نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

توغراق ۋە ئۇيغۇرلار

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ – ﺋﯧﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ .
ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ – ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ.

ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ. ﺋﯘ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﻣﯘﺯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻘﺎ ، ﮬﯚﻝ – ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ، ﻗﻮﻡ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىختىن بېرى توغراق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ بىرگە ياشاپ كەلگەن خەلىقلەردىندۇر. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توغراق ئالاھىدە ھۆرمەت ، ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. چوڭلار توغراق ھەققىدە نۇرغۇنلىغان قەسىدە – رىۋايەتلەرنى نەۋرىلىرىگە سۆزلەپ بېرىشىدۇ. << ﭼﯚﻝ ﺑﺎﺗﯘﺭﻯ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ئۆمۈرى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭ 3000 ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ << ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻗﯘﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﯘﺭﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻳﯩﻘﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﭼﯩﺮﯨﻤﻪﻳﺪﯗ … >> ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ.

<< ﻣﻪﻳﻠﻰ ﭘﺎﻳﺎﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺩﻩﺷﺘﻰ ﭼﯚﻟﺪﻩ ﺑﻮﻻﻱ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﭘﯩﮋﻏﯩﺮﯨﻦ ﺗﻮﻣﯘﺯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﻻﻱ ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﺘﺎﻥ ﺷﯩﯟﯨﺮﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺶ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﺎ ﺑﻮﻻﻱ ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﻳﺪﻩﻣﻨﻰ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﻛﻠﻪﻳﻤﻪﻥ! ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﯚﻛﯜﻟﯘﭖ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻗﺸﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻨﻰ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﻟﻪﻙ ﭼﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﯩﺸﮕﻪ ﺷﺎﮬﯩﺪ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ . >> ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ .

ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘ ، ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﻰ ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﺰﺍﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺑﯘ ﺑﺎﮬﺎﺩﯨﺮ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺷﺎﮬﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺵ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

مۇشۇ زېمىندا توغراق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، توغراق كەبى ياشاۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئۈلپەت بولۇپ قالسىڭىز، ئۇلار سىزگە توغراق ۋە ئۆزلىرى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆزىنى توغراقتەك تۈز ، توغراقتەك ساددا – ئاقكۆڭۈل ئادەملەر، توغراقتەك بەرداشلىق – چىدامچان، توغراقتەك سەۋىرچان ئادەملەر دەپ ئاتىشىدۇ، ئۆزلىرى ئارىسىدىكى ئېسىل كىشىلەرنى‹‹ توغراقتەك ئېسىل ئادەم ›› دەپ ھۆرمەتلىشىدۇ…

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﺩﯨﺸﯩﺶ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻻﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺷﺎﮬﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ، ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﯩﯟﯨﺮﻻﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ….

ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻗﺸﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻼﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻳﯩﻘﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﯕﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﻣﻪﺯﻣﯘﺕ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﺪﯗ ، ﺗﯘﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﯕﻨﻰ ﭼﯩﻠﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻮﺭﺍﺯﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ…

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : توغراق ۋە ئۇيغۇرلار

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    مەن ئۇيغۇرنىڭ روھىنى توغراق روھىمىكىن دەيمەن…
    تارىخدىن بۇيان شۇنچە ئوڭۇشسىزلىق-مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىسىمۇ،باشقا بەزى مىللەتلەردەك تارىخ سەھنىسىدىن غايىب بولۇپ كەتمەي،قەددىنى كېرىپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ،ھېلىھەم شۇنداق…

  2. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    راست، توغراق ھەقىقەتەن چىداملىق دەرەخ. يەنە يۇلغۇنمۇ بار. يۇلغۇنمۇ بەك چىداملىق، مەن يۇلغۇننى تۇلىمۇ ياخشى كۆرىمەن.

  3. كۆيۈكتاغ مۇنداق يازغان:

    كىسىلگەن توغراق

    قۇربان بارات

    ئەكەلدىم بازاردىن بىر ھارۋا ئوتۇن،
    قار‏ – مۇزلار ئىلكىدە قالغاندا جاھان.
    سوغۇقتا بىرىدۇ قۇياش تەپتىنى،
    مەش ئوتى ئالتۇن رەڭ چېچەكلەيدىغان.

    ئوتۇننى رەتلىدىم ۋە بايقىدىمكى،
    ھەممىسى قۇرۇق شاخ ئەمەسكەن بىراق.
    شاخلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى بىر توپ،
    ياش ھەم ھۆل، يېڭىلا كېسىلگەن توغراق.

    ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا ياتاتتى جانسىز،
    ئۆلۇم ئازاۋىدىن ئاچچىق تولغۇنۇپ.
    ئانارنىڭ سۇيىدەك قانلىق كۆز يېشى،
    كېسىلگەن جايىدا قاپتۇ مۇز بولۇپ.

    مەن غالىپ ۋاقىتقا باغلىدىم ئىشەنچ،
    ۋاقىت ھەل قىلىدۇ كۆپ مۇشكىلاتنى.
    ئۇ ياشنى قېرىتىپ، ھۆلنى قۇرۇتۇپ،
    كۆيگۇدەك قىلىدۇ سانسىز ھاياتنى.

    ھۆل توغۇراق ھويلامدا ياتتى قىش بويى،
    قەھىرتان سوغۇقلار مۇزلاتتى ئۇنى.
    قىش ئۆتتى ۋە ئۇنى قويدى زەربىدە،
    باھارنىڭ بورانلىق جۇدۇن- چاپقۇنى.

    ياز كېلىپ باشلاندى ئىسسىق كۇنلەرمۇ،
    بۇ توغراق ئاپتاپتا ياتتى ھالسىراپ.
    ئويلۇدۇم ھۆللىگى يوقالدى بەلكى،
    ئاپتاپ ۋە شامالدا قۇرۇپ- قاغىجاراپ.

    لىكىن كىم ئويلاپتۇ؟ مەن ھەيران قالدىم،
    توغراقنىڭ ئاداققى،مەغرۇر ئىشىدىن:
    تومۇزدا نوتىلار چىقتى بىخ ئۇرۇپ،
    ئۇنىڭ غول ۋە كېسىك بېغىشلىرىدىن.

    دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ يېڭى بىخلار،
    كېسىلگەن توغۇراقتىن تاپقان ئىدى جان.
    نۇرلۇنۇپ تۇراتتى ئۇلار ياپ – يېشىل،
    باھاردا ئويغانغان مايسىدەك يۇمىران.

    ۋە ھەممە ھاياتلىق بوغۇنلىرىدەك،
    كۆزگە تاشلىناتتى بۇدۇرۇق ھەم ئوماق.
    سەبىي بىر نەزەردە بېقىپ جاھانغا،
    كۇلەتتى بۆشۇكتە كۇلگەندەك بوۋاق.

    تۇغۇلغان بۇ بىقلار ئاپتاپ قوينىدا،
    تەلپۇنۇپ تۇراتتى ئەركە ۋە ئويناق.
    قەيسەر بىر ھاياتنىڭ ئۆلمەس كۈچىنى،
    نامايەن قىلاتتى كېسىلگەن توغراق.

    بىلدىمكى،جاڭگالنىڭ بۇ نەۋقىرانى،
    تېخى تىز پۇكمىگەن ئۆلۇم ئالدىدا.
    ئۆلمىگەن،ئۆتسىمۇ شۇنچە ۋاقىتلار،
    ئانا يىلتىزىدىن بولسىمۇ جۇدا.

    ئويغاتتى پىكىرىمنى قايناق كۈچ بىلەن،
    كېسىلگەن توغراققا ياشنىغان تىھال.
    توغراقنىڭ تەغدىرى توغۇرلۇق مەندە،
    قوزغالدى ئىلھاملىق،ئەركىن بىر خىيال.

    ئويلۇدۇم: مېتالنىڭ قاتتىقى پولات،
    تاۋلىنىپ چىقىدۇ يالقۇنلۇق ئوتتا.
    قارغاينىڭ قامىتى ۋە يېشىللىقى،
    دۇنياغا كېلىدۇ قاتتىق سوغۇقتا.

    شۇ كەبى،توغراقنىڭ تەبىئىتىنى،
    توۋلىغان جاڭگالنىڭ جەۋىرۇ جاپاسى.
    بوستانلار ماكانى ئەمەس ئۇنۇڭكى،
    ۋەتىنى – بىپايان قۇملار دۇنياسى.

    ئۇ ئانا تۇپىراقتىن تېپىپ ھاياتلىق،
    كەڭ چوللەر باغىرىدا ئۆسەر تۇغۇلۇپ.
    بىر زامان دەريالارئاققان ئىزلاردا،
    ياشايدۇ باراقسان بىر ئورمان بولۇپ.

    ياز پەسلى ئالىدۇ ئۇنى قوينىغا،
    قۇياشنىڭ يالقۇنى، چۆل بورانلىرى.
    قىش كۇنى سوقىدۇ ئۇرۇپ ئاياۋسىز،
    تىنىمسىز جەزىرە شىۋىرغانلىرى.

    دەريالار قىلمايدۇ ئاڭا غەمخورلۇق،
    ۋە ھېچكىم چول ئارا سۇغارماس ئۇنى.
    ئېسىگە يەتكەندە يوقلايدۇ پەقەت،
    ياز كەلكۇنلىرىنىڭ قىسقا تاشقىنى.

    لىكىن ئۇ بەك ئۇزاق ئەسىرلەربويى،
    ياشنىتىپ كەلمەكتە ھايات پەسلىنى.
    ئۆسمەكتە چۆللەردە يامىراپ ھەرياققا،
    ئۇزلۇكسىز كۆپەيتىپ يېشىل نەسلىنى.

    دەھشەتلىك زەربىلەر، ياۋايى ئىقلىم،
    يوق قىلىپ كېتەلمەس دۇنيادىن ئۇنى.
    ئۇ ھامان ئۆسىدۇ بېسىپ كەلسىمۇ،
    ئېقىندەك ئۆركەشلىك قۇملار دولقۇنى.

    كېسىلگەن، تاشلاندۇق بىر ھالەتتىمۇ،
    ئۇ مانا مۇشۇنداق گۇللەيدۇ يەنە.
    يېشىل بىخ سۇرىدۇ خۇددى تىرەكتەك،
    ھاياتى كۈچىنى قىلىپ تەنتەنە.

    ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ گۇللەشلىرىدە،
    يارىدار جەڭچىنىڭ كۇلۇشلىرى بار.
    ئۆلىمى ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم،
    قىلىچقا تايىنىپ يۇرۇشلىرى بار.

    ئۇ گويا ھاۋادا ئوق يىگەن لاچىن،
    بۇلۇتلار باغىرىدا ياڭرىتار سادا.
    ئۇ گويا زۇلمەتتە ئۆچكەن بىر يۇلتۇز،
    نۇرلانغان ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا.

    مەن ئاڭا تىكىلدىم مۇھاببەت بىلەن،
    تۇغۇلدى قەلبىمدە مەغرۇر بىر قوشاق.
    ئۆلمەس بىر خەلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ،
    كورۇندى كۆزۇمگە كېسىلگەن توغراق.

  4. [...] – رىۋايەتلەرنى نەۋرىلىرىگە سۆزلەپ بېرىشىدۇ. << ﭼﯚﻝ ﺑﺎﺗﯘﺭﻯ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯘ [...]

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟