torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەيدىز ۋە دىيارىمىزدىكى ياش – ئۆسمۈرلەر

[align=center]
ئەيدىز ۋە دىيارىمىزدىكى ياش – ئۆسمۈرلەر

نىياز قاھار
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى
باش مەنبە: بوھران بلوگى[/align]

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئېلان قىلغان شىنجاڭنىڭ 2008 – يىلدىكى ئەيدىز يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتىن ئەيدىزنىڭ يۇرتىمىزغا نىسبەتەن زور ئاپەت بولىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

ئىگەللىنىشچە، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى 1995-يىلى قۇمۇلدا بايقالغاندىن بۇيان 2008 – يىلى 9 – ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا شىنجاڭنىڭ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ھەم شەھەرلىرىدە مەلۇم بولغان ۋە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 24 مىڭ 818 نەپەرگە يەتكەن. يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىلمىنىڭ ھېساپلاش قائىدىسى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭدىكى ئەمىلى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن مۇشۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ساننى ئالتە ھەسسىلىگەنگە باراۋەر بولىدىكەن.

رايونلار بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلى ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر، ئومۇمىي ساننىڭ% 87نى ئىگىلەيدۇ .غۇلجا شەھرىدە مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 9579 كە يەتكەن بولۇپ. بىر يىلدىلا 1995 كۆپەيگەن.غۇلجىدا تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى شىنجاڭدىكى مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ %39.3 نى ئىگىلىگەن. دېمەك غۇلجا شەھىرى يەنىلا شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن ئورۇن بولغاندىن باشقا ئەيدىز ئەڭ تېز تارىلىۋاتقان جايدۇر. بىراق باشقا ۋىلايەت ئوبلاستلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىمۇ شىددەت بىلەن كۆپىيۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولماقتا.

ئەيدىزنىڭ دىيارىمىزغا كۆرسەتكەن تەھدىتى

ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا: 1995 – يىلى شىنجاڭدا تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر بولغان 13 يىل ئىچىدە، يۇقۇم ئەھۋالى تېز سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بارماقتا.

2002– يىلى 9 – ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 6833 گە يىتىپ، مەملىكەتتىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ %20 ئىگىلىگەن، شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە يۈننەندىن قالسا 2 – ئورۇندا تۇرغان.

2003 – يىلى 9 – ئاينىڭ ئاخىرغىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى ئومۇمى سانى 3165 گە يەتكەن، مۆلچەردىكى سان 30 مىڭدىن ئاشقان. 2003 – يىلى 12 – ئايغىچە، پۈتۈن جوڭگودا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مۆلچەردىكى سانى 840 مىڭگە يەتكەن، كېسەل سانى 80 مىڭگە يەتكەن.

2003 – يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 8150 كە يېتىپ، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە يۈننەندىن قالسا 2 – ئورۇندا تۇرغان. شىنجاڭدا 2004 – يىلى يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 9346 گە يىتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

2005 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى بولسا 11303 گە، مۆلچەردىكى سان 60,000 گە يىتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى مەملىكەت بويىچە 4 – ئورۇندا تۇرغان. 2005 – يىلى 12 – ئاينىڭ ئاخىرغىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 4926 گە يىتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ تىز بولغان.

2006 – يىلى 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە بولغان يېقىنقى 9 ئاي ئىچىدە پۈتۈن شىنجاڭدا 4732 كىشى يېڭىدىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى HIV بىلەن يۇقۇملانغان، يەنى شىنجاڭدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 17 ئادەم ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى HIV بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تىزىملىكتىكى ئومۇمى سانى 16,035 گە يەتكەن. 2007 – يىلى شىنجاڭدا رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 17 مىڭ 209 گە يەتكەن.

سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇلتۇر 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 30 – غىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە پۈتۈن شىنجاڭدا تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا يەنە 3,928 نەپەر قېتىلغان.

يۇقۇم ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە شىنجاڭدا 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر %73 كە يېتىدىكەن.

مەلۇم بولىشىچە ،دىيارىمىزنىڭ ئەيدىز تارقىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا بولۇپ، بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئاياللار ئارىسىدا ھەمدە ئادەتتىكى كىشىلەر قاتلىمىدا تارقىلىشى بىر قەدەر تېز بولىۋاتقان بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ زەھەر چەككۈچىلەر، ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكەنلەر ۋە جىنسى مۇلازىمەتچىلەر قاتارلىق ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان كىشىلەردىن باشقا ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغانلىقى، شۇنداقلا ئەيدىز يۇقۇش يوللىرىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ بۇرۇنقىدەك پەقەت زەھەرنى ئوخشاش شىپىرىستا ئوكۇل قىلىش يولى ئاساسى يۇقۇش ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماي جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئائىلىلەردە تارقىلىشقا باشلىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر،دىيارىمىزدا ئەيدىز يامرىشىنىڭ يۇقىرى بىر باسقۇچتا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەيدىز يەنىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن

دىيارىمىزدا ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى بارغانچە ئېغىرلاپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ بەلگىلىك تەھدىت ۋە تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ياش ئۆسمۈرلەرگە زۆرۈر بولغان ساغلاملىق تەربىيىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلمەسىلىكى كېرەكلىكى ھەققىدە سېگنال بەردى. ۋاھالەنكى،دىيارىمىزدا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ھەقتىكى تەربىيە – تەشۋىقاتنىڭ سالمىقى يەنىلا يېتەرسىز ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن دىيارىمىزدىكى كىشىلەردە ئەيدىزنى چۈشەنمەسلىك، ئەيدىزيۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنى كەمسىتىش ئەھۋالى ئېغىر بولىۋاتىدۇ. بۇ بىزگە ئەيدىز ھەققىتىكى تەربىيە – تەشۋىقات سالمىقىنى يەنىمۇ زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش، ئارىلىشىپ ئالدىنى ئېلىش چارە-تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ۋە تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۆۋەندىكى شىنجاڭ يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت – جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن كاڭجۈ خۇا بىلەن جۇخۇا شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىز ساۋاتلىرىنى بىلىش ئەھۋالى ۋە ئەيدىزگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان مەخسۇس تەكشۈرۈش تەتقىقات دوكلاتى يوقىرقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى . ( مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتى ھەققىدىكى ئۇچۇر ئەڭ دەسلەپ يۈكسەل بلوگىدا ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنغان ئىدى. يۈكسەل بلوگى )

بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 520 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوغۇللار 292 نەپەر،خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار 139 نەپەر، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار153 نەپەر ، قىزلار 222 نەپەر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار 122 نەپەر، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 100 نەپەر ؛ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئانالىز قىلغاندا : بىرىنچى، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىز ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئىكەن. ئەمما، بۇ ئەيدىز ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى بىرقەدەر يۈزە ، ئېنىقسىز ئىكەن. مەسىلەن، %92 ئوقۇغۇچى ئەيدىز دەيدىغان بىر كېسەللىكنىڭ بارلىقىنى بىلگەن – ئاڭلىغان ئىكەن. بۇلار ئەيدىزنىڭ AIDS ۋە HIV غا ئوخشاش ئېنگلىزچە قىسقارتىلما يېزىلىشنى بىلىدىكەن. ئەيدىزنىڭ تولۇق ئاتىلىشىنىڭ « ئېرىشىشچان ئىممۇنىتېت كەمتۈكلىكى ئۇنىۋېرسال كېسىلى » ئىكەنلىكىنى پەقەت %52 ئوقۇغۇچى بىلىدىكەن. دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ ھەريلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئىكەنلىكىنى پەقەت % ئوقۇغۇچى بىلىدىكەن. %39 ئوقۇغۇچى ئەيدىزنى ئۆزىدىن يىراق – مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدىكەن، بۇ نىسبەت ئوغۇللاردا% 55 گە يېتىدىكەن.

ئىككىنچى، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى توغرا بىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار %80 گىمۇ يەتمەيدىكەن. ۋاھالەنكى ئوقۇغۇچىلاردىن« ئەيدىز ( HIV ) جىنسىي ئالاقىدىن يۇقامدۇ؟ ئەيدىز ( HIV ) قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشىتىن يۇقامدۇ ؟ ئەيدىز ( HIV ) ھامىلىدارلىق ، تۇغۇت، ئېمىتىش مەزگىلىدە ئانىدىن بالىغا يۇقامدۇ؟» دەپ سورالغاندا، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ %75.5 ، %79.5 ، %75.5 توغرا جاۋاب بەرگەن. ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن %65 ، %67 ، %65 تى توغرا جاۋاب بېرەلىگەن. ئازسانلىق مىللەت قىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ ئاران %58 ، %57 ، 55% تى توغرا جاۋاب بەرگەن. زەھەر چەككەندە شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئەيدىز ( HIV ) نىڭ يۇقۇشىدىكى ئەڭ خەتەرلىك قىلمىش بولسىمۇ ، « زەھەر چېكىش جەريانىدا شىپىرسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ئەيدىز ( HIV ) يۇقامدۇ؟» دېگەن سوئالغا يەنىلا %18.9 ئوقۇغۇچى « يۇقمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا، %10.1 ئوقۇغۇچى« بىلمەيمەن » دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ئىككىسىنى قوشقاندا % 30 دىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق نىسبەت كېلىپ چىققان. كىشىنى چۈچىتىدىغىنى شۇكى بۇ نىسبەت ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلاردا %46 گە يەتكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 4/1 ئوقۇغۇچى « ئەيدىز زەھەر چېكىش ياكى ۋېنادىن زەھەر ئۇرۇش جەريانىدا يۇقمايدۇ / بىلمەيمەن » دەپ جاۋاب بەرگەن.

يۇقىرىقى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايانكى دىيارىمىز ياشلىرى جۈملىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىز ( HIV ) ھەققىدىكى بىلىملىرى يەنىلا ئىنتايىن يېتەرسىز ھالەتتە بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ .

ئىزتىراپ ئىچىدىكى ئويلار

ياش ئۆسمۈرلۈك دەۋر – ئىنسان ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى،جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا بۈسۈپ كىرىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىز ۋە جىنايەتلەرنىڭ بەزى ياش ئەۋلاتلارنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى نابۇت قىلىشى، ھەممىنى ئېچىندۈرۈۋاتقان مەسىلە. مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنى جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتە ساغلام يېتىلدۈرۈش، ئەخلاقلىق، بىلىملىك، كېرەكلىك ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈش، ئاتا ‏ – ئانا، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىپ تەربىيىلىشىگە مۇھتاج.

گەرچە مەكتەپلەردە سىياسىي ئەخلاق تەربىيىسى مەخسىۇس دەرسلىك قىلىپ تۈزۈلۈپ بارغانچە كۈچەيتىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەپسۇس ياش ئۆسمۈرلەر تەربىيىسىدە مۇھىم بىر ھالقا بولغان جىسمانىي ساغلاملىق، پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيىسىنىڭ كەمچىل ھەم كېيىن بولۇۋاتقانلىقىدەك مەسىلە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غۇلغۇلا قوزغىغان مەسىلە ئىدى، بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدە سېستىمىلىق بىر دەرسلىك ياكى تەربىيە قوللانمىسى ۋۇجۇتقا چىقمىغان.

دىيارىمىزدىكى مەكتەپلەردە بالىلار تا ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىققا چىققانغا قەدەر،يەنى ياش ئۆسمۈرلۈكتىن ياشلىققا قەدەم قويغان دەۋردىلا 80- يىللىرىدا تۈزۈلگەن گېگىنا دەرسلىكىدە بىر ياكى ئىككى پاراگىراف ئىنسان فىزىئولوگىيىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ، بالىلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ساغلاملىق تەربىيىسى مانا مۇشۇنىڭ بىلەنلا كۇپايە قىلىپ كېلىنگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈرلۈك فانتازىيىلىرى، ئۆزلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بولغان تېڭىرقاش، چۈشەنمەسلىك، يەنە نۇرغۇن ‏ – نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب بولغۇدەك مۇۋاپىق ئىنسان فىزىئولوگىيىسى، جىنسىيەت تەرەقىقياتى، پىسخىك ساغلاملىق ھەققىدە ھېچقانداق دەرسلىك يوق ئىدى.

مائارىپ تارماقلىرىنىڭ " باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيىسى قوللانمىسى" نى تۈزگەن ئوقۇشلۇقى باشلانغۇچ مەكتەپ 4 – يىللىقلىرىدىن باشلاپ زۆرۈر دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مەزكۈر ساغلاملىق قوللانمىسىغا يەنە، ھازىرقى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بالدۇر يېتىلىشچانلىقىغا ماس ھالدا جىنسىي ئەخلاق تەربىيىسى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەربىيىلىرىمۇ مۇۋاپىق كىرگۈزۈلگەن ھەمدە بۇنىڭدا يەنە بالىلارنىڭ جەمئىيەت ھەمدە ئائىلىلەردىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش، پىسخىكا جەھەتتە تەييارلىق كۆرۈشى ئۈچۈنمۇ " ئاتا ‏ – ئانا ئاجراشقاندا، ئاتا ‏ – ئانا خىزمەتسىز قالغاندا دېگەندەك تېمىلاردىكى پىسخىكا جەھەتتىكى يېتەكلەش مەزمۇنلىرىمۇ بار. بۇنىڭ ئۆزى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىلا ئېلىپ بېرىلىشىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى .

جەمئىيىتىمىزدە تېز يامرىغان زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىز كەبى ھالاكەتلەر، روھىي ھەمدە جىسمانىي زەئىپلىك تۈپەيلى يۈز بېرىۋاتقان جىنايى زالالەتلەرنىڭ ئەر – ئاياللاردىن ھالقىپ،بالاغەتكە يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرگە ھەتتا سەبىي بالىلارغىچە قولىنى تىقىشى، ئەۋلاتلىرىمىزنى بۇ ۋابالاردىن قانداق ساقلىشىمىز كېرەك ۋە تەربىيىنى نەدىن قانداق باشلىشىمىز كېرەك دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلاندۇرغان ئىدى. شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر "ئەزەلدىن يېپىق بولغان جىنسىيەت تەربىيىسىنى ئېچىش كېرەك، بالىلار ساغلام بولمىغان مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىدىن جىنسىيەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشتىن بۇرۇن، ئىلمىي، ساغلام، توغرا تەربىيىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك" دېگەن قاراشنى ياقلىسا ، "نومۇسلۇق جايلارنىڭ يۆگىلىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ تېمىنىڭ يۆگىلىشىنى بەلگىلىگەن. جىنسىيەت ئۇقۇملىرىنى بالىلار بىلەن ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇنازىرىلىشىشى ئەخلاقىمىزغا يات. دەسلەپ ئەخلاق قارىشىنى تىكلەشكە ياردەم بېرىش، دىنىي ۋە مىللىي شۇنداقلا ئىنسانىي ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك،" دەپ قارىغانلارمۇ بولدى.قىسقىسى يوقىرقى قاراشلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار بولسىمۇ يەنە مەلۇم تەرەپتىن جەمىئىيەت ،مەكتەپ ، ئائىلە شۇنداقلا ھەر ساھە كىشىلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەندىلا ئەيدىزنى ئۈنۈملۈك كونترول قلىش مۇمكىن .

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئەيدىز ۋە دىيارىمىزدىكى ياش – ئۆسمۈرلەر

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. infitar مۇنداق يازغان:

    ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلىشىشى ياكى توي قىلىشى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھسابلانسا ، ئۇنداقتا بۇلارنى قانۇن بويىچە قوغداش ، ئۇلارنى قۇبۇل قىلىش ، توغرا چۈشنىش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ تەشۋىقاتلارنى نىمىمۇ دەپ چۈشنەرمىز ، نىمە دىگەن بىمەنە- ھە ! ئىنسانى ھۇقۇقنى قوغداپتىمىش ، ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ بىباھا گۈزەل ئەخلاقىنى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قايسى قانۇن قوغداپ بەرمەكچى ،…
    ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كۇندىن – كۈنگە يامراشنىڭ تۈپ يىلتىزى دۆلەت قانۇنىنىڭ كۈچسىزلىگى ، خەلىق قۇرۇلتي ۋەكىللىرىنىڭ خەلىق رايىنى سىنىماي ، ئامما ئارىسىغا چۇڭقۇر چۆكمەي تۇرۇپلا ، ئېسىل ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆز ئالدىغا تۈزىۋالغان پىكىر – تەكلىپلىرىنىڭ پۈچەكلىكى ، يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلاردىن بىلىنىپ تۇرۇپتىكى ، ئەيدىزنىڭ كۈچىگە ئەسلىدىنلا سەل قارالغان ، تارقىلىش مەنبە سى ئېنىق تۇرۇپمۇ مۇتلەق چەكلەش كۈچىگە ئىگە ،قەتئي بولغان سىياسەت- قانۇن مەيدانغا كەلمىگەن ياكى يۈرگۈزۈلمىگەن …
    ئەيدىز – ماددىي جەھەتتىن كېسەلنىڭ نامى بولسا ، روھىي جەھەتتىن چىرىكلەشكەن ئەخلاقنىڭ ھالاكىتى ، مەن شۇنداق قارايمەن :
    ئەخلاق تۈزەلمەي ئەيدىز تۈزەلمەس !
    ئەيدىز قۇربانلىرىنىڭ سانىدا تۆۋەنلەش كۈرۈلمەي ، ئۆزلۈكسىز ئېشىش كۈرۈلگەن ئىكەن ، ساغلام قېرىنداشلىرىم ،
    ئۆزىمىزدىكى گۈزەل ئەخلاق ئەۋزەللىگىدىن پايدىلنىپ بۇ مەرەز كېسەلدىن نېرى تۇرايلى ،ئۇنىڭ بىزگە چاپلىشۋېلىشىغا قىلچىلىكمۇ يۇچۇق قالمىسۇن !!!
    ئاللاھ ، بىزنى پاناھىدا ساقلىسۇن …

infitar 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟