زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن زەھەر چەككۈچىلەر زەھەرنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپلا قالماي، يەنە ئەيدىزدىن ئىبارەت ۋابانىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىپ بارماقتا. ئەمدىلا 36 ياشقا كىرگەن ئەكرەممۇ بۇ پاجىئەدىن قېچىپ قۇتۇلالماي، ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە قىران مەزگىلىدە قارا تۇپراق قوينىغا مەڭگۈلۈك كىرىپ كەتتى.

XXX شەھرىنىڭ ئاۋات يېرىدە قاسساپلىق قىلىدىغان ئەكرەم باشقىلار ئاسان چىقىشىدىغان، قولى ئوچۇق، مەرد يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى خېلى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئانىسى بۇ ئائىلىدىكى تۆت بالىنى مىڭبىر جاپادا قاتارغا قوشۇپ، ئۇلارنى ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالغۇدەك قىلىپ قويدى. ئەكرەممۇ قاسساپلىق قىلىپ تاپقان پۇللىرىنى يىغىپ، ئۆزى ياخشى كۆرۈىدىغان سەلىمە بىلەن توي قىلىپ، بەختلىك ئەر – خوتۇنلاردىن بولۇپ ئۆتتى. بىر قانچە يىل ئىچىدىلا ئەكرەم ئىككى ئوغۇل ۋە بىر قىزنىڭ دادىسى بولۇپ قالدى. ئەكرەمنىڭ دۇكىنىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. ئەكرەمنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلى كۆپەيگەنسېرى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەل – ئاغىنىلىرىمۇ كۆپەيدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىچكىردە تېجارەت قىلىدىغان بەزى بالىلار ئەكرەم بىلەن باردى – كەلدى قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇنىمۇ زەھەر چېكىشكە قىزىقتۇردى. ئەكرەم گەرچە بۇ ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن دەپ ئۆزىنى كونترول قىلماقچى بولغان بولسىمۇ،ئاخىرىدا يەنىلا ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتتى. نەتىجىدە تۇنجى قېتىم كەيىپ سۈرۈپ بېقىش ئۈچۈنلا زەھەر چەككەن ئەكرەم بارا – بارا ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالدى. زەھەر چېكىش قېتىم سانى كۆپەيگەنسېرى ئۇنىڭ تاپقان پۇللىرى ھېچنىمىگە دال بولمىدى. ئاخىرىدا بېرىپ ئۇ قاسساپلىق دۇكىنىنىمۇ باشقىلارغا سېتىپ، ساتقان پۇلغا زەھەر چېكىپ تۈگەتتى.

سەلىمە ئەكرەمنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نەچچە قېتىملاپ يىغلاپ يالۋۇرۇپ زەھەرنى تاشلاشقا دەۋەت قىلدى. ئەكرەم ماقۇل بولاتتى – يۇ، خۇمارى تۇتقاندا كۆزۈگە ھېچنەرسە كۆرۈنمەي سەلىمەدىن پۇل سوراپ بارا – بارا ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىمۇ سېتىپ تۈگەتتى. ئاخىرىدا زەھەر چەككەننىڭ ئۈستىگە ئىچكىردىكى دوستلىرى ئارقىلىق زەھەر سودىسى قىلىشقا كىرىشتى ۋە بىر قانچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە يېتىپ چىقتى. سەلىمەمۇ دەرد – ئەلەملەر تۈپەيلىدىن تۈگىشىپلا كەتتى. لېكىن بۇ ئازابلار يەتمىگەندەك ئەكرەمنى تۈرمىگە يوقلاپ بارغاندا ئەكرەمنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپدار بولغانلىقىنى ۋە كېسىلىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ، قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالدى. ئەكرەمنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، تۈرمىدىن ئۇنى ‹‹ بېقىۋېلىڭلار ›› دەپ ئۆيگە قايتۇرىۋەتتى.

تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ 3 ئايدەك داۋالانغان بولسىمۇ، كېسىلىدە قەتئىي ياخشىلىنىش بولمىغاچقا، سەلىمە ئامالىسزلىقتىن ئۆيگە ياندۇرۇپ چىقتى. ئەكرەمنىڭ بىر تۇغقانلىرى گەرچە ئۇنىڭ ئەيدىزگە گىرىپدار بولغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، يەنە چاندۇرماي ئۇ ساق ۋاقتىدىكىدەك باردى – كەلدى قىلىپ يۈردى. ئۆيگە چىقىپ ياخشى كۈتۈنگەندىن كېيىن ئەكرەمنىڭ پۇت – قولىغا ئازراق جان كىرگەندەك بولسىمۇ، بەش ئايدىن كېيىن بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە نۇرغۇن ئازاب ۋە روھىي بېسىملارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

ئەكرەم زەھەر چەككەندە باشقىلاردىن قەرز ئالغان پۇللارنى ۋە ئۇنى دوختۇرخانىدا داۋالىتىش ئۈچۈن قەرز ئالغان پۇلىنى سۈيلەپ كىرگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ھەتتا ئەكرەم تۈگەپ كەتكەن كۈنى ئۆيگە سالغۇدەك ھېچ نەرسە بولمىغاچقا، سەلىمەنىڭ تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئىككى پارچە گىلەمنى ئاپىرىپ سېلىپ قويۇپ پەتىگە كرىگەنلەرنى ئۇزاتتى. بىر قىسىم قەرز ئىگىلىرى ئەكرەمنىڭ 3 بالىسىنىڭ يېتىم قالغانلىقىنى، سەلىمەنىڭمۇ ئۇلارغا قايتۇرغۇدەك ھېچ نەرسىسى قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ قەرزدىن ۋاز كەچتى.

ئەكرەمنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى كىشىلەر بىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سەلىمەگە بولغان پوزىتسىيىسىمۇ ئۆزگەردى. قۇلۇم – قوشنىلىرىمۇ بارا – بارا بېرىش – كېلىش قىلمايدىغان، توي – تۆكۈنلەردىمۇ سەلىمەنى ئارىغا ئالمايدىغان بولدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، بولغۇلۇق بالىلارغا بولدى. قىزى مەكتەپتە باشقا بالىلارنىڭ بېسىمىغا چىدىماي مەكتەپتىن چىقىۋالدى. ئۇرۇق – تۇغقانلار ئۇنىڭغا كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلىپ يۈرۈپ، ئاران مەكتەپكە ئەۋەتتى. بۇ ئەھۋاللارغا چىدىمىغان سەلىمە ئاخىرى ئۆينى سېتىۋىتىپ، يېزىغا كۆچۈپ چىقىپ كەتتى. قەرزلەرنى تۆلىدى. ئەمما، سەلىمەنىڭ باشقا كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا، بالىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇللىرىنى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۆلەپ بەردى…

ئەگەر ئەكرەم زەھەر چەكمىگەن بولسا، بۇ ئائىلىمۇ ۋەيران بولمىغان، ئۈچ بالىمۇ يېتىم بولمىغان، سەرسانلىق كوچىسىدا تېنەپ – تەمترەپ يۈرمىگەن بولاتتى.

ھەممە كىشىنىڭ خاتىرىجەملىكى، تېنچ ئامانلىقى ئۈچۈن زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، يامان يولغا يېقىن يولىمايلى!

يوللانغان ۋاقتى: 2009-يىل 02-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:17
كۆرۈلۈشى: 1,975 قېتىم
خەتكۈش: ،
يازما مەنبەسى: 77.html  [كۆچۈرۈش]