. :lol:

  8. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    بېلەت تاشلاش جەريانىغا باشتىن-ئاخىرى دىققەت قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز!بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل بولۇشىنى چاقىرىق قىلىمەن…

  9. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    Cooki چەكلەش ھەققىدە تەكلىب:
    ماۋۇ كومپىيۇتېرىمنى ھەر قېتىم قوزغىتىپ چىقساملا،بىر قېتىمدىن بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن.بۇ ئەھۋالغا قارىتا تېخنىك بۇرادەرلەرنىڭ قانداق ئامالى باركىن؟بولسا بىر IP ئادرىستا بىرلا قېتىم تاشلىغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىسە قانداقكىن؟

    • كۆك كەپتەر مۇنداق يازغان:

      تېخنىكىلىق تەدبىرلارنى ئامالنىڭ بارىچە تولۇق قوللاندۇق، بىراق ۋاقىت قىستاپ قالغاچ، پىروگراممىغا چوڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ۋاقىت يار بەرمەيلا پائالىيەت باشلىنىپ كەتتى.
      مىنىڭچە، تورداشلار مائۇسنى ھەر بىر چەككەندە، قولىنى يۈرىكىگە قويۇپ تۇرۇپ چەكمىسە، ھەر قانچە يۇقۇرى تېخنىكا قوللانغان بىلەنمۇ بىكار.

  10. ئابرال مۇنداق يازغان:

    بۇ باياناتنى چىقارغىنىڭلار ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. مەنمۇ تۈنۈگۈن بۇ مەسىلىنى بايقىغان ئىدىم. ئالدىنقى كۈنى كەچتە تاشلانغان بىلەت 61 كۆرگەنلىكىم ئېنىق ئىدى. تۈنۈگۈن قارىسام 58 گە چۈشۈپ قاپتىكەن. بۇ باياناتنى كۆرۈپ مېنىڭكىگە 3 بىلەتنىڭ ئوخشاش ئادرىستىن تاشلىنىپ ئىناۋەتسىز قىلىنغان بىلەت سانى ئىكەن دەپ بىلدىم.
    ئەگەر ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىغا يەنە قالايمىقان ساختا بىلەت تاشلانسا، باھالاش ھەيئىتىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋەتسە بولىدۇ. بۇنىڭغا ھىچقانداق پىكىرىمىز يوق.

  11. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبدىن ئىلقۇتنىڭ بېلەت سانىنىڭ قەيەردىن قەيەرگە بېرىپ توختىغانلىقىنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ تۇرۇشقىمۇ ئىمكان بولمىدى دېسە….. :roll:

  12. ئابرال مۇنداق يازغان:

    12-14 كۈنى كەچتە، بىر دوستۇمغا بىلەت تاشلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆز بىلوگىم ئاستىدىكى بىلوگلارنى سۈرەتكە تارتىپ qq ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدىم. ئۆز ئەھۋالىنى بىلەلمىگەنلەر بىلىۋالار دەپ رەسىمنى يوللاپ قويدۇم.پايدىلىنارسىلەر. بۇ رەسىم 12-14-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 9 ئەتراپىدا تارتىلىپتىكەن.

  13. ئاغىنىلەر مۇنداق يازغان:

    بارلىق بىلوگىرلارنىڭ غەيرەت قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن

  14. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    1.بلوگىرلارئۆزبلوگىغا ھەقىقى «كۆيۇنسە» بۇنداق ئىش يۈزبەرمەيدۇ .
    2.بلوگىرلار ئۆزگە بلوگلار بىلەن ئادىل رىقابەتلىششكە جۈرئەت قىلالىسا بۇنداق ئىش يۈزبەرمەيدۇ .
    تېخنىكا ھەممىنى ھەل قىلالمايدۇ ،ئەڭ مۇھىمى ساپ نىيەت .

  15. ۋۇلقان مۇنداق يازغان:

    قارىغاندا مىنىڭ بىلوگىم ئارقىدىن سانىغاندا 1- بولىدىغان ئوخشايدۇ، بۇنىڭغىمۇ شۈكرى.

  16. خان جەمەتى مۇنداق يازغان:

    10 چوڭ بىلوگ تاللانمىغاندۇ تېخى ؟ ئەگەر تاللانمىغان بولسا . باشقىچە ئۈسۇلدا تاللىساق ياخشى بۇلاتتىكەن ئەسلى ……………

  17. تارىمى مۇنداق يازغان:

    تورغا چىقمىغىلى ئىككى ئايدەك بولۇپ قاپتۇ . بۇ قىسقىغىنا ۋاقىتلار ئىچىدە يۈكسەل بىلوگىدىمۇ مەن بىلەن ئوخشاش تور نامدا ئىنكاسلار كۆپىيىپ قاپتۇ . ھەم ئۇنىڭدىن سىرتمۇ باشقا تورلاردىمۇ نىمە سەۋەپتىنكىن بىلمىدىم تارىمى دىگەن بۇ ئىسىم بەك كۆپىيىپ قاپتۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

    نامزات كۆرسىتىش تېمىسىدا بىلوگىم 15 ئورۇندىكەن . چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ كۆرۈپ ئازراق ئىنكاس يازغىممۇ كەلدى . مەن تور توختاپ قالغاندىن كىيىن ئىچكىردە تۇرىۋاتقان مەزگىلدە باشقىلارنىڭ سىزمۇ بىلوگ يازسىڭىز بولمامدۇ دىگەن تەۋسىيەسى بىلەن بىلوگ يازغان .
    مەن بىلوگ بىلىملىرىنى ئۇيغۇربەگدىن ئۆگەنگەن . مەن بىلوگدىكى يازمىلارنى كۆچۈرگىلى بولمايدىغان ، باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان قىلىشنى ۋە شۇنداقلا باشقىلارغا ئاز تولا بولسىمۇ پايدىسى بولۇشنى مەقسەت قىلغان .
    ئەمدى نامزات كۆرسىتىش تېمىسىدا خېلى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە يېڭىلانمىغان بىلوگلارمۇ باركەن دىگەن ئىنكاسلار باركەن .
    توغرا مەن بىلوگىمنى يېڭىلىمىغىلى 5 ئايدەك بولدى . ئۈستىدىكى ئاشۇ تېمىلاردا دىيىلگەندەك بويىچە ، مەن داۋاملىق بىلوگىمنى ئىنگىلىزچە ياكى تۈركچە كىتاب ۋە تور بەتلەردىن تەرجىمە قىلىپ ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ماڭسام بولىدۇ ،ھەم مېنىڭمۇ ئەسلى شۇنداق مەقسىتىم بار ئىدى . ئەمما ماڭا مۇھىمى سالامەتلىك . بىلوگ يېزىش ئەمەس .
    قايسى ۋاقىتلاردا مەن سالامەتلىك ئەھۋالىمنى بىرزات ھېكىمغا ئېيتتىم .
    بۇرۇن كۈندە دىگۈدەك توختىماي يېڭىلاپ تۇراتتىم ، ئەمما ھازىر داۋاملىشىۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولغان ھەپتىدە 2-3 كۈن بۇرۇن قاناشتەك بۇ خىل سالامەتلىك ئەھۋالىدا مەن بىلوگ يېزىش ئەمەس ، تورغىمۇ چىقىشتىن ۋاز كەچتىم . بۇ مېنىڭ بىلوگنى يازماسلىقىمدىكى ئاساسى سەۋەب .

    ئەمدى ئۇيغۇر بىلوگىرلارغا تەۋسىيە ، تۈركىيەنىڭ بىلوگجۇ تور بېتىدىن بىلوگ ئىلتىماس قىلىپ باققانلار ۋە شۇلارنىڭ تور قانۇن نىزاملىرىنى ئوقۇپ باققانلار بوسلا بىلىشى مۇمكىن . تۈركىيە بىلوگلىرى ۋە تور بەتلىرىدە ئوخشاش مەزمۇندىكى يازما ۋە بىلوگلارنىڭ بولۇشى قانۇنغا خىلابكەن ، يەنى بىلوگ يازمىلىرىنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلغانلىق ھېسابلىنىدىكەن . بۇنى بىز رايونىمزى تەۋەسىدىكى بىلوگچىلىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدا ئوخشاش مەزمۇن ناھايىتى كۆپ ، بىلوگ بىلوگدەك خاسلىققا ئىگە بولماستىن بەلكى توربەتلەردىكى خەۋەر ۋە ئۇچۇر خاراكتىرلىك نۇقتىلارنىمۇ كۆچۈرۈپ كېلىپ بىلوگلاردا مەزمۇن قىممىتى يوق بولۇشتەك ئەھۋال ئېغىر .

    تۈركىيە بىلوگلىرىدا پۈتكۈل بىلوگلار ئۆز خاسلىقى بويىچە تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ ، كىشلەرگە بىر خىل قولايلىق بولۇش ۋە مەزمۇن جەھەتتىنمۇ ئەمەلىي رىئال بولۇشتەك ئالاھىدىلىكە ئىگە . مەسلەن ئەدەبىيات ، شېئىر ، ھىكايە ، فىلىم ، پەلسەپە ،تېخنىكا ،مەدەنىيەت …..بۇ قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز خاسلىقى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىلغان . ئىككى بىلوگ ئارىسىدا مەزمۇن ئوخشاش بولۇپ قېلشىتەك ئەھۋال ئۇچىرىمايدۇ . ئۇيغۇر بىلوگلىرىغا قارايدىغان بولساق كىشلەر نادىر دەپ كرۆسەتكەن بولسۇن ياكى ئۇنداق بولمىسۇن بۇرۇنقىدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدا بىلوگ بىلىملىرىنى ئاساس قىلىش ۋە شۇ ئوخشاش بىر خىل مەزمۇن تەكرارلىق ئەھۋالى ئېغىر . قىستۇرۇپ ئۆتسەك دەسلەپكى مەزگىلدىكى بىلوگباس بىلىملىرى بىلەن ھازىرقى ۋوردپىرەس ياكى باشقا سېستىما ئوخشىمايدۇ ،ئەمما بىلوگباس بىلىملىرى جەھەتتە ئوخشاش مەزمۇن كۆپ .
    ئەمدى بۇ يەردە تەشەببۇس قىلىدىغىنىمىز نىمە دىگەندە ، بىلوگ يازغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە خەنزۇچە ياكى باشقا تىل ئەۋزەللىكى بولغانكەن ، ئات يىلىدىن كالا يىلىغىچە ئوخشاش بىر خىل مەزمۇندىكى بىلوگلارنى كۆپلەپ يېزىپ ۋە بىر خىللا مەزمۇن خاسلىقىدا ئېلىپ ماڭماستىن بەلكى سىرتقى دۇنيانىڭ يېڭىلىقىنى ، يېڭىچە ئىدىيەلەرنى ئىپادىلەش ، مەسلەن : ئىلىم پەن ژۇرنىلىدىكى يېڭىلىقلارنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ، it ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ، ئىقتىساد ساھەسىدىكى …… جەھەتتىكى خاسلىققا قاراپ يۈرۈش قىلىش ، بىلوگ مەزمۇنى ئوخشاش بولۇپ قالماسلىق . يەنى بۇرۇنقى يېڭىدىن بىلوگ يېزىش باشلانغان دەۋىرلەردىكى ئىدىيەدىن بىراقلا بۆسۈپ ئۆتۈپ غەربچە ئۇسلۇپ ۋە ئىدىيەدە بىلوگ يېزىشقا يۈرۈش قىلىش . مۇشۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ۋە ھازىرقى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان بىلوگلار ئىچىدىمۇ خېلى كۆپ سانلىقىدا كوچا خەۋەرلىرىدەك قۇرۇق مەزمۇن نۇقتىلار كۆپ بولۇشتەك ئەھۋال مەۋجۇت . ئوتتۇرا شەرقتە ماندا بولدى . مايكول جكسون ئۆلۈپتۇ . …. بۇنداق كوچا خەۋەرلىرىنىڭ بىزگە نسىبەتەن ھېچقانداق مەزمۇن قىممىتى يوق .، شۇڭا بىلوگىرلار ئۆزىدىكى بار بولغان تالانىت ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ بىلوگ يېزىپ چىقسا ، مەزمۇندا ۋە بىلوگ خاسلىقىدا ھەممىمىز بىردەك يېڭىلىق يارىتىشقا يۈرۈش قىلساق….

  18. تارىمى مۇنداق يازغان:

    يەنە بىر تەۋسىيەرىم بىلوگىرلار بىلوگ يېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىمكان يار بەرسە ئۇيغۇرچە ۋىكىپىدىيەگىمۇ كۈچ قوشۇپ يازما تولۇقلاشقا ياردەمدە بولسا …..
    ئۆزۈم 1010-5-9 – كۈنى ئەزا بولغان 2010-9-24 – كۈنىگىچە 101 يازما يوللىغان ، ئۇنىڭدىن كىيىن بىلوگىمنىمۇ يېڭىلىمىدىم ۋە ۋىكىپىدىيەەىمۇ يازما يوللىمىدىم . سەۋەبى ئۈستىدىكىدەك .

  19. ۋۇلقان مۇنداق يازغان:

    تارىم ئاكىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامات بۇلىشنى تىلەيمەن. بىلوگ توغرىسىدا تارىم ئاكىمىزنىڭ سۆزىنى تۇلۇق قۇۋەتلەيمەن، بىزدىكى بىلوگلارنىڭ كۆپىنچىسى قايسىغىلا قارىسا ئوخشاش يېڭىلىق بەك ئاز، كۆپىنچە نەرسىلەر ھەرقايسى مۇنبەرلەردىن كەلگەن، بۇنداق بولغاندا بىلوگ يىزىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟
    بىلوگلارنى باھالاش ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندا بىلوگلارنى تۈرگە ئايرىشىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم، بۇھەقىقەتەن تەس، چۈنكى بىلوگلارنىڭ خاسلىقى كەم بولغانلىقتىن تۈرگە ئايرىماقمۇ قىيىن.
    بولسا ھەرقايسى بىلوگىرلار بىلوگ يېزىش بىر ئۇيۇن ئەمەس، ياكى كۈڭۈل ئېچىش ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۆز خاسلىقىمىزنى، ئۆز ئىقتىدارىمىزنى تۇلۇق جارىي قىلدۇرۇپ، خەلقىمىزگە ھەرقايسى جەھەتتىن مەنىۋى زوق ئاتالىساق، سىلەر قانداق قارايسىلەر؟

  20. 4تادۇ مۇنداق يازغان:

    دۇرۇست ئېيتىسىلەر، كۈچلۈك قوللايمەن.

  21. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ.
    ئاقىلغا ئىشارەت ، نادانغا جۇۋالدۇرۇز !

يۈكسەل 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟