نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئىلھامجان ئەلى بالنىتسىدىن چىقتى ( باسقۇچلۇق داۋالاش ئاخىرلاشتى )

‹‹ تىلىسەڭ تاپارسەن، سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ ›› دېگەن ئاتىلار سۆزى ھەقىقەتەنمۇ بىكارغا ئېيتىلمىغان. ئەينى چاغدىكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ساۋاقداش – قاياشلىرى، ئاتا – ئانا ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ، ھەتتا مەسئۇل  دوختۇرلىرىمۇ سەللىمازا ساقىيىپ كېتىشىگە ئىشەنچ قىلالمىغان ئىلھامجان ئەلى ، مانا بۈگۈن كەڭ تورداشلارنىڭ ئەزگۈ تىلەكلىرى ، چىن قەلبىدىن چىقىرىپ قىلغان قېرىنداشلارچە ياردەملىرىنىڭ بەركاتىدا كېسەللىك ئەھۋالى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ئۆلۈپ كېتىشى، ئۆلمىگەندىمۇ ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارالغان ئىلھامجان مانا شۇ تاپتا ئاتا – ئانىسىنىڭ گەپ سۆزلىرىنى ئۇققىدەك، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ چىراي – ئىپادىسىنى سەزگۈدەك ۋە باشقىلارنىڭ چاقىرىشى ، گەپ – سۆزلىرىگە مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرالىغىدەك ھالەتكە كەلدى. دېمەك، ‹‹ ساخاۋەتلىك دىللارغا قىلىنغان ئىلتىجا ›› لارىمىز مۇناسىپ نەتىجە بەرگەن ،  ‹‹ ئەل قوينى ئالتۇن بۆشۈك ›› ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىملاپ كۆز ئالدىمىزدا ئىسپاتلانغان ئىدى…
يېقىندىن بۇيان ئىلھامجاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ مۇقىملىشىشى ، داۋالاش لايىھەسىنىڭ ماس ھالدا ئاددىيلىشىشى سەۋەبىدىن دوختۇرخانا تەرەپ ئىلھامجاننى كۇچاغا يۆتكەپ ، كۇچا ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋاملىق داۋالاش تەكلىپىنى بەرگەن. دوختۇرخانا تەرەپ كۇچا ناھىيىلىك دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، كۇچا ناھىيىلىك دوختۇرخانا ئىلھامجاننى ھازىرقى داۋالاش لايىھەسى بويىچە داۋالاشنى داۋاملاشتۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىغان ئىكەن. بۇنداق بولغاندا ئىلھامجان ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىلھامجاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تېخىمۇ زور قولايلىق تۇغۇلىدىكەن ( ئاتا – ئانىسى 6 ئايدىن بېرى ئۆيگە قايتىپ باقمىغان ئىدى ) . بۇندىن باشقا ئىلھامجاننىڭ كېسەللىك ئارخىبى بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىغا يوللانغان بولۇپ، دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن دوختۇرخانا تەرەپتىن جاۋاب كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ دوختۇرخانا داۋالاشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويسا ، بەلكىم كېلەر ئاي بېيجىڭگە يۆتكىلىپ داۋالىنىشىمۇ مۇمكىن.
يەنە بىر خۇش خەۋەر شۇكى ، مەكتەپ تەرەپ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئىلھامجاننىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ بەرگەن (بۇندىن باشقا، دەسلەپتىلا  65 مىڭ يۈەن ياردەم پۇل ئاجرىتىپ بەرگەن ئىدى ) . بۇ ئىلھامجان ئەلىنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرگىدەك كاتتا ئىش ئەلۋەتتە. بىز بۇ جايدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى ، مەكتەپ تەشكىلىگە ئەڭ ئالىي ئېھترامىمىزنى ۋە چوڭقۇر تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز!
شۇنداق قىلىپ، بۈگۈن ئىلھامجان ئەلى كۆمۈر كان دوختۇرخانىسىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق داۋالىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، بالنىتسىدىن چىقتى. ئەتە خۇدا خالىسا كۇچاغا قاراپ يول ئالماقچى. بىز ئۇلۇغ ئىگىمىزدىن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سەپىرىگە ئاق يول ، ئىلھامجان ئېنىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپا تىلەيمىز!
كۇچا دىيارىدىكى تورداشلارنىڭ ئىلھامجان ئەلىنىڭ داۋالىنىش ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇشىنى ، داۋالىنىشى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىزگە خەۋەر قىلىپ تۇرۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئىلھامجان ئەلى بالنىتسىدىن چىقتى ( باسقۇچلۇق داۋالاش ئاخىرلاشتى )

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!20 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    ياخشى بوپتۇ . خۇدا ئۇنىڭغا سالامەتلىك نىسىپ قىلغاي .
    قارىغاندا دىۋانننىڭ يۇقۇرسى ماڭا تىگىپتۇدە .

  2. يالغۇز مۇنداق يازغان:

    مۇمكىن بولسا بۇ يازمىڭىزنى ئۆزىڭىز ئەلكۈيىگە يۆتكەپ قويسىڭىز

  3. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ؟ ئىلھامجاننىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بەك خوشال بولدۇم شۇنداقلا مەكتىۋىنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىسىغا قىلغان ياردىمىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم، ئەل قوينى ھەقىقەتەن ئالتۇن بۆشۈككەن،ھەرھالدا بۇ ئىنىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن بىر ئاز خاتىرجەم بولدۇق،ئاللا تېخىمۇ كۆپ شىپالىق بېرەر….

  4. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    بۇ قېتىملىق قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈش – ئىلھامجان ئەلىگە ياردەم قىلىش پائالىيىتىدە تورداشلار ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ 60 مىڭ سومغا يېقىن پۇل ياردەم قىلدى. بۇ پۇل ئىلھامجان ئەلى ئۈچۈن جان پۇلى بولدى. چۈنكى مەكتەپ تەرەپنىڭ تەتىل توشۇپ 200 مىڭ سوم ياردەم پۇلىنى تەستىقلىغىچە 4 – 3 ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ قالدى. بۇ جەرياندا ئىلھامجان تورداشلارنىڭ ياردىمىغا تايىنىپ داۋالىنىشنى داۋاملاشتۇردى ياردەم قوبۇل قىلىش شەكلى ئىلھامجاننىڭ كارتا نومۇرى ئېلان قىلىنىپ، تورداشلار بىۋاسىتە ئىلھامجاننىڭ كارتىسىغا پۇل ئۇردى ياكى ئۆزلىرى بىۋاسىتە بالنىتسىغا بېرىپ ئىلھامجاننى يوقلىدى ۋە كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى. پائالىيەت باشلىنىپ تاماملانغۇچە بولغان جەرياندا يۈكسەل بلوگى تورداشلاردىن 1 پۇڭمۇ ياردەم پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۋالمىدى ۋە ۋاكالىتەن يەتكۈزۈپ بەرمىدى. . بۇ جەرياندا يۈكسەل بلوگى ئىلھامجان ئەلىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تورداشلارغا خەۋەر قىلىش، كۆپچىلىكنى ياردەم قولىنى سۇنۇشقا چاقىرىق قىلىش ، تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئىلھامجان ئەلىنى يوقلاش، ئاتا – ئانىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق روللارنىلا ئوينىدى خالاس.

  5. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيۈم يۈكسەل ئەپەندى سالامەت تۇرىۋاتامسىز؟ سىزدەك بىر جىگەرلىك ئەركەكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ باشلامچىلىق قىلىشىڭىز بىلەن ئىلھامجاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا خېلىلا ياخشىلىنىش بولدى ،بارلىق تورداشلار سىزنىڭ قىلغان بۇ سوۋاپلىق ئىشىڭىزدىن سۆيۈندۈق ۋە باشقا تور بىكەتلەرنىڭ بۇ ئىشنى قوللىغانلىغىدىنمۇ شەخسەن ئۆزەم ئىنتايىن خوش بولدۇم، ،شۇنى ئىنىق كۆردۇقكى ئىتتىپاقلىق كۈچ ، ئىتتىپاقلىق ھەقىقەتەن غەلىبە ئىكەن .
    بىزدە سىزگە ئوخشاش موشۇنداق مېھرىبان كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ بولسا نىمىدىگەن ياخشى ھە؟!

  6. كۆيۈكتاغ مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ مۇشۇنداق پىدائىيلىق روھىدىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ،توردا مىللەت ئۈچۈن دەپ توختىماي توۋلىغاندىن كۆرە مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىش قىلغانلارنى تەرەپلەشكە ، ماختاشقا ئەرزىيدۇ.يۈكسەك بلوگىغا ھەمدە يۈكسەل بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى يۈكسەل ئەپەندىمگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز شۇنداقلا ئىلھامجاننىڭ تىزاق ساقىيىپ مەكتەپ قوينىغا قايتىشىنى تىلەيمىز.
    راستنى ئېيتقانداق شىنجاڭ يېزا – ئىگىلىك ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ 200مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ راستىنلا خوش بولدۇم.بەلكىم بۇ ياردەمنى تورنىڭ كۈچىدىن ئايرىپ قاراشقا بولماسلىقى مۇمكىن.

  7. ئەلفىرە مۇنداق يازغان:

    بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم ئىلھامجاننىڭ تېزراق ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشىنى تىلەيمەن ئاللادىن ئۇلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى تىلەيمەن

  8. kumlukguli مۇنداق يازغان:

    بىزگە شۇئار كېرەك ئەمەس.ئەمەلىي ھەرىكەت لازىم.مەريەم ھەدەمنىڭ دىيىشىچە ئىلھامجان يۇرتىغا ساق-سالامەت بارغاندىن كىيىن مۇھىت ئالماشقانغاچقىمىۇ ياكى كىندىك قىنى تۈكۈلگەن ئانا يۇرتىنىڭ ھاۋاسى پايدا قىلغاچقىمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋىتىپتۇ.

  9. kumlukguli مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجان ھەققىدە ئەڭ يىڭى ئۇچۇر
    مەريەم ھەدەمنىڭ دىيىشىچە ئىلھامجان ھازىر كۇچادىكى 36320-دۇختۇرخانىدا داۋالىنىۋىتىپتۇ.ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە
    ياخشىلىنىپ ئىنكاسى ئىلگىركىدىن زور دەرىجىدە تەرەققىي قىپتۇ.بېيجىڭدىكى ئۇتتۇرا ئاسىيا دۇختۇرخانىسىغا
    كىسەللىك ئارخىپى يوللانغاندىن كىيىن دوختۇرخانا ئىلھامجاننى بېيجىڭغا ئىلىپ كىلىپ تەپسىلىي تەكشۇرۇپ
    بولغاندىن كىيىن داۋالاش لاھىيىسى تۈزۈپ مىڭە ھۈجەيرىسى كۈچۈرۈشئۇپراتسىيىسى قىلىدىكەن .قېرىنداشلىىم:
    خۇدا يۇلىدا يەنە بىر قىتم خالىس ياردەم قۇلىمىزنى سۇنايلى.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      قۇملۇق گۈلىنىڭ ئېنىمىز ئىلھامجان ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانلىقىغا رەھمەت! قادىر ئىگىمىز ئىلھامجاننىڭ كېسىلىگە شىپالىق، ئائىلىسىگە خوشاللىق ئاتا قىلغاي !

  10. ئويغۇر مۇنداق يازغان:

    ياخشى بوپتۇ . خۇدا ئۇنىڭغا سالامەتلىك نىسىپ قىلغاي . ئىلھامجاننىڭ تېزراق ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشىنى تىلەيمەن ئاللادىن ئۇلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى تىلەيمەن. كۇچاغا يوتكەيدىكەن،مەن كۇچادىكى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۇلىمىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئالدىنقى10نىڭ قاتارىغا كىرىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ،تېخنىكىسى ھەققىقەتەن ياخشى،مۇدىرىنىڭ سەۋىيسى 医学院دىكى دىڭلىق مۇدىرلىدىن قېلىشمايدۇ ،بەندىنىڭ قۇلىدىن كۆپ ئىشمۇ كىلىپ كەتمەيدۇ،قادىر ئىگىمىز ئىلھامجاننىڭ كېسىلىگە شىپالىق، ئائىلىسىگە خوشاللىق ئاتا قىلغاي !

  11. kumlukguli مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىم.مەن قۇمۇل ئوغلى ئەمەس.بەلكى قۇملۇق گۈلى.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ۋاي خۇدايىم ، ما سەتچىلىكنى ؟! …
      قەتئىي دىلىڭىز رەنجىمىسۇن ، مەن قانداقلارچە خاتا ئوقۇۋالغاندىمەن ؟! سىز يۈكسەل بلوگىدا ئاز ئىنكاس قايتۇرمىڭدىڭىز بولمىسا، بولۇپمۇ ئىلھامجانغا ئائىت ئۇچۇرلارنى بېرىپ كېلىۋاتىسىز، مەن ھەر قېتىمدا قومۇل ئوغلى دەپلا ئوقۇۋېرىپتىمەن … ھەقىقەتەنمۇ خېجىلمەن ، قۇملۇق گۈلى !

  12. kumlukguli مۇنداق يازغان:

    دوستۇم يۈكسەل: بولسا ئېلھامجانغا پۇل ئۇرىدىغان بانكا ھىساباتىنىڭ، IBAN ۋە BIC نۇمۇرلىرىنى چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز، چەتئەلدىن پۇل ئۇرۇش تىخىمۇ ئاسان ۋە قولاي بولاتتى، بۇنداق بولغاندا چەتئەلدىن پۇل ئۇرىدىغانلار تىخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن، بىۋاستە كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپلا تور ئارقىلىق يوللىغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا سىزنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىزگە ئاللاھ رىزقىڭىزنى بەرسۇن.
    مەھمۇتجان

  13. بەندورا مۇنداق يازغان:

    ئەلھەمدۇللا، بەك خوش بولدۇم.ئاللاھغا كۆپ رەھمەت.

  14. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجاننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەھۋالىدىن ھەجەپ خەۋەرسىز قالدۇق ، ئۇچۇر بېرىدىغانلار يوقمۇ؟

  15. kumlukguli مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام قېرىنداشلار:
    مەن 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىلھامجاننىڭ ئانىسغا تېلىفۇن قىلغان ئىدىم .ھازىر ئۈيىدە ئىكەن .دۇختۇر ئۈيىدە داۋالايدىكەن. ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن.
    ئىلھامجان ھازىر سول قۇلى بىلەن بىشىنى تاتىلايدىغان، بورنىنى كوچىلايدىغان،ي ۈزلىرىنى سىلاپ ئوخشىمىغان چىراي ئىپادىلىرىنى كۆرسىتىپ ھەممىسىنى خوش قىلالايدىغان بۇپتۇ. بېيجىڭ ئۇتتۇرا ئاسىيا دۇختۇرخانىسىدىكى دۇختۇرلارنىڭ دىيىشىچە، ئولتۇرالايدىغان بولغاندا بېيجىڭغا ئىلىپ كېلىشنى ئېيتىپتۇ. ھازىر تاماقنى نورمال ئادەملەردەك چايناپ يىگەچكە سەمرىپ قاپتۇ.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىلھامجان ئېنىمىزنىڭ ساقلىق ئەھۋالى ھەققىدە خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر! قىلار ئىشلىرىڭىز ئاسان، ماڭار يوللىرىڭىزنى راۋان بولسۇن!
      ئىلھامجاننىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن تېزراق ساقىيىپ كېتىشىگە تىلەكداشمىز…

  16. kumlukguli مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجان ھەققىدە
    تۈنۈگۈن مەن مەريەم ھەدەمگە تېلىفۇن قىلغان ئىدىم.ئىلھامجاننىڭ خاتىرىسى تۇلۇق ئەسلىگە كەپتۇ.
    باشلانغۇچ،ئۇتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇغان ساۋاقداشلىرىنى تۇنۇپ ،ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ.
    قەغەزگە يېزىلغان خەتنى ئوقۇيالايدىكەن ھەمدە سول قۇلى بىلەن خەت يېزىشقا تىرىشىۋىتىپتۇ.
    كۆپ ئەپسوس،ئاۋاز نېرۋا تۇمۇرىدا تۇسۇلۇش بولغاچقا يەنىلا سۆزلىيەلمەيدىكەن.
    ئاللاھقا كۆپ شۈكۈرلەر،ئۈرۈمچىدىكىدىن ئاسمان-زىمىن پەرقلىق ھالدا كۆپ ياخشىلىنىش بار.

  17. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام قېرىنداشلار :
    ئىلھامجاننىڭ يېقىندىن بېرىقى ئەھۋالىنى بىلىپ كۆپ خۇرسەن بولدۇق ،ئۇچۇر بەرگەن قېرىندىشىمىزغا ئاللا
    رەخمەت قىلسۇن. بىز داۋاملىق ياردەم قىلىمىز ، ياش ئەمەسمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن
    خالايمىز.

يۈكسەل 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟