‹‹ مەدەنىيەتلەر توقۇنىشىدۇ ›› ئاددىي نەزەرىيىمۇ ياكى ھەقىقەت؟
يېقىندا 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئامېرىكىلىق ئالىم Samuel P. Huntington دۇنيادىكى مەدەنىيەتلەر ئۆز ئارا توقۇنىشىدۇ ۋە توقۇنۇشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگۈچى تەرەپ دەۋر سۈرىدۇ، دەپ بېشارەت بەرگەن ئىدى. Huntington يەنە غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە خەلقئارا تېرورىزىم ئەۋج ئالىدۇ، دېگەن ئىدى.
بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ نەزىرىدە، تۈرلۈك جەمئىيەتلەردە ئەركىنلىك – دېمكوراتىيە چەكلىنىپ، مەدەنىيەتلەر ئارا قارمۇ – قارىشىلىك كۈچىيىپ بارىدىكەن، Huntington نىڭ تەخمىنلىرى ئۆز ئىسپاتىنى تاپار ئىكەن.
پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ھەم ئىنسانلارنى بىپەرق قويمىدى. ئەكسىچە ئۇنى يەنىمۇ قۇتۇپلاشتۇردى. غەرب بىردەك ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى كۈچەپ تەكىتلەپ، بار كۈچى بىلەن ئىسرائىلىيەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىسە، شەرق دۇنياسى ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت بۇ يەھۇدى دۆلىتىنى باسقۇنچىلىقتا ئەيىپلىدى.
بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشى بويىچە Huntington نىڭ تەتقىقاتىدا، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ماجراسى مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ئەڭ گەۋدىلىك نامايەن بولىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى سانىلاتتى. ھازىرقى ۋەزىيەت Huntington نەزەردە تۇتقان توقۇنۇشلارنىڭ بارغانچە تېز ئەدەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. شەرق جامائەتچىلىكىنىڭ نازارىلىقى پەقەت ئىسرائىلىيىگە قارىتىلغان بولماستىن بەلكى يەنە ئامېرىكىنى ئۆزلىرىگە يېتەكچى قىلغان غەربكىمۇ قارىتىلماقتا.
يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىدا، Huntington دىنلار ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ دېگەن ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈن توقۇنۇشلار سۇ ۋە ئېنىرگىيە قاتارلىق مەنپەتلەرنى كۆزلەپ يۈز بەرمەكتە. توقۇنىشىۋاتقىنى مەدەنىيەت بولماستىن مەنپەتلەر ئارا توقۇنۇش جارى ئەتمەكتە.
Huntington بۈيۈك ئالىم. ئامېرىكا سىياسەتشۇناسلىرى ئارسىىدا Huntington نى بۇ پەننىڭ پىشىۋاسى دېسەك قىلچە مۇبالىغە بولمايدۇ. ئۇ سىياسەتشۇناسلىق، خەلقئاراۋى ئالاقە، دۆلەت راۋاجى قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامايەندە خاراكتېرلىك ئەسىرى دەل ‹‹ مەدەنىيەتلەر توقۇنىشىدۇ ›› دېگەن ئەسەردۇر. ئۇ بۇ ئەسىرىدە، 21 – ئەسىر مەدەنىيەتلەر توقۇنىشىدىغان ئەسىر بولىدۇ، دەپ بىشارەت بېرىدۇ.
Huntington دۇنيا كېلەچىكىنى مەدەنىيەتكە باغلايدۇ. ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا Protestantism مەدەنىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلانسا، بىشارەت قىلنغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، دۇنيادىكى ئاساسىي مەركەز غەربتىن شەرقى ئاسىيا تامانىغا كۆچىدۇ، دەپ يازغان ئىدى.
Huntington نىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدۇ دېگەن بۇ ئەسىرى ۋە بۇنىڭغا تالىق تەتقىقاتلىرى ئىلگىرى كەسكىن تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان. 2001 – يىلى ئامېرىكىدا 11 – سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن Huntington نىڭ بۇ نەزىرىيىسىگە قىزىقىش يەنە كۈچەيگەن ئىدى.
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ‹‹ مەدەنىيەتلەر توقۇنىشىدۇ ›› ئاددىي نەزەرىيىمۇ ياكى ھەقىقەت؟
«مەدەنيەتلەر توقۇنۇشىدۇ» ئاددىي نەزەرىيىمۇ ياكى ھەقىقەت؟
تېمىغا جاۋاب بېرىلمەپتىغۇ، يۈكسەل؟
داۋامى بارمۇ يە؟…
[reply=Yuksel,2009-02-15 01:30 PM]مەزكۇر يازمىنى قەلەمگە ئېلىشتىن مەقسەت، تېمىغا جاۋاب بېرىش ئەمەس ، بەلكى كۆپچىلىكنى مۇشۇ ھەقتە پىكىر قىلىشقا، ئويلىنىشقا يېتەكلەش. جاۋابىنى ئۆزۈم بېرىش ئەمەس، ھەممەيلەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز جاۋاب ئىزدەشتۇر.
ۋە كۆپچىلىك مۇشۇ سورۇندا پىكىرلىشىشتۇر. ئويلىغانلىرى بولسا ئوتتۇرىغا تاشلاپ باققايلا ![/reply]
يېقىندا باشلانغان پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاكتىپ ئىنكاس بىلدۈرمىدى. ھەتتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قورال – ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنىغۇ ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە بولغاچقا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولار.
بىر مەدەنىيەت رامكىسى (بىر دىن) ئىچىدە تۇرۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئىراق … قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىسرائىلىيىگە قارىتا قاتتىق قوللۇقلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتقان ئىران پرېزدېنتى ئەھمەدىي نىجاد بۇ ئىشقا كەلگەندە تىلغا ئالغۇدەك بىر ئىش قىلغىنى يوق. ھەتتا، بۇ پرېزدېنت ھاماسقا ئۇرۇشنى توختاتماسلىقنى تەۋسىيە (بەلكى بېسىم) قىلماقتا. ھالبۇكى، ئۆزىنى ئىزچىل غەربكە يېقىن تۇتۇپ كەلگەن، دىندىن خالىي تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇئاننىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتى نامىدىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە پەلەستىن رايونىغا ياردەملەرنى بېرىشىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟
تەختكە چىققاندىن بۇيان، «ئىسرائىلىيىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن» دەپ جار سېلىۋاتقان ئىران پرېزدېنتى ئەھمەدىي نىجاد بۇ قېتىم نېمىشقا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ؟ پەلەستىنمۇ، ئىرانمۇ بىر دىندىكى قېرىنداشلار ئەمەسمىدى؟
بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە يالغۇز مەدەنىيەت (دىن) دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى مەنپەئەت نۇقتىسىدىنمۇ بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئىران ھۆكۈمىتى پەلەستىننى ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت (دىنىي) قېرىندىشى دەپ ھېسابلىمايدۇ (چۈنكى ئىران شىئە مەزھىپىدە، پەلەستىن سۈننىي مەزھىپىدە). ئىران بۇ ئىشقا ئارىلاشسا، ئىرانغا كېلىدىغان مەنپەئەت قانچىلىك بولىدۇ؟ ئارىلاشمىسا قانچىلىك بولىدۇ؟ خامچوت قۇرۇلۇشى كەسپى دوكتورى ئەھمەدىي نىجادنىڭ بۇنى ھېسابلاپ چىقىرالىغۇچىلىكى بار. ئۇنىڭ قارىشىدا بۇ توقۇنۇشقا ئارىلاشمىسا (شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن ھاماسلىرى يوقالسا ياكى يوقىلىشى تېزلەشسە) كېلىدىغان مەنپەئەت كۆپرەك (چۈنكى ئۇ سۈننىي، بۇ شىئە). بۇ يەردە، گېپىمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى ھۇمەينىنىڭ «ھازىر يەر شارىدا ئىراننىڭ ھېچقانداق قېرىندىشى يوق» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.
قارىغاندا، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» دېگەن ئاتالغۇغا جۈپتىنى – «مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى» ئاتالغۇسىنى قوشۇپ، «قوشماق» نەزەرىيە سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىش زۆرۈردەك تۇرىدۇ.
خۇلاسە كالام، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» ئاددىي نەزەرىيىمۇ، ھەقىقەتمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مۇنەۋۋەر سىياسىئوننىڭ دۇنيانى كۆزىتىپ چىقارغان خۇلاسىسى، بېشارىتى. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۆلچەم قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭمۇ دۇنيانى كۆزىتىشتە ئۆزىڭىزگە خاس «ئەقىل كۆزىڭىز» بولۇشى كېرەك. بولمىسا سىز باشقىلارنىڭ «ماشىنا» سىغا ئايلىنىپ قالىسىز.
پات ئارىدا « قىسمەت تور مەھەللىسى )» دە، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى – مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى» ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك يازما يوللانغۇسى.
[reply=Yuksel,2009-02-15 09:25 PM]گەپ يەنە پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنىشىغا مەركەزلىشىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. مەنمۇ بۇ ھەقتىكى ئايرىم قاراشلىرىمنى ئۆزلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي.
سىلى ئىران دائىرىلىنىڭ بۇ قېتىمقى پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا سۈكۈت قىلىشى ۋە ھاماسنى ئۇرۇش توختاتماسلىققا دەۋەت قىلىشى قاتارلىق نۇقتىلارنى تىلغا ئاپلا. مەن بۇ توقۇنۇشتىكى ئىراننىڭ مەيدانى ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي. قايتا ئەسكەرتمە بېرىدىغىنىم بۇ پەقەت مېنىڭ ئويۇم خالاس.
ئىران پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشلىرىنىڭ بالدۇرراق ھەل بولۇشىنى خالىمايدۇ. بەلكى ئۇ ۋاسىتىلىك ھالدا ، يەنى ھاماس ، ئاللاھ پارتىيىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى ئاسترىتتىن قورال – جابدۇقلار بىلەن تەمىنلەپ، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ( ئەلۋەتتە ھەممە سىرلارنى بلگۈچى پەقەت بىر ئاللاھ! ). بۇياقتىن ئوتنى پۈدەپ قويۇپ ، ئۇياقتىن ئىسرائىلىيىنى بولۇشىغا ئەيىپلەپ ، ئىران نېمە مۇددىئاغا يەتمەكچى ؟ مېنىڭچە ئۇ ئەتراپىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ، ئەرەب خەلقىنىڭ كۆزىنى بويىماقچى. يەنى ئۇلارنى ئەشۇنداق ئاخىرى يوق ئىشلارغا بەند قىلىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختىلىماقچى. ھەممىدىن قارا غەرىزى شۇكى، ئۇ ھەتتا ئەرەب خەلقىنىڭ ئىراننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ، ئىسرائىلىيىنىڭ تاناۋىنى تارتىشىنى ئۈمىد قىلىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى. مۇ خىل ئۈمىد – ئارزۇ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇش جەريانىنى ھەقلىق دەپ جاكارلىماقچى، ھېچ بولمىغاندا، ئەتراپىكىدىكى ئەرەبلەرگە مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتۇم بومبىسى ياساۋاتىمەن. بۇ بومبا ئارقىلىق ئىسرائىلىيىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىماقچىمەن دېمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.
مېنىڭچە ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولىشىدىن ئەڭ قورقىدىغىنى ئىسرائىلىيە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئىرانمۇ بۇنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. شۇڭا، ئۇ ئەرەپ – ئىسرائىلىيە چوغىنى چوقچىلاپ قويۇپ، تاماشا كۆرگەچ، ئۆزىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇش قەستى بويىچە پىلانلىق قەدەم تاشلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
سىلى تۈركىيە باشباقانى ئەردوغاننىمۇ تىلغا ئاپلا ، خوش بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى دەپ باقاي. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئىسرائىلىيە بىلەن كۆپرەك ئىكىشىشىدە مۇنداق بىر قانچە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
1. 3 – ئايدا تۈركىيىدە سايلام بولىدۇ. ئەردوغاننىڭ پارتيىسىنىڭ قوللاش نىسبىتى ئۇدا تۆۋەن بولۇپ كېلىۋاتقان. بەلكىم ئەمدىكى ئىپادىسى بىلەن ئۈستۈنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
2. ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا قاتارلىق غەرب ئەھلىنىڭ سەمىگە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار شەرقىدە يەنىلا مۇئەييەن تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى سېلىپ قويماقچى. چۈنكى ئۇ ئىزچىل ياۋرۇپا دەرۋازىسىنىڭ تېشىدا قالدۇرۇلدى.
3. ئۇ مۇسۇلمانلار شەرقىگە ئۆزىنىڭ ھېلھەم مۇسۇلمانلارغا ۋەكىل بولۇپ جاھان سەھنىسىدە سۆز قىلىش ئورنىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى.
ئەردوغان پىشقان سىياسئۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر چالىمىدا نەچچە پاختەكنى بىراقلا سوقتى، دېيىشكە بولىدۇ. [/reply]
مۇلاھىزىڭىزگە تەشەككۇر، يۈكسەل:
ئىسرائىلىيە، تۈركىيە، ئىران، ئامېرىكا … لارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى، بىز ئىككىمىزنىڭ قىلىشىۋاتقان مۇلاھىزىمىز يەنىلا «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى – مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى» رامكىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ.
ئەردۇئان ھەققىدىكى قارىشىمىز ئوخشاشكەن.
قايسىبىر دانىشمەن «سىياسىي بەك رەزىل، بەك مەينەت نەرسە» دېگەنىكەن. لېكىن بۇ «مەنپەئەت» دېگەننىڭ تاتلىقلىقىدا (نېمە رەزىل، نېمە مەينەت) بۇنى ئويلىشىدىغان كىشى (دۆلەت) كۆپ قالمىدى.
ئەقەللىيسى، كىچىك بىر مىسالنى ئالسام، مەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوخشاش بىر مەھسۇلات ئۆزنىڭ دۇكىنىدا 15يۈەن، ياتنىڭ دۇكىنىدا 10 يۈەن بولسا، مەن بىر – ئىككى قېتىم ئۆزنىڭ دۇكىنىدىن ئېلىشىم مۇمكىن. لېكىن ئاخىرىغىچە ئۇنداق قىلالىشىم ناتايىن. ئېغىزدىغۇ، ئۇنداق قىلىمەن، مۇنداق قىلىمەن دېگىلى بولىدۇ. لېكىن ئەمەلىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن «ئۇ يات، بۇ ئۆز، مۇنداق قىلسام بولمايدۇ» دېيەلەيدىغان كىشىدىن (دۆلەتتىن) نەچچىسى بار؟
خەلقئارا نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىر ئادەم بىر دۆلەت دېمەكتۇر. «مەنپەئەت» دېگەن نەرسە ئادەمگە لازىم بولغاندەك، دۆلەتكىمۇ ھەم لازىم. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە «بۇ مۇسۇلمان دۆلىتى، ئۇ ئەمەس؛ بۇنىڭدىن ۋاپا كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن كەلمەيدۇ» دېگىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.
20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان دۇنيا سىياسىيسىنىڭ مەنپەئەت نۇقتىسىدىن چىقىپ خىزمەت قىلىشى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.
«سۆڭەكنىڭ تاتلىقلىقىدىن ئىت بولۇپ كەتسەمچۇ» دەيدىغان بىر سېقىما گەپ بولىدىغان.
بۇ «مەنپەئەت» دېگەن نەرسىىنىڭ تاتلىقلىقىدىن بىز ئىنسانلار ئۇنىڭدىن رەزىلرەك نەرسە بولۇپ كېتىشكىمۇ رازىغۇ دەيمەن!…
ئېرانلىقلار مۇسۇلمان پارىس ، كىمنىڭ ئامىرىكىدەك يەرشارى خاراكتېرلىك چوڭ غوجا ئاكا بولغۇسى يوق ، ئەمىلىيەتتە ئېران ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدىكى يادرولىق دۆلەت بۇلۇش ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن بارلىق چارە ئاماللارنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇلا خالاس. ھىچكىمنىڭ ئوتنى ئۆزىنڭ بەدىنىدە كۆيدۈرگۈسى يوق ئەلۋەتتە .