ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بلوگگېر دوستلار!
شۇ تاپتا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى قوللىغان «ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نىڭ نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ئاخىرلىشايلا دەپ قالدى. پىلان بويىچە 20-دېكابىر سائەت 0 دە نامزات كۆرسىتىش ئاخىرلىشىدۇ. 21-دېكابىردىن تاكى 25-دېكابىرغىچە باھالاش ھەيئىتى بارلىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ، باھالاپ، نومۇر قويۇپ چىقىدۇ ۋە ئاخىرىدا رەسمىي نامزات ئۈچۈن 20 بلوگنى بېكىتىپ چىقىدۇ. بۇ قېتىم باھالاش ھەيئىتىگە بېرىلگەن ۋاقىت قىس بولغاننىڭ ئۈستىگە، تەلەپ بىرقەدەر يۇقىرى. شۇڭا، باھالاش ئىشلىرىغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قولايلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدۇق.
1. تورداشلار مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بلوگلارنىڭ ھەممىسى «ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى» نىڭ خورجۇن قىسمىغا قوشۇلىدۇ ( ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرىنىڭ خورجۇن قىسمىغا قارالسۇن! ).
2. باھالاش ھەيئەت ئەزالىرى بلوگلارنى باھالاشتا، ئۇز بلوگ ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن نامزات بلوگلارنى بىرمۇ-بىر زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، تەلەپلەر بويىچە باھالاپ، نومۇر قويۇپ چىقىدۇ.
3. باھالاش ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ستاتىستىكا قىلىنىپ، يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەنگە قاراپ تاللاش پرىنسىپى بويىچە، ئاخىرىدا 20 بلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ بېكىتىپ چىقىلىدۇ.
دەسلەپكى قەدەمدە ستاتىستىكا قىلىشىمىزچە، ھازىرغىچە تورداشلار تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بلوگلارنىڭ سانى 60 تىن ئېشىپ كەتكەن. ئەمما، بايقىشىمىزچە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپ ساندىكى بلوگلار تېخى «ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى» نى ئۆز بلوگىدا ئۇلىنىش قىلمىغان. شۇڭا، بۇ جايدا ئۇزبلوگنى تېخى ئۇلىنىش قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن بلوگلارنىڭ تېزدىن ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ بىزنىڭ مۇددىئايىمىز نادىر ئۇيغۇر بلوگلىرىنى «ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى» غا جۇغلاپ، بلوگلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۆزگىچە كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇشتىن ئىبارەت.
ئۇزبلوگنى ئۇلىنىش قىلىشتا خەتلىك ئۇلىنىش ياكى رەسىملىك ئۇلىنىش بېرىلسە بولىدۇ.
خەتلىك ئۇلىنىش سۆزى:
ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى
ئۇلاش مەنزىلى:
www.uzblog.net
رەسىملىك ئۇلىنىش ئۈچۈن رەسىملەر:
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بلوگلارغا جىددىي ئۇقتۇرۇش
بۇمۇ مولغىنى مەن دوقمۇش شۇ ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى ئىچىدە يوق ئوخشايمەن.
يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بۇ ئويى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، بىز بلوگىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇلىنىش بېتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىمىز بىز ھەممىمىزگە پايدىلىق!
دەرۋەقە بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇر بلوگ سېپىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زوررايغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇنچە كۆپ يىڭى بلوگلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر-بىرىدىن سەرخىل. ئەمما كۆپۈنچىمىز پەقەت مۇشۇ بىر پائالىيەت ئارقىلىقلا بۇ بلوگلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ھېس قىلدۇق. دىمەك بىزگە ئۇزبلوگدەك بىر بلوگ ئۇلىنىشىنىڭ ھاجىتى چۈشمەكتە. ئەلۋەتتە ئۇزبلوگمۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە بلوگگېر ۋە ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەجىر قىلىپ كەلدى. ئەمدى بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇر بلوگ قوشونى رەسمى شەكىللەنگەن ۋاقىتتا ئۇزبلوگقا ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ بلوگىمىزنى قايتا نامايەن قىلىدىغان ۋاق كەلدى دەپ ئويلايمەن . شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتە ھەرقايسى بلوگگېر دوسلار ۋە بلوگ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرىنى يادىدا چىڭ ساقلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىۋاتقىنىدىن سۆيۈنگەنلىكىمنى بىلدۈرمەكچىمەن، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئەتراپىمىزدا زادى قانچىلىك بلوگ بارلىقىنى تەخمىنىي ھېس قىلالىدۇق دەپ قارايمەن، قايسى كۈنى مەن مۇنداق سىتاتىستىكىلاپ باقسام بۇ پائالىيەتكە كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇز بلوگ ئۇلىنىشىدا كۆرسىتىلگەن بلوگلار ھەم ئۆزۈم بىلىدىغان بلوگلارنى قوشسام 159 بلوگ نامىنى تىزىپ چىقىپتىمەن. دېمەك بۇمۇ يۈكسەل بلوگى ئورۇنلاشتۇرىشىدىكى بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى. بولسا شۇ بلوگلارنىڭ ھەممىسى ئۇز بلوگ ئۇلىنىشا جەم بولسا، ئۇيغۇر بلوگگىرلار بىر يەردە تىزىلسا، ئىزدەش ۋە ئۆز-ئارا ھەل-مۇڭ بولۇپ يوقلاپ تۇرۇشقا ھەممىگە قولايلىق بولىدىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇز بلوگ ئۇلىنىشىغا قوشۇلۇپ بولالمىغان بلوگگىرلارنىڭ دەرھال ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يەنە بىر ئىش، مېنىڭ بلوگىمنىڭ ئادرېسى بۇرۇنقى بلوگباس سۇپىسىدىكى ئادرېسىم بولۇپ قاپتۇ، مۇمكىن بولسا ھازىرقى ۋوردپرېسستىكى ئادرېسىمغا ئالماشتۇرۇپ قويۇلسا. ھازىرقى ئادرېسىم: http://blog.kroran.net
باشقا بلوگگىر دوستلارنىڭمۇ كروران بلوگىغاقەدەم تەشرىپ قىلىشىنى، پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!
مەن شاھبلوگنى تاللايمەن
ھەي بۇ يەردە مەن يوقكەن مەن…..
پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تېلەكداشمەن
ئۇزبلوگنى قوللايمىز، پائالىيەتنى ھەم داۋاملىق قوللايمىز!
«ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى» نى «مىكروسكوپتىكى ياپونىيە» گىمۇ قوشۇۋالدىم. بارلىق بىلوگلارنىڭ «ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى» دا جەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن. باھالاش ھەيئىتىدىكى تورداشلار، جاپا چېكىدىغان بولدۇڭلار!
«ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى»نىڭ 81لىك لوگوسى يوقمۇ نېمە؟ بىلوگىمنىڭ سۈرەتلىك ئۇلىنىشلار قانىلىغا قويالمايۋاتىمەن؟
مىنىڭ بىلوگبۇستىكى بىلوگىم بار ئىكەن بولسا يىڭى ئادىرسىمغا ئۆزگەرتىپ قويغان بولساڭلار تولىمۇ مەمنۇن بولاتتىم رەھمەت بۇ پائالىيەتنى داۋاملىق قوللايمىز
مېنىڭمۇ ھازىرغا كەلگۈچە بلوگباستىكى ئادىرىسىم ئۇلىنىش قىلىنىپتىكەن.مەن بلوگباستىن ۋاز كەچكىلى خېلى بولۇپ قالدى.بولسا ۋوردپرېستىكى يېڭى بلوگ ئادىرىسىغا ئالمشتۇرۇپ قويۇلسا.يېڭى ئادىرىس:http://www.lopnuri.com
نەتىجىنىڭ چىقىشىنى ساقلايمىز.
يۈكسەل ئەپەندى ئۇز بلوگ ئۇلىنىشلىرىدا سۇمرۇغ دەپ بىر بلوگ باركەن ئۇ مىنىڭ بلوگىم ھازىر wp ئۇسلۇبىدىكى بلوگ ئىشلىتىۋاتقان بولسا ئادىرسىنى ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز.
تولۇق يىزىلىشى: سۇمۇرۇغ.
ئادىرىس: http://www.sumuruh.com/
ئاۋارە قىلدىم.
چېسلاغا 26 بولۇپ كەتتى، نېمە نەتىجىسى چىقمايدۇ