ئىنسان
ئابدۇكېرىم ئابدۇراھمان ئالىپ
( يۈكسەل بلوگىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك يازغۇچىسى )
ئىنسان ئۇ ئەمەس ، پەقەت تىلى بار ئالىي ھايۋان ،
ئىنسان ئۇ ئەمەس ،تەنھا ئېجادچى مەدەنىيەت .
ئىنسان ئۇ ئەمەس ، كائىنات خۇجايىنى مەخلۇق ،
ئىنسان ئۇ ئەمەس ، ئۆلمەس مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت .
ئىنسان ئۇ تەبىئەتنىڭ داڭلىق سەھنە ئارتىسى ،
ئىنسان ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە جانلىقلار ھالاكىتى .
ئىنسان ئۇ ئۆلتۈرىدۇ ، ئۆلتۈرۈلىدۇ شۇنداق ،
ئىنسان ئۇ ئۆز ئەقلىنىڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيتى .
2008-يىل نۇرۇز ئېيى
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئىنسان
ھەي ئىنسان كەلدىڭ ھاياتقا، كەتمەكنى ھەم يادىڭدا تۇت،
نەچچە يىل كۆرسەڭمۇ ئۆمۈر، بىر كۈن ئۆلۈم يادىڭدا تۇت.
ھەر بالا ئىشلارغا باشلار، تويمىغان نەپسىڭ سېنى،
مىڭ بالالار كەلتۈرەر بېشىڭغا، سەن يادىڭدا تۇت.