torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

14 مىليۇن يىل ئىلگىرىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بار ئىكەن

ئەيدىز ۋىرۇسى 14 مىليون يىل ئىلگىرى كۆرۈلگەن

ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قەدىمكى ياۋايى پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار تېنىدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلغانلىقىغا 14 مىليون يىل بولغان، يەنە كېلىپ ئۇ نۇرغۇن ھايۋاننىڭ تېنىدە ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان.
ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل تەتقىقاتچىسى گىفۇد ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى ماداغاسقاردىكى لېمور مايمۇنىنى تەتقىق قىلىپ، تىيىندىن ئانچە قېلىشمايدىغان پرىماتلار تۈرىدىكى بۇ ياۋايى ھايۋاننىڭ يەرشارىدا ياشاۋاتقىنىغا نەچچە ئون مىليون يىل بولغانلىقى، گېن گۇرۇپپىسىدا Lentiviruses ۋىرۇسى بارلىقىنى بايقىغان، بۇ ۋىرۇس ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بىر تۈردىكى ۋىرۇس ئىكەن.
كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ لېمور مايمۇنى تېنىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىغا 14 مىليون يىل بولغان. بۇ مەزگىلدە بۇ ئارال بىلەن ئافرىقا قۇرۇقلۇقى ئارىسىدا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان باشقا جانلىقلار بۇنداق ۋىرۇسنى ئورگانىك تارقاتقان، لېمور مايمۇنى ماداغاسقار ئارىلىدا ياشىغان. بۇ، بۇ ئارالدىن باشقا جايلاردا ياشىغان لېمور مايمۇنى ۋە باشقا ياۋايى پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ تېنىدە 85 مىليون يىل ئىلگىرىلا بۇنداق ۋىرۇسنىڭ ساقلانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مەزگىلدە لېمور مايمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانات تەدرىجىي بۆلۈنۈپ، مايمۇن ۋە ئادەمگە ئۆزگەرگەن (ئەشۇ ئالىملارنىڭ قارىشىچە. يۈكسەل ).
ئىلگىرى ئالىملار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىغان: ئىنسانلار ئەيدىز ۋىرۇسى 2–HIV تۈرىنى غەربىي ئافرىقىدىكى ئاق قاشقىلىق مايمۇنلاردىن يۇقتۇرغان بولۇشى مۇمكىن، تۇنجى تۈركۈمدە ۋىرۇس يۇقتۇرغانلار ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغۇچىلار ياكى بۇنداق پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنى ئەرمەك ھايۋان ئورنىدا باققانلار بولۇشى مۇمكىن؛ ئىنسانلار 1–HVI نى ئورانگۇتاندىن يۇقتۇرغان. ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئوخشايدىغان ۋىرۇسنىڭ كۆرۈلگىنىگە ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ 1 مىليون يىل بولغان.
پاتاگېننى ئېلىپ يۈرگەن ھايۋانلارنىڭ ماكانى ۋە سۈزۈلمە ۋىرۇس كۆرۈلگەن ۋاقىتنى بېكىتىش ئالىملارنىڭ بۇ ۋىرۇسلارنىڭ قانداق تارقالغانلىقى ۋە تەدرىجىي تەرەققىي قىلغانلىقىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇلاردىن مۇداپىئەلىنىدىغان بىئولوگىيىلىك ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىشىغا پايدىلىق. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئىتباش مايمۇن، ئاق قاشقىلىق مايمۇن ۋە ئافرىقا يېشىل مايمۇنى قاتارلىقلار ئالاھىدە پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار بولۇپ، ئۇلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بولغىنى بىلەن كېسەل پەيدا بولمايدىكەن.
ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ بايقىشى ئىنسانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى تەتقىقاتىغا مۇھىم يول ئېچىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى دورىسى تەتقىقاتىغا يېڭى نىشان كۆرسىتىپ بەردى. بۇ، تېببىي ئالىملارنىڭ بۇ ۋىرۇسلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېنىقلاپ، ئەيدىزدىن ساقلىنىدىغان دورىنى ياساپ چىقىشىغا پايدىلىق.

شىنجاڭ گېزىتى | تەڭرىتاغ تورى

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: 14 مىليۇن يىل ئىلگىرىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بار ئىكەن

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟