ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۈگۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قۇتلۇق كۈن – روزا ھېيتتۇر. ئىنسان ئىچكى گۈزەللىكى ۋە ئۇلۇغۋارلىقىنىڭ يۈكسىلىش بايرىمى بولىمىش ئۇلۇغ روزا ھېيتى مۇناسىۋېتى بىلەن بارچە دوستلارنى چىن كۆڭلۈمىزدىن تەبرىكلەيمىز.
خۇشاللىنارلىقى، بۇ يىل روزا ھېيت ھەر يىلى نىشانلىنىدىغان ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار بايرىمى بىلەن بىر پەيتگە توغرا كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جىمىكى ئۇستاز – ئوقۇتقۇچىلارغا ، مەرىپەت مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرگۈچى بارلىق ساھىب قىرانلارغا سەمىمىي ئىھترام بىلدۈرىمىز ۋە ئىككى بايراملىق سالام يوللايمىز! ياراتقان ئاللاھ ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئۇستازلارنىڭ بەركاتىدىن ئەزگۈ نىيەتلىرىمىزنى ئىجابەت ئەتسۇن، گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ ئەتسۇن، ئىككى دۇنيا سائادىتىنى نىسىپ قىلسۇن!
ئىلاھىي زىياپەت ئېيىنىڭ پايانىغا يېتىشى بىلەن دىيارىمىزنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تەڭرى تائالادىن خەلقمىزگە بەخت – سائادەت، ئاسايىشلىق، پاراۋانلىق تىلەيمىز.
روزا ھېيت مۇبارەك ، ئەزىزلەر !
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: روزا ھېيىت مۇبارەك!
روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك…
ھەممىڭلارنىڭ ھېيىتىڭلارغا مۇبارەك، تۇرمۇشۇڭلارغا ئاسايشلىق تىلەيمەن!
كەمىنە بىرزاتتىن ھەر قايسى تور ئەھلىگە روزا ھېيتلىق سالام. بۇرادەر يۈكسەلنىڭ دۇئالىرى ئىجابەت بولغاي!
ما بىزنىڭ 80خالتا بلوگ ھېيتلىق دەم ئالدىمۇ ھېچ بىلمىدىم. 2-3 كۈندىن بىرى ئىچىلمايۋاتىدۇ. بوشلۇقتا مەسىلە يوق ئىكەن بولمىسا . سىستېمىنىڭ ئىشىمىكىن دەيدۇ بوشلۇق ساتقانلار تەكشۈرۈپ ھېچ بىر چاتاق تاپالماي.
تەدبىركار تەدبىر ئىشلەتسۇن دەپ ئىزدىسەم تاپالمىدىم. كۆرگەنلەر بولسا دەپ قويساڭلا، ما ھېيتتا 80خالتىدا زىياپەت بار ئىكەن دەپ…ھەممىڭلارنىڭ ئايىمى شاتلىققا تولسۇن! بەركەتلەر بولسۇن!
ئۇشبۇ بوشلۇقتىكى كونا بەت نۇرمال ئۇلىنىۋاتىدۇ بولمىسا
ھەكىم جانابىلىرىنىڭ مۇبارەك قەدەملىرىگە مەرھابا !
تەدبىركار بۇرادەرمۇ 80 خالتا بلوگىنىڭ ئېچىلماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەۋاتىدۇ. بەلكى، ئۇنىڭ قارىشىدا مەسىلە بلوگ پروگىراممىسىدا ئەمەس بەلكى بوشلۇقتا ئىكەن. ئەمدى سىلى دەيلا، بوشلۇقتا مەسىلە يوقكەن ، دەپ. بۇ ئىش زادى قانداق ئىش بولۇپ كەتتىكىن تاڭ ؟! …
ئالدى بىلەن ھەرقايسىلىرىنىڭ ئايىمىنى مۇبارەكلەيمەن!
پروگرامما ئىشىغا كەلسەك، مەنمۇ بۇنىڭغا سەل ھەيران قېلىۋاتىمەن. PJ نى يۈكسەل بۇرادەر بىلەن بىللە ئاز كەم 1 يىل ئىشلەتكەن، بۇنداق مەسىلە كۆرۈلۈپ باقمىغان، بوشلۇقنىڭ مەسىلىسىمىكىن دېسەم تېخى…سىلىنىڭ بلوگلىرى بۇرۇنمۇ پات-پات شۇنداق بولۇپ قالاتتى، باشقا بوشلۇققا يۆتكەپ كۆرۈپ باقساق قايدا بولاركىن؟
پەمىمچە، ساندان بار مۇندەرىجە پەقەت ئوقۇش خاسلىقىدا بەلگىلىنىپ قالدى. يەنە بىر ئىھتىماللىق: ئۆتكەندە، مەن مۇلازىمىتىرنى قايتا قاچىلاپ، تور بەت قويۇلغان ئورۇننى يۆتكىسەم، تور بەت ئاۋۇنىڭدەك خاتالىق چىقىپ ئىچىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەكشۈرسەم، بىلوگ قويۇلغان ئورۇنغا iis نىڭ ھوقوقى بىرىلمەي قاپتۇ، شۇنى بىرۋەتسەم ئوڭشالغان.