Windows Live Messenger ( قىسقارتىلىمىسى MSN ياكى Messenger ) ، بۇ پەقەت بىر ئاددىغىنە مۇڭداشقۇ بولۇپ قالماستىن، كىشىگە ئۆزگىچە ھوزۇر بېغىشلايدىغان، تورداشلار ئارا ئالاقىلىشىش ۋە رەسىم ، ھۆججەت ، بوشلۇقلارنى ھەمبەھىرلىنىش ئىنتايىن قولايىلىق بولغان ، كۆپ خىل كۈچلۈك ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئالاقە دېتالى بولۇپ، بۇ Microsoft نىڭ Windows تىن باشقا يەنە بىر مەشھۇر دېتالىدۇر. مەزكۇر دېتال دۇنيا بويىچە ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيادىكى قاپلىنىش نىسبىتى مۇشۇ تۈردىكى ئالاقە دېتاللىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ( ئامېرىكىنىڭ ستاتىستىكىسى بويىچە 6 يۈز مىليۇندىن ئارتۇق تور ئاممىسى MSN نى ئىشلىتىدۇ ) . جۇڭگودىمۇ 72 مىليۇن تور ئاممىسى MSN نى ئىشلىتىدۇ.
مېنى ئەڭ كۆيدۈرگىنى MSN ئۇيغۇر يېزىقىنى ناھايىتى بىمالال قوللايدىكەن. بەلكىم بارچە مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئۆز تىل – يېزىقىدا پاراڭلىشىش ، ئالاقىلىشىش ئوخشاش ھوزۇرلۇق ئىش بولسا كېرەك. مەن پەقەت MSN نى بۇ جايدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ، ئىلقۇت بلوگى تەمىنلىگەن MSN ئىشلىتىش قوللانمىسى بويىچە تىزىملىتىپ ۋە تەڭشەپ ، ئەلكاتىپ ياكى ئويغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىنى قاچىلاپلا ، يېقىن دوست – بۇرادەرلىرىم ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم بىلەن بىۋاسىتە ئۇيغۇر يېزىقىدا ناھايىتى خۇش كەيپىياتتا مۇڭدىشالايدىكەنمەن. كىشى ئۈچۈن ئۆز يېزىقىدا خەتلىشىپ مۇڭدىشىشتىنمۇ ئارتۇق ھوزۇر بارمۇ دەيسىز ؟! نېمە دېگەن مېھرى ئىللىق يېزىق ، نېمە دېگەن كۆركەم يېزىق !
بۇ يەردە بەلكىم پۇكۇنچى مۇڭداشقۇ كىشىنىڭ تور مەخپىيەتلىكىنى ئوغۇرلايدىكەن ، دائىم كومپيۇتېر مەشغۇلاتىمىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن ۋە بىزنىڭ تور زىيارەت ھوقۇقىمىزغا مۇتىھەملەرچە دەخىلە – تەرۇز قىلىدىكەن ، دەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ بىزگە قولايلىق تەمىنلەپ بېرىۋاتقان ، تور ھاياتىمىزغا ئۆزگىچە مەنا بېغىشلاۋاتقان دېتاللارنى بىرىنى ياخشى بىرىنى ئەسكى دەپ سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. ئەمما، مېنىڭچە قايسى خىل دېتالنى تاللاپ ئىشلىتىش، قايسىسىنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك يەنىلا بىز تورچىلارنىڭ ئەركىمىزدۇر. خۇسۇسەن، مەن MSN نى ئۇيغۇر يېزىقىنى ناھايىتى ياخشى قوللاپ بېرەلىگەنلىكى، ئۆزەمنىڭ MSN ئارقىلىق يېقىن – يورۇقلىرىم بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقىدا بەھۇزۇر مۇڭدىشالىغانلىقىم ئۈچۈن ياقتۇرۇپ قالدىم. ئەگەر سىزمۇ ئۆز ئانا تىل يېزىقىدا مۇڭدىشىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرمەكچى بولسىڭىز MSN نى ئىشلىتىپ سىناپ كۆرۈڭ!
مەن MSN نى يېڭياچىلەردىن ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى تازا دېگەندىكىدەك بىلىپ كېتەلمىدىم. ناۋادا بۇ ھەقتە تەجرىبە – تەسىراتلىرى بار تورداشلار بولسا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان بولسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: مەن MSN Messenger گە كۆيۈپ قالدىم
ھەقىقەتەن بەك ھۇزۇر ئۇ …
قېنى دوستلار سىلەرمۇ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ بېقىڭلار
ھاھاھاھا…..
كۆيۈپ قالدىم دەڭ…..
ئەمدى بۇنى دەپ ئاۋۇ ئۆيدىكى بالىنى ئۇنتۇپ قالمايلى جۇما!
msn نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز، سىز بىلەن ئالاقىلاشسام.
elkemyuksel#hotmail.com
ئاپلا، بۇ كاساپەتنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىلى 8-9 يىل بولغان بولمىسا، ھەجەپ مۇنداق يەرلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىماپتىمەن دېسە؟! ئىلقۇت بلوگ ئىگىسىگە، ئىزدىنىش روھىغا ئاپىرىن! ئەمما يۈكسەلجان ئۆزىڭىزنىڭ msn غا ئىشلەتكەن ئادرېسىڭىز نېمىكىن؟
مەن msn نۇمۇرىدىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ قويدۇم، كيۇ كيۇ دېگەن ئەبلەخنىڭ بۇنداق قىلىقلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى پۈتكۈل جۇڭگولۇقلار بىلىدۇ، پەقەتلا ئابونت سانىنىڭ كۆپلىكىدىنلا ئۆزىنى بىلەلمەي قالغانىدى، مانا ئاخىرى ھەيۋىسى يەرگە ئۇرۇلدى، مەنمۇ ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا بىخەتەر msn قۇرالىدا مۇڭدىشىشنى ئوتتەك قوللايمەن پەقەتلا ھازىر رايونىمىزدا بۇنى ئىشلىتىۋاتقانلار بەكلا ئاز، لېكىن بارا بارا كۆپىيىپ قىلىشى مۇمكىن
بۇ مېنىڭ يېڭى MSN نۇمۇرۇم : shah@live.cn
ھە،مانا،مانا…بۇ يەردىمۇ شۇ گەپ بولدى ئاخىر،كەمىنەنىڭ uyghurbeg#msn.cn جۇمۇ باللا،يامان كۈنلەرنىڭ بىرى كەپ قالسا مانا ئەمىسە دەپ MSNگە كۆچۈپ كېتىمىز!
alkut@live.cn ، ئاللا ، ئاللا ، بولسا مۇشۇنىڭدا پاراڭلىشايلى ..
مەن تورغا دەسلەپ قەدەم قويغاندا مۇشۇ ئالاقىلىشىش دىتالىنى تاللىغان كېيىن شىنجاڭدا بۇ دىتالنى كۆپ ئادەم ئىشلەتمەيدىكەن دەپ چىچىنى تاللىغان لېكىن بۇ دىتالنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكىنىم يوق ھازىېقى مىسىئېن بوشلۇقىم 50 جى بوپتۇ بۇ مىنىڭ padixa51@hotmail.com قۇشۇۋېلىنڭلار .
بولسا مۇشۇنىلا ئىشلىتەيلى .
subat6780811@Hotmail.com قاچىلىۋىلىڭلار .
مەن بۇرۇنلا ئىلتىماس قىلىپ قويغان، شۇ سۆزلەشكىلى ئادەم يوق … ئەمدى ياخشى بولدى. ھەممىڭلارنى قاچىلىۋالدىم، ۋاقتى كەلگەندە كىم سەن دەپ يۈرمەڭلار جۇمۇ، ھە راس مېنى قوشۇۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. mamatamar@msn.cn
بۇ ئەسىرىڭىزنىىغا كۆچۈرۈپ قويدۇم . رۇخسەت قىلغايسىز .
http://mehr.blogbus.com/ مېھرىشاد بلوگىغا .
subaxi@live.cnمەنمۇ بار جۇمۇ باللا!!!
مەنمۇ قالدۇراي uqar@live.cn
مېنىمۇ قوشۇۋېلىڭلار، قېرىنداشلار!
ozkanbiz@hotmail.com
مىنى قۇشىۋالساڭلار talat886@live.cn
مىنىڭ msn mamatezizjan@msn.cn
مەنمۇ ھەم بار: bughraxan@hotmail.com
بۇ مېنىڭ مېنىمۇ قوشىۋېلڭلار uyghur04@hotmail.com
مىنىمۇ قوشىۋىلىڭلار bizakqi@hotmail.com
مىنىمۇ قوشىۋىلىڭلار : kokaxik@hotmail.com