<< يۈكسەل بلوگى >> تەشكىللىگەن << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتى ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىمۇ مۆلچەرىمىزدىكىدىن خېلى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كەڭ بولدى. نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا جەمئىي 24 بلوگ نامزاتلىققا تاللىنىپ ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ 24 بلوگ تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشىگە قۇيۇلغان ئىدى. نەتىجىدە جەمئىي 1760 پارچە بېلەت تاشلاندى. بىز بۇ بېلەت سانى ۋە نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانىنى قوشۇپ ستاتىستىكىلاش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 10 بلوگنى << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) بولۇشقا مۇۋاپىق ئىكەن ، دەپ قارىدۇق.
ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 )
1. بىر زات شىپاخانىسى ( 80 خالتا تورى )
ئېرىشكەن بېلەت سانى 484 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 26، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 510
2. جېك تور خاتىرىسى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 464 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 44، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 508
3. مەرىپەت بلوگى ( ئەركىن سىدىق تورخاتىرىسى )
ئېرىشكەن بېلەت سانى 332 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 21، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 353
4. دۇنيا قارا بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 442 ( بۇنىڭ ئىچىدە ئوخشاش IP دىن تاشلانغان 130 بېلەت ئىناۋەتسىز دەپ قارالدى.) ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 27، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 339
5. يۈكسەل بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 282 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 40، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 322
6. تەكلىماكان بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 171 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 41، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 212
7. ئارامگاھ بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 129 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 45، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 174
8. تەدبىركار بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 150 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 4، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 154
9. تارىم بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 114 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 20، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 134
10. بىزنىڭ بلوگى
ئېرىشكەن بېلەت سانى 106 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 12، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 118
2008 – يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ياخشى ( ئەڭ نادىر ، ئەڭ چوڭ ) بلوگ : بىر زات شىپاخانىسى ( 80 خالتا تورى )
يىللىق 10 چوڭ بلوگ پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى : يۈكسەل بلوگى
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردىكى 2008 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ