ھازىر تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالۇنلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشتە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلە شۇكى، تور بېكەت مەسئۇللىرى ۋە ئۈندىدار سالۇن قۇرغۇچىلىرى پەقەت مەزمۇنىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇننىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىز، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق قاراشلىرىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا پىسەنت قىلماسلىق، پەقەت ئىقتىسادىي قىممەت ياراتسىلا ، مەزمۇنى ۋە تەسىرى بىلەن ھېسابلاشماسلىق خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. بولۇپمۇ، بىر قىسىم كىنو ، MTV  تورلىرىغا، << گۈزەل >> لەرنى، ئۇنىۋېرسىتېت <<گۈل >> لىرىنى سايلاۋاتقان ئۈندىدار سالۇنلىرىغا قارايدىغان بولساق، كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇمۇس – ھايا سەزگۈسىگە كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

مانا شۇ تاپتا قارايدىغان بولسىڭىز، خېلى نىسبەتتىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ رەڭگىنىڭ بارغانسېرى سارغىيۋاتقانلىقىنى كۆرۈسىز . شۇنچىكى بىر ئاددىي يازمىنى ئوقۇش ئۈچۈن كۆزىڭىز نەچچىلىگەن سارغۇچ ماۋزۇلارنى ئاتلاپ ئۆتۈشى كېرەك. بىر ئىتوت ياكى كىنونى كۆرۈش ئۈچۈن تۆت ئەتراپىغا قىستۇرۇلغان ئېلان رامكىلىرىدىكى بىھايا-شەھۋانىي سۈرەت-مەزمۇنلارغا كۆز يۇمۇشىڭىز شەرت. سىز بىلەن بىزغۇ ئۆزىمىزنى ئاز – تولا توختاتتۇق، ئاق – قارىنى پەرق ئەتكۈچىلىكىمىز بار، ئاشۇ ھەرخىل رەڭدىكى يازما – فىلىملارنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كۆزلىگەن يازما – فىلىملارنى سالامەت كۆرۈپ يېتەلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما تېخى ئۆزىنى توختىتىپ ئالالمىغان گۆدەك ئېنى – سىڭىللىرىمىزچۇ ؟ …

بىز شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، بەزىلەرنىڭ تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالۇنى قۇرۇشتىكى مۇددىئاسى توغرا ئەمەس. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ پەقەت پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى خالاس. ئۇلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بولمىسۇن زىيارەت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم. چۈنكى زىيارەت ئېقىمى دېمەك ئۇلارنىڭ يانچۇقىغا ئېقىۋاتقان پۇلدىن دېرەك. شۇڭا، ئۇلار ھە دېگەندە سارغۇچ مەزمۇنلارنى ئۆز تورى ۋە ئۈندىدار سالۇنلىرىدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ زىيارەت ئېقىمىغا ئېرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئىستىشىدۇ. ئەگەر قانۇن يولغا قويغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ بۇ پەيلىدە ئوچۇق ئاشكارا سېرىق – شەھۋانىي نەرسىلەرنى يوللاشتىن ھەم باش تارتمايدىغانلىقى ئېنىق.

ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئوڭاي قولغا كەلگەن ئەمەس، ئۇيغۇر تور بېكەتچىلىرى، تور ئاممىسى بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى، ئەگرى -توقايلىقلارنى كەچۈرگەن. شۇنداقكەن، بۈگۈنكى تور ۋە ئۈندىدار مۇھىتىمىزنىڭ يېشىللىقى، ساغلاملىقىنى قوغىداش ھەربىر تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالۇن قۇرغۇچىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچىنى ئۇنتۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىگە سەل قاراپ،تور مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى، رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى بىلەن ھېسابلاشمىسا، ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئۇلارنىڭ سەۋەبكارلىقى بىلەن رەڭگى ئۆزگىرىپ سارغايغان، لاي – لاتقا، ئەخلەت-چاۋا بىلەن لىق تولغان، ھاۋاسى بۇقسىپ ئېچىغان تور مۇھىتىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. قورامىغا يەتكەن چوڭلار ھەرھالدا ئىلغاپ زىيارەت قىلىشنى بىلگەن بىلەن، ئاق -قارىنى تېخى پەرقىتىپ ئۈلگەرمىگەن گۈدەكلىرىمىز، ئۆسمۈر-بالىلىرىمىز تور ۋە ئۈندىدار سالۇنلىرىدىكى ناچار مەزمۇن – ناچار كۆرۈنۈشلەردىن زەھەرلىنىپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟!…

توربېكەت ۋە ئۈندىدار سالۇنلىرى ئارقىلىق پۇل تېپىش خاتا ئەمەس ، ئەلۋەتتە. بىزمۇ ھەم بۇ خىل زامانىۋىي تاراتقۇلار ئارقىلىق پۇل تېپىشنى قوللايمىز ، قۇۋۋەتلەيمىز. ئەمما، پۇل تېپىشتىكى ۋاسىتە توغرا بولۇشى كېرەكتە ؟! پۇل ئۈچۈن ۋىجدان – غۇرۇرنى پايخان قىلىشقا بولمايدۇ – دە؟!…

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەدەنىيەت – ئەخلاقنى تەكىتلەيدىغان، ئۆزىگە خاس قويۇق ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت – ئەخلاق قارىشىغا ئىگە خەلق. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تور مەدەنىيەت مۇھىتى ھە دېگەندە ئۆز پاكىزلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ؟!

- بۇنىڭدا يۇقىرىقىدەك ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالۇن قۇرغۇچىلاردىن باشقا، ھەممە ئىشقا سۇس قارايدىغان، ھەتتا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە تۇرۇپ مانتا يەيدىغان، ئۆز مەنپەتىگە كەسكىن ئالاقىدار ئىشلاردىن باشقىغا قۇلاق يوپۇرۇپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن سىز بىلەن بىزگە ئوخشاش بىپەرۋا تورداشلارمۇ سەۋەبكارمىز. بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ تور بېكەت-سالۇنلارنى پاش قىلمايمىز؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ تور بېكەت-سالۇنلارنى سېسىتمايمىز؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ تور بېكەتلەرنى بايقۇت قىلمايمىز؟! … كۆزىمىز كۆرۈۋاتقان ئەمەلىيەت شۇكى، بىز ئۇلارنى بايقۇت قىلماستىن ئۇلارنىڭ بازىرىنى ئاۋات قىلىۋاتىمىز. بىر قىسىم ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى، بلوگلىرى ھە دېگەندە ئۇلارغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايلاردىن ئۇلىنىشقا جاي بېرىشمەكتە. يەنە بەزىلىرى شۇنداق تور بېكەتلەرنىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئۆز ئۇلىنىشىنى قىستۇرۇش ئۈچۈن ئۆلۈمتۈكلەرچە تىپىرلىماقتا … ئېسىت سەندىكى غورۇر، ئېسىت سەندىكى 3 كىلو ۋىجدانغا !

ئەمما، شۇ بىر قىسىم بېكەت باشلىقلىرى، ئۈندىدار سالۇنكەشلىرى سەگەك ۋە ئاگاھ بولسۇنكى، ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن تۇيغۇن خەلق. ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىغىندەك، ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ئىش تۇتۇۋاتقان كىشىلەرنىمۇ ھەم ئۇنتۇپ قالمايدۇ. تارىخ ھامان بۇنداق كىشىلەرنى لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلايدۇ. بۇ دۇنيا شۇنداق بىر دۇنياكى، زەررىچە قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ جاۋابى بولغىنىدەك، زەررىچە قىلىنغان يامانلىقنىڭمۇ ھەم سورىقى بولىدۇ!

يوللانغان ۋاقتى: 2014-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 16:03
كۆرۈلۈشى: 878 قېتىم
خەتكۈش: ، ، ،
يازما مەنبەسى: 2328.html  [كۆچۈرۈش]