نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بلوگنىڭ ئەستە تۇرماسلىقىدىكى 7 سەۋەب

بلوگنىڭ ئەستە تۇرماسلىقىدىكى 7 سەۋەب

1. سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئىسىمى ئۇزۇن ، كېلەڭسىز ، پالاكەت بولسا ، بۇنداق بلوگ ئىسىملىرى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە ئوڭاي تۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرىقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش رېتىمى ئىنتايىن تېز، ئۇلارنىڭ ئېسىدە تۇرۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ. شۇنداقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سىز يەنە جەڭگىۋار ئوغلان بلوگى، باتۇر تايچاق بلوگى، كۆيۈۋاتقان يۈرەك بلوگى، ئوتلۇق مۇھەببەت بلوگى، باغۇ – بوستان بلوگى دېگەندەك قوشما ئىسىملارنى ئەستە تۇت دېمەيدىغانسىز ؟! … ماقۇل ، ماقۇل ، سىزنىڭ دېگىنڭىز بويىچە ئەستە تۇتتۇقمۇ دەيلى، ئۇيغۇرچە نامىنى ئەستە تۇتقىلى بولغان بىلەن تور كۆرگۈنىڭ ئادرىس كۆزنىكىگە قانداق يازىمىز Jenggiwaroghlan, baturtaychaq, kuyuwatqan yurek,otluqmuhebbet,دەپما؟ تېخى بۇ ئىسىملارنىڭ ئالدى كەينىدا w دىن ئۈچى ياكى blogbus, blogspot, blogxxx دېگەندەكلەر كەينىدە يەنە com بولۇشى مۇمكىن. سىزنىڭچە مۇشۇنداق ئىسىمنى ئەستە تۇتقىلى بولارمۇ ؟ سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئىچىدە كېسەك ئالتۇن بولسىمۇ ، خۇسۇسەن مەن بۇنداق بلوگنى تېزلا ئۇنتۇپ قالىمەن. ئىسىملار چوقۇم ئىخچام ، ئاددىي، ئەستە تۇتۇشقا قولايلىق بولۇشى كېرەك. مەسىلەن ئۆگىنىش بلوگى ، قاراڭ نېمە دېگەن كالتە ئىسىم. يەنە پېقىرنىڭ بلوگى << يۈكسەل بلوگى >> جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ ئوڭاي تۇتىۋالىدىغان ئىسىم بولماس ؟! … ئالدى كەينىدىكىلىرىنى قاتقاندىمۇ شۇ يۈكسەل بلوگ كوم ياكى يۈكسەل بلوگ سى ئېن دەپ قويسىڭىز ئەستە قالىدۇ ( yukselblog.cn ياكى yukselblog.com ).

2. ھەر بىر بلوگدا ئۆزگىچە پۇراق بولۇشى كېرەك. ئۆزگىچە پۇراق كېپىنەككە ئوخشاپ كېىتىدىغان ئۇقۇرمەنلەرنى بلوگىڭىزىدن ئىبارەت بۇ گۈلستانلىققا باشلاپ كېلىدىغان ئەڭ جەلبىكار نۇقتا. ئەگەر سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئۆزىڭىزگە خاس ئۇسلۇپ، ئۆزىڭىزگە خاس خاراكتېر، ئۆزىڭىزگە خاس پۇراق بولمىسا ، بىر كەلگەن كېپىنەكلەر ئىككىنچىلەپ كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، سىز ئۆزىڭىزدە ئۆزىگىچە بىر خىل پۇراق بولۇشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىڭىز كېرەك. ئەمما، ھازىر بەزى ئۇيغۇرچە بلوگلار گوياكى ھېلىمباينىڭ قازنىقىغىلا ئوخشاپ قالدى. يەنى ئۇ بلوگلار ئۆزى ياخشى كۆردۈم دەپ قارىغان باشقىلارنىڭ قەلىمىدىكى بارلىق يازمىلارنى يىغىپ ئېلان قىلماقتا. بۇنداق بلوگلارنىڭ شۇ بلوگنىڭ ئىگىسىدىن باشقا يەنە قانچىلىك ئوقۇرمىنى بار دەيسىز …

3. بلوگىڭىز زىيادە كۆركەم بولۇپ كەتمىسىمۇ ، ئەڭ زۆرۈر تېخنىكىلىق سەۋىيىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ يۈكسەل بلوگىمدەك ئىزدەش دېگەن كۆزنەككە تەگئات دەپ يازسا تەگئات ھەققىدە يېزىلغان بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بولۇشى، تورداشلارنىڭ خۇشى تۇتۇپ كېتىپ ئىنكاس يازغۇسى كەلگەندە ئىنكاس يېزىش مەشغۇلاتلرى قۇلاي بولۇشى، مۇئەييەن دەرىجىدە ئەخلەت ئىنكاسلارنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئىقتىدار ( تەستىق كودى دېگەندەك ) بولۇشى كېرەك. يازمىلار ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تۈرلەرگە ئايرىلغان ، ئىزدەپ تېپىشقا قۇلاي بولۇشى كېرەك.سىز ھەرگىزمۇ بلوگىڭىزدىن بىر پارچە ماقالىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يېرىم كۈن سەرىپ قىلىڭلار دېمەيدىغانسىز ؟! …

4. مۇبارەك بولسۇن بلوگ قۇرۇپسىز، بلوگىر بوپسىز . ئەمما دىققەت قىلىڭكى، چوقۇم قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز بولۇشىڭىز كېرەك. بلوگىنى قۇرۇپ قويۇپ ئۆزىڭىز ئۇنتۇپ قالسىڭىز، مەزمۇنلۇق يازمىلارنى يوللىماستىن نەدىكى تايىنى يوق يىپ بازىرىدىكى گەپلەرنى تېرىپ تۆشەپ يوللاپ قويسىڭىز ، بلوگىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزدىن باشقا زىيارەتچىسى قالمايدۇ. مۇھىمى بلوگدىن ئىبارەت بۇ تور دوستىخانىڭىزغا دوستلار كېلىپ تۇرسۇن دېسىڭىز، دوستىخانىدا نان بولۇشى كېرەك.

5. بلوگىڭىزدا كوزىر بولۇشى كېرەك. قانداق كوزىر دەمسىز؟ ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلب قىلىدىغان ، سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈدىغان يازما ئالاھىدىلىكى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن ، يۈكسەل بلوگىدا سىز ئاساسلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئىسىمشۇناسلىق ۋە تەگئاتشۇناسلىق ھەققىدىكى ئىزدەنمە ماقالىلەرنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى – تارىخىغا ئائىت ئىزدەنمە ماقالىلارنى، ئەيدىز ھەققىدىكى ئۇچۇر – ساۋاتلارنى ئوقۇشىڭىز مۇمكىن. دېمەككى ، قايسى بىر تورداش تەگئات ھەققىدە ياكى تارىخ ھەققىدە ۋە ياكى ئەيدىز ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق بولسا ئۇدۇل يۈكسەل بلوگىغا كېلىشى مۇمكىن. ئۆگىنىش بلوگىدا بولسا ئىقتىساد، پاي – چېك ، فوند ئائىت يازمىلار كۆپ ئىكەن. دېمەككى بۇ بلوگنىڭ كوزىرى ئىقتىساد تېمىسىدىكى مەزمۇنلاردۇر!

6. سىزدە ئىنتايىن رېتىملاشقان بلوگ يېزىش ئادىتى بولۇشى كېرەك. بولسا ياخشى بولمىسا يېتىلدۈرۈڭ. ئەگەر سىز بلوگڭىزغا كۈندە يېڭى مەزمۇن يوللاپ تۇرسىڭىز بىز بلوگىڭىزنى كۈندە يوقلاپ تۇرۇشىمىز مۇمكىن. ئەگەر سىز ھەپتىدە بىرقانچە قېىتىم يېڭى مەزمۇن يوللىسىڭىز بىز ھەپتىدە بىرەر قېتىم يوقلاپ قويۇشىمىز مۇمكىن، ئەگەر سىز ئايدا بىرەر قېتىم تېما يوللىسىڭىز ، رەنجىمەڭكى بىز بۇنداق بلوگنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بۇنداق دېگەنلىكىم ، ھە دېگەندە بلوگ يېزىڭ دېگەنلىك ئەمەس ، ئەھمىيىتى يوق بلوگدىن كۈنىگە ئوننى يازسىڭىز بەلكىم بارلىق ئوقۇرمەننى بىراقلا بەزدۈرۈۋېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن…

7. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى قىلسىڭىزمۇ بلوگىڭىزنى زىيارەت قىلىدىغانلار يەنىلا كۆپ بولمىسا ، سەۋەبلەر مۇنداق بىرقانچە خىل بولۇشى مۇمكىن، بلوگىڭىزدىكى يازمىلار ئۆزىڭىزنىڭ يازمىلىرى بولماستىن باشقىلارنىڭ يازمىلىرى بولۇشى مۇمكىن. مۇنبەر – مۇنبەردىن تېرىپ تۆشەپ كېلىپ يىغىپ قويغان يازمىلار بولۇشى مۇمكىن. قالدى سەۋەبلەرنى بلوگ ئاچقان ئادەم سىز بولغاندىن كېيىىن ئۆزىڭىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ ….

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بلوگنىڭ ئەستە تۇرماسلىقىدىكى 7 سەۋەب

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. zaphar مۇنداق يازغان:

    nba توپ چولپىنڭ لىبرون جېيمىسنىڭ 2009 – يىللىق بىلەت تاشلاپ باھالاش ئېلىپ بارىدىغان شەخسى تور بەت ئادىرسىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن ھەيران قالىسىز .
    http://lebronisreallyreallyreallyreallyreallyreallygood.com/
    [reply=Yuksel,2009-04-14 03:59 PM]بۇ تور بەتنىڭمۇ ئادرېسى ئانچە دېگەندەك ئۇزۇن ئەمەسمۇ نېمە ؟ ھى ھى
    بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ئادرېسلارنى كۆرگەندەك قىلىۋىدىم.
    ئەمما ، ماۋۇسى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭرى تور بەتكەن:
    http://worm.bluesfear.com/index2.html
    ماۋۇسى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز تور بەتكەن:
    http://worlds-highest-website.com//reply

  2. Arghu مۇنداق يازغان:

    بىلوگنىمۇ قۇردۇق، يازمىنىمۇ يوللاپ تۇردۇق، ئەمدى شۇ تېخنىكىلىق تەرەپتە ئاجىزلىق قىلىدىكەنمەن، شۇ جەھەتتە كۆپرەك ئەمەلىي تېمىلارنى كۆرگىلى بولسا….

Arghu 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟