نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ساخاۋەتلىك دىللارغا ئىلتىجا …

جىددىي ئاگاھنامە : شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 2006 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىلھامجان ئەلى ھەققىدىكى بۇ قېتىملىق خەيرى – ساخاۋەت ئىئانە توپلاش پائالىيىتى پەقەت ۋە پەقەت تور ئارقىلىقلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھېچقانداق بىر كىشى ئىلھامجان ھەققىدىكى سۈرەتلىك مۇراجەتنامىنى بېسىپ چىقىرىپ كوچا – كويلاردا، مەسچىت، رېستۇرانلاردا ‹‹ ئىئانە توپلاش ›› پائالىيىتى تەشكىللمىدى. ئىلھامجاننىڭمۇ ھېچقانداق بىر ئۇرۇق – تۇغقىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىدى. ئىئانە قوبۇل قىلىش شەكلى پەقەت ۋە پەقەت 2 خىل : بىرى بىۋاسىتە دوختۇرخانىغا يوقلاپ بېرىپ، ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش. يەنە بىرى، بىۋاسىتە ئىلھامجان نامىدىكى سودا – سانائەت كارتىسىغا پۇل يوللاش. باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىئائە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەنمىدى. كۆپچىلىك ۋاقىپ بولغاي ۋە غەيرىي نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىلھامجاننىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ كوچا – كويلاردا ئىئانە يىغىۋاتقانلىقىدەك ئىشلاردىن ھەر زامان ئاگاھ بولغاي !

تېما ئاستىغا مۇختەر بۇغرا ئاكىمىزنىڭ ‹‹ مىھرى مۇھەببەت ئىنسانغا قانات ›› ناملىق تەسىرلىك دىكلماتسىيىسى قويۇلدى.

2010 – يىلى 4 – ئاينىڭ 28 -كۈنى مەكتەپ سەككىزىنچى ياتاق بىناسى تۆتىنچى قەۋەت سۇخانىسىدا تېيىلىپ يىقىلىش چۈشۈپ ، ئارقا مېڭىسى ئېغىر زەخىملىنىپ ھوشىدىن كەتكەن . ساۋاقداشلىرى ئۇنى جىددىي ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭ كۆمۈركان دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان . دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئىلھامجاننىڭ باش مېڭە تەرىپىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىنى ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يېرىلىپ قان يىغىلىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان . دوختۇرلار 4 سائەت پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن مېڭىدىكى ئۇيۇپ يىغىلىپ قالغان قانلارنى چىقىرىۋەتكەن ، لېكىن ئەھۋالى يەنىلا خەتەرلىك بولۇپ، 4 ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 4 -كۈنىگىچە ھوشسىز ھالەتتە ياتقان ، ئالتىنچى ئايىنىڭ 4 -كۈنى كۆزىنى ئاچقان ، لېكىن باشقا ھېچقانداق ئىپادە بولمىغان ، 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى يىغلىغان ۋاقتىدا بىر ئاز ئاۋاز چىقىرىدىغان بولغان . دوختۇرخانىغا كىرگەندىن تارتىپ 42 كۈن بولغىچە كۈنىگە 6000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل كەتكەن . 42 كۈندىن كىيىن كۈنلىكىگە 2000 يۈەندىن پۇل كېتىۋاتىدۇ . ھازىرغىچە 300 مىڭ يۈەن يەنى 300000 دىن ئارتۇق پۇل كەتكەن . ئەلى ئاكا بىلەن مەريەم ئاچا پۇل جەملەش ئۈچۈن ھەتتا كۇچا ناھىيىسىدىكى تۇرالغۇ ئۆيىنىمۇ سېتىۋەتكەن . ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ قەرز تۆلەش شەكلىدە ئالغان بولۇپ ، ھازىر 100 مىڭ يۈەن يەنى 100000 دىن ئارتۇق قەرزدار بولۇپ قالغان …….

مەكتەپتىكى ئىلھامجاننىڭ يۇرتداشلىرىدىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بىز كۆمۈركان دوختۇرخانىسىغا ئۇنى يوقلاپ ھەمدە ئاتا ئانىسىدىن تەپسىلىي ئەھۋاللانى بىلگىلى باردۇق . ئىلھامجاننىڭ ئاپىسى مەريەم ئانا يىغلاپ تۇرۇپ بىزگە ھازىر ئوغلىنىڭ ھىچ بولمىغاندا بۇ يېرىپ ئاغرىيتتى دەپ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى ، ھەمدە ئۇلۇغ ئاللاھتىن بىز تارتقان بۇ ئازابنىڭ باشقا بىر ئىنساننىڭ بېشىغا سالمىغايسىز دەپ دۇئا قىلىپ كەتتى . دادىسى ئەلى ئاكا ئوغلىنىڭ ئازابىدىنمۇ تۈگىشىپ كەم سۆز بولۇپ قالغان . ئىلھامجاننىڭ ئاتا ئانىسى خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەچكە نۇرغۇن ئىشلاردا قىيىنالغان ، نۇرغۇنلىغان رەسمىيەتلەرنى قىلىشنى بىلەلمىگەن ، قانداق قىلىپ پۇل غەملەشنى تېخىمۇ بىلەلمىگەن …. پەقەت ئىلھامجاننىڭ ساۋاقداشلىرى كەلگەن ۋاقتىدا رەسمىيەت بېجىرىش ئىشلىرىنى قىلغان . بىز مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىشلارنى تورغا چىقىرىشنى قارار قىلدۇق ، ئىلھامجاننىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن تورغا بۇ تېمىنى يوللىشىمىزغا قوشۇلدى . نۇرغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىز بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن چوقۇم ئىلھامجانغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز! چۈنكى ئارىمىزدا نۇرغۇنلىغان مېھرىبان كىشىلىرىمىز بار .

ئاخىرىدا ئىلھامجان ۋە ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى ئورنىدا ھەرقايسى تورداشلار شۇنداقلا مېھرىبان قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز !…
Ilhamjan Eli
كارتا ئىسمى : 依拉木江.艾力
كارتا بېجىرگەن ئورۇن : جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى

كارتا نومۇرى : 6222023002008298922
Bank Kartisi
ئادرېس : شىنجاڭ كۆمۈركان دوختۇرخانىسىنى ئۇنىۋېرسال بۆلۈم 16 – كارىۋات

新疆煤矿医院综合科16床

ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى :

ئاتا ئانىسىنىڭ : 13659934741

دوختۇرخانىنىڭ :  09914590104

ئىلھامجان ئەلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇر ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىم – فىلىم بىلەن تەمىنلىگۈچى، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ باشلىغۇچىسى : ئەلچىن تورى

مەزكۇر مۇراجەتنامىنى توردا تەشۋىق قىلىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىۋاتقان تور بېكەتلىرىمىز:
1. ئىزباسار تورى
2. ناخشا تورى
3. ياخشى ئۇلىنىش تورى
4. شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى
5. 80 خالتا بلوگى
6. ئىز تورى
7. روھلان تورى
8. چوغلان تورى
9. ئەلكۈيى تورى
10. مىسرانىم تورى
11. شوخ مۇزىكا تورى

12. تورخۇمارلار كۇلۇبى

13. بىلىملەر تورى

يەنىمۇ كۆپ تەپسىلاتنى بۇ جاينى بېسىپ كۆرۈڭ!

ئىلھامجان ئەلىگە مەزكۇر ئىلتىجانامىنى توردا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى خالايدىغان تور بېكەتلەر ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىمى :

رەسىم ئادرېسى : http://www.xjcfan.com/ad/ilhamjan.gif

بارلىق تەشۋىقاتقا ھەمكارلاشقۇچى تورلار سەمىگە : مەزكۇر ساخاۋەت پائالىيىتىمىز تاكى ئىلھامجان ساقىيىپ بالنىتسىدىن چىققۇچە داۋام قىىلىشى مۇمكىن. ئەگەر خالىساڭلار ، ئالدىمىزدىكى رامىزان ئېيى تولۇق چىقىپ كەتكۈچە تور تەشۋىق ئىشىغا كۈچىشىپ بېرىڭلار! ئاخىرغىچە قوللىغۇچىلارنى بېشىمىز كۆككە يەتكەن ھالدا قارشى ئالىمىز!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ساخاۋەتلىك دىللارغا ئىلتىجا …

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!84 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. مىھرىم مۇنداق يازغان:

    مۇشۇنى توردا ئېلان قىلغان تورداشلارغا ئاۋۋال رەھمەت ئېيتىمەن !
    ئىنىمىز ئىلھامجاننىڭ شىپالىق تېپىشىنى اللاھتىن تىلەيمەن !

  2. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    بارلىق ئۇيغۇر بلوگگىرلارنىڭ ئالدىنقى قېتىم ‹‹ يۈكسەلنىڭ قېرىندىشىغا ياردەم قولىنى سۇنۇش ›› تەك ساخاۋەتلىك ئىشلاردىن باش تارتمايدىغان ئالىيجاناب روھىنى قايتا نامايەن قىلىپ، ئاز – ئازدىن بولسىمۇ، چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئېنىمىز ئىلھامجان ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىغا قېرىنداشلىق مېھرىنى بېرىشكە چاقىرىمىز! شىپانى ياراتقان ئۇلۇغ زات بەرسۇن، بىز تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ۋەقە تۈپەيلى ئوجۇقۇپ كەتكەن ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تىپىرلاپ تۇرغان، ئۈششۈك تەگكەن ياپراقتەك تىترەپ تۇرغان ئاجىز قەلبلەرگە ئاز بولسىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلايلى!
    كېلىڭ بلوگىر دوستۇم ! قولىڭىزنى بىزگە بېرىڭ، بىز بىرلىكتە بۇ ئېنىمىزنىڭ بالدۇرراق شىپا تېپىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى! 10 يۈەن ، 20 يۈەن ، 50 يۈەن، 100 يۈەن ۋە ياكى سەمىمىي تىلەك – ئىلتىجالىرىمىز بىلەن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىنى سىيلايلى ! ئۇيغۇر تور جامەسىگە بلوگىرلار قوشۇنىنىڭ خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيەلەيدىغان، سۈيىدە ئاقالايدىغان قوشۇن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر نۆۋەت ئىزھار ئېتەيلى ! ….

  3. ئەلشىر مۇنداق يازغان:

    ھازىر نۇرغۇنلىغان بالىلار مۇشۇ ئوغلانىمىز ئوقۇۋاتقان ئورۇنغا كىرىش ئۈچۈن تىرشىۋاتىدۇ….. مەنمۇ ھەم سىزمۇ چۇقۇم مۇشۇ بالىنىڭ ئاشۇ ئالىي بىلىم يۇرتىغا ھەم ئىللىق ئائىلىسىگە ساق سالامەت قايتىشى ھەم ئۆزىنىڭ كىيىنلىك تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتىشى ئۈچۈن ھەممىمىز شۇ بىر قېتىملىق ئويۇن تاماشادىن ئۆزىمىزنى تارتىپ، شۇ سورۇندىن ۋە ياكى قاتار چايلاردىن قالغان شۇ پۇلىمىزنى مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلساق… مىنىڭ ۋە سىزنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە دەپ كۆزگە ئىلمىغان نەرسىمىز مانا مۇشۇ بىچارە ئۈچۈن خېلىلا چوڭ ياردەمدە بولىشى تۇرغانلا گەپ …….. كونىلاردا مۇنداق ماقال تەمسىل بارغۇ:“ تاما تاما كۆل بۇلار“ دەپ شۇڭا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئاز بولسىمۇ مۇشۇ قېرىندىشىمىزغا ياردەم قولىنى سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز…..

  4. رىشتە0995 مۇنداق يازغان:

    10 نەچچە يىل ئوقۇتۇپ، ئالىي بىلىم يۇرتىغا يولغا سېلىپ ئازراق ھاردۇقى چىققاندەك بولغاندا، بالىسىنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قىلىشى، ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئېغىر كۆڭۈل ئاغرىقى.
    يۇقىرى داۋالاش ھەققى ئالدىدا بالىسى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ تەسەللى ۋە ياردىمىگە مۇھتاج بۇ ئاتا-ئانىدىن يۈز تۇرانە تەسەللى بېرىپ، ھال سوراپ كىلىشكە ئارلىقىمىز يار بەرمىسىمۇ، لېكىن مەن ئارقىلىق بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولغان ئاتام، سىڭلىم ئۈچەيلەن ئازراق كۆڭلىمىزنى ئەۋەتىشنى توغرا تاپتۇق. دەپتىكەن، ئاز بولسىمۇ ئىنىمىز ئىلھامجاننىڭ داۋالىنىشىغا بولغان ئازراق كۆڭلىمىز…

  5. bohran مۇنداق يازغان:

    ھەي، بىچارە بالا، كىملىكتىكى سۈرىتى بىلەن ھازىرقى بىمار ھالتىگە قاراپ، ئىككىسىنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشمۇ تەسكەن. مەنمۇ بىر نەچچە خىزمەتداشلىرىمنى سەپەرۋەر قىلدىم، ئاز بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈشىدىغان بولدۇق. تورداشلار ئىزدىنىپ باقساق، قانداق قىلساق تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى خەۋەرلەندۈرۈپ كۆپرەك ياردەم قىلالارمىز؟ بايا تېخى مەكتەپلەردىكى پىدائىيلىرىمىزنى سەپەرۋەر قىلايلى دەپ پىلان قىلىپ ئولتۇرۇپ يازلىق تەتىل ئىكەنلىكى تۇيۇقسىز يادىمغا كېلىپ، بۇ پىلانمۇ ئاقمىدى. ياكى ئاۋات بازار-رەستىلەرگە بېرىپ «تىلەپ» باقساق قانداق بولار؟ بۇنداق قىلىش مۇۋاپىق بولسا، شۇ كۈنى ياردەمگە چىقىدىغان پىدائىيلار بارمۇ؟ ئەگەر قىزىل كرېست نامىدىن تونۇشتۇرۇش چىقىرىپ ئوچۇق ئاشكارە ئىئانە توپلاش ئېلىپ بارساقمۇ ھېچقانداق چاتىقى چىقمايدۇ، بۇ ئىشنى مەن بېجىرەي، تورداشلار مۇشۇنداق قىلساق ئەمەلگە ئاشارمۇ؟ پىكىر بېرىڭلار.

  6. ئەبرار مۇنداق يازغان:

    چىرايلىقمۇ بالىكەنتۇق ، يىقىلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن تۇغۇلغان كۈنى بوپتۇ ، تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ خۇشال -خۇرام خاتىرجەم ئۆتكۈزەلمەپتۇ ~
    مۇشۇنداق ساخاۋەت ئىشلىرىغا مەخسۇس بىر تىلفۇن ئۇچۇرى ئارقىلىق پۇل يىغىدىغان ئىشتىن بىرنى قىلغىلى بولماسمۇ؟ كۆپكە كۈچىمىز يەتمىسە ئازنى تىخى يوللىغىلى بولمىسا…دىيارىمىزدا نەچچە مىليون ئۇيغۇر ئەۋلادى بار بولمىسا، بىريۇەندىن بەرسەكمۇ نەچچە مىليون بولۇپ كىتەتتى ….
    اللا ئۆزەڭ شىپالىق بەرگەيسەن ~

  7. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ۋاقىت مىنۇتلاپ – سائەتلەپ ئۆتمەكتە. ئۆتىۋاتقان ۋاقىتنىڭ بىزگە ئوخشاش نورمال كىشىلەر ئۈچۈن ھېچقانداق زور قىممىتى بولمىغان بىلەن، ئېنىمىز ئىلھامجان ئۈچۈن ھەر دەقىقە بەلكىم ھاياتلىق پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. بىز شۇ تاپتا توردا مەلۇم دوستىمىز بىلەن شادىلىق ئىلكىدە پاراڭ سۇقىۋاتقان ۋە ياكى قايسىدۇر ئىتوت – كىنونى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلىۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما ، ئېنىمىز ئىلھامجان كېسەللىك ئازابىدىن ئىڭراپ يېتىۋاتقان بولۇشى، ھەتتا ئىڭراشقىمۇ ئىمكان يوق، كېسەل كارۋىتىدا ئاتا – ئانىسىنىڭ يۈرەك – باغرىنى چۇل – چۇل قىلىپ مۆلدۈرلەپ قاراپ ياتقاندۇ!… جىگەر پارىسىنىڭ بۇ تۇرقى ھالىنى كۆرۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بېغىدىن ئۈزۈلگەن ياپراق كەبىي تىترەۋاتقان ئانا كېسەلخانىنىڭ سوغۇق تېمىغا يۆلىنىپ ، ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقاندۇ ،بەللىرى پۈكۈلگەن ، كۆڭلى ئىزىلگەن ، كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى پىلىلداپ قالغان ئاتا ئىچىگە قانچە قېتىملاپ ئۇھ تارتىپ، ئۇلۇغ تەڭرىدىن ئوغلى ئۈچۈن شىپالىق، ئۆزلىرى ئۈچۈن نىجادلىق تىلەۋاتقاندۇ ؟! …
    بىز بۇ جايدا مەزكۇر ئىلتىجانى ئوقۇغان ھەربىر مۇھەببەتلىك قەلب ئىگىسىگە شۇنى مۇراجەت قىلىمىزكى، بىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقىنى ئەمەلىي ھەرىكەت! بىز جەزمەن ئەڭ تېز پۇرسەتتە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەمەلىي ياردەم قىلىپ، ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن دەرھال ئىلھامجاننىڭ قولىغا يەتكۈزىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى چاغلىق ھېسابلانغان ئەشۇ 50 سوم ، 100 سوم ھازىرقى ئىلھامجان ئۈچۈن تومۇزدا چۆلگە ياغقان يامغۇر تامچىسىدەك قىممەتلىك!
    مەلۇم ئەھمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز يۈكسەل بلوگىدا ئېنىمىز ئىلھامجانغا ياردەم قۇلىنى سۇنغان دىلكەشلەرنىڭ نام شەرىپى ۋە ياردەم سوممىسىنى ئېلان قىلىشنى توغرا تاپتۇق. تۆۋەندە ئۆزەمدىن باشلايمەن.
    قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلھامجانغا قىلغان ياردەم سوممىسىنى ئۆز نامى بىلەن قوشۇپ مەزكۇر تېمىدا ئىنكاس شەكلىدە ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مۇنداق بولغاندا، بىز بارلىق ياردەم سوممىسىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز ۋە دوختۇرخانا ، مەكتەپ قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئىلھامجاننى داۋاملىق داۋالاش ھەققىدە سۆزلىشەلەيمىز. تورداشلارنىڭ بۇ ئىشقا سەل قارىماسلىقىنى ، ھەرگىزمۇ قىلغان ياردىمىمىزنى ئاشكارىلىغۇمىز يوق ، دېمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەقىقىي نام شەرىفىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغانلار تور نامىنى ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ.
    ئاخىرىدا، ئۇيغۇر بلوگگىر دوستلارنىڭ بۇ ئىشتا باشلامچى بولۇپ بېرىشىنى يۈكسەل بلوگ نامىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن!
    ئىلھامجانغا قېرىنداشلىق قولىنى سۇنغۇچىلار :

    ئىسمى : ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل
    ياردەم سوممىسى : 100 يۈەن
    پۇل يوللانغان ۋاقىت 30 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن.

  8. كۆكيال مۇنداق يازغان:

    مەن كۆكيال بلوگى نامىدىن 100 يۈئەن ، ئاتۇق گەپ ئىشەككە يۈك دەپتىكەن ، گەپ ساتماي ھە .

  9. بىرزات مۇنداق يازغان:

    مەن خۇدا خالىسا ئەتە 300 يۈئەن يوللاپ بىرەي! ئاللاھ شىپالىق بىرىپ تېزراق ساقىيىپ كېتىشكە نېسىپ ئەتكەي! يەنە قىلالايدىغان ئىشىم بۇ تېمىنى 80خالتا بلوگىمدا ئىلان قىلىپ يوللاپ قوياي! پۇل خەجلەيدىغان جاي ئىزدەۋاتقانلاردىن بىر-ئىككىسى بولسىمۇ كۆرۈپ قويار!

  10. بىرزات مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجان ئەلى نامىدىكى كارتىغا 300 يۈئەن جۆنىتىلدى.

  11. uyghurbeg مۇنداق يازغان:

    خۇدا ھەممىمىزنى پاناھىدا ساقلىسۇن،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى نامىدىن قېرىندىشىمىزنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلغاچ ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈمنى ئاتىدىم…

  12. بوھران مۇنداق يازغان:

    قىزىل كرېستتىكى ياسىن ئابدۇللا ۋە ئاينۇر قادىر نامىدىن 1-ئاۋغۇست سەھەردە 200 يۈەن يوللاندى.

  13. بىرسى مۇنداق يازغان:

    يوۋ، قىزىل كىرزىست دەپ 200 سوم دەيلى ، بولدىلا ، مەنمۇ كارتىسغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قولۇمنى سۇندۇم،

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      قېرىنداش، بۇ جايدا قىزىل كىرسىت جەمئىيتى نامىدىن ئىئانە قىلىۋاتقان ئىش يوق. بەلكى ، شۇ جەمئىيەتتە ئىشلەيدىغان 2 قېرىندىشىمىز 200 سوم ياردەم قىلدى ، دېگەن سۆز. بولسا ئۇيغۇرچە گەپنى بولسىمۇ چۈشىنىپ ئوقۇيلى ! خالىسانە كۆڭۈل دېگەن ئاز – كۆپ دەپ ئۆلچەنمەيدۇ …

  14. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    كىسەل كارۋىتىدا قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان قېرىندىشىمىز ئىلھامجانغا ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممىگە شىپالىق ئاتا قىلغۇچى!

    (يەتتەقىزلىرىم خانىم-قىزلار تورى)ۋە(جۇلالىق بلوگى) نامىدىن 50يۈەن نى بۈگۈن كەچكىچە ئىلھامجاننىڭ كارتىسىغا سېلىۋېتىمەن.

  15. 王亮军 مۇنداق يازغان:

    ئ我是一名汉族朋友。。我是上维族学校湖大保佑伊利哈姆江。。我代表我的几个汉族朋友给他帮忙

  16. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    كەمىنە رادىئو ھەۋەسكارى ئاز بولسىمۇ 50 يۇەن سېلىۋەتمەكچى ، ئاللاھ خالىسا بۇگۇن كەچكىچە يېتىپ بارغۇسى .
    بىز سوتسىيالىستىك تۇزۇمدە ياشاۋىتىپ داۋالاش ھەققىدىن غەم قىلىمىز ، لىكىن ئشچىلارنى سىنىپىنى ئېزىدىغان كاپىتالىستىك دۆلەت ئامىرىكىدا خەق چىش ئاغرىقىدىن باشىقىنى ھۆكۇمەت ھىسابىغا داۋالىنىپ يۇرۇۋاتىدۇ .
    بوپتۇلا ، يەنە سۆزلىسەم گەپ تولا . چىدايلى ، سوغۇققان بولايلى .

  17. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى توردا بار بولسىڭىز مېنىڭ بۇ ئىنكاسىمغا جاۋاب قايتۇرىسىڭىز.
    ئىلھامجاننىڭ كارتىسىغا پۇلنى يۇتكىيەلمەيۋاتىمەن. كارتا نومۇرى خاتا توغرا كىرگۈز دەپ تۇرىۋېلىۋاتىدۇ.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      كارتا نومۇرىدا خاتالىق يوق. تۈنۈگۈندىن بېرى باشىقلار نورمال پۇل ئۇرىۋاتىدۇ. بەلكىم ،سىز ئىسم – تەگئات ئوتتۇرىسىدىكى چېكىتنى توغرا قىلالمايۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. چىكىتنى توغرىلاپ سىناپ بېقىڭ!

  18. كۆكيال مۇنداق يازغان:

    پۇلنى ئەتىگەن سائەت 10 غا يېقىن ئاران سالالىدىم بۇرادەر.

  19. شاھرۇھ مۇنداق يازغان:

    مىنىڭمۇ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى ،شۇنداق كىلىشكەن بالىكەندۇق ،كۆز
    كۆز تەككەندەك ئىش بوپتۇ … تورداشلار ،بەلكىم سىلەر جەمىيەتتە بۇنداق ئادەملەر كۆپقۇ ،قانچىسىگە ياردەم قىلىپ بولىمەن دەپ بۇ تىمىنى ئاتلاپلا ئۆتۈپ كىتىشڭلا مۇمكىن ،لىكىن مۇشۇ بالا سىلەرنىڭ ئۇكاڭلار ياكى ئۆزۈڭلار بوپ قالساڭلا قانداق
    قىلاتتىڭلار ؟
    ئەنە ئۈستىدە 王亮军 ئىسىملىك خەنزۇ توردىشىمىزمۇ ، مىللىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىماي، ئىلامجانغا ياردەم قولىنى سۇنماقچى بوپتۇ. مانا بۇ ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ چىگىرىسىنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ … خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىز كۈچەۋاتقان يەردە، بىز بىر مىللەت قېرىنداشلىرى گۈشىيىپ تۇرساق سەت ئەمەسمۇ ؟! …
    شۇڭا بىر قاپ تاماكاڭلارنىڭ پۇلى ياكى بىر ھەپتىلىك تورغا چىققان پۇلۇڭلاردىن كىچىپ مۇشۇ قېرىندىشىمىزغا ئاتىغىنمىزنى بىرەيلى ،پۇلنىڭ ئاز كۆپلىكى بىر گەپ ، مۇھىمى قېرىنداشلىق مىھرى ، تاما تاما كۆل بۇلىدۇ ، سىز بىرىسىز ، مەن بېرىمەن ، مىڭلىغان مىھرى ئاتەش كىشىلەرنىڭ شاپائىتىدە بۇ قېرىندىشىمىز چوقۇم ساقىيىپ كىتىدۇ …..
    مەنمۇ ئاز بولسىمۇ 50سوم ئاتىدىم ،،،خۇدا كىسىلىگە شىپا بىرەر

  20. ياشلىق مۇنداق يازغان:

    بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بۇلۇپ قالغۇسى~!
    مەن 50يۈەن ئاتىدىم!~

  21. سەھراگۈلى مۇنداق يازغان:

    بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك پەرىشان بولدى. ھەجەبمۇ چىرايلىق بالىكەنتۇق. گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلارنى قەلبىگە پۈكۈپ ، ئاتا – ئانا ، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئالىي مەكتەپكە ئەمدىلا بېرىپ، ھايات مۇساپىسىنىڭ يېرىمىنىمۇ باسماي تۇرۇپ بۇ قىسمەتكە دۇچار بوپتۇ . ئاتا – ئانىسىنىڭ يۈرۈكى پارە – پارە بولۇپ كەتكەندۇ …
    خۇدايىم ھەممىزنى بالا – قازادىن ساقىلىغايسەن، بۇ كۈنلەرنى بىزگە ھەرگىز كۆرسەتمىگەيسەن !
    مەن چوقۇم ياردەم قلىمەن. گەرچە مىڭلاپ قىلالمىساممۇ، بىرەر 100 يۈەن بېرشىكە قۇربۇم يېتىدۇ.
    كۆپچىلىك قاراپ تۇرماڭلار ، باغرى تاشلىق قىلماڭلار !
    تاما – تاما كۆل تولار ، دەپتىكەن. ھەربىرمىز ئاز- ئازدىن چىقارساقمۇ بىر ئامال بولاپ قالىدۇ…

  22. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    شاھ ئۇيغۇر بىلوگى نامىدىن بۇ دوستىمىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن، ئاز بولسىمۇ بۇ دوستىمىزغا ياردەمدە بولالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ تېمىنى مەنمۇ بىلوگومدا ئېلان قىلىپ قوياي، تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ بۇ دوستىمىزغا ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  23. ئەلسۆيەر مۇنداق يازغان:

    ئاللاھ ئىلھانجاننى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ،سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن ،بارلىق تورداشلارنىڭ سەمىمى قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن .مەنمۇ خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئۆز كۆڭلىمىزنى بۈگۈن يەتكۈزمەكچى .

  24. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجان ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇر :
    ئىلھامجان ئېنىمىزگە ياردەم قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىجا – مۇراجەتنامىلەر ھەرقايسى چوڭ – كىچىك ئۇيغۇر تورلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ 5 كۈندىن بۇيان ، ئىلھامجان نامىدىكى كارتىغا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن جەمئىي 5700 يۈەن پۇل ئۇرۇلغان.
    نۆۋەتتە ئىلھامجاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن. كۆمۈركان دوختۇرخانىسىدىكى مەسئۇل دوختۇرلار ئىلھامجاننىڭ سەللىمازا ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بەلكىم 6 ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، دەپ بىلدۈرگەن. تۈنۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز بويىچە ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى بالىنى باشقا چوڭ دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋالاش كويىغا چۈشمەكتە. بۈگۈن جۇڭگوچە تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىغا بارغان بولسىمۇ، ياتاققا ئالدۇرۇش مۇمكىن بولمىغان، ئەتە خەلق دوختۇرخانىسى ۋە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئالاقىلاشماقچى بولىۋاتىدۇ.
    گەرچە توردىكى ئىلتىجالىرىمىزنىڭ مەلۇم ئۈنۈمى كۆرۈلگەن (ھازىرغىچە 5700 يۈەن يىغىلغان) بولسىمۇ، ئىلھامجاننىڭ نۆۋەتتىكى داۋالىنىش ئەھۋالى ئۈچۈن بۇنچىلىك ئىقتىسادنىڭ تولىمۇ ئازلىقى ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە كۆپچىلىك ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلماقتا. ھەممەيلەن بىردەك، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىلھامجانغا قېرىنداشلىق قولىنى سۇنۇشىغا ئىنتىزار بولماقتا …

  25. 相思雨 مۇنداق يازغان:

    م我是一名农大2006年毕业的学子,因为我是民考汉,做一不好意思,只能用汉字来表达我的真心话,刚才看了这段文字和视频,我的心里真的很不是滋味,我坐在办公室里哭了,对于我的校友和师弟深感同情,看了身份证的照片,真的无法和现在的他联系在一起。我相信胡大一定会保佑这个帅气的小伙子的,为了表示我的诚意,我也一定会给予一定得帮助的,我们不能眼睁睁的看着一个青春散发的生命被病魔所毁灭。依拉木江我们会帮助你的!你一定要坚强!

  26. يىلتىز سۈيەر مۇنداق يازغان:

    بىزغو ئاز-تولا ياردەم قىلامىز،لىكىن قانچە ياردەم قىلساقمۇ………..
    مىنڭچە قىرىندىشىمز قانۇندىن مەسلھەت بىرىش ئورنىدىن مەسلھەت سوراپ باقسا بوپتىكەن . مەكتەپ نىمەئۈچۈن سۇخانىنىڭ ئاستىنى سىرىلىپ كىتىشكە قارشى قىلىپ ياسىمايدۇ،ئۇنڭ ئۈستىگە «سىرىلىپ كىتشتىن ئھتىيات قىلىڭ»دەپ ئاگاڭلاندۇرۇش بارمۇ يوق؟ بۇ ۋەقەنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئلھامجانغا ئارتىش مىنڭچە مەنتىقگە ئۇيغۇن ئەمەس.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئادەتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەكتەپ تەرىپىدىن تەشكىللىك ھالدا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئەمما، داۋالىنىش پۇلى قائىدە بويىچە ئاۋۋال داۋالىنىپ ئاندىن ئاتچوت قىلىنسا كېرەك. لېكىن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھامىيىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدە بولىۋاتقان تۇيۇقسىز ھادىسىلەرگە مەسئۇل بولۇشى ۋە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
      ئەمما، بىز ھازىرغىچە ئىگىلىگەن ئەھۋالدا، ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى مەكتەپ تەرەپ بىلەن تېخى بۇ ھەقتە تۈزۈكرەك پىكىرلەشمىگەن. چۈنكى، ئىلھامجاننىڭ ئەھۋالى جىددىي ۋە ئېغىر بولغاچقا، ئاتا – ئانىلارنىڭ پۈتۈن ئىسىيادى بالىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش بىلەن بولغان . مەكتەپمۇ ھازىر تەتىل مەزگىلىدە تۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ مەسئۇللىرى تۈرلۈك ئىشلار بىلەن سىرتتا بولغانلىقىدىنمۇ بۇ ئەھۋاللارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەن ياكى كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك بولمىغان…
      ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى تۈنۈگۈن بىزگە، ئاۋۋال بالىنى خەلق دوختۇرخانىسى ياكى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسىدەك چوڭ دوختۇرخانىلارغا يۆتكىۋېلىپ، ئاندىن مەكتەپ تەشكىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلىشىدىغانلىقىنى ، ئىلھامجان مەكتەپكە كىرگەندە قاتناشتۇرۇلغان سۇغۇرتا تالونلىرىنى تەييار قىلىپ قويغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنداقلا مەكتەپ تەشكىلىنىڭ ئوغلىنىڭ داۋالىنىش ئىشىغا چوقۇم غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قايتا- قايتا قەيت قىلدى.

  27. يۇلتۇز مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجان ئۇماق ئۇكام ، خۇدايىم شىپالىق بىرەر سىزگە ، مىنىڭمۇ ئىنىم ،ئوغۇلۇم بار ، ھازىر ئۆزۈمنى پەقەتلا باسالمايۋاتىمەن ، ساقام ! غۇلجىلىق ھەدىڭىز مەن ئاز بولسۇمۇ 100 يۇەن سالاي ، ئاتا – ئانىڭىزنىڭ بىر ۋاق تامىقىنى بولسىمۇ كۆتۇرەر دەيمەن . ئاللا شىپالىق بىرەر !

  28. يۇلتۇز مۇنداق يازغان:

    مەن يەنە خەت يىزۋاتىمەن ، چۈنكى بايا ئىشخانىدە ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا بەك يىغلاپ كىتىپتىمەن ، مەنمۇ يىزا ئىگىلىك ئونۋىرستىتىنى 99- يىلى پۇتتۇرگەن ، مەن بارلىق ماڭا ئوخشاش مۇشۇ مەكتەپتە ئوقىغان كىشىلەرنىڭ ئىلھامجانغا ياردەم قولىنى سۇنىشىنى سەمىمي ئۈمىد قىلىمەن ! خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە بانكىغا بارىمەن ، سىلەرنىڭ ئىلھامجاننىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بىزگە ئۇقتۇرۇپ تۇرۇشىڭلارنى سورايمەن !

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      يۇلتۇز ھەدىمىزگە ئوخشاش مېھرى ئاتاش ساخاۋەت ئىگىلىرىگە ئېنىمىز ئىلھامجان ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ۋاكالىتە چەكسىز رەھمەت ئېيتىمىز! بىز ئىلھامجان ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىمىز ۋە مەزكۇر پائالىيەتنى تاكى ئىلھامجان ساقىيىپ چىققۇچە (ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن!) داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.

      يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن،
      يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن.

      يوقسۇزلۇقتا ئوتى ئۆچكەن يالغۇزنىڭ،
      ئوچىغىنى پۈۋلىگەنلەر ياشىسۇن.

  29. پەرھات مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بۇ مۇراجەتنامىنى تور بېتىمگە يۆتكەپ قويدۇم، تاما تاما كۆل بۇلار دەپتىكەن كونىلار
    ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ دوستىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بېرەر

  30. تاش يۈرەك مۇنداق يازغان:

    مەن ئوزۈمنى تاش يۈرەك دەپ يۈرۇپتىمە ن بۇگۈن ناخشا چۈشۈرەي دەپ قارسام ئىنىم ئىلھامجانىنىڭ قىسمىتى مىېنى بىر قىسملا قىلىپ كۆز يېشمنى توختىتالمىدىم .چۈنكى مېنىڭمۇ بىر ئىنىم شۇ مەكتەپنىڭ مەھسۇلى ئىدى .ئىشخانىدا ھېلىمۇ يالغۇز ئىكەنمەن ،ئۆزۈمنى پەقەتلا باسالمىدىم . كىملىكتىكى رەسمى بىلەن ھازىرقى ھالىتى مېنى ئېزۋەتتى .ئەي ئەزىز قېرىنداشلىرىم مەن سىلەردىن راسلا خوش بولدۇم .ئۆزۈمنىڭ نامىدىن ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈمنى ئىزھار ئەتەي

  31. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجان ھەققىدە 3 پارچە ئۇچۇر:
    1. ئىلھامجاننىڭ ئانىسىنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئەتتىگەن ئىلھامجاننىڭ ئىنىستىتۇت سېكىرتارى ‹‹ تۇردى شۇجى ›› دېگەن كىشى بالنىتسىغا كېلىپ، ئىلھامجان ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن ئالاھىدە ئەھۋال سورىغان. بۇ جەرياندا توردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقاتتىن خەۋەر تاپقانلىقى ، تېخى بايىلا توردىكى مۇراجەتنامىنى ئوقۇپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ۋە توردىكى خەيرى ساخاۋەت ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى، ئىلھامجان ئائىلىسىنىڭ مەكتەپتىن قانداق تەلەپ – پىكرى بارلىقىنى سورىغان. ئاخىردا، ئىلھامجان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر قانچە كۈن سەبرى قىلىپ تۇرۇشىنى، مەكتەپنىڭ بۇ ھەقتە يىغىن ئېچىپ قارار چىقىرىدىغانلىقىنى، مەكتەپنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىسىغا چوقۇم كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    2. مەزكۇر مۇراجەتنامە توردا ئېلان قىلىنىپ بۈگۈنگىچە، ئىلھامجان نامىدىكى كارتىغا ئۇرۇلغان ۋە بىۋاسىتە ئاتا – ئانىسىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەن پۇل جەمئىي 20 مىڭ يۈەن بولغان. ئىلھامجاننىڭ ئانىسى جەمئىيىتىمىزدىكى مېھرى – مۇھەببەتلىك كىشىلەرگە قايتا – قايتىلاپ رەھمەت ئېيتتى ۋە تەسىرلىك ياشلىرىنى تۆكتى. ھازىر ئىلھامجانغا كۈنىگە 1000 يۈەن ئەتراپىدا داۋالىنىش خىراجىتى سەرپ بولىۋېتىپتۇ.
    3.ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى ئىلھامجاننى چوڭراق دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋالاش ھەققىدە خېلى تىپىرلىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگۇچە تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرگە بالىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى كۆرسەتكەن ۋە يۆتكەپ داۋالاش ھەققىدە مەسلىھەت ئالغان. نەتىجىدە، ھەر ئىككى دوختۇرخانا ئىلھامجاننىڭ گەرچە ھازىرىغچە ھۇشىغا كەلمىگەن بولسىمۇ، مېڭىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ، چوڭ زەخىملىنىشنىڭ يوقلۇقىنى ، ھوشىغا كېلىش ۋە ساقىيىشىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، پەرۋىش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە يۆتكەپ داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق ، دەپ مەسلىھەت بەرگەن.

  32. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    تورداشلارغا جىددىي ئاگاھنامە:
    بىرقانچە نەق ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىلھامجاننىڭ ئانىسىغا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ياش قۇرامى 20 ياش ئەتراپىدا بولغان بىر ئادەم (گاچا ياكى گاچا سىياقىغا كىرىۋالغان) ئىلھامجاننىڭ توردا ئېلان قىلىنغان سۈرىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇراجەتنامىنى چوڭايتىپ بېسىپ چىقىرىپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان كەچلىك بازاردا ۋە بەزى مەسچىت ، رېستۇرانلاردا، ‹‹ ئىلھامجاننىڭ تۇغقىنى ›› نامىدا ئىئانە يىغىقان. بۇ ئىش ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغاندەك بەك ئېغىر ئەلەم بولغان. بىزمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق چۈچىدۇق ۋە بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇق. بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئىنسابى ۋە ئادىمىيىلكىگە چوڭقۇر قايغۇردۇق.
    بىز بۇ يەردە كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 2006 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىلھامجان ئەلى ھەققىدىكى بۇ قېتىملىق خەيرى – ساخاۋەت ئىئانە توپلاش پائالىيىتى پەقەت ۋە پەقەت تور ئارقىلىقلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھېچقانداق بىر كىشى ئىلھامجان ھەققىدىكى سۈرەتلىك مۇراجەتنامىنى بېسىپ چىقىرىپ كوچا – كويلاردا، مەسچىت ، رېستۇرانلاردا ‹‹ ئىئانە توپلاش ›› پائالىيىتى تەشكىللمىدى. ئىلھامجاننىڭمۇ ھېچقانداق بىر ئۇرۇق – تۇغقىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىدى. ئىئانە قوبۇل قىلىش شەكلى پەقەت ۋە پەقەت 2 خىل : بىرى بىۋاسىتە دوختۇرخانىغا يوقلاپ بېرىپ، ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش. يەنە بىرى، بىۋاسىتە ئىلھامجان نامىدىكى سودا – سانائەت كارتىسىغا پۇل يوللاش. باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىئائە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەنمىدى. كۆپچىلىك ۋاقىپ بولغاي ۋە غەيرىي نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىلھامجاننىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ كوچا – كويلاردا ئىئانە يىغىۋاتقانلىقىدەك ئىشلاردىن ھەر زامان ئاگاھ بولغاي !
    ئەگەر يەنە مۇشۇنداق ‹‹ ئىلھامجان نامىنى ›› سۈيئىستېمال قىلغۇچىلارنى بايقىغۇچى تورداشلار بولسا (ئەتە جۈمە بولغانلىقى سەۋەبلىك بەلكىم چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا بۇ ئىشنى تەكرار سادىر بولامدىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز …) دەرھال نەق مەيداننى ئاپپارات ياكى يانفۇن ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىۋېلىپ بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى بۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا دىلو مەلۇم قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز!

    • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

      ۋۇ ۋىجدانىنى قۇرت يەپكەتكەن مۇناپىقلار،بىرى ئۇ يەردە جان تالىشىپ ياتىدۇ،بىرى بۇ يەردە…

      • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

        بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ ئېغىر ئاقىۋىتى شۇكى، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان مۇھەببەتلىك قەلبلەرنى شۈبىھىيلەندۈرۈپ، ياردەمگە ئىھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ دەل ۋاقتىدا ياردەمگە ئېرىشىشىگە زور توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچنى ۋەيران قىلىپ، ئۇمۇميۈزلۈك گۇمان بىلەن قاراشنى، بۇ خىل خەيرى – ساخاۋەتلىك پائالىيەتلەرگە سوغۇق پوزىتسىيىدە بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. بەلكىم زەنجىرسىمان تەسىرى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن …
        بۇ ئىشنى ئاڭلاپ تا ھازرىغىچە ئۆز قۇلىقىمىغا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن !

    • تەدبىركار مۇنداق يازغان:

      ئاللا ما ئىشنى…

  33. جەلىپكار مۇنداق يازغان:

    توۋا،نىمە ئىشلار بولۇپ كىتىۋاتىدۇ بۇ جاھاندا…

  34. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    ئادەمدە ئىنساپ بولمىسا، ۋىجدان بولمىسا ھايۋاندىن پەرقى يوق-دە….

  35. قارلىغاچ مۇنداق يازغان:

    جوڭگو بانكىسىدىن پۇل يوتكەي دىسەم بولمىدى ، بۇ كارتىنى ئۈرۈمچىنىڭ قايسى تارماق سودا – سانائەت بانكىسىدا بىجىرگەن بولغىدى ؟
    ئاللا ئۇكىمىزنىڭ كىسىلىگە شىپالىق بەرگەي

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئىلھامجان ئېنىمىز ھوشىسىز ھالەتتە ، ئاتا – ئانىسى بۇ كارتىنىڭ قايسى ئورۇندىكى سودا – سانائەت بانكىسىدا بېجىرلگەنلىكىنى بىلىمگەنلىكى سەۋەبلىك، بىزمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالدۇق.
      ئەمما ، تورداشلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن ئەتراپتىكى تارماق سودا – سانائەت بانكىسىنى تاللاپ پۇل يوللاۋېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پەقەت ئىسىم ۋە كارتا نومۇرى توغرا بولسىلا ، تارماق بانكىنىڭ ئورنىغا بولغان تەلەپ قاتتىق ئەمەس. يەنى ، سىز ئۈرۈمچىدىكى خالىغان بىر تارماق بانكىنى تاللاپ پۇل يوللاۋەرسىڭىز، پۇل قارشى تەرەپكە سالامەت يېتىپ بېرىۋىرىدۇ.

  36. salkin11 مۇنداق يازغان:

    شۇنداقمۇ ناباپ كىشىللىرىمىز باركىن ، خۇددى تىرىك پېتى گۆرىگە تىقىپلا ۋەتكۈدەك … بىزدە ئارنۇمۇس ياكى پەدىشەپ سەل ئاز بولۇنۇپ قالدى … غۇرۇردىن گەپ ئېچىش مۇمكىن ئەمەس … خۇددى ئۇنىڭغا قۇرساق تۇيامدۇ _ ، دەيدىغان ھايۋانغا ئوخشاش ياشاشنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلىدىغان مۇناپىق ئىنسانلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە بار … ئۇيغۇرلار ئۇنداق بولسا بولمايدۇ … بىزدىكى ئىنساپ نەگە كەتتى … دىيانەت نەگە كەتتى … مېھىر – مۇھەببەت نەگە كەتتى … پەقەت ۋە پەقەتلا يوقاپلا كېتىۋاتىدىغۇ … ئېسىت … بولسا ئەزىز قېرىنداشلار قېرىندىشىمىز ئىلھامجان ئېلىغا يارىدەم قولىمىزنى بىرلىكتە سۇنۇپ قويساق ، ئاللاھ بىرگە مىڭنى بىرەر … ئائىلىمىزگە بەركەت بەرسە ئەجەپ ئەمەس … تاما – تاما كۆل تۇلا دەيدىغان ھېكىمەتلىرىمىز بار … قېنى دوسىتلار …

  37. قارلىغاچ مۇنداق يازغان:

    يۇكسەل ئەپەندى سىزگە رەخمەت ،،،، مەن ھازىرلا سىناپ باقاي ،،،،،،،پەقەت بولمىسا بانكىغا بارارمەن ،،،،رۇخسەت سوراش قۇلايسىز بولغاچقا توردا يوللاي دېگەن ،،،
    سىزنىڭ ئۇكىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۇرۇپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن …
    ئاللا شۇ بالىغا ئاسانلىق بەرسۇن …..

  38. قارلىغاچ مۇنداق يازغان:

    جوڭگو بانكىسىدىن سودا – سانائەت بانكىسىغا تۇردىن يۇتكەش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى ،،،، بىجىرگەن بانكىنى دوسلوق بانكىسىنى تاللىسىمۇ بولىدىكەن ،،،،،،،،، ئاز بولسىمۇ ئازراق سەدىقە بەردىم ،،،، ئامال بار داۋاملىق ياردەم قىلىمەن ……
    دۇسلار ئۇلۇغ رۇزا كىردىپ كەلدى ،، مۇشۇ پۇرسەتنى تۇتۇپ كوپرەك ساۋاپلىق ئىش قىلىشنى ئويلىغانلار مۇشۇنداق چاغدا قىلىسا بەك ساۋاب بولىدۇ ….ئوشرە–زاكات ،،،سەدىقەلەرنى مۇشۇ ئائىلىگە سۇنايلى ،،،
    بىرسى ئاللادىن ئاسانلىق ،،،كىسەلگە شىپالىق بىرىشنى تىلەيلمىز ،، ئىقتىسادى ياردەمنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى ……………….

  39. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجان ئەلى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر :
    ئېنىمىز ئىلھامجاننىڭ ئانىسىنىڭ بۈگۈن بىزگە بىلدۈرشىچە، ئىلھامجاننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا سەللىمازا ياخشىلىنىش بار ئىكەن. گەپ سۆزلەرنى ، ئاغرىقنى ھېس قىلىدىغان بولغان. ئەمما ، يەنىلا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئىمكانسىز ھالەتتە ئىكەن. ئاغرىق ئازابىنىڭ ئېغىرلىقىدىن كۆپرەك ئېچىنىشلىق ئاۋازدا يىغلايدىكەن. پۇت – قوللىرىنى يېنىك ئۇۋۋۇلاپ بەرگەندە، نالە – پەريادى سەل – پەل يېنىكلەيدىكەن.
    مەكتەپ تەرەپتىن يەنىلا يېڭى خەۋەر يوق. تۇردى شۇجى بەلكىن ئەتىلەردىن جاۋاب بېرىشى مۇمكىن ئوخشايدۇ.
    تۈنۈگۈن ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان 35 ياشلار ئەتراپىدىكى خەنزۇ يولداش 300 يۈەن پۇل بىلەن ئىلھامجاننى يوقلىغان ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىغا كۆپ تەسەللىي بېرىپ قايتقان، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى توردىن كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان ( بىز يۈكسەل بلوگدا ئىنكاس قالدۇرغان 王亮军 ئىسىملىك خەنزۇ تورداش شۇ بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلدۇق ). بۇنىڭدىن باشقا، ئىقتىسادىي ياردەم ئەھۋالىدا يېڭى ئەھۋال يوق ئىكەن.
    شۇ تاپتا يەنە 2 كۈندىن كېيىن مۇسۇلمان كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن چەكسىز رەھمەت ۋە مەرھەممەت قىلىپ بېرىلگەن ئۇلۇغ رامىزان ئېيى يېتىپ كېلىدۇ. رامىزان ئېيى ئۆزىنىڭ پەزىلىتى بىلەن بارچە ئايلاردىن ئۈستۈن بولۇپ، مانا مۇشۇ ئايدا قىلىنغان گوياكى باھاردا تۇپراققا كۆمۈلگەن بۇغداي ئۇرقى كۈزدە باشاقلاپ – باشاقلاپ كۆكلىگىنىدەك، ھەر باشاقتا نەچچە يۈز تال دان بولغىنىدەك، 1 ياخشىلىققا ئاللاھ 100 لەپ ھەتتا 1000 لاپ ياخشىلىقنى نىسىپ قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ تالىشىپ تۇرۇپ ياخشىلىق قىلىدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەيرى – ئىھسان قىلىدىغان، ئاجىز ، غېرىب – غۇرىۋالارنى يۆلەيدىغان خاسىيەتلىك ئاي. بۇ ئاي باغرى تۆمۈردىن پۈتكەن كىشىلەرمۇ شامدەك ئېرىيدىغان ئاي ، بېخىللارمۇ خەيرى – ئىھسان قىلىدىغان شاراپەتلىك ئاي…
    مانا يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى رامىزان ئېيىدا بىز ئۈچۈن ياخشىلىق قىلىدىغان ، خەيرى – ئېھسان قىلىدىغان ئىلھامجان ئەلى ئائىلىسىدىن ياخشىراق لايىق ئائىلە تېپىلماسلىقى مۇمكىن. ياردەمگە، مېھرى -مۇھەببەت، يۆلەشكە ئىلھامجان ئەلى ئائىلىسىدىنمۇ زارراق يەنە بىر ئائىلە بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، بىز شۇنى چاقرىق قىلىمىزكى، تورداشلار ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى، پەزىلى – خاسىيىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، يىللىق ئاتىغان ئۆشرە – زاكات، سەدىقە – ساخاۋەتلىرىمىزنى ئۇشبۇ ئىلھامجان ئېنىمىزگە قىلايلى! بىزنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى – مۇھەببىتىمىز، ئەزگۈ تىلەكلىرىمىز بەركاتىدا، مېھرىبان ئاللاھ دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىپ، ئېنىمىز ئىلھامجاننى شىپا تاپقۇزۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس … !

  40. قارلىغاچ مۇنداق يازغان:

    ناھايىتى ياخشى ،،، يۇقۇرىدىكى چاقرىق يىزىۋاتقان قوللىرىڭىزغا ……دەرت بەرمىسۇن ، ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۇرۇپ تۇرغۇنىڭىزغا رەخمەت

  41. گەردە مۇنداق يازغان:

    مەن سەل قۇلاققا تېتىمايدىغان گەپ قىلاي مەكتەپ تەرېپ نېمەدەيدۇ بالىنىڭ تاپشۇرغان سۇغۇرتىسىچۇ مەكتەپ سۇغۇرتىسى 90%نى كۆتۇردىغان تۇرسا

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      بۇ ھەقتە يۈكسەل ئەپەندى 3-ئاۋغۇستتىكى ئىنكاستا چۈشەنچە بېرىپ بولغان، يەنى ئىشنىڭ بېشىدا ئىلھامجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنىڭ داۋالىنىشىنى بىرىنچى ئورۇنغاقويۇپ مەكتەپ بىلەن رەسىمى يوسۇندا بۇ ھەقتە پاراڭلاشمىغان، ھازىر بولسا تەتىل مەزگىلى بولغاچقا مەكتەپ ۋە ئىنسىتىتۇتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىنى تېپىش تەس بولغان، 5-ئاۋغۇستتىكى ئىنكاستا ئىلھامجاننىڭ ئىنىستىتۇت سېكىرتارى دوختۇرخانىغا كېلىپ ئىلھامجاننى يوقلىغان ۋە مەكتەپ تەرەپنىڭ بۇ ئىشتا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا ھەر قاچان دىققەتتىمىز ھەم بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تورداشلارغا يەتكۈزۈپ تۇرىمىز.
      مېنىڭ شەخسەن شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى دوستۇمدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ خىل ئەھۋالدا مەكتەپ پەقەت كۆپ بولغاندا ئالدىن 10-20 مىڭ يۈەن برىپ تۇرىدىكەن، بىمار داۋالىنىپ چىققاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك چىقىملىرى ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەر بويىچە سىتراخۇانىيە شىركىتى تەرىپىدىن ئاتچوت قىلىنىدىكەن……………

  42. قارلىغاچ مۇنداق يازغان:

    بۇنداق ئالاھىدە كىسەللەرگە ئالاھىدە تەدبىر قۇللىنىش كېرەكتە ،،،،، ساقىيىپ چىقىپ ئاندىن ئاتچوت قىلىپ بىرىش بۇ مۇۋاپىق ئەمەس ……..ئادەتتە ئىدارە – ئورگانلاردىمۇ ئالاھىدە كىسەللەرگە 2ئايدا ياكى ئالدىن بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ ،،،، بولمىسا بۇنچىلىك كوپ پۇلنى نەدىن تاپىدۇ ،،،،،،كىسەل ساقايغاندىن كېيىن پۇلنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسا نىمە ئەھمىيتى ……چوقۇم نەچچە ئايدا بىر ئاتچۇت قىلىش سىياسىتى بار ….شۇغىنىسى مەكتەپ ھازىر تەتىل بولۇپ كەتتى ……ئەسلى مەكتەپ رەھبەرلىرى كوڭول بولۇش كېرەكتە ،،، ئۇكىمىز ئوقىۋاتقان چاغدا يىېقىلىپ چۈشكەن ……… ئاتا- ئانا ئۇ ئىشلارنى ئويلىمىغان تەقدىردىمۇ سىنىپ مەسئولى بالىنىڭ ئەھۋالىنى كورگەندىن كېيىن يول كورسىتىش كېرەكتە …..سىنىپ مەسئولى ئوزى يولىنى قىلىپ بەرسە بولىدىغۇ؟….سىنىنپ مەسئولى ھەقىقەتەن مەسئوليەتسىزكەن ……تەتىل بولۇپ كەتتۇق دەپ ……بۇ دېگەن بانا بۇلالمايدۇ …..‹تىخى قاراپ تۇرمايمىز دەپتۇ ،،،،،بولسا تىزراق ئامالىنى قىلىسۇن ،،،،›

  43. 单身老狼 مۇنداق يازغان:

    بۇ ئىشنى چۇقۇم مەكتەپ ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك .
    چۇنكى بۇئىش مەكتەپ ئىچىدە بۇلغان .مەكتەپ بىخەتەرلىك تەربىيسىنى ياخشى ئىشلىمىگەن ياكى
    خەتەرلىك يەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئاسمىغان
    داۋالانىش پۇلىنىڭ 90%تىنى مەكتەپ تۆلىشى كىرەك!!!!!!

  44. دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

    قېنى دوستلار ، ئېشىنچا ئىقتىسادىمىز بولمىغانلار مۇشۇ تور بېكەتتىكى ئېلاننى ھەر قېتىم كىرگەندە چىكىپ قويساقمۇ ھېساب

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت تورداش دىلمۇرات.
      ئەمما، بىز تورداشلارنىڭ بلوگدىكى ئېلاننى بىزگە ياردىمى تەگسۇن، دېگەن ئىستەكتە چىكىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلمايمىز ھەم شۇنداق قىلىشقا تەشەببۇسمۇ قىلمايمىز. پەقەت تورداشلار ئۆزلىرى قىزىققىدەك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئېلانلارنى چېكىپ كۆرسە، باشقا پىكرىمىز يوق.

  45. تورداش: رىسالەت ئەركىن مۇنداق يازغان:

    تورداشلارنىڭ ،ساخاۋەتلىك قوللارنىڭ ئۇنىڭغا تىخىمۇ ياردەم قىلىپ سىيخىي قوللىرىنى ئايىماسلىقىنى ،كىسەل ئازابىنى تارتىۋاتقان ئاشۇ بىر ئاجىز جاننىڭ قانداق قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزلۇرۈمدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلدى،ئەگەر مەن بىر مىليونىر بولغان بولسام خە……….دىگەننى خىيال قىلىپ كەتتىم، ئەپسۇس ئۇنىڭغا ئازىراخ بولسمۇ ياردەم قىلالمىغانلىقىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم….ئاتا-ئانا تارتىۋاتقان ئەشۇ ئىچ ئاغىرىقى كېسەللىك ئازاۋىدىنمۇ بەتەر ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى………..ئاھ…….تەڭرىم ئۇنىڭ كىسىلىگە شىپاتلىق بەرگەيسەن!!!!!!!!!!!!!!

  46. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجان ئەلىگە بېغىشلاپ سەنئەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى:
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار! ئۆتكەندە ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن ئىنىمىز ئىلھامجاننىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى،ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە،دوستلىرىمنىڭ ياردىمى خىزمەتداشلىرىمنىڭ قوللىشى ،ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ ياردىمىدە،بىر قېتىملىق سەنئەت پائالىيىتىنى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 5دە جىياخۇەن ئولتۇراق رايونى پائالىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزمەكچى،كەڭ تورداشلارنىڭ قاتنىشىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن قارشى ئالىمىز!(7.910.51.59.76.45.78.905-يول ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ماي تىرانسىپورت بېكىتىدە چۈشۈپ قالسىڭىز بولىدۇ)پائالىيەت ھەقسىز،نەق مەيداندا ئىئانە قىلسىڭىز بولىدۇ.ئەجدادلىرىمىز < تاما-تاما كۆل بۇلار دەپتىكەن> بەلكىم بىزنىڭ ئازغىنە قىلغان ياردىمىمىز ئىنىمىز ئىلھامجاننى ،ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى مۇمكىن!كەڭ تورداشلارنىڭ پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن بالىلار كەنتىدىكى ئىنى-سىڭىللىرىمغا،د س پ كوچا ئۇسۇل ئەترىتىگە،ئەلكۈيى تور بېكىتىگە كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ! ئىشىنىمىزكى،دۇنيا مېھىر – شەپقەت بىلەن گۈزەلدۇر!
    ئەسكەرتىش(مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى،8-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 5دە ،جىياخۇەن ئولتۇراق رايونى پائالىيەت مەيدانىدا ،7.910.51.59.76.45.78.905-يول ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ماي تىرانسىپورت بېكىتىدە چۈشۈپ قالسىڭىز بولىدۇ)
    ئالاقىلاشقۇچى:نۇرىمان(قىزىل بۇت مەھەللە ئىش باشقارمىسى ئالتاي يولى ئاھالىلەر كومىتېتى )13369631911
    ئېليار(شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت شىركىتى)13609980911
    زىننەت(30-باشلانغۇچ مەكتەپ )13999220515

    ئەلكۈيى تورىدىن 冷漠女 يوللانمىسى.

  47. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجان ئەلى ھەققىدە مەكتەپ تەرەپتىن ئۇچۇر:
    ئىلھامجاننىڭ ئانىسى مەريەم ھەدىنىڭ بۈگۈن بىزگە تونۇشتۇرىشىچە، ئىلھامجاننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا بۇ بىرقانچە كۈندە زور دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولغان. يەنى ، ھازىر ئىسمىنى چاقىرسا ئىنكاس قايتۇرۇپ قارايدىغان بولغان، تۇتۇپ – سىيلاشلارغا بولغان ئىنكاسىمۇ ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ياخشى بولغان. دوختۇرخانا تەرەپمۇ ئىلھامجاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ، داۋالاش لايىھەسىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان.
    مەكتەپ تەرەپ نۆۋەتتە ئىلھامجاننىڭ مەسىلىسىگە قارىتا مەخسۇس دوكلات تۇرغۇزۇلغانلىقىنى، پات ئارىدا مەكتەپ پارتكوم يىغىنىدا قارار ماقۇللانسا، مەكتەپنىڭ ئىلھامجاننى 200 مىڭ يۈەن داۋالىنىش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    مەزكۇر مۇراجەتنامە توردا ئېلان قىلىنغاندىن ھازىرغىچە، ھەر ساھە كىشىلىرى جەمئىي 23 مىڭ يۈەن پۇل ياردەم قىلغان.

  48. قارلىغاچ مۇنداق يازغان:

    ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان خەۋەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كوپ رەخمەت ،،،پۇت – قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ….
    ئاللادىن شۇ ئېغىر كىسەلدە يىتىۋاتقان پەرزەنتىلىرىمىزگە ئاسانلىق بىرىشىنى تىلەيمەن ….
    بەكمۇ خۇش بولدۇم ……

  49. ozturk مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇسىزلەر تورداشلار مەن توردىن ئىلھامجان ئەلىنىڭ ھادىسىگە ئۇچىرغانلىقىنى بىلىپ ،مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بېكىتىدە
    ئېلان تەشۋېقات ئىشلىرىغا كۈچەي دەپ قاتناشتىم.. مىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويساڭلار …..

    كۇچا ئۇچۇتاپ تورى لىنيەسى قۇرغۇچىسى: ئەكبەرجان ئەزىز ئۆزتۈرك
    http://www.uqurtap.com

  50. كۆكيال مۇنداق يازغان:

    دوختۇرخانا شۇ ياردىمىنى تىزراق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

评论分页 1 2

كۆكيال 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟