ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
بۈگۈن 12 – ئاينىڭ 1- كۈنى، 24- نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىدۇر. بۈگۈنكى دۇنياۋىي شۇئارىمىز «0 ئەيدىز ئۈچۈن ئالغا!» . يەنى، يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمىنى 0 گە، ئەيدىز تۈپەيلى قازا قىلغۇچىلار سانىنى 0 گە، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشنى 0 گە يۈزلەندۈرۇش ئۈچۈن بارچە جەمئىيەت ئورتاق كۈرەش قىلىشتۇر!
«ئەسىر ۋاباسى» دېگەن نام بىلەن كۆڭۈللەرنى شۈركەندۈرگۈچى ئەيدىز دۇنيا مىقياسىدا ئاللىقاچان مىليۇنلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئىنسانىيەت ئەيدىز خىرس قىلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشىپ كەلدى. ئەمما ھازىرغىچە، نە ئەيدىزنىڭ شىپاسى، نە ئەيدىزنىڭ ۋاكسىنىسى يوق. دىيارىمىز جۇڭگودىكى ئەيدىز يۇقۇمى بىرقەدەر ئېغىر بولغان رايون. شۇ تاپتا، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئەيدىزنىڭ ئەڭ كەسكىن خىرسىغا دۇچ كەلمەكتە. بىزدە «ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلگەن قايسى جەڭدە يېڭىلگەن؟» دېگەن گەپ بار. دەرھەقىقەت! ئەيدىز ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى يەنىلا ئۇنى بىلىش، ئۇنى چۈشىنىش، شۇ ئارقىلىق ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈشتۇر.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى ئۆزگىچىراق خاتىرىلەش، تورداشلارنىڭ دىققىتىنى ئەيدىز مەسىلىسىگە بۇراش ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە تور دۇنياسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» نى ئۇيۇشتۇردى.
پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى:
1. ئورنى: ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى «ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» مەخسۇس بېتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قېنى بۇ يەرنى بېسىڭ!
2. ۋاقتى: پائالىيەت 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچ سائەت 0 گىچە داۋام قىلىدۇ. 12 – ئاينىڭ 5- كۈنى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ، تېگىشلىك مۇكاپات ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
3. سوئال شەكلى: ئەيدىز ساۋاتلىرىغا دائىر جەمئىي 50 پارچە يەككە تاللاش سۇئالى بولۇپ، بېرىلگەن جاۋابنىڭ پەقەت بىرىلا توغرا. تورداشلار توغرا دەپ قارىغان جاۋابنى تاللاپ، ئەڭ ئاخىرىدا سوئال ئىشلەشنى تاماملاپ جاۋابنى تاپشۇرسا بولىدۇ. جاۋاب تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن سىستېما شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاپتوماتىك نومۇر قويۇپ بېرىدۇ.
4. مۇكاپاتلاش: مەزكۇر سۇئالنى تولۇق ئىشلەپ نومۇرى 90 دىن يۇقىرى بولغان تورداشلار ئارىسىدىن، سوئال ئىشلىگەن ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپى ۋە نومۇرىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىك قاتارى بويىچە 20 نەپەر تورداش تاللاپ چىقىلىپ، ھەربىر بىمار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم 50 يۈەندىن سۆزلىشىش ھەققى مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:
تورداشلار سۇئالنى ئىشلەشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئىسمى ياكى تور ئىسمىنى، ئىشلىتىۋاتقان يانفون نومۇرىنى مۇناسىپ رامكىغا توغرا تولدۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ، ئاخىرقى مۇكاپات يانفون نومۇرىغا ئاساسەن نەقلىشىدىغان بولغاچقا، يانفون نومۇرى چوقۇم چىن، توغرا بولۇشى كېرەك (سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئەلداۋا خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى قەتئىي ساقلايدۇ) . نومۇر توغرا بولماسلىق تۈپەيلى مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشكە ئىمكان بولمىسا، بۇ ئىشقا ئەلداۋا ساغلاملىق تورى مەسئۇل بولمايدۇ.
ئاخىرىدا، گەرچە مۇكاپاتلىنىدىغانلار ۋە مۇكاپات سومما سانىنىڭ ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، تورداشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتراك قىلىشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىمىنى بىر دەڭسەپ كۆرۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى
مەن قاتنىشىپ باقاي ھە…
ئۇيغۇر بەگ سىلە نەچچە ئالدىڭلار؟
مەن 70 ئالدىم.
يۈكسەل ماۋۇ سىزنىڭ ئىنكاس يازىدىغان يەردىكى تو بىكەت دىگەن يەرگە net بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىلوگىمنى كىرگۈزسەم توغرا ئەمەس دەپ چىقىۋالدىيا؟ تۈزەپ قويسىڭىز بوپتىكەن. me, com دىن باشقىنى تۇنىمامدۇ يە؟
62 ئالدىم ئاران.
ئەمدى تۈزەلدى، مۇلازىمىتىر ئالماشتۇرغان ئىدۇق…
تىلەك بىلوگىمنىڭ باش سۇرىتى پۈتتى.
تېلەك بلوگلىرىنىڭ ئادرېسىنى مەن كىرگۈزسەم ھېچ ئىش يوق. قارىغاندا، ئۆزلىرى توغرا كىرگۈزەلمەيۋاتقان ئوخشايلا، بولمىسا ، ئۈستىدىكى بېگىمنىڭ تور ئادرېسىنىڭ قۇيرۇقىمۇ سىلىنىڭكىگە ئوخشايتتى.
يۈكسەل…10 چوڭ بلوگ ھە…
ئازلا قالدى، چىشلىرىنى بىلەپ تۇرسىلا!
ۋاي توۋا، http لارنى كىرگۈزمىسە توغرا بولمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ توۋا، كەچۈرۈڭ يۈكسەل جۇمۇ
ئېلخەت ئادرىسىمنى توغرا كىرگۈزسەممۇ wordpress باش سۈرىتىم چىقماپتا؟
ئامان بولۇڭ ، يۈكسەل!
مەن بۇرۇن شۇ خىزمەتنى ئىشلەپ تۇرۇپمۇ، 90 نومۇر ئالالمىدىم. ئاران 88. قارىغاندا بىزمۇ زاماننىڭ كەينىدە قالغان ئوخشايمىز!
مەن ئاران 72 نومۇر ئالدىم ، ئىلگىرى ئۆگەنگەن كەسپىي دەرىسلەر ئاز تولا ئەسقاتتى ، توردىن ماتىرىيال ئىزدىمىدىم جۇمۇ !
تورداش تاللاپ چىقىلىپ، ھەربىر بىمار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم 50 يۈەندىن سۆزلىشىش ھەققى مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
بىمارغا؟ بىنارغا؟ ھا ھا ھا ھا
”مۇبارەك بولسۇن! 62 نومۇرغا ئېرىشتىڭىز“ دەيدا، مەنمۇ ياخشى ئىشلىيەلمىدىممۇ نىمە؟!
بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە تور ئادرىسىنى دەپ بەرسەم بىر ئىشلەپلا 86 نۇمۇر ئاپتۇ، مەندىن ئېشىپ كىتىپتۇ. توۋا، دۆتلىكىم ، جىق ئوقۇسا مۇشتاق دۆت بولىدۇ. بۈگۈن مۇكاپاتنى تارقىتىش ئۈچۈن تېل قىلىپ جەزىملەشتۈرۈش تىلفوننى قۇبۇل قىلدىم دەيدۇ. يۈكسەل ئىسىل جۇمۇ…………………گېپىدە تۇرىدۇ.