ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداشلار، بلوگگېر دوستلار!
ھەممەيلەننىڭ خەۋرىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلۋاتىدۇ. يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇدا 2 نۆۋەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگەن ھەمدە «ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ۋە «ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاپ چىقىلغان ئىدى. شۇ تاپتا، ئۇشبۇ پائالىيەت يەنە يۈكسەل بلوگىدا ئۆزىنىڭ 3 – نۆۋىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
گەپنى قىسقارتىپ، سۆزنىڭ نان تېگىدىغان يېرىنى ئېيتقاندا، بۇ يىل مەزكۇر پائالىيەت ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىلگىرى مۇشۇ بىر پائالىيەت ئۈچۈن 3 ئاي سەرپ ئېتىلگەن بولسا، ئەمدى قىسقا ۋە جىددىي قىلىپ پەقەت 20 كۈنلا سەرپ ئېتىلمەكچى. ئىلگىرى پائالىيەت پەقەت يۈكسەل بلوگىدىلا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئەمدى يۈكسەل بلوگنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا بىرقەدەر نوپۇزلۇق بولغان ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە بىراقلا ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىلگىرى مۇكاپات سۈپىتىدە بۇيۇملار تارقىتىلغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا، بۇ قېتىم مۇكاپات ئۈچۈن نەق پۇل بېرىلمەكچى…
2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى
1. مەزكۇر پائالىيەت يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
2. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللايدۇ.
3. بلوگگېرلار ياكى تورداشلار يۈكسەل بلوگىدا ئۆز بلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
4. تورداشلار ئارىسىدىن مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، ئۆزى لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان تورداشلاردىن 10 نەپەر تاللىنىپ، «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىپ، تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بلوگ تاللىنىپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.
5. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بلوگ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بىرقانچە مۇنبەردە بىراقلا تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.
6. يۇقىرىقى مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.
7. يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
8. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ 3 كۈن ئىچىدە تاللاپ چىقىلغان 10 چوڭ بلوگقا مۇكاپات سوممىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان بلوگقا 500 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەن نەق پۇل، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىلىدۇ؛ قالغان 7 بلوگنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
دىققەت: بۇ تېمىدا نامزات قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىمى ئىشلەپ بەرگۈچى تورداشلار بولسا ئالقىشلىنىدۇ!
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى
ئەمسە مەنمۇ كۇچۇمنىڭ يىتىشىچە ، تەشۋىق ئىشلىرىنى باشلاپ كېتەي . ھەم ئۆزۈمنىڭ يىڭى بلوگىنى نامزاتلىققا تاشلاپ قوياي . http://www.jewlani.com
دىققەت: مەزكۇر تېمىدا نامزات قوبۇل قىلىنمايدۇ.
نۇرغۇن يولداشلىرىمىز نەزىرىدە «ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى ئۈچۈن قىيامەت» بىلىنۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پائالىيەتنىڭ دەل ۋاقتىدا ئىلان قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خوشالمەن. ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولسا، بۇ يىلقى پائالىيەتنىمۇ يىللاردىكىدەك داغدۇغىلىق ھەتتا يىللاردىكىدىنمۇ ياخشى ئۆتكۈزۋالغايمىز.
ئۆتكەن يىلقى پائالىيەتنىڭ تېخنىكىلىق ھالقىلىرىغا بىۋاستە قاتناشقانلىق سالاھىيىتىم بىلەن، ئۆزگىرىش بولغان بەزى پىلانلارغا قارىتا پىقىرنىڭمۇ بەزى ئويلىغانلىرىم بار:
1. مەزكۇر پائالىيەتنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىماقچى بولغان ئەلداۋا ساغلاملىق تورىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
2. تېخنىكىلىق ئىشلارنىڭ كەمچىلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بەزى ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، چوڭراق تور بىكەتلەردە بىلەت تاشلاش ئىلىپ بىرىشنى قوللايمەن. بۇنىڭغا ھەم ئەلداۋا تورىنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىكەتلەر ئىلىپ بىرىشقا كەلسەك، ئاشۇ تور بىكەتلەرنىڭ admin لىرى تولۇق ماسلاشمىغان شارائىتتا، تەكرار ئەزالاردىن ساقلىنىش ئاساسەن مومكىن بولمايدىغان ئىش. شۇڭا بۇ مەسىلىلەرگە نىسبەتەن كۆپچىلىكنىڭ قانداق پىكىرلىرى باركىن؟
سىلى تىلغا ئالغان 2-مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئەلۋەتتە بەزى بېكەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كېڭىشىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم. مېنىڭ شەخسەن پىكىرىم. مۇمكىن بولسا ئەگەر بۇ پائالىيەتنى قوللاش ئويى بار شىركەتلەر بولسا ئۇلارنىڭمۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق دېسەم بەزىلەر بەلكىم بۇلتۇرمۇ باشقا شىركەتلەر قاتناشقان، ئەمما ئاخىرى ئۇلار ئۆز لەۋزىدە تۇرمىدى دېيىشى مۇمكىن. مۇمكىن بولسا ئەگەر بۇ پائالىيەتنى قوللاش ئارزۇسى بار شىركەتلەر بولسا ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلى رەت قىلىنمىسا. مۇكاپات بويۇمىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئىشىغا كەلسەك، بۇ ھەقتە يۈكسەل ئەپەندى ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ باقسا، مېنىڭچە ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىپ قېلىشى مۇمكىن. (يۇقىرىقىلار پەقەت شەخسىي قاراش)
مەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئادىل ،مۇۋاپپىقيەتلىك بۇلىشنى چىن قەلبىمىدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ داغدۇغىلىق باشلانغانى قۇتلۇقلايمەن!
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ نوپۇزلۇق مۇنبەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاشلا بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىملىق پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى يەكۈنلەپ ياخشى، ئەتىراپلىق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ پائالىيەتنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆزىمىزنىڭ بىلوگلىرى ۋە مىكرو بىلوگلىرىدا بارلىق كۈچىمىز بىلەن تەشۋىق قىلايلى. ئەلۋەتتە سۈپەتلىك، ئۆزگىچە چىققان تەشۋىق رەسىمىنى ئىشلەش ئاقىلانە تاللاش دەپ قاراشقا بولىدۇ. پائالىيەت ۋاقتىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىلغانلىقىغا قارتا ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدىكى داڭلىق رەسىم، ھۆنەر-سەنئەت بىلوگگىرلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ تېزدىن يۈرۈش قىلىپ تەشۋىق پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بارلىق بىلوگگىرلارغا ئامەت تىلەيمەن!
رەھمەت!
تەشۋىقات ئىشىغا دەرۋەقە زور دەرىجىدە كۈچەش لازىم. بۇ ھەقتە سىلەر كەبىي بلوگگېر دوستلارنىڭ ھەمدەملىكىگە تايانماي باشقا ئىلاجىمىز يوقتۇر!
ئالدى بىلەن «مەنپەئەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن «يۈكسەل» بلوگىنىڭ ئۆزىنى چەتلەپ تۇرۇشىنى ، ھىچ بولمىغاندا ، مۇشۇ 10 بلوگنى باھالاشقا قاتناشقاندا ئۆزىگە باشقا نامدا كىرىپ بىلەت تاشلىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن .
سەمىمىي تەكلىۋىڭىزگە تەشەككۈر!
يۈكسەل بلوگى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پائالىيەتكە نامزات بلوگ سۈپىتىدە قاتناشمايدۇ.
يىللاردىن بىرى يۈكسەل بلوگى باش بولۇپ «10 چوڭ بلوگ» باشلىرىنى باھالاش ئىشىنى ئېلىپ بىرىۋاتىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى پائالىيەت، بىر تەرەپتىن تورداشلارغا نېمىنىڭ «تورغا چىقىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بلوگ يېزىۋاتقان بلوگباشلارغا ئېلھام بولۇۋاتىدۇ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى توردا ئويۇن ئويناش، پاراڭلىشىش بىلەن ئۆلتۈرىۋاتقان ماڭقۇرتلارغا خەتەرلىك سېگىنال بىرىۋاتىدۇ!
مەن بۇ پائالىيەتنى قىزغىن قوللاش بىلەن بىرگە مەزكۇر پائالىيەتنى نۇرقۇت تورىدا ئېلىپ بىرىشنى تەكلىپ بېرىمەن. چۈنكى نۇرقۇت تورى پروگىراممىرلارنىڭ ياخشى ئائىلىسى، قۇرۇلغاندىن باشلاپ تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرچە تورنىڭ تەرەققىياتىغا ئاز-تولا كۈچ قوشۇۋاتىدۇ،-دەپ قارايمەن. تەكلىۋىم ئويلىشىپ بېقىلسا!
سەھرايى قىيامەتتىن كەلگەنلەرنىڭمۇ سۆزىگە چىن ئىخلاسىمىز بىلەن قۇلاق سالىمىز، ئەلۋەتتە!
تەكلىپلىرىگە ھەشقاللا، بۇ ھەقتە كۆڭلىمىزدە سان بار.
ۋاقىتنىڭ قىسقا ھەم جىددىي بولغانلىقىنى قوللايمەن.
مۇكاپات مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالدىنقى يىلىدىكى «سەتچىلىك»نىڭ ئالدىنى يەنە ئالساق، ئالدىنقى يىلى مەيدىسىگە ئۇرغان شىركەت ۋە ئورگانلارنىڭ ۋەدىسى نەگە كەتكەنكى، مۇكاپاتقا كەلگەندە ھېچقايسىسى يوق(ياكى يۈكسەل يېنىغا تىقتىمۇ )، بولسا نەقپۇلنىڭ ئورنىغا گۇۋاھنامە بەرمەمدۇق؟ ئۇيغۇر بلوگگېرلار بىرنىمىسى دەپ قالپاقتىن بىرنى كەيدۈرۈپ قۇيۇپ ياكى 2011-يىللىق 10 نادىر بلوگنى باھالاش ھەيئىتى دېگەندەكچۇ…
بېلەت تاشلاش ئىشىنىڭ يەنىلا يۈكسەل بلوگىدا بۇلىشىنى، باشقا بېكەتلەردە تەكلىپ-پىكىر ھەمدە تەشۋىقات قىلىش تەكلىپىنىلا بىرىمەن…
يۈكسەلنىمۇ خىجىل قىلمايلى، مۇشۇ شىركەتلەر ۋە مەيدىسىگە ئۇرغانلار ئۇيالمىسا يۈكسەلگىمۇ ئامال يوقتۇر ھەرقاچان.
مىدال بىرەمدۇق يە؟؟ پوچتىدىن سالسىمۇ قىممەت ئەمەس
ئۆتكەن خاماننى ئەمدى سورىمايلى، ساۋاقلارنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمىز. يۈكسەل يانچۇقىغا تىققۇدەك بىر ئىش بولغىنىمۇ يوق، بولسىمۇ يۈكسەل ئۇنداق ئادەم ئەمەس.
تەشۋىقات رەسىم-پەسىملەر يوقما؟
يوقتى… سىلىدە بارما؟ ياساپ بېرەملە يا؟!…
ئۇيغۇربەگ ھەممىدە كامىل، لايىھەلەشتىن باشقا
[...] مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى [...]
ھە راست، پائالىيەت نامىنى «2011-يىللىق 10 نادىر بلوگ»دەپ ئۆزگەرتسەك بولمامدۇ؟
مەنچە يەنىلا ئىلگىرىكىسىنى ئۆزگەرىتمەي كەلگىنىمىز ياخشى.
مۇكاپات سوممىسىنىڭ بۇ پائالىيەتنىڭ ئادىللىقىغا يامان تەسىر ئېلىپ كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەزكۇر تېما تەشۋىقات ئۈچۈن قاپاققا تاشلاندى. ۋاقت قىس بولغاندىكىن، تەشۋىقار رەسىمىنى ۋاقتىدا ئىشلەپ ئىشنى باشلىغايسىلەر. باشقا ئىشلار قولدىن كەلمىسىمۇ تەشۋىق قىلىشقا يارايمىز.
بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن
مانا ئىككى يىللىق پائالىيەت قاراپ تۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى ، كىلەر يىللىق نامزاتلار قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن بلوگ ئېچىشقا تەييارلىنىپ قويدۇم
مىنىڭچە بۇ يىللىق بلوگچىلار كۆپ ھەم گۈدۈكتەك مىكرو بلوگنىڭ تەسىرىدە ياخشى بولغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرلىشى مۇمكىن دەيمەن. تەشۋىق جەھەتتىمۇ ھەم شۇنداق
پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلىشىگە تىلەكداشمەن!
مەن سەھرالىقنىڭ پىكرىنى قوللايمەن
ياخشى بوپتۇ ! بەك ئۇزاققا سۇزلۇپ كەتسە زادى قالايمىقان بۇلۇپ كىتىدۇ. بۇ قېتىمقى 10 چوڭ بلوگنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تاللىنىپ چىقلشىنى ئۆمۈت قىلمەن! … قارغاندا بۇ پائالىيەت بلوگېرلار ئۈچۈن يېڭى يىللىق سوۋغا بوپقالدىكەندە…
2011- يىللىق ئون چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتى نىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!
كەمىنە «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» غا ۋاكالىتەن، پائالىيەتنىڭ ئېلان- تەشۋىقات ئىشلىرىغا ماسلىشىش ئويۇم بار.
خۇدايىم بۇيرۇسا ئەتە كەچكىچە ئېلان- تەشۋىقات رەسىملىرىمۇ پۈتۈپ قالار.
مانا قېرىنداشلىرىمىز ئويلىغىنىمىزنى تېپىپ چىقىپتۇ. ئاتەش، ھەزرەت بىلوگلىرىغا قاراپ قالدۇق.
ئاتەش بلوگىدىكى دوستلارغا ئالدىن تەشەككۈر!
ھەقىقەتەنمۇ سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بولمىسا، پېقىر بۇ ئىشتا ئىمكانسىزمەن.
مەنمۇ ھەزرەت گرافىكى گە ۋاكالىتەن، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقات لايىھىلىرىنى ياساپ بېقىشقا تەييار!
ھەزرىتىمگىمۇ ئالدىن تەشەككۈرلەر! سىلەرنىڭ ھەمدەملىكىڭىلار بىز ئۈچۈن زور مەدەت!
بۇ پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقى ياخشى بوپتۇ. ئوڭۇشلۇق بۇلىشىغا تىلەكداشمەن!
بۇ پائالىيەتنىڭ نورمال، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تەشكىلى ئاپراتلىرىنى، باھالاش پىرىنسىپلىرىنى، ئۆلچەملىرىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويساق. شۇنداق بولغاندا تورداشلارنىڭ كۆڭلىدىمۇ ئېنىق سان ۋە نىشان بولغان بۇلاتتى. (ئۆتكەن يىللىق پائالىيەتلەرنىڭ سىرتىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن، تەپسىلى ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن)
مەن ئىزدەن بىلوگىغا ۋاكالىتەن مەزكۇر پائالىيەتنى ئاكتىپ قوللايمەن. مەن تۆۋەندىكى بلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن:
1. ئىزدەن بىلوگى http://www.izdengin.com
2.پاسىبان بىلوگى http://www.pasiban.com
3.خالاستان بىلوگى http://www.halastan.com
4.تورخۇمارلار كۇلۇبى http://www.torhumar.com
5. يۈكسەل بىلوگى
بۇ تېما ئېتىبارىدا نامزات قوبۇل قىلىنمايدۇ.
10چوڭ بلوگ دىگەندىن 10 ئالقىشلىق بلوگ دىسەك ياخشى بولدىغان چىراي
ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلىشىگە تىلەكداشمەن!
ئۆزگىچە تەشۋىقات رەسىملىرىدىن ئىلتىپات قىلمايمىزما؟
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن! تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بىز تەييار.
كروران تورىدىكى ئەزىزلەرگە كۆپ رەھمەت!
ناھاييىتى ياخشى بۇپتۇ..تەشۋىقات رەسىملەر بولسا ھايت دەۋىتەسىلە….بلوگىمىزغا قىستۇرۇپ قويايلى..
بۇ پائالىيەتنىڭ باشلانغىنى ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپتۇ.
ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك باھالاش پائالىيتىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىگەن ئاساستا بۇ پائالىيەتنىڭ ئادىل، ساغلام ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشمەن
يېرىم كۈن ئىچىدە چۈشكەن ئىنكاسلاردىنلا تورداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەس ئەمەس. پائالىيەت ئاللىقاچان باشلىنىپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ بوشىشىپ قالماي پائالىيەتنىڭ باھالىنىش جەريانىغا ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر مەسلىھەتلىرىنى قاتناشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دەرۋەقە، دوستلارنىڭ بۇ قەدەر قىزغىنلىقى بىز ئۈچۈن مىسلىسىز كۈچ-مەدەت بولۇش بىلەن بىرگە، خېلى ئوبدانلا بېسىم ھېس قىلدۇرماقتا. ئەمما، تورداشلارنىڭ كۈتكىنىدەك بىر ياخشى نەتىجە چىقىرىشقا تىرىشىمىز ھەم شۇنداق بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمىز!
[...] يازما مەنزىلى : 1832.html [...]
مەزكۇر جاكارنى بلوگگېر دوستلار ئۆز بلوگلىرىدا ئېلان قىلسا، خالىغۇچى تورداشلار باشقا ئۇيغۇر توربەت ۋە مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلسا تامامەن بولىدۇ. بەلكى شۇنداق قىلىشىڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز! تەشۋىقاتنىڭ ياخشى بولۇشى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق تاماملىنىشىدا بەكمۇ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
ئالدىنقى يىللاردا مۇئەييەن نەتىجىگە ئىرىشكەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلغىنى ناھايىتى ئېسىل ئىش بولۇپتۇ. ئۇيغۇر بلوگگېرچىلىقىنى ئىزچىل قوللىغان ئەلداۋا ساغلاملىق تورى مەسئۇللىرىغا تەشەككۇرلەر بولسۇن!
قارىغاندا كىچىك ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدەك ئىش بولغان ئوخشايدۇ بۇ… بوپتۇ، بلوگ يازغان بىز بولغاندىن كىيىن،ئۆزىمىزنىڭ پائالىيىتىنى ئۆزىمىز قوللايلى…
بولسا IP غا ئاساسەن قايتا بېلەت تاشلىغىلى يول قويمايدىغان بىر ياخشى بېلەت تاشلاش سېستىمىسىنى ئىشلەتسەك دەيمەن. ھەممىمىز تەشۋىقاتقا كۈچەپ بېرەيلى!
تەشۋىقات سۈپىتىدە تىما ئەلشاتقىمۇ يوللاندى
يۈكسەل يەنە قايتىدىن قىززىپ كېتىپتۇ. بلوگگىرلار سېپى بۇ يىل ئىچىدە زور دەرىجىدە كۆپەيگەندەكمۇ قىلىدۇ. مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق قىلىمەن
[...] مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى [...]
بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
يۈكسەل بلوگىنىڭ شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بلوگچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنىمەن.
بىر تور بىەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ پائالىيتىڭلارنى باشتىن-ئاخىر قوللايمەن، ئەگەر ئېلان رەسىمى بولسا روھلان تورىنىڭ باش بېتىدە چىقىرىپ بېرەي .
ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتى: http://www.rohlan.biz
ئاخىرىدا يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بېكىتىمىزنىڭ تۇغى ۋە ئادرىسىنى يېڭىلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نامزات بلوگلار تېزىملىكى قېنى؟ بىلەت تاشلاش باشلاندىمۇ يوق ؟قايسى تورلاردا بىلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ ياكى ئېلىپ بېرىلماقچى؟ ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويساڭلار.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، شۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىنىپتۇ ، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە داڭلىق بلوگلارنى سايلاش ئىشىدا ئاۋامنىڭ تەكلىپ ، ئىنكاسلىرىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىڭلارنى سورايمەن. شۇ سايلانماقچى بولغان بلوگ ئەلگە قانچىلىك نەپ يەتكۈزىدۇ ، ئاۋامنىڭ ئاھۇ – زارىغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدۇ، بولشۇق ساتقانلار ساتقاندىن كىيىنكى مۇلازىمەتنى قانداق قىلىۋاتىدۇ ، خېرىدار شۇ ساتارمەننىڭ مۇلازىمىتىدىن رازىمۇ …دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنمىسا !ئەلدىن ئەلگە نەپ ، نەپ يەتمىسە ئەل قالار خەپلەپ ! كۈندە مىڭ پارچە تېما يوللىۋەتسەكمۇ بەرىبىر ئەگەر ئەلگە نەپ يەتكۈزلمەيدىكەن ھەممىسى پاخال خالاس . ئاندىن ئۆزگىچىلىكى يوق ، يېڭىلىقى يوق بلوگلارمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنسا .تەلەپنى قاتتىق قويمىساق بەزىلەر توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلىشى مۇمكىن.مەن قىسقىچە پىكرىمنى بايان قىلىپ قويدۇم ، ھەممە كىشىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقوقى بولغاچقا.
ئاخىرىدا يۈكسەل بلوگىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىنى سورايمەن!
[...] مەنزىلى:1832.html ئالدىنقى يازما: نىران خانىدانلىقى(12) No Related [...]
2010-يىللق نامزات بىلوگلارغا بىلەت تاشلايدىغان ئىش يوقما غەلىتىلا ئىشقۇ نەدىن بىلەت تاشلايدۇ ياخشى ئۇقالماي قالدىم
http://natija.net/forum.php?mod=viewthread&tid=284
مەنمۇ قوللايمەن….ناۋادا ئۇرۇمچىدە بولغان بولسامزە…
مەن بەكمۇ تەشنالىق بىلەن بالدۇرراق باشلىشىڭلرنى ئۈمىد قىلىمەن .مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلنى قوللىيمەن.
http://www.gulenblog.com/
مەن گۈلەن بىلوگىنى كۆرسىتىمەن