نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ۋېن جياباۋنىڭ يېگىنى ياڭيۇمۇ نېمە ؟

ۋېن جياباۋنىڭ يېگىنى ياڭيۇمۇ نېمە ؟

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىشباشى ( زۇڭلى ) ۋېن جياباۋ  2008 – يىلى  6 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 22 – كۈنىگىچە شەنشى، گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىدا ئاپەتكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاۋام – پۇقرادىن ھال سورىدى. لوڭنەن شەھىرى كاڭ ناھىيىسى پىڭ يېزىسدىكى  ( 陇南市康县坪乡豆坪村 )  لاۋجاڭ (  张俊兰 )  تېخى يېڭىلا پۈتتۈرگەن ۋاقىتلىق ئاشخانا ئۆيىدە  سۇدا ياڭيۇ پىشۇرۇپ، چۈشلۈك تاماق يېمەكچى بولۇپ تۇرغاندا ، ۋېن جياباۋ كېلىپ قالىدۇ، ئۇ دەرھال ئالدىغا يۈگرەپ چىقىپ، ئىشباشنى ئۆزى بىلەن بىرگە غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
ئىشباش ۋېن جياباۋ شۇكۈنى چۈشلۈك غىزاسىغا لاۋجاڭنىڭ ئۆيىدە ياڭيۇ يېدى. كۆرۈرمەنلەر تېلېۋۇزۇدىن ئىشباشنىڭ ياڭيۇنى ناھايىتى ھوزۇر بىلەن يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتى. ئەگەر نەق مەيداندا مۇخبىر ۋە باشقا ھەمراھ ئەمەلدارلار بولمىغاندا ئىدى، باشقىلارنىڭ بۇ بىر شىرەدە غىزالىنىۋاتقانلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ قېلىشى سۆزسىز ئىدى.
ئىشباش ۋېن جياباۋنىڭ خەلقچىل ، ئەلسۆيەر ئوبرازى بارچە جۇڭگو پۇقراسىغا ئايدىڭ ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشباش بولغاندىن كېيىنكى ئىش – ئىزلىرىنى دېمىسەكمۇ ،  ئۇ ئورۇنباسار ئىشباش بولغان مەزگىلىدىلا ، ئۇنىڭ مەملىكەتنىڭ بارچە شەھەر – ناھىيىلىرىگىچە بېرىپ، ساناقسىز يېزا – كەنتلەرنى ئارىلاپ كۆرۈشى، ئۇنىڭ كىچىك پىئىل ، چىقىشقاق مېجەزى، ئىشنى ئەستائىدىل – ئىدىتلىق ، پۇختا ئىشلىشىدەك پەزىلەتلىرى تىللاردا داستان بولۇپ ئەل ئارىسىغا تاراپ كەتكەن ئىدى.
ۋېن جياباۋنىڭ چۈشلۈك غىزايىغا ئامما بىلەن بىرگە ياڭيۇ يىگەنلىك خەۋىرى بېرىلگەندىن كېيىن، تاراتقۇلارنىڭ  بەس – بەس بىلەن ئالقىش ياڭرىتىشى يۇقىرى دولقۇنغا چىقتى.  بەزىلەر ئىشباشىنىڭ بۇ قېتىملىق غىزاسىدىن ئۇنىڭ خەلقسۆيەر قەلبىنى كۆرۈشتى. يەنە بەزىلەر  بۇ قېتىمقى ياڭيۇدا ھازىرلانغان چۈشلۈك غىزادىن ئىشباشنىڭ مەمۇر – ئەمەلدارلار ئارىسىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان  ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ – چوڭ ئىچىش خاھىشىغا بولغان چوڭقۇر غەزەپ – نەپرىتىنى كۆرگەندەك بولۇشىتى، يەنە بەزىلەر  بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ بۇ خەۋەر ئالدىدا ئىزادىن خورازنىڭ تاجىسىدەك قىزىرىشقان يۈزىنى كۆرگەندەك بولۇشتى ….
ئۇنداقتا ئىشباشىمىز ۋېن جياباۋنىڭ يېگىنى ياڭيۇمۇ نېمە ؟
ئەمەلىيەتتە ، ۋېن جياباۋنىڭ بۇ ئاددىغىنە چۈشلۈك غىزا ئارقىلىق يېگىنى ياڭيۇ بولسىمۇ، تېتىغىنى ئاۋام – پۇقرا تارتىۋاتقان جاپا – مۇشاقەتنىڭ تەمى بولدى. ھەقىقەتەنمۇ يېگىنى ياڭيۇ ئەمەس ئەلنىڭ غېمى، ئاچچىق دەردى بولدى . ئىسلاھات ئىشكىنى ئېچىۋەتكىلى 30 يىل بولغان بولسىمۇ ، يەنىلا نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانلىقى، چاپىنىنىڭ تىزىدىن ئېشىپ، قورسقىنىڭ تۈزۈكرەك تويماۋاتقانلىقى ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دارامەتنىڭ 800 يۈەن ، ھەتتا 600 يۈەندىن تۆۋەن بولۇشى ، ئىشباشنىڭ يۈرىكىنى تاتلاپ، قوۋۇزىنى قىچىشتۇردى.
تېلېۋۇزۇرنى ئاچساق ، كۆرۈدىغىنىمىز ھامان يېزا ئېگىلىكى ۋە سانائەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر ، GDP  نىڭ توختالغۇسىز ئېشىشىدىن ئىبارەت كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرۈنۈشلەر . نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شەھەردە ياشىغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر ھاياتىغا كۆنۈپ قېلىشتى، قۇرۇت – قوڭغۇزدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنا – پىكاپلارغا ، ئاسمان بىلەن بوي تالىشىۋاتقان ئېگىز بىنالار كۆزلىرىگە سىڭىپ قېلىشتى.  ئۇلارنىڭ ئەسلىرىدىن يېزا – قىشلاقلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاللقاچان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. يۇقىرىدىن رەھبەر خىزمەت تەكشۈرۈگىلى كەلسە ، يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇلارنى ئەڭ باي – تەرەققىي قىلغان يېزىلارغا ، باي ئائىلىلەرگە باشلاپ قويۇشتى، رەھبەر ئولتۇرغان ماشىنا ئالدىن بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش لىنىيىسىدىن چىقماي مېڭىشقا كۆنۈكۈپ كەتكەن بولۇپ، يول بويىدىكى مەنزىرىلەر كىشىگە شادلىق بېغىشلاپ، راھەت  – پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن بىشارەت بېرىدۇ.  بەزى يەرلىك ئورۇنلار يۇقىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ھەتتا دۆلەت تاش يولىنىڭ ئىككى يېقىغا << ئۆز شەرمەندىچىلىكىنى يېپىش يوشۇرۇش تېمى >> سېلىپ ئۈلگۈرگەن. ھەتتا بەزى كىشىلەرنىڭ يول بويىدىكى قاقاس تاغلارنى يېشىل سىردا  بوياپ قويغۇسى كەلمىدى دېگىلى بولمايدۇ.
ئىشباشىمىز ۋېن جىياباۋنىڭ بۇ قېتىملىق ياڭيۇ بىلەن غىزالىنىشى  بىزگە تاراتقۇلارنىڭ  ئۆزىمىزدىكى << مەرەز >> لەرنى خەۋەر قىلىشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. تاراتقۇلارنىڭ ئىشلىرىمىزنى نازارەت قىلىپ ، نۇقسانلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. كىشىلەر ئىشباشىمىزنىڭ ياڭيۇ يەۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ، دائىم ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشىدۇ. ئەمما، تېلېۋۇزۇرنى ئۆچۈرۈپ بوسۇغا ئاتلاپ سىرتقا چىققىنىمىزدا، ئاۋات شەھەر رەستىلىرىدە ، مېھمانسارايلاردا كۆرۈدىغىنىمىز يەنىلا بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىپ كېتىۋاتقان ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ – ئىچىش ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدۇر.
تاراتقۇلارغا سۇئالىمىز شۇكى، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ – ئىچىۋاتقان، كۆڭۈل ئېچىپ يايراۋاتقان سورۇنلارنى ئاشكارلىمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى جەجلەپ يەۋاتقان سەيلىرىنىڭ زادى قانداق سەي ئىكەنلىكىنى خالايقىقا كۆرسىتىپ، چاۋىسىنى چىتقا يايمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ يەۋاتقانلىرى زادى ئىشباشىمىز ۋېن جياباۋ  دېھقان لاۋجاڭنىڭ ئۆيىدە يېگەن سۇدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇغا ئوخشامدۇ ياكى … ؟
شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئاۋام – پۇقرا تاراتقۇلاردا بېرىلگەن ئىجابىي تەرەپتىن بېرىلگەن خەۋەرلەرنىڭ چوڭقۇرلىقىلىرىغا يوشۇرۇنغان سەلبىي << سايىلەر >> نىمۇ كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.  ۋېن جياباۋنىڭ ياڭيۇ يېگەنلىك خەۋرىگە كەلسەك، يەرلىك ئەمەلدارلاردىن زادى قانچىلىكى مۇشۇ ئىشباشقا ئوخشاش خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاقالايدۇ؟ ئۇلار بىلەن بىرگە ياڭيۇ يېيەلەيدۇ؟! ئىشباشنىڭ گېلىدىن ئۆتكەن ياڭيۇ ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ گېلىغا تۇرۇپ قالارمۇ؟  …

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ۋېن جياباۋنىڭ يېگىنى ياڭيۇمۇ نېمە ؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. infitar مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ ماقالىنى بولسا خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىپ توردا ئېلان قىلغىلى بولسا يولداشلىرىمىزنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ باقساق بولاتتى ….

  2. kuksu مۇنداق يازغان:

    ئەل دەردىگەيەتكەنلەرئەلنىڭ قەلبىدە،
    يۈرىكىدىن ئەل سۆيگەنلەر ئەلنىڭ كۈڭلىدە.
    ئەلنى سۆيمەس،ئەلگە كۆيۈنمەس،
    قارغىش يۇتار،يەرنىڭ تەكتىدە…

    كۆكسۇ

kuksu 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟