نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

شەرمەندىگە شەھەر كەڭ

شەرمەندىگە شەھەر كەڭ

ئىشخانىغا ئەمدىلا كېلىپ، چاپىنىمنى كېيىم ئاسقۇغا ئىلىپ تۇرۇشىمغا ئىشداشىم گەپ باشلاپ قالدى ( خوتۇن خەقنىڭ قورسقىدا گەپ ياتىدۇ دەمسىز؟! ):
- ۋوي قاراڭ، تۈنۈگۈن كىچىك قىزىمنى سىرتقا ئاچقىپ قايتىپ كېلەردە، خۇدانىڭ يورۇق كۈنىدە ، يولىنىڭ ئوتتۇرىدا شۇنداق بىر ھالەتنى كۆردۈمكى ، يەر يېرىلسا ، يەرگە كىرىپ كەتسەم …
شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق ئالىي تېببىي ئوقۇللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان مەكتىپىمىزدە مەكتەپ قورۇسىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بىرلا چوڭ يول بولۇپ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەن كىشى مۇشۇ يول ئارقىلىق ئاۋۋال ئوقۇتۇش رايونى ، ئوغۇللار ياتاق بىناسى، قىزلار ياتاق بىناسى ، دوختۇرخانا رايونىدىن ئۆتۈپ ئاندىن ئائىلە ئولتۇراق رايونىغا باراتتى. ئىشداشىم دەل مۇشۇ يولدىكى گەپنى دەۋاتاتتى.
- ھە ، نېمىنى كۆرۈپ قالدىڭىز – دەپ سورىدىممەن، – سۆزىڭىزدىن قارىغاندا تولىمۇ قورقۇنچلىق بىر ھالنى كۆردىڭىزمۇ نېمە ؟
- قورقۇنچلىق بولسا بىر نۆرى . قىزىمنى يىتلەپ ئۆيگە قايتىۋاتقىنىمدا، قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە بىر يىگىت بىلەن بىر قىز يولنىڭ ئوتتۇرىدا شۇنداق بىر ھالەتتە بىزاپلىق قىلىشۋېتىپتۇكى ، ئېيىتقىلى تىل بارمايدۇ. ئىككىسى يا ئۆزىنى باسمايدۇ. بۇ ھالغا ئۇدۇل كەلگىنىمدىن قىزمنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك ئۇيالدىمكى ، ئۆزۈمنى قويارغا جاي تاپالماي قالدىم، بىچارە قىزىمنى يۈگرەتكىنىمچە ئۆيگە قايتىپ كەتتىم.
- ئۇيغۇرمىكەن ئۇلار؟
- ھەئە، يىگىت ، قىز ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر.
- ھېچ بولمىسا قىزنى تارتىپ قويماپسىزدە، سىڭلىم ئۆزىڭىزگە ھاي بېرىڭ، دەپ ( چاقچاق تەرىزدە )
- ۋوي نېمە دەيدىغانسىز، بالىنىڭ ئالىدىدا خىجالەتچىلىكتە ئاران كېلىۋالدىم ئۆيگە
- ئۇنداقتا ھېچكىم ئىندىمەپتۇ – دە ؟
- شۇنى دېمەيسىز، ئالدىمىزدا باشقا ياشقا چوڭ ئەرلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلغان، ئۇلارمۇ ھېچ نەرسە كۆرمىگەندەك پەرۋا قىلىشماي ئۆتۈپ كېتىشتىغۇ !…
ئىشداشىمنىڭ سۆزلىرى ھەقىقەت ئىدى. مەكتەپ ئەسلى ئىلىم – مەرىپەت قۇچىدىغان باغچا ئىدى. ھالبۇكى، بىر قسىم ستيۇدېنت ياشلىرىمىز ئىلىم باغچىسىنى ئىشرەت باغچىسى دەپ، خاتا تونۇۋېلىشقان ئىدى. بىر – بىرىنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالسا ، ئەتراپتىكلەرگە ئومۇمەن پىسەنت قىلماي كۆڭۈل خۇشلايدىغان بۇنداق ياشلارنى كۆرگىنڭىزدە، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئۆتۈپ كەتمەكتىن باشقا ئىلاج يوق. ھەي ، خۇدادىن ئۇيالمىغان ئىنسان، بەندىدىن خېجىل بولاتتىمۇ؟! بۇنداق ئۇياتسىز ئىشەكلەرنىڭ ھەممىنى يىغىپ بىر جايغا سولاپ قويۇش مۇمكىن بولسا – ھە ! كۈپ كۈندۈزدە تۆت كوچىنىڭ ئوتتۇرىدا بۇنداق ئۇياتسىزلىق قىلىپ يۈرۈشسە، باشقىلار بۇ يولدىن ماڭماسلىقى كېرەكمۇ؟ بۇنداق ئۇياتسىز مەنزىرىلەرگە گۇۋاھ بولغان گۈدەك بالىلار نېمىلەرنى خىيال قىلىشار؟! ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەم ناچار تەسىر كۆرسەتمەسمۇ بۇ ھالەت؟ …
- ئەشۇ قىز كېيىن تۇرمۇش قۇرماسمۇ؟! – دېدى ئىشداشىم، – كېيىنكى ئۆمۈريولدىشىنىڭ يۈزىگە قانداق قاراركىن؟ ھازىرقى قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى ئېسىدىن كەچسە ۋىجدانى ئۆرتەنمەسمۇ؟!
- ۋىجدانى بولسا ئىدى ، بۇنداق بىنۇمۇسلۇق قىلىپ يۈرەرمىدى، – دېدىممەن جاۋابەن، – مۇشۇ پېتى يۈرىۋەرسە، ياراتقۇچىنىڭ ئادالىتى ھەق. بىر كۈن كېلىپ ئەشۇ يىگىت ئۆزىگە ئوخشاش بۇزۇق قىزدىن بىرىگە ئۆيلىنىدۇ. ئاۋۇ قىزمۇ بۇزۇقچىلىقتا ئۇچىغا چىققان ئەرگە ئۇچرايدۇ ئاخىر…
يىگىت – قىزلىرىمىزنىڭ تەربىيىگە مۇھتاجلىقى كۈندەك روشەندۇر. ئەڭ ئاۋۋال ئۇلاردا بۇنداق << ئاشكارلىق >> نىڭ پەيدا بولىشىدا بىزنىڭمۇ << ھەسسىمىز >> بارلىقىنى ئۇنۇتمايلى! << مېنىڭ نېمە ئىشىم >> دەپ كۆز يۇمۇم يۈرۈۋەرسەك، بىر كۈن كېلىپ ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنى ھەم شۇ ھالدا كۆرۈپ قالمايلى ! …

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: شەرمەندىگە شەھەر كەڭ

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!9 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. blogclub مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم يۈكسېل ئەپەندى سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىز . راستنى ئېيتقاندا رەت قىلغۇسىز بىر ئاچچىق ھەقىقەت
    مەنمۇ بۇنداق پاراڭلارنى ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى بەكمۇ كۆپ كۈرۈپ كەتتىم
    بەزىدە بۇ توغۇرلىۇق قالايمىقان سۆزلەرنى قىلىپ قۇيۇپ ئاغزىمدىن كۇپۇرلۇق ئۈتۈپ كىتىپمۇ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن ھەي بۇ ئىشلارنىڭ بېشى زادى نەدىن باشلانغاندۇ يەنە نەگىچە بارار ھەي اللە ئۆزەڭ ھەممىگە ھامىي بولغايسەن بىز بىر ئاجىز توۋا تېخى ھازىر . مۇنداقمۇ گەپلەر ئاۋۇپ قاپتۇ ئالى مەكتەپتە ئۇقىغان بالىلار ئىشەنچىسىز ئۇلارنىڭ باشقۇرۇغۇچىسى يوق ئۆزى خالىغان يەرگە بارىدۇ خالىغان يەردە تۇرىدۇ دىگەنگە ئوخشاش تەنقىدى پىكىرلەر
    ياكى بىرنىڭ نامىدىن مىڭ نىڭ نامى يوق بۇلىۋاتىدۇ … ھەي توۋا مەنمۇ نىمەلەرنى دەپ كەتتىم خۇددى دۈشمىنىمنىڭ ئەيىبىنى ئاچقاندەك گەپلەرنى قىلىپ كەتتىمغۇ ئەلبەتتە ئۇلارمىنىڭ ئوبرازىم ئۇلار مىنىڭ ئەتەم ئۇلارمىنىڭ قوللىغۇچىلىرىم ئۇلارمىنىڭ قان قېرىنداشلىرىمغۇ ھەي. . . . . ھازىر بىز ئەركەكلەردە .ئىمان ۋە ئىتقاد .سۇسلاپ كەتتى ياكى يۇقىتىش ئالدىغا كىلىپ قالدۇق قىزلىرىمىز دا بولسا ھايا ئىپپەت نۇمۇس غۇرۇر قالمىغىلى تۇردى ئەلبەتتە گەپ … ئاتا ئانىمىزدا يەنى كىچىكلىكتىكى تۇنجى تەربىيەدە
    مەن راستنى دىسەم ھازىر بىزنىڭ كەلگۈسىمىز قىزلىرىمىزنىڭ يەنى قىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشىىشى ۋە ھەقنى تېپىپ مېڭىشىدا ئەلبەتتە
    بىر مىللەتنىڭ قىزلىرى بولغانسا مىللەتمۇ ھالاك بۇلىدۇ تېخى بۇ ئاددى ئاتالغۇ بىراق بىز ئەركەكلەرمۇ رىياللىقتىكى تاللاشلاردىن خالى ئەمەس بىز ھەممىمىز بىرگەۋدە كەلگۈسىگە ئۇچۇ ق نەزەربىلەن قارىشىمىز كېرەك يەنى قىز ئايال ئاجىزەلىرىمىزگە بىز باش بۇلىشىمىز
    ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرغا ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق بىر ئىشلارنىڭ باشلامچىسى ،بۇ يەردە ئېيتىلغان سۆز لەرنى
    ئىتقاد ۋە تۈز سزىق بۇيىچە چۈشۈنۈڭ
    يەنى بۇ توغرىسىدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
    مۇنداق دىگەن .ھەدىس
    بىر تۈز سىزىقنى سىزىپ . بۇلۇپ يەنە ئۇ تۈزسىزىقنىڭ ئەتراپىغا بىرمۇنچە ئەگىرسىزىقلارنى سىز غان بۇلارنى سىزىپ بولغاندىن كىيىن
    مۇنداق دىگەن بۇ تۈزسىزىق اللە نىڭ يۇلى
    يەنى بۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەگىرسزىقلار بولسا شەيتاننىڭ يۇلى
    دىگەن شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز بىر توغرا ۋە چىن بولغان ئىتقادغا
    چىڭ ئېسىلىشىمىز كېرەك ئەلبەتتە قىلىرىمىز بەك دېققەت قىلىشى
    ئۆزىنى ھەرتەرەپتىن تۇتۋېلىشى ۋە يوللادا بەك ئۆزئۆزىنى دەڭسەپ مېڭىشى كېرەك ، بىز ئەرلەر.. ۋە ئوغۇل بالىلارمۇ ھىمايىچىلىگىنى ياخشى قىلىشى كېرەك … بۇ سۆز ھەرگىزمۇ نىكاھسىز تۇرمۇشتىكى ئاتالمىش .< توي قىلىمىز دەپ پۈتۈشتۈق ۋەدىمىز چىڭ دىگەنلەر >
    گە مەنسۈپ ئەمەس ئۇنداق تۇرمۇش ھارام بۇيەردە دىيىلگىنى
    بولسا قىزنىڭ ئاتىسى ئايالنىڭ ئېرى سىڭىلنىڭ ئاكىسى ياكى نىكاھ چۈشمەيدىغان ئوغۇل قىز ھمشىرىلەرگە خاس ئىشقىلىپ قىزئاياللانىڭ
    تېرىشىشى بولمايدىكەن بىز مىللەتنىڭ ئىشى چاتاق شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز چۇقۇم ئىشنى تۇنجى قەدەمدىن باشلىشىمىز كېرەك

    كەچۈرۈڭ yukselئەپەندى تولا سۆزلەپ قويدۇم
    ئېھتىرام بىلەن سەردار يارمۇھەممە

  2. karikat مۇنداق يازغان:

    مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يۇلۇققاندا ئاۋۋال ئەركەكلىرىمىز باش بولۇپ ئۇلارنى توسۇشى ياكى ئىزا قىلدۇرىشى كېرەك، ئەركەكلەرنىڭ ئەركەكلىگى يۈتمىسۇن، قىزلارمۇ ھەم.

  3. Nzuk-chimen مۇنداق يازغان:

    شەرمەندىگە شەھەر كەڭ دەپ بارغانسىرى جىقىيىپ كىتىپ بارمامدۇ بۇنداق ئىشلار ، ئەسلى ھەممە قارش تۇرۇپ ئۇر ئۇرغا قالغان بولسا بۇنداق قىلمىشلار ئاستا ئاستا يوقار بولغىيتى!! ئوقوغۇچى تۇرۇپ قىلىپ يۇرگەن ئىشىنى نۇمۇسسىزلارنىڭ !!

  4. uyghurmaster مۇنداق يازغان:

    ھاياسىزلار ھامان ھاياسىزلار بىلەن بىر بولىدۇ. ھەرقانچە پەردازلىنىۋالغان بىلەنمۇ يەنىلا ئاخىرى ئۆزىگە ئوخشاش پەرداز ئىچىدىكى ھاياسىزدىن بىرىگە يۇلۇقىدۇ! ياخشىلار شۇ ياخشى نىيىتى بىلەنلا بولسا چۇقۇم ياخشىلار بىلەن بىرگە بولىدۇ. چۇنكى ئاللاھ ياخشى بەندىلىرىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ يامانلارغا تاشلاپ بەرمەيدۇ.

  5. GULI مۇنداق يازغان:

    ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدىن باشلاپ توي قىلسا بولىدۇ، ھېلىغۇ مەكتەپ قورۇسىدا يۈز بېرىپتۇ بۇ ئىشلار ،قايسىبىر كۈنى ئاپتوبۇسقا چىقسام بىرجۈپ ئۇيغۇر قىز-يىگىت ئاشۇنداق بىزەپ قىلىقلارنى قىلىۋىتىپتىكەن،تازا ھومىيىپ قاراپ قويسام يىگىت ئۆزىنى تۈزىۋالدى، ئاۋۇ قىز بولسا خىجىل بولماي تىخى ئۆزى باشلاپ ھەرخىل قىلىقلارنى چىقارغىلى تۇردى، ئاخىرى چوڭلاردىن خىجىل بولۇپ ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم، نىمە جاھان بولۇپ كىتىپ بارىدۇ-ھە!!!

  6. Mehbuzem مۇنداق يازغان:

    ئاياللىرىمىز چاي ، كىيىم-كىچەك بىلەن ، ئەرلىرىمىز ھاراق ، مەنسەپ ، پۇل بىلەن بولۇپ كىتىۋاتسا ، پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشكە قانداقمۇ ۋاقتى بولسۇن!؟
    تىگى-تەكتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ، ئىمان سۇسلاپ ، سەۋىيە تۆۋەنلەپ كەتتى.
    ئىمان بىر تۈپ كۆچەت ، ئۇنى داۋاملىق پەرۋىش قىلىپ تۇرسا ، ئاندىن كۆكلەيدۇ ۋە مىۋە بىرىدۇ.پەرزەنتلەرمۇ ھەم شۇنداق .ئۆزىنى كۆكەرتەلمىگەن دەرەخ قانداقمۇ مىۋە بىرەلىسۇن؟
    بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، بىز ناھايىتى ئەقىللىق مىللەت ، بىز مۇشۇ ئەقىللىق كاللىمىزنى بىلىم ئىلىشقا ، ئۆزىمىزنى ھەقىقىي تەرەققى قىلدۇرۇشقا سەرىپ قىلساق ، پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلىسەك ، بۇنداق مەنزىرىنىمۇ كۆرمەس ئىدۇق-ھە!

  7. arkin مۇنداق يازغان:

    ھەي بۇ ھايسزلارنى نىمە دىسەك بولا ……….[face07]

  8. abdulla مۇنداق يازغان:

    چىداش بەزىدە بىردىنبىر تاللاشمۇ؟

  9. ئابلىز مۇنداق يازغان:

    ئاياللارنىڭ بۈشۇك تەۋرەنگەن پاك قوللىرىدا مىللەت بەلكى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ،مىللەتنىڭ تەقدىرى تەۋرەيدۇ،ئۇلارنىڭ بۇلغانغانلىقى مانا بىزنىڭ بۇلغانغانلىقىمىز.
    بىر مىللەت ئەرلىرىنىڭ غۇرۇرى – شۇ مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئىپپىتى بىلەن ساقلىنىدۇ دەپ ئۇقۇغىنىم ھازىرمۇ ئىسىمدە.
    شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنى ئاسرايلى! چۈنلى بۇ ئۆزىمىزنى ئاسرىغانلىق
    ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق بولۇپ قېلىشىدا بىز ئەر بولغاندىن كىيىن بىزنىڭ ئىككى كىشىلىك مەجبۇرىيىتىمىىز بار. بىز نىمە ئۈچۇن دەييۈزلۈك قىلىمىز؟ نىمە ئۈچۇن ئۇلارنى كۇنلىمەيمىز؟
    ئەسلىدە مانا بۇ بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ئىدى.
    ئەمدى بىز يەنە كىمگە دەرت ئېيتىمىز؟
    ھەر كىشى ئۆزىدىكى ئللەتنى ئوڭشىمىغىچە ئۇنىڭدىكى ئاپەت ھەرگىزمۇ يوقىمايدۇ.
    شۇمىڭ ئۈچۇن ھەممىمىز ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزنى ياخشى تۇنىساق!
    چۈنكى ئۆز كېسىلىمىزنىڭ دورىسى يەنىلا ئۆز قولىمىزدا.

    [reply=Yuksel,2010-07-12 00:11 AM]ھەقىقەتەنمۇ بىز ئۆزىمىزنىڭ جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىمىزنى ئىنكار قىلىۋاتىمىز. ئەتراپمىزدىكى ئىشلارغا ئومۇمەن بىپەرۋا بولىۋالدۇق. ھەتتا، ئاتىلارنىڭ بالىلارنىڭ تۇرقى، يۈرۈش – تۇرۇشى بىلەن كارى يوق. ئاكىلارنىڭ بولسا سىڭللارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى بىلەن كارى يوق ….[/reply]

ئابلىز 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟