ئەنگلىيە << يېڭى ئالىم، newscientist >> تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە، ئەنگلىيىلىك بىر ئالىمنىڭ بايقىشىچە، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلسا ئەرلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.
ئەنگلىيە Sheffield ئۇنىۋېرسىتېتى ( UK. The University of Sheffield ) نىڭ تەتقىقاتچىسى بىئو – ئېكلوگشۇناس Virpi Lummaa دۇنيا ئۆمۈر تەشكىلاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئېرىشكەن، دۇنيادىكى بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويغان 140 دۆلەت ۋە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى چەكلىگەن 49 دۆلەتتىكى ئەرلەرنىڭ ئۆمۈر كۆرۈشىگە ئائىت سانلىق ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويغان ئەللەردىكى ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى چەكلىگەن ئەللەردىكى ئەرلەرنىڭ ئۆمرىدىن %12 ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ يەنە ئۆز تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ GDP سەۋىيىسى، مائارىپ قوبۇل قىلىش ، سەھىيە – داۋالىنىش سەۋىيىسىنىمۇ تولۇق ئويلاشقان. ئاخىرىدا، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلسا ئەرلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن، دېگەن قاراشقا كەلگەن. ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى دۇنيا بىئو – ئېكولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىگە سۇنغان.
مەنبە : http://www.newscientist.com
مەنزىل: http://www.newscientist.com/article/dn14564
سەمىمىي ئەسكەرتىش : بۇ يازمىدىكى بارچە قاراش مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز. مەن دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ ھەققىدىكى قانۇن – سىياسەتلىرىنى كۈچلۈك ھىمايە قىلىمەن.
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : كۆپ خوتۇنلۇق ئەرلەرنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن بولىدىكەن
ما تېمىنى ئايالىمغا ئىۋەتىپ بېرىدىغان تېمىكەنتۇق!
çok eşlı olsunuz omrunuz daha fazlı uzaklaşır
بېگىم، ئۆمرۈنۈز دېگەندىكى ئۆ بىلەن ئۈ نىڭ چىكىتى قەنە؟
ھايىنىغا سېتىۋەتتىم!
تەتىلدىكى پويىز بەلىتىنىڭ ھايىنى بەك ئۆتەپ كېتىپتىكىندە؟
ئۆيدە دېگەن گەپنى تالاغا سۆرەپ يۈرمەيتۇق دەيمەن!…
زادى قاسىڭنىڭ گېپى راس … بۇ دىلو ھەجەپ مۇرەككەپلىشىپكەتتا ! ساراڭنىڭغو ئوڭى يوق ، پاشىنىڭ قوڭى بولمىغاندەك…..