نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قويۇش كېرەكمۇ؟

ئىسىم – تەگئات قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر

1. ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﺎ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ؟

بىزنىڭ بۇ سۇئالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى، ياق!ئىسىم ياكى تەگئات قويۇشتا ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﺴﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺨﻼﺳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، بۇنىسى ﺋﻪﻟﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯖﯩﺰ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺨﻼﺳﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ!
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺴﯩﻤﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﻤﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﺯﻩﻟﻰ ﻳﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪﺗﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻠﯩﻚ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩب ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ئەرەبچە ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﯕﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﺎﻧﯩﻐﺎ ﻣﯘﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩق ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ.
ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺯﯛﺭﯛﺭﻛﻰ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﯩﺪىكى ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘۇرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺨﻼﺳﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. كىشىنىڭ تەقۋالىقى ئۇنىڭ ئىسمىدىن ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ئىش – پائالىيىتى، تائەت – ئىبادىتىدىن ، دىلى بىلەن تىلى، نىيىتى بىلەن ئىشىدىن بىلىنىدۇ. ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗلرﻩﮬﻤﺎﻥ ( ئاللاھنىڭ قۇلى ) ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﺳﯩﺖ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯧﻨﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺍﮬﻤﺎﻥ ( بۇددىستچە ئىسىم ) ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﻤﺎﻥ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﻛﺎﭘﯩﺮ ، ﺑﯩﺮﺍﮬﻤﺎﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﺋﯩﻤﻦ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻼ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﻨﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺴﻤﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ، ئىسىم ۋە تەگئات قويۇش ئىشىدا ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﻏﻼﺵ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ !
بىز قېرىنداشلىرىمىزنى قۇرئاندىكى ئىسىملارنى، ئەرەبچە ئىسىملارنى ئىسىم – تەگئات سۈپىتىدە ئىشلەتمەڭ دېمەيمىز. بىز پەقەت كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە قۇرئاندىكى ئىسىملارنى – ئەرەبچە ئىسىملارنى قويمىسىمۇ دىنىي نۇقتىدىن ھېچ گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى سالىمىز، ئۇيغۇر بۇرادەرلەرگە ئىسمى – تەگئاتىدىن ئۇيغۇر زاتى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ساپ ئۇيغۇرچە ئاتلارنى ئۆزىگە ياكى پەرزەنتلىرىگە ئىسىم – تەگئات قىلىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ياق چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسملارنى قويۇشۇم كېرەك، دېسىڭىز، قارشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمىز ۋە مۇنۇ نۇقتىنى ئېسىڭىزگە سالىمىز. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﯩﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

مۇسۇلمان كىشى چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملارنى ياكى ئەرەبچە ئىسىملارنى قويۇشى كېرەكمۇ ؟ دېگەن بۇ مەسىلىگە كۆپچىلىك قايىل بولغۇدەك جاۋاب بېرىش ئۈچۈن شىمالىي ئامېرىكا فىقىھ جەمئىيىتىنىڭ ( Fiqh Council ofNorth America ) مەسئۇلى Muzammil H. Siddiqi نىڭ << ئىسلامغا يېڭىدىن كىرگەن كىشىلەرنىڭ ئىسىم ئۆزگەرتىشى زۈرۈىيەتمۇ؟ ياكى ئىسلامغا يېڭىدىن كىرگەن كىشىلەر جەزمەن ئىسىم ئۆزگەرتىشى كېرەكمۇ ؟ >> دېگەن سۇئالغا بەرگەن فەتىۋاسىنى ( جاۋابىنى ) ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز.

————–

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن! بارلىق ھەمدۇ – سانالار بىر ئاللاھقا بولسۇن، ئۇنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمگە سالاملار بولسۇن ! ئالدى بىلەن سۇئال سورىغۇچىنىڭ بىزدىن شۇنداق تەلىم ئېلىشتا ئىشەنچ قىلغانلىقىغا تەشەككۈرلەر بولسۇنكى، ھەممىگە قادىر ئاللاھ بىزگە ئۇشبۇ قۇربەتلەرنى نىسىپ قىلغاي، يەنى كۆپچىلىكنىڭ سۇئاللىرىغا توغرا جاۋاب بېرىشىمىزگە ياردەم قىلغاي! دەرھەقىقەت، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسمى گۈزەل بولۇشى ۋە بالىلىرىغا گۈزەل ئىسىملارنى قويۇشىنى كۈچلۈك تەكىتلەيدۇ. ئەبۇ داۋۇت خاتىرلىگەن ھەدىسلەرگە كۆرە، رەسۇلىلاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم شۇنداق دېگەن: <<سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر. شۇڭا، ئۆزۈڭلەرگە ( پەرزەنتلىرىڭلارغا ) ياخشى ئىسىملارنى قويۇڭلار >>. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانلىرىدا ، كىشىلەر ئىسلامغا كىرگەنلىرىدە ئۇلاردىن ئۆز ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنمايتتى. پەقەت بەزى ناچار مەنىدىكى ئىسىملارغا، ئىسلام ئەقدىسىگە خىلاپ بولغان ئىسىملارنى رەسۇلىلاھ ئۆزى ئۆزگەرتىپ قوياتتى. ئىمام تىرمىزى خاتىرلىگەن ھەدىستە ئائىشە رەيزۇللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: << ئۇ ( پەيغەمبەر سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ) ناچار ( مەنسى ياخشى بولمىغان ) ئىسىملارنى ئۆزگەرتىپ قوياتتى>>. ئالايلۇق، ھەزىرىتى ئۆمەرنىڭ بىر قىزىنىڭ ئىسمى Asiyah ( ئاسىيە ؟ ) مەنىسى كەپسىز، قوپال دېگەندەك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئىسمىنى مەنىسى << گۈزەل >> دېگەنلىك بولغان Jamilah ( جەمىلە ؟ ) دەپ ئۆزگەرتىپ قويغان ( سەھىھ ھەدىس 4301 ) . كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىسمىنى ئۆزگەرتىشىگە بولىدۇ. ئەمما، ئاتىسىنىڭ ئىسمنى، تەگئاتىنى ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ. شۇڭا، يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئىسىملىرىنىڭ مەنىسى ناچار بولسا، ئىسلام روھىغا زىت بولسا ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ئەمما، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەگئاتىنى ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ. كىشىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە تەگئاتى قەتئىي ئۆزگەرتىلمەسلىكى كېرەك. قۇرئان كەرىم (Al-Ahzab 33: 5) دا كىشىلەرنى ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.

مەنبە: http://www.islamonline.net/

مەنزىل: http://www.islamonline.net/servlet/Satellite?pagename=IslamOnline-English-Ask_Scholar/FatwaE/FatwaE&cid=1119503544938

——————————-

پەتىۋا مۇشۇ جايدا تامام بولدى. دېمەك، ئىسلام دىنى كىشىلەردىن ( ئىسلامغا يېڭى كىرگۈچىلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) ئۇلارنىڭ ئىسمنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر ئىلگىرىكى ئىسمى مەنسى ناچار ، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە مۇغالىپ بولسا ئاندىن ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ئەمما ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە تەگئاتىنى قەتىئىي ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. يۇقىرىقىلاردىن شۇنى چۈشىنىۋېلىش مۇمكىنكى، قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قويۇش ياكى ئەرەبچە ئىسىم قويۇش قانداقتۇر ئەقدىگە ياتىدىغان زۈرۈرىيەت ئەمەس. بەلكى، شۇ شەخىسنىڭ رايىغا مۇناسىۋەتلىك ئىختىيارى ئىشتۇر. ئۇيغۇر كىشىلىرى ئۆزلىرىگە ۋە پەرزەنتلىرىگە ئات قويغاندا، ئۆزلىرىگە چۈشىنىشلىك بولغان گۈزەل مەندىكى، ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت بولمىغان ئىسىملارنى قويسا تامامەن بولىدۇ.

2. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ

ﮬﻪﻣﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﻨﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ – ﻏﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﻪﻟﮕﻪ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ، ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﺎﺭ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﻛﻪﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﻓﺎﺭﯨﺴﯩﻲ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﭽﻪ ﺳﯚﺯ – ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯚﺯﯨﺰﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺭﺯﯗﺭ – ﮬﻪﯞﻩﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻲ ﻣﻪﻧﺴﯘﺑﻠﯘﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﺎﻣﻐﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘ ﺗﺎﻣﯩﻐﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

3. ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ

ﺋﺒﯩﺮﺍﮬﯩﻢ ﻣﯘﺗﺌﯩﻲ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﻪﺭ، 30-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻚ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ 44 ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 88 ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. دەرۋەقە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تەكرارلىك مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر. شۇڭا،ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯜﭼﯜﭖ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﻙ. ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﯩﻴﻨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:

ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺗﯘﺭﺍﻥ
ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺗﯘﺭﺍﻥ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﺍﯞﯗﺕ ﺋﻮﻏﯘﺯ
ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﻴﺎﺯ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻮﻏﯘﺯ

ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ
ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺖ ﺟﻪﻟﯩﻞ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﺍﻧﻰ، ﺋﻮﻏﯘﺯﻯ، ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛپ قوللىنىش ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ، قۇتلان، ﺋﯚﺯﮬﺎﻝ ، ﺋﻪﺭﻗﯘﺕ، ﻛﯚﻙ، ﺋﻪﻣﯩﻨﻰ، ئۇيغار، قارلۇق، تارىم، تۇغلۇق ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ. تەگئات قوللانغان ھامان مۇۋاپىق تاراتقۇلاردا ( گېزىت – ژۇرنال، رادېئو – تېلېۋۇزۇر ) مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن كۆپچىلىككە جاكار قىلىش كېرەك. خالسىڭىز << يۈكسەل بلوگى >> سىزنى شۇنداق سەھىپە بىلەن تەمىن ئېتىشنى خالايدۇ. يەنى مەزكۇر تېما ئاستىغا ئۆز تەگئاتىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسىڭىز، بىز كۆپچىلىك قوللانغان تەگئاتلارنى توپلاپ، ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە رەتلەپ ئېلان قىلىپ، كېيىنكىلەرنىڭ تەگئات قوللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىن ئېتىمىز.

4. ئىسىم – تەگئات ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سۆز – ئاتلارنى نەدىن تاپىمىز؟

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﻢ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.
ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئىسىم – ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ .
<< ﺗﯜﺭكى ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ>> ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻗﺎﻣﯘﺳﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ.<< قۇتاتقۇبىلىك >> ﻛﻪﺑﯩﻲ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻛﺎﻧﯩﻜﻰ ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻗﺎﺯﺳﺎﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﯩﻜﻰ ﮔﯚﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﯜﺯﯛﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئىسىم – ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯨﻤﺎﺱ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ ئىسىم – ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ – ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ.
ﮬﯚﻧﻪﺭ – ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ، ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﺨﺘﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﯚﺯ – ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ئىسىم – ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﻰ.
ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻟﻪﻗﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئىسىم – ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ

5. تەگئات قويغاندا خالىغانچە قويۇۋېلىشقا بولامدۇ؟

ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻲ ﺧﺎﺱ ﻧﺎﻣﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻮﺭﯗﻥ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﭘﯩﺸﯟﺍﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.جەمەت پىشقەدەملىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ قوللىشى ياكى پىكرى بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پەقەت ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، تەگئات قوللىنىشنىﺋﯚﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قويۇش كېرەكمۇ؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!6 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. Yuksel مۇنداق يازغان:

    ئىزدىنىشتىن 86 ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى :

    شۈبھىسىزكى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئىسىمنى قوللىنىش تولىمۇ مۇھىم بىر ئىش ھېسابلىنىدۇچۈنكى باشقىلار مەلۇم كىشى توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدۇ.مەيلى بۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە بولسۇن،ئۇ شۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىلىدۇ.شۇ ئىسىم ئۇنىڭ قايسى دىنغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ،شۇنداقلا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ دىننىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.ئىسىم باشقىلارغا مۇشۇ كىشى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئىسىم توغرىسىدىكى ھېسسىياتى خۇددى كىيىم بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا بولۇپ قالسا ئوخشاش كۆزگە سىغمىغانغا ئوخشايدۇ. ئىسىم قويۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپ ئىىشلىتىشكە يول قويۇلغان ئىسىملارنى ئىشلىتىشتۇر. شەرىئەتكە ئاساسلانغاندا بەزى ئىسىملارنى قويۇش شەرىئەتتە چەكلەنگەن بولۇپ ئىسىم قويغاندا شۇ ئىسىملارنى قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

    تۆۋەندىكى ئىسىملارنى ئىشلىتىش ھارام قىلىنغان:

    1.ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنى ئىشلىتىش،مەيلى ئۇ پەرىشتە ياكى پەيغەمبەر بولسۇن.ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسە ياكى زاتقا قۇلچىلىقنى بىلدۈرۈش قەتئىي چەكلەنگەن ئىشتۇر.شۇڭا ئاللاھتىن باشقا ھەرقاندان زاتقا قۇلچىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى قويۇشمۇ ھارامدۇر.مەسىلەن:"ئابدۇرۇسۇل"(ئەلچىنىڭ قۇلى)،ئابدۇنەبى(پەيغەمبەرنىڭ قۇلى)،ئابدۇلئەمىر (پادىشاھنىڭ قۇلى)دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ۋە ئاللاھتىنمۇ بەكرەك بويسۇنۇشنى ئىپادىلەپ قويىدۇ.كىملەركى ئىسمىنى مۇشۇنداق قويۇۋالغان ئىكەن دەرھال ئۆزگەرتىش لازىم.مەشھۇر ساھابە ئابدۇراخمان ئىبن ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:"مېنىڭ ئىسمىم ئەسلى ئابدۇ ئەمىر–يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە ئابدۇ كەئبە –ئىدى،مەن مۇسۇلمان بولغان چاغدا رەسۇلۇللاھ مېنى ئابدۇراخمان دەپ چاقىردى."(ھاكىم رىۋايەت قىلغان.3/306,زەھەبى توغرا دېگەن).
    2.پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغان ئىسىملارنى قويۇش.بەزى ئىسىملار پەقەت ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالاغىلا خاس بولغان ئىسىملاردۇر.مەسىلەن خالىق(ياراتقۇچى)،رازىق(رىزىق بەرگۈچى)،رەب،ۋە راخمان(ئەڭ شەپقەتلىك)دېگەندەك.بەزىلىرى پەقەت يىگانە ئاللاھقىلا خاس بولغا سۈپەتلەردۇر.مەسىلەن مالىك-ئەل-مۇلۇك(شاھلارنىڭ شاھى)،قاھىر دېگەنگە ئوخشاش.كىشىلەرنى بۇنداق ئىسىملار بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.كىم بۇنداق ئىسىم قوللانغان بولسا ئۆزگەرتىشى كېرەك.ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:"سەن ئۇنىڭ شېرىكى(ياكى ئوخشىشى) بارلىقىنى بىلەمسەن؟"(سۈرە"مەريەم"65-ئايەت)
    3.روشەن كافىرلارغا خاس بولغان ۋە كافىرلاردىن باشقىلار ئىشلەتمەيدىغان ئىسىملار،مەسىلەن ئابدۇل مەسىھ،بۇتروس(پىتىر)،جۇرجوس(گىئورگى)دېگەندەك ئىسىملارنى قوللىنىش ھارامدۇر.
    4.كىشىلەرنى تاغۇتنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.مەسىلەن ئىبلىسنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاش دېگەندەك. يۇقىرىدىكى تۆت تۈرلۈك ئىسىمنى قويۇش قەتئىي ھارام قىلىنغان.كىم بۇنداق ئىسىم قويىدىكەن ئۇ ئىسىمنى دەرھال ئۆزگەرتىشى لازىم.

    تۆۋەندىكى سەككىز تۈرلۈك ئىسىمنى ئىشلىتىش مەكرۇھ:

    1.مەنىسى كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ. بۇنداق ئىسىملار مەنىسى ناچار،يېقىمسىز،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ شۇ كىشىنى مەسخىرە قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.بۇ پەيغەمبەر نىڭ چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.مەسىلەن،مەنىسى سەلبىي بولغان ھەرب(ئۇرۇش)،راشاش(چېچىش دېگەندەك مەنىدە)،خىيام–تۆگىلەردىن تارقىلىدىغان بىر خىل كېسەللىكنىڭ ئىسمى–دېگەندەك يېقىمسىز ئىسىملارنى قوللىنىش مەكرۇھ.
    2.كىشىنى جەلب قىلىدىغان،كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا تەسىر قىلىدىغان ئىسىملارنى قوللىنىش مەكرۇھ.بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئىسمىنى تاللىغاندا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.باشقىلار قىزلارنى بۇ خىل ئىسىم بىلەن چاقىرغاندا بەزى كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر قىلىشى ۋە شۇ قىز توغرىسىدا يامان خىياللاردا بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
    3.ناخشى،ئارتېس دېگەندەك ئەخلاقسىز ئىنسانلارنى دوراپ ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ.ئەگەر ئۇلارنىڭ ياخشى ئىسىملىرى بولسا قوللىنىشقا بولىدۇ،لېكىن مەقسەت شۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بولۇشى كېرەككە ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىلەرنى دوراش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
    4.يامان ئىش، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئىسىم قىلىپ قوللانماسلىق كېرەك.مەسىلەن،سارىق(ئوغرى) ياكى زالىم دېگەندەك؛فىرئەۋننىڭ ياكى گۇناھكارلارنىڭ ئىسمىنى قوللانماسلىق كېرەك.مەسىلەن:فىرئەۋن،ھامان،قارۇن..دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ.
    5.كىشىلەر ئارىسىدا يامان خىسلەتلەر بىلەن تونۇلغان ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەرخىمار(ئېشەك)،كەلب(ئىت)،قىرد(مايمۇن)دېگەنگە ئوخشاش.
    6."دىن"ياكى "ئىسلام"دېگەندەك سۆزلەر قوشۇلغان ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەن، نۇرىدىن(دىننىڭ نۇرى)،شەمسىدىن(دىننىڭ قۇياشى)،نۇرۇل ئىسلام،شەمسۇل ئىسلام دېگەنگە ئوخشاش.بۇنداق ئىسىملار كىشىگە ئۆزى لايىق بولمىغان سۈپەتلەرنى بېرىپ قويىدۇ.سەلەف ئالىملىرى بۇنداق ئىسىملارنىڭ ئۆزىگە لەقەب بولۇپ چاقىرىلىشىنى يامان كۆرەتتى.ئىمام نەۋەۋى(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) باشقىلارنىڭ ئۆزىنى "مۇھىيددىن"(دىننىڭ قايتا بەرپا قىلغۇچى)دەپ چاقىرىشىنى يامان كۆرگە؛شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيە (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) ھەم ئۆزىنىڭ لەقىبى بولغان "تەقىيددىن"(دىننىڭ تەقۋاسى)دېگەن ئىسىمنى يامان كۆرگەن.ئۇ دائىم:ماڭا بۇ لەقەبنى ئائىلەم بەردى،شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم بىلىپ كەتتى"دەيتتى.
    7.ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا بەندىچىلىكنى ئىپادىلەيدىغان"ئابدۇ"كەلىمىسىدىن باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش مەكرۇھ.مەسىلەن خەسەبەللاھ،رەھمىتۇللاھ دېگەندەك.شۇنداقلا رەسۇل سۆزىگىمۇ باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش مەكرۇھ.
    8.پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش ۋە قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەن تاھا،ياسىن دېگەندەك.بۇ ئىسىملار خۇرۇفۇل مۇقەتتاھ(بەزى سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن ھەربلەر؛مەنىسىنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ-تەرجىماندىن)تۇر.رەسۇلۇللاھ نىڭ ئىسىملىرى ئەمەس.بۇ توغرىدا ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز ئىبنۇل قەييىمنىڭ تۇخفەت ئەل مەۋدۇد دېگەن كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.109-بەت. بۇ ئىسىملارنى قوللىنىش،باشقىلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇش مەكرۇھتۇر.ئەگەر بىر كىشىنىڭ مۇشۇنداق ئىسمى بولسا،ئائىلىسى تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇپ ئۇنى ئۆزگەرتىش مۈشكۈل بولسا قوللىۋەرسە بولىدۇ.

    تۆۋەندىكى بەش خىل ئىسىم ياخشى ئىسىملاردۇر.

    1.ئەڭ ياخشى ئىسىملار ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراخماندۇر.بۇ رەسۇلۇللاھ نىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغان بولۇپ،رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراخماندۇر"(سەھىھ مۇسلىم 1398-ھەدىس)
    2.ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا ئابدۇ سۆزى قوشۇلغان ئىسىملار،مەسىلەن ئابدۇلئەزىز، ئابدۇرەھىم، ئابدۇلمەلىك ،ئابدۇلئىلاھ،ئابدۇسسالام دېگەندەك.
    3.پەيغەمبەرلەر–ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن–نىڭ ئىسىملىرى.ھېچ شۈبھىسىزكى ئەڭ ياخشى ئىسىم مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسمىدۇر..ئەھمەد ھەم ئۇنىڭ ئىسمىدۇر.ئۇنىڭدىن قالسا "ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر(سۈرە "ئەھقاف"35-ئايەت)نىڭ ئىسىملىرى،ئىبراھىم،مۇسا،ئىيسا ۋە نۇھ.ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ياخشىدۇر.
    4.ئاللاھنىڭ توغرا يولدىكى بەندىلىرىنىڭ ئىسىملىرى.رەسۇلۇللاھ بارلىق ساھابىلىرىنىڭ ئىسىملىرى ياخشىدۇر.ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش مۇستەھەپتۇر.
    5.كىشىنى خوش قىلىدىغان،مەنىسى ياخشى بولغان ئىسىملار.

    ئىسىم قويۇشتا يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

    1.شۇ ئىسىمنىڭ ئاشۇ كىشىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.ئەگەر ئۇ شۇ ئىسىم سەۋەبلىك بەزى ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقسا بەلكى دادىسىن ياكى شۇ ئىسىمنى قويغۇچىدىن رەنجىشى،يامان كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن.
    2.ئىسىمنى تاللىماقچى بولغان بىر قانچە تەرەپتىن ئوبدان ئويلىنىش كېرەك.شۇ ئىسىم شۇ كىشىنىڭ ياشلىق ۋاقتىدا قانداق ئاڭلىنىدۇ،ئۆسمۈر چېغىدا ياكى قېرىغان ۋاقتىدا قانداق ئاڭلىنىدۇ،ئۇنىڭ پەرزەنتى پالانىنىڭ ئوغلى/قىزى دەپ چاقىرىلىشقا خوشال بولامدۇ،دادىسى پالانىنىڭ دادىسى دەپ چاقىرىلىشقا خوشال بولامدۇ دېگەنگە ئوخشاش.
    3.ئىسىم قويۇش دادىنىڭ ھوقۇقىدۇر.چۈنكى ئۇ بالا شۇ دادىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدۇ،پالانىنىڭ ئوغلى ،پالانىنىڭ قىزى دېگەندەك.لېكىن دادىغا نىسبەتەن ئايالىنىڭ ئارزۇلىرىغا قۇلاق سېلىش،ئۆزى تاللىغان ئىسىم توغرىسىدا ئانىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ۋە ماقۇللىقىنى ئېلىش مۇستەھەپتۇر.
    4.بالا چوقۇم دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىشى كېرەك.مەيلى دادىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسۇن،بالىسىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ھەتتا بالىسىنى بىرەر قېتىم كۆرۈپ باقمىغان بولسۇن.بالىنى دادىسىدىن باشقا كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.پەقەت بىر خىل ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنا،ئەگەر تۇغۇلغان بالا زىنادىن تۇغۇلغان بولسا ئۇ چاغدا ئانىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدۇ،بۇ چاغدا دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىشقا بولمايدۇ.
    مەستۇرە تەرجىمە قىلغان.

  2. Yuksel مۇنداق يازغان:

    ئىزدىنىشتىن 86:
    ئادەم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ماس ھالدا ئىسىملارمۇ كۆپەيمىسە كىشىلەرنى ئسمى بىلەن پەرىقلەندۈرۈشكە قۇلايسىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئوخشاش ئىسىم قوللىنىدىغانلار بىر يۇرتتا كۆپ بولۇپ كەتسە شۇنداق بولىدۇ. تەگئات قوللىنىشتىكى مەقسەتمۇ ماھىيەتتە كىشىلەرنى كىشىلەر توپى بىلەن، ئىسىم بىلەن پەرىقلەندۈرۈش. شۇڭا ئىسىم ئادەم سانىغا ماس ھالدا قانچە كۆپ بولسا كىشىلەرنى ئىسمى بىلەن ئايرىش ئاسانغا تۇختايدۇ. ئىسىم قويۇشتا يۇقۇرقى يازمىدا دىيىلگەندەك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا، ھەممە مىللەت كىشىلىرى ئۆزلىرى ئادەتلەنگەن ئىسىم ئاتالغۇلىرىدىن مەنىسى ياخشى بولغان ئىسىملارنى تېپىپ قويسىلا بولىۋېرىدۇ. قايسى تىلدىكى سۆزلۈك بىلەن ئاتاش شەرت ئەمەس. ھەم مىللەتلەر بىر-بىرىنىڭ قوللانغان ئىسىملىرىنى ئۆز ئارا ئىستىمال قىلىشىمۇ چەكلەنمەيدۇ. يەنە بىر گەپ، جۇڭگودا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى كىملىكىدە خەنزۇچە يېزىلىشى بولغاچقا، خەنزۇ يولداشلارنىڭ ئۇنىڭ كىملىكىنى پەرىقلەندۈرەلمەي بەزى ئىشلاردا قۇلايسىزلىق، ئاۋارىچىلىقلارنىڭ سادىر بولىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىسىم فامىلە قوللانغان ھامان، شۇ ئىسىمنىڭ پىنيىنى بويىچە خەنزۇچە يېزىلىشىكى خەنزۇچە خەتنىمۇ مۇقىم قوللىنىشقا دىققەت قىلىش لازىمكەن. كېيىن خەنزۇ يولداشلارنىڭ ئالدىغابېرىپ ئىش بىجىرىشلەرگە تۇغرا كېلىپ قالسا ، بىرەر خەت باشقا يېزىلىپ قالسا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  3. Yuksel مۇنداق يازغان:

    تۇغ ئىسىملىك تورداشنىڭ ئىنكاسى :
    ئىسىم قويغاندا چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قويۇش شەرت دەيدىغان گەپ يوق . قۇرئاندا ئەبۇ لەھەبتەك مۇناپىقنىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنغان . ئەڭ مۇھىمى شۇكى بىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ۋە ئاللا سۇبھانە ۋەتەئەلە بىزگە قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا نازىل قىلغانلىقى ۋە ئەرەب تىلىنى جەننەتنىڭ تىلى قىلغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ چىرايلىق ئەرەبچە ئىسىملەرنى قويۇشىمىز تولىمۇ زۆرۆردۇر . بۇ ئىسىملار قايسى دېگەندە ئابدۇللا ،ئابدۇراھمان قاتارلىق ئاللانىڭ قۇلى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر …. سىز بالىڭىزغا ئاللانىڭ قۇلى ياكى بىرەر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىنى قويدىڭىز دېگەن گەپ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ئىمان بار . سىز مۇشۇ ئىسىمنى قويۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن پەرزەنتىڭىزگە ئاشۇ كىشى ئىگە بولغان خىسلەتلەردىن ئازراق بولسىمۇ ئاتا قىلىشنى تىلىدىڭىز . دېمەك سىز مۇشۇ ئىسىم قويۇش ئىشىدىمۇ ئاللا رازىىلىقىنى كۆزلىدىڭىز ،بۇ سىزنىڭ ئاللاغا يېقىنلشىشنى ئىستىگەنلىكىڭىزنىڭ ئالامىتىدۇر . (ھەقىقىەتەن بۇنى مۇتلەق دېگىلى بولمايدۇ .ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا شۇنداقتۇر ). ئىسىم قويۇشتا مىللى ئەنئەنىگە بەك ئېسىلىۋېلىش توغرا ئەمەس .ھالبۇكى بىزنىڭ ئارىمىزدا ئسىم قويۇشتا مودا قوغلىشىدىغان، پەرزەنتلىرىگە مەنىسىنى بىلمەي تۇرۇپ ئىسىم قويىدىغان ئەھۋاللار ئېغىر . مەسلەن بىر ئۇيغۇرچە ئىسىمنى مىسالغا ئالايلى . ئەسقەر دېگەن ئىسمنى مىسالغا ئالساق < سەقەر> دېگىنىمىز ئەرەب تىلىدا يەتتە دوزاقنىڭ ئىسمىنىڭ بىرىدۇر . دېمەك ئىسىم قويغۇچى ئاتا بۇنى بىلمىگەن . يەنە بىر مىسال : مەردان دېگەن ئىسىم بىزگە نىسبەتەن تولمۇ چىرايلىق ئىسىم لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى چىرىندى ، نىجاسەتتۇر. ( لۇغەت كۆرۈپ بېقىڭلار ياكى ئەرەبلەردىن سوراب بېقىڭلار ).

  4. Yuksel مۇنداق يازغان:

    پاتنېت ئىسىملىك تورداشنىڭ ئىنكاسى :
    چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسملارنى قويۇش كېرەكمۇ؟ ياق! قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قۇيۇش كىرەك، دىگەن كىشىلەر «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق ئوقۇپ چۈشىنىپ باقمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئۇنداق قاراشلىرى ئۆزلىرى تېپىۋالغان يالغان-ياۋىداق خۇراپى قاراشتىنلا ئىبارەت، قۇرئاننى ئۇقۇپ باققانلار بىلىدۇ، قۇرئاندا 25 پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئىسىمدىن باشقا يەنە بەزى كاپىر كاتتىباشلارنىڭ ئىسمىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ ( ئەشەددىي كاپىر ئەبۇلەھەپمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بار ). قۇرئان كەرىم قانداقتۇر ئىسىم قۇيۇش قوللانمىسى ئەمەس. بەلكى ئاللاھنىڭ سۆزى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل قىلىشى بەلگىلەنگەن قانۇنى، قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ يىتەكچىسى ھېساپلىنىدۇ. بىراق مۇسۇلماننى ئاسىيلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىسىملارنى ئىشلەتمەسلىكى كىرەك! مەسلەن:ئاسىيە 'دىگەندەك ،مەنىسى ؛گۇناھكار؛بۇلىدۇ. ھەممىمىز شۇنى بىلۋېلىشىمىز كىرەككى، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ تۇرقىغا ،ئىسمىغا ۋە مىللەت -ئېرىقىغا قارىمايدۇ، پەقەت قەلبى ۋە ئەمەلىي سۆز-ھەرىكىتىگە قارايدۇ، بارلىق ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا بابباراۋەر ،ئۇلارنىڭ ئەڭ ھۈرمەتلىكى پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى جاندىل بىلەن بەجا كەلتۈرگەن، چەكلىگەن ئىشلارنى قىلمىغان تەقۋادار مۇسۇلمانلاردۇر.

  5. alqin مۇنداق يازغان:

    بۇتىمىدا ناھايتى ياخشى مەزمۇنلار يىزىلىپتۇ، لىكىن تۇغ ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇر تىلى نوختىسىدىن ئەمەس ئەرەپ تىلى نوختىسىدىن مەنە بىرىشى مىنىڭچە مۇئاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن. چۇنكى بىز ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغاندا ئۆز تىلىمىز دىكى مەنىسىنى ئاساس قىلىپ قۇيىمىز، بىز ئەرەپ بولمىغاندىكىن ئەرەپچە مەنىسىنى ئاساس قىلىۋالماسلىقىمىز كىرەك.

  6. Yurtum مۇنداق يازغان:

    ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯚﺯﯨﺰﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺭﺯﯗﺭ – ﮬﻪﯞﻩﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻲ ﻣﻪﻧﺴﯘﺑﻠﯘﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﺎﻣﻐﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘ ﺗﺎﻣﯩﻐﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    سىز كىشىلەرنى mellatchilikka چاقىرماقچىمۇ؟
    بىلىڭكى ئىسلامدا مىللەتچىلىككە ئورۇن يوق!
    مۇسۇلمدن بولغان دىكىن ئۇنىڭ ئىسمىدىن مۇسۇلمانلىقى بىلىنىپ تۇرىشى كىرەك ،ھەرگۈزمۇ ئۇيغۇرلىقى ئەمەس .
    .ئەڭ ياخشى ئىسىملار ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراخماندۇر.بۇ رەسۇلۇللاھ نىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغان بولۇپ،رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراخماندۇر"(سەھىھ مۇسلىم 1398-ھەدىس)
    ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشىسىنى ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراخماندۇر دەپ مۇسۇلمدنلىقى ئاشكارىلىنىپ تۇردىغان ئىسىملارنى دەۋاتسا،سىز قۇرئان ھەدىسنىڭ نامىدىن ئۆزىڭىزنىڭ
    ئىدىيسىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن گەپ ساتسىڭىز ،تېخى ئۇيالماستىن بىر بۇددىسنىڭ نامىنى قويغان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخسى دەپ سانىغان ئابدۇراخمان دەپ ئاتقويغان كىشىبىلەن سېلىشتۇرۋاتىسىسز ،سىزدىگەندەك ئۇكىشى ھەقىقەتەن تەقۋادار بولسا ،ئىسمىنى ھەرگۈزمۇ بىر بۇددىسنىڭ ئىسمىغا ئوخشاپ قېلىشىنى خالىمايدۇ!!سىز مۇشۇنداق جۆيلۈپ كىيىن ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا ھىساپ بىرىشتىن قورقمامسىز؟؟؟؟
    [reply=Yuksel,2010-06-11 00:25 AM]سىزنىڭ تور ئىسمىڭىز < < يۇرتۇم >> دېگەن بۇ سۆز قويۇق يۇرتۋازلىق تۈسىگە ئىگە ئىكەن. مۇسلىمدىن بولغاندىن كېيىن يۇرتۋازلىققا يول قويماسلىق كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تور ئىسمىڭىز ئۇيغۇرچە بولغاندىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر سىز ھەقىقىي مۇسلمدىن بولسىڭىز تور ئىسمىڭىزنى ھەرگىزمۇ بۇنداق قويمىغان بولاتتىڭىز؟! ( بەلكىم ئالدىراقسانلىقتىن شۇنداق قويۇپ سالدىڭىز بولغاي ، دەرھال تور ئىسمىڭىزنى ئابدۇلرەھمانغا ئۆزگەرتىۋالغايسىز! )[/reply]

Yurtum 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟