نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئاق قان كېسىلى ( 白血病،Leukem ) گە گىرىپدار بالىلار ئۈچۈن خۇشخەۋەر

ياسىن ئابدۇللا ( بوھران )

ئاق قان كېسىلى ( 白血病،Leukem ) گە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈچۈن ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى توغۇلدى. جۇڭگو قىزىل كرېست فوندى جەمئىيىتى ( 中国红十字基金会 ) بولسا خەلقئارالىق ساخاۋەت ئورگىنى بولۇپ، جۇڭگودا قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە نۇرغۇن يېڭى ۋە ئۆزگىچە ساخاۋەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن ياردەم قىلىپ كەلدى. شۇلاردىن بىرسى دەل مۇشۇ ئاق قان كېسىلى ( 白血病،Leukem ) بولغان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان كىچىك پەرىشتە فوندى.

تۆۋەندە بۇ فوندتىن ياردەم ئىلتىماس قىلىشىنىڭ تەلەپلىرى ۋە قەدەم باسقۇچلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن، دىققەت قىلىپ ئوقۇڭ.

بىرىنچى: بۇ فوند پەقەت نامرات ئائىلىلەردىكى نۆل ياشتىن 14 ياشقىچە ئارىلىقتىكى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈنلا تەسىس قىلىنغان، مۇشۇنداق بىمار بالا ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسى( قانۇنلۇق ھامىيسى) بۇ فوندتىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئىككىنچى: ئىلتىماس قىلغۇچى ھەر قايسى جايلاردىكى قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرىگە بېرىپ ئىلتىماس جەدىۋىلىنى ئېلىپ ياكى توردىن چۈشۈرۈپ (ئادرېسى: http://www.crcf.org.cn/gb/xiaots/xiaots.asp) تولدۇرۇپ قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.( بىۋاستە ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى كەسپى تەرەققىيات بۆلۈمىگە ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ.) يىغىلغان ئىلتىماس جەدىۋەللىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى ھەر ئايدا بىر قېتىم جۇڭگو قىزىل كرېست فوندى جەمئىيىتىگە يوللايدۇ.
بۇ جەدىۋەلدىكى ئۇچۇرلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1.بىمار بالىنىڭ رەسىمى، ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، مىللىتى، تۇغۇلغان ۋاقتى، بالىنىڭ نامىدا ئېچىلغان بانكا ھېساۋات نومۇرى، ھېساپ ئاچقان بانكا
2.قانۇنى ھامىيسى( ئاتا-ئانىسى)نىڭ ئىسىم-فامىلىسى،يېشى، قانۇنى ھامىيسى ( ئەگەر ئۆزئاتا-ئانىسى بولمىسا) نىڭ بالا بىلەن مۇناسىۋىتى، كىملىك نومۇرى، خىزمەت ئورنى
3.ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى( يېزا نوپۇسىمۇ، شەھەر نوپۇسىمۇ، ئائىلە جان سانى، ئائىلىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى، يىللىق كىرىمى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
4.مەھەللە كومتېتى ياكى كەنت كومتېتىنىڭ پىكىرى ( تامغىسى)
5.ناھىيىلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ پىكىرى (تامغىسى)، ۋىلايەتلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ پىكىرى (تامغىسى)
6.ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ پىكىرى (تامغىسى)
بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار
1.بالىغا قايسى دوختۇرخانىدا دىئاگىنوز قويۇلغان؟ ھازىر قايسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ؟
2. بالىغا ئاق قان كېسىلى دەپ دىئاگىنوز قويۇلغان يىل ئاي كۈن
3. دىئاگىنوز قويۇلغاندىن كېيىن ھازىرغىچە قايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالانغان؟
4.داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى قانداقراق؟
5. بالىنىڭ داۋالىنىشىغا قانچىلىك چىقىم كەتتى؟
6. يەنە داۋاملىق داۋالىنىش ئۈچۈن قانچىلىك ئىقتىسات كېرەك؟
7. ھازىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى قانداقراق؟
8. بالا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانمۇ؟ قاتناشقان بولسا، سۇغۇرتىنىڭ تۆلەم بېرىش ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
9. بالا قانۇنى ھامىيسىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش سۆزى
تۆۋەندىكى ئىسپاتلارنى تەييارلاپ جەدىۋەلگە چاپلايسىز.
1. بالىنىڭ نوپۇس ۋە كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى
2. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى(ياكى قانۇنى ھامىيسى)نىڭ كىملىك ۋە نوپۇسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى
3. بالىنىڭ كېسەللىك دىئاگىنوز قەغىزىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى
4. يىلىك تېشىپ تەكشۈرۈش (骨髓穿刺، Bone marrow puncture ) دوكلاتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.
مۇھىم ئەسكەرتمە: بۇ جەدىۋەللەر ئاخىرىدا جۇڭگو قىزىل كرېست فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن بىرمۇ بىر كۆرۈپ تەكشۈرۈلىدۇ، كەم قالغان ياكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىسە قايتۇرۇلىدۇ. شۇڭا جەدىۋەلدىكى ئۇچۇرلار توغرا، ھەقىقى ۋە ئېنىق بولۇشى كېرەك. يەنە تەكىتلەپ قوياي، جەدىۋەل چوقۇم خەنزۇچە تولدۇرۇلۇشى كېرەك.

ئەمدى بۇ فوندتىن ياردەم تەلەپ قىلىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

ئالدى بىلەن، بۇ فوندتىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىق چوقۇم ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشەلەيسىز دىگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ فوندنىڭ مەبلىغى جۇڭگودىكى شۇنچە كۆپ ئاق قان كېسىلى ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىشكە يېتىشمەيدۇ. فوند دىگەنلىك جەمئىيەتتىن يىغىلغان پۇل ياكى مەبلەغ دىگەنلىك، فوندتا قانچىلىك پۇل بولسا شۇنچىلىك پۇل بېرىلىدۇ، ئادىل باراۋەر بولۇش ئۈچۈن ئاخىرىدا ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەر چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. يەنى تارقىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەر 2-3 ئايدا ياكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم بۇ فوندتىن ئىقتىسادى ياردەم ئېلىش سالاھىيىتى بار دەپ قارالغان نامزاتلارغا بىر قېتىم چەك تارتىلىدۇ، كىمگە چەك چىقسا شۇ ياردەمگە ئېرىشىدۇ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلەر يەنە داۋاملىق كېيىنكى قېتىملىق چەك تارتىشقا قاتنىشىدۇ.
ئىككىنچىدىن، فوندنىڭ مەبلىغى چەكلىك بولغاچقا بېرىلىدىغان ئىقتىسادى ياردەممۇ چەكلىك بولىدۇ، يەنى بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە نۆۋەتتىكى داۋالاش ئېھتىياجىغا قاراپ تۇرۇپ تۆۋىنى 30000 يۈەندىن يۇقىرىسى 50000 يۈەنگىچە ياردەمگە ئېرىشىدۇ.
چەك تارتىش ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشكەنلەرنى تاپشۇرغان جەدىۋەلدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خەۋەردار قىلىدۇ ھەم جەدىۋەلدىكى بانكا ھېساۋات نومۇرىغا ئۇرۇپ بېرىدۇ،شۇڭا تېلېفون نومۇرى ۋە بانكا ھېساۋاتى دىگەنلەر چوقۇم توغرا ھەم مۇقىم بولسۇن.
ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ خىزمەت 2006-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2009-يىلىغىچە 26 بىمار ئۆسمۈر ياردەمگە ئېرىشكەن، 2010-يىلى يىل بېشىدىن ھازىرغىچە ياردەم ھەر قايسى جايلاردىن ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە ئىلتىماس سۇنغانلار 28 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ياردەمگە ئېرىشكەنلەر 3 نەپەر، دېمەك قالغانلىرىغا يەنە داۋاملىق چەك تارتىش پۇرسىتى بار، شۇنىڭدىمۇ بۇ فوند تارقىتىۋاتقان يارەم پۇلغا نىسبەتەن شىنجاڭدىن ئىلتىماس قىلغان ۋە ياردەمگە ئېرىشكەنلەر بەكلا ئاز، ياردەمگە ئېرىشىدىغانلار چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان بولغاچقا پۇرسەت ھەر بىر ئادەمگە باپ- باراۋەر، شۇڭا ئائىلىسىدە مۇشۇنداق بىمار بولغان تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ ئاكتىپلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلى ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، جۇڭگو قىزىل كرېست فوندى جەمئىيىتى (中国红十字基金会) تور بېتىگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ، يۈكسەل بلوگى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىدىن كەڭ تورداشلارنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئاق قان كېسىلى ( 白血病،Leukem ) گە گىرىپدار بالىلار ئۈچۈن خۇشخەۋەر

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۈمىدۋار مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىدىن ئەزگۇ قەلىبلەر ئالەمچە سۈيۈندى!
    خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدا ئاققان، خەلقنى قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇزغانلار خەلق تەرىپىدىن مەڭگۈ ھۆرمەت-ئىززەتكە سازاۋەردۇر، خەلققە قىلچىلىك قىلىنغان ياخشىلىق، مېھىرىبانلىق كۆڭۈللەرنى لەرزىگە سېلىپ،مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا كىشىنى زور رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەلنى ئويلىغانلارنى ئەل ھامان ئۇنتۇپ قالمايدۇ!

    يۈكسەل قېرىندىشىم، سىزنىڭ ھارماس تۇلپار كەبىي قۇۋۋەتلىك قەلىمىڭىزنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى خەلققە تەقدىم ئېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە ھەمدەمدە بۇلۇشقا ھەر ۋاقىت تەييارمىز. بىلوگىڭىز تېخىمۇ گۈللەپ ،يۈكسلىپ كەتسۇن! ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭىز يۈكسەك پەللىدە يۈكسەلسۇن!
    [reply=Yuksel,2010-06-30 09:43 PM]تەرىپلىرىڭىز پېقىرنى بەكمۇ خىجىل قىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ تەرىپلەرگە مەندىن بەكرەك ھەمكارچىم بوھران ئەپەندى لايىق. پەقەت شۇ كىشىنىڭ سەۋەبىدىنلا يۇقىرىقىدەك قىممەتلىك ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىۋاتىدۇ. مەن بۇ يەردە قابىل ھەمراھىم ياسىن ئابدۇللا ئەپەندىگە چىن قەلبىمدىن چوڭقۇر ئىھترام بىلدۈرىمەن!
    ئەلۋەتتە، دوستىمىز ئۈمىدۋار كەبىي تورداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى، روھىي – مەدەتلىرى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىمىغا ئىلھام ۋە كۈچ بېغىشلىغۇسى ! بىزنىڭ قوللىغان ، ئەزگۈ تىلەكلەردە بولغانلارغا چەكسىز تەشەككۈر![/reply]

  2. uyghurlarblogbus مۇنداق يازغان:

    ئىشلەش جەريانىدا،ئاشۇ 血液科دا 儿科نىڭ血液组 سىدا ئاشۇ پۇلنىڭ يوقلىقىدىن白血病،Leukem دا ئۇلۇپ كەتكەن بىرنەچچە ئادەم كۆرگەن،بۇنداق ياردەمنىڭ بارلىققا كەلگەنلىگى بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ،ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، بىزمۇ ئىئانە قىلىپ قويساق بۇلاتتى.
    [reply=Yuksel,2010-07-01 00:36 AM]بۇندىن 5 يىل بۇرۇن، بىزنىڭ قوشنىمىزنىڭ ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ئوغلىمۇ دەل مۇشۇ كېسەل بىلەن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىدى. شۇ چاغدا بۇ ئېنىمىزنىڭ ئاتا – ئانىسى مەندىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ۋە ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما، مەن پەقەت دوختۇر بىلەن سۆھبەتلىشىپ < < پۇل بولمىسا بالىنى قۇتقۇزۇش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن >> دېگەن جاۋابنىلا بېرەلىگەن ئىدىم. قوللىرىدىكى پۇلنىڭ بەكمۇ ئازلىقى ( بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشقا نىسبەتەن ) تۈپەيلى ، ئاتا – ئانىلا ئىمكانسىز بالىسىنى دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ چىققان ئىدى. كۆپ ئۆتمەي ئۇلار ئامراق ئوغلىدىن ئايرىلدى …
    ئۆز بالىسىنى داۋالىتىشقا قۇربى يەتمەي، ئۆز جىگەر پارىسىنىڭ قاچان جان ئۈزۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بارمۇ دۇنيادا ؟! …
    بوھران ئەپەندى يوللىغان بۇ خۇشخەۋرلىك جاكارنامىنى كۆرۈپ، ئىچىمگە يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ كىچىك تىندىم. ئەجەبكى، مۇشۇ شارائىتلار 5 يىل بۇرۇنمۇ بولغان بولسا، شۇ چاغدا مۇشۇنداق مەنمۇ خەۋەر تاپقان بولسام ۋە ئۇلارنى خەۋەردار قىلىپ ، مەزكۇر فوندتىن ئازدۇر – كۆپتۇر ئېلىشىپ بەرگەن بولسام، داۋالاش داۋاملاشقان بولسا بەلكىم …..
    [/reply]

uyghurlarblogbus 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟