نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئىككى كىشىنىڭ 9.11 سى

بۇندىن 7 يىل مۇقەددەم، يەنى 2001 – يىلى 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى 19 نەپەر تېرورچى ئامېرىكىنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايرۇپىلانىدىن 4 نى بۇلىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوبرازى ھەتتاكى غورۇرى دەپ قارالغان قوشماق بىنا << دۇنيا سودا مەركىزى >> گە 2 ئايرۇپىلاننى سوقۇپ، پۈتكۈل جاھاننى لەرزىگە سالغان << 9.11 >> تېرورلۇق ۋەقەسىنى سادىر قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىملىق ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەسىدە 3000 غا يېقىن كىشى ئۆلگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇلانغان 4 ئايرۇپىلاندىكى بارلىق يولۇچى 246 نەپەر، << دۇنيا سودا مەركىزى >> نىڭ ئاستىدا قېلىپ جېنىدىن ئايرىلغانلار 2600 نەپەردىن كۆپرەك كىشى بار ئىدى.
تەپسىلات : http://news.xinhuanet.com/world/2008-09/09/content_9876729.htm

9.11 دىن كېيىن، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تاشقى دېپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم يادروسىغا ئايلاندى.7 يىلدىن بېرى ئالدىن قول سېلىش ، تاق يۆنىلىشلىك بولۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئامېرىكىچە << تېرورلۇققا قارشى كۆرەش >> داۋاملىشىپ كەلدى… ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ئۇرۇش قوزغاپ، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنى ئېيتقۇسىز ئازاب – ئوقۇبەت ، خارابلىققا باشلىغان بولسا ، ئۆزىمۇ بۇ ئىككى ئۇرۇش داۋامىدا ئېغىز تالاپەتكە ئۇچرىدى. شۇڭا، ئامېرىكا ئامېرىكىچە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ساۋاقنى قوبۇل قىلمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتتى.
تەپسىلات : http://news.xinhuanet.com/world/2008-09/09/content_9875949.htm

بۈگۈن 9.11 نىڭ 7 يىللىق خاتىرە كۈنى. ھەق گەپنى قىلغاندا، بۇ دەملەردە مۇنداق 2 كىشى 9.11 غا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرى قارا تەنلىك ئىنسان باراك ئوباما بولسا،  يەنە بىرى دەل ماككەيىندۇر. چۈنكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈچۈن 9.11 پەقەت بىر قاباھەتلىك چۈش ياكى ئازابلىق ئۆتمۈش بولغان بولسا، بۇ ئىككى كىشى ئۈچۈن كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىككى ئەلباش نامزاتلىرىنىڭ 9.11 غا بولغان پوزىتىسىيىدە مۇنداق ئىككى مەنا بار بولۇشى مۇمكىن. ئوباما دېمكوراتلار پارتىيىسىدىن بولغانلىقى سەۋەبلىك بۇندىن كېيىن << ئۆزگىرىش >> ئېلىپ كېلىشنى كۆزلەيدۇ ھەم شۇنداق دېيىشى كېرەك. شۇڭا، ئۇنىڭ بوشنىڭ تاشقى دىپلوماتىيە سىياسەتلىرىنى ئاكتىپ قوللاپ كېتىشى ياكى شۇ تەرىزدە گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بەلكى 9.11 دىن باشلاپ، ئىراق ئۇرۇشىغىچە بولغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ خاتالىقىنى سۆكۈشى كېرەك.  ۋاھالەنكى، ماككەيىن بوش بىلەن ئوخشاش بىر پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغاچ ، بوش بىلەن چىگرىنى ئېنىق ئايرىپ، باشقىچە يول تۇتىشى مۇمكىن ئەمەس. گەپنى يىغىپ ئېيتقاندا، كېلەر نۆۋەتلىك ئەلباشنىڭ 9.11 غا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇلارنىڭ كېيىنكى تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ.
تەپسىلات : http://news.xinhuanet.com/world/2008-09/11/content_9918800.htm

9.11 دىن كېيىنكى 7 يىل ئىچىدە كىشىلەر نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشتى. ئەمما ، بىر كىشى تا ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئۇمۇ ھەم كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈپ كېتىشتىن قورقسا كېرەك، پات – پات سىن ۋە ئۈن لېنتىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى جاكار قىلىپ تۇردى. ئۇ بولسىمۇ 9.11 نىڭ پىلانلىغۇچىسى ، بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئوسامە بىن لادېن. كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان يېرى شۇكى، دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلغان مەمىلىكەت دەپ قارىلىۋاتقان ئامېرىكا 7 يىلدىن بېرى ئەڭ ئىپتىدايى ۋاسىتىلەر بىلەن ھاياتىنى ساقلاۋاتقان بىن لادېننى تۇتالمىدى.  << نېمىشقا لادېننى تۇتماق ئەرشكە چىقماقتىنمۇ قىيىن ؟ … >> دېگەندەك سۇئاللار كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا پىرقىراپ يۈردى. ھەتتا بەزىلەر ئامېرىكا – لادېن تۇتۇشمىقىنى << مۈشۈك – چاشقان ئويىنى >> غا ئوخشىتىشتى. قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىملىق ئەلباشى << لادېن نەدە ؟ >> دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرەلمەي تەخىتتىن چۈشىدىغان ئوخشايدۇ.
تەپسىلات : http://news.xinhuanet.com/newscenter/2008-06/16/content_8373711.htm

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئىككى كىشىنىڭ 9.11 سى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئەل جاھان مۇنداق يازغان:

    بۇ خەۋەر ئىنىقكى ئوبامانىڭ كىيىنىكى نۆۋەتلىك پىرىزدىنت بولۇپ سايلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كوزۇر.
    قاراڭلار، بۇ پەرەڭلەرنىڭ ئۇستاتلىقنى!!!!!!!!!!!!

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟