نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بلوگىڭىزنىڭ داڭقىنى چىقىرىشنى خالامسىز ؟

تاراتقۇلار بلوگىڭىزنى خەۋەر قىلسۇنمۇ ؟

بلوگىرلارنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم تاراتقۇلار ( تېلېۋىزىيە، رادىئو ، گېزىت – ژۇرنال ، تور بېكەت قاتارلىقلار ) نىڭ ئۆز بلوگىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر بلوگنى خەۋەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشسا كېرەك. چۈنكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى دېگەن سۆز ، ئابرۇي – ئىناۋەت تىكلەندى، ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئۈنۈمىگە ئېرىشىلدى، خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن زىيارەت مىقدارى بوراندەك تېز سۈرئەتتە ئاشتى دېگەن گەپ. بۇ خىل ئۈنۈم كۆپىنچە بلوگىرلار كۆز ئوچۇق تۇرسىمۇ كۆرۈدىغان چۈشلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق.
ئۇنداقتا مەن سىزگە بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت ئېقىمنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاشۇرىدىغان بىر ئۇسۇلنى دەپ بېرەي.
ئاۋۋال ئاپئاق مايكا ياكى كۆڭلەكتىن بىرنى تەييار قىلىڭ ، ئاندىن مەزكۇر كۆڭلەكنىڭ ئالدى تەرىپىگە يوغان قىلىپ بلوگىڭىزنىڭ ئىسمىنى، ئاستىغا بلوگ ئادرېسىنى ( مەسىلەن، يۈكسەل بلوگى ،
www.yukselblog.com دېگەندەك ) رەڭلىك مۇي قەلەمدە يېزىڭ. ئىكىنچى باسقۇچتا ، مەزكۇر كۆڭلەكنى كېيڭىدە، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەردىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولىۋاتقان جايغا بېرىڭ، مەسىلەن ئوت كەتكەن، چولپانلارنى  ياكى يولدىكىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان دېگەندەك ئومۇمەن مۇخبىرلار كامېرا ئارقىلىق سۈرەتلىك زىيارەت فىلىمى ئىشلەۋاتقان جايغا بېرىڭ ، ئەڭ ھالقىلىق مەشغۇلات باسقۇچىدا زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ بىقىنىدىن نېرى كەتمەي تۇرۇڭ، كامىرانىڭ كۆزى قايانغا قارىسا شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇڭ، كۆينىكىڭىزدىكى بلوگ ئىسمى ۋە ئادرېسنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ، زىيارەت مەزمۇنى ۋە باشقا ئىشلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، پەقەت كامىراغا ئۇدۇل تۇرسىڭىزلا بولغىنى ! … شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىڭكى شۇ كۈندىن باشلاپ زىيارەت مىقدارىڭىز شىددەت بىلەن ئاشمىسا ، قۇلىقىڭىزنى كېسىۋېلىڭ ….
بۇنىسى چاقچاق بولۇپ قالدى ، ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك. تاراتقۇلارنىڭ بلوگلارنى زىيارەت قىلىشى ياكى خەۋەر قىلىشى بۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق خىيالمۇ ئەمەس. پەقەت ئازراق تىرىشسىڭىزلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە جەلىب قىلالىشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندە تاراتقۇلارنىڭ مەيلىنى جەلىب قىلىدىغان بىر قانچە ئەپنى سۆزلەپ بېرەي.

1. بلوگىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولسۇن، بەك رەڭدار ، چاچى – پاچى بولۇپ كەتمىسۇن، زىيارەتچىلەرگە ئارامبەخىش ، ئازادىلىك بېغىشلىيالايدىغان بولسۇن.
2. بلوگ يازمىلىرىڭىزنىڭ ئىجادىي بولۇشىغا كۈچەپلا قالماي ، يەنە يازمىلىرىڭىزنىڭ مۇئەييەن خاسلىققا، تېماتىك قاتلامغا ئىگە بولىشىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ . سەمىڭىزدە بولسۇنكى ،  بلوگىڭىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىكى بولمىسا ، ئۇنىڭ جەلبكارلىقى  نۆلگە چەكسىز يېقىنلىشىشى مۇمكىن .
3. زىيارەتچىلىرىڭىز ئارىسىدا بەلگىلىك ئىشەنچ ، ئىناۋەت تىكلەڭ.
4. بلوگ يازمىلىرىڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى جەمئىيەت ئۈچۈن مەلۇم قىممىتى بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا ياكى نەزەردىن ساقىت بولۇپ قالغان نۇقتىلار تۇتقا قىلىپ تېما يوللاڭ.
5. تاراتقۇلاردا ئىشلەيدىغان ئاخبارتچىلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشقا ماھىر بولۇڭ. تاساددىبىي پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغان ئاخباراتچى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىمكاننىڭ بارىچە قويۇقلاشتۇرۇشقا تىرىشڭ. ئۇلار بىلەن دائىما ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ.
6. بلوگىڭىزدىكى يازمىلارنى ھەرقايسى تاراتقۇلاردىمۇ ئېلان قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ. بىر قارارغا كەلگەن ھامان ئىككىلەنمەي ئىۋەرتىڭ. ئېلان قىلغاندا ئىسمىڭىز بىلەن ئەمەس بەلكى بلوگىڭىزنىڭ ئىسمى بىلەن ئېلان قىلىڭ ياكى يازما ئوتتۇرىسىدا بلوگىڭىزدىن پايدىلانما ئالغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ، يېزىقچىلىقتا ئېپىڭىز بولسا مەتبۇئاتقا ئىۋەرتكەن يازمىڭىزنىڭ تازا مۇھىم جايىغا بلوگ ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ قويۇڭ (
www.yukselblog.com دەك  ) خۇددىي ھازىرقى MP3 ناخشىلارنىڭ ئېسىل جايىدا چىقدىغان تور ئادرېس ئېلانلىرىدەك. ئەڭ ياخشىسى تەھرىرلەر مەزكۇر ئادرېسنى چىقىرۋېتەلمەيدىغان بولسۇن. بۇ سىزنىڭ يېزىقچىلىق دىتىڭىزغا باغلىق ئەلۋەتتە.
7. بلوگىڭىزدا پارچە – پۇرات ، پىچەك يازمىلارنىڭ بولۇشىدىن قەتئىي ساقلىنىڭ. 10 كۈنگىچە يېڭى يازما يوللمىسىڭىز مەيلىكى ، ھەرگىزمۇ 2 كۈندە بىر تايىنى يوق يازمىلارنى يوللاپ يۈرمەڭ.

يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق بلوگىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرسىڭىز، ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە تاراتقۇلارنىڭ نەزىرى بەلكىم سىزنىڭ بلوگىڭىزغا چۈشىشى ، ئۇلار ئارقا – ئارقىدىن بلوگىڭزنى زىيارەت قىلىپ، بلوگىڭىزنى خەۋەر قىلىشى مۇمكىن.
خۇسۇسەن ، كەمىنىڭىزلەرنىڭ بلوگى بولغان << يۈكسەل بلوگى >> ئۆزىدىكى تېمىلارنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇش ، مەلۇم تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە بولۇش، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا ( ئەيدىز ) ياكى سەل قارىلىۋاتقان نۇقتا ( تەگئات ) ھەققىدە يازما يېزىشنى ئاساس قىلىشتەك ئۆزگىچىلىكى بىلەن دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى مەلۇم دەرىجىدە تارتىپ كەلدى. بىز ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ، بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ ماقالىمىزنى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى تەكلىۋىنى ، بىر قسىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ فىلىم ئىشلەش ( ئەيدىز ھەققىدە ) تەكلىۋىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. ئەمما، ئۆزىمىزگە خاس بولغان سەۋەب بىلەن چىرايلىق ئۆزرە ئېيتتۇق ( بەزى بلوگ يازمىلىرىمىز بىزنىڭ ئىجازىتىمىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا مۇتھەملىك بىلەن ئېلان قىلىندى، بۇنىڭغىمۇ سۈكۈت قىلدۇق. ). بەلكىم ، كېلەچەكتە، ئۆزىمىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان پەيتلەردە ، مۇۋاپىق تاراتقۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز مۇمكىن.
قېنى سىزمۇ تىرىشپ كۆرۈڭ، بەلكىم پات ئارىدا XJTV2  ياكى شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى نامازشام گېزىتلىرىدە سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن … سىزگە مۇۋەپپەقىيەت يار بولغاي!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بلوگىڭىزنىڭ داڭقىنى چىقىرىشنى خالامسىز ؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. lopnuri مۇنداق يازغان:

    ناھايىتى ياخشى تەدبىرلەركەن.سىزنىڭ بلوگ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزغا قايىل بولۇپ قالدىم.مېنىڭچە بىز بلوگنى تەرەققىي قىلدۇرساق،ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىگە يېڭى بىر سەھىپە ئاچقان بولىدىكەنمىز.قاراپ باقسام گاھىدا بەزى بلوگلارنىڭ ئوينىغان رولى،ئايرىم تور بەتلەرنىڭكىدىن ياخشىدەك قىلىدۇ.

  2. birzat مۇنداق يازغان:

    بلوگىرلار قېنى ھۇررا…

  3. dunya مۇنداق يازغان:

    salam doslar inkas kaldurung lar

dunya 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟