نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > تارىخ - مەدەنىيەت
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ھازارلارنىڭ ئەجدادى قەدىمكى ئۇيغۇرلارمۇ؟

ئىسكەندەر جېلىل كۆكتاش

يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى

 

ھازارلار (hazar ياكى hazara) ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ياشىغۇچى مىللەت بولۇپ، ئافغانىستاندىكى پۇشتۇ، تاجىكتىن قالسىلا 3- ئورۇندىكى چوڭ مىللەت ھېساپلىنىدۇ (4-سى ئۆزبەكلەر). ئومومىي نوپۇسى 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئافغانىستان ئومومىي نوپۇسىنىڭ ٪9 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىران، پاكىستان ۋە تاجىكىستانلاردىمۇ نەچچە يۈزمىڭلىغان ھازارلار ياشايدۇ. شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.

ھازارلار ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرى سېستىمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تارمىقغا تەۋە ھازاراگى دىئالېكتىدا سۆزلىشىدۇ، ھەمدە مەلۇم نىسبەتتە تۈركىي ۋە موڭغۇل سۆزلۈكلىرىنى ئارىلاشتۇرىدۇ. شەھەرلەشكەن ھازارلار بولسا ئۆلچەملىك پارس تىلىدا سۆزلىشىدۇ.

 

ھازارلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى ھەققىدىكى قاراشلار

 

ھازارلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلار بار:

بىرىنچىسى، ھازارلار چىڭگىزخان باشلاپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى؛ بۇ ھازارلارنىڭ ھازىرقى چىراي ئالاھىدىلىكى ۋە گېن تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.

ئىككىچنسى، ھازارلار قەدىمكى كۇشان (سانسىكرىت تىلىدا ش بىلەن س تەلەپپۇزى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ ئىمپېرىيىنىڭ نامى كۇچا شەھىرىنىڭ قەدىمكى نامى بولغان ”كۆسەن“ گە ئاھاڭداش كېلىدۇ- ئاپتوردىن ) ئېمپېرىيىسىنىڭ ئەۋلادىلىرى دەپ قارىلىدۇ؛

ئۈچىنچىسى، ھازارلار ئارىلاشما قانلىق مىللەت بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر بىلەن موڭغۇل تۈركلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ (قەدىمكى ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىن – ئاپتوردىن) ئۆز-ئارا بىرىكىشىدىن، جۈملىدىن تويلىشىشىدىن شەكىللەنگەن مىللەت. بۇ كۆز-قاراش بىر قەدەر ئىشەنچلىك، دەپ قارىلىدۇ.

 

”ھازار“ سۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسى:

 

”ھازار“ سۆزى پارس تىلىدا ”ھازارا“ دەپ ئېيتىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ”مىڭ“ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنىنىڭ كۆپلىكىگە قارىتىپ ئېيتىلغان ئىكەن، كېيىنچە بۇ سۆز ئاشۇ مىللەتنىڭ نامى بولۇپ قالغان ئىكەن.

ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، موڭغۇللار پارس زېمىنلىرىغا بېسىپ كىرمەستىلا، ھازىرقى كاسپىي دېڭىزنىڭ شىمالىدا ”ھازار“ ناملىق بىر چوڭ خانلىق (مىلادى 6-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە) قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خانلىق قۇرۇلۇپ تاكى بەربات بولغۇچە، موڭغۇللار پارس زېمىنىغا تۈگۈل، موڭغۇلىيە يايلىقىدىنمۇ چىقىپ باقمىغان ئىدى. تارىخچىلار ئۇشبۇ ”ھازار“ خانلىقىنىڭ ئەسلى نامىنى ”قاسار“ ياكى ”قازار“ دەپ يازىدۇ، ھەمدە بۇنىڭ مەنىسىنى ”سەرگەردان“، ”مۇساپىر“ ۋە ”كۆچمەن“ دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ سۆز تۈركچەدىكى ”گەزەر“، ئۇيغۇرچەدىكى ”كېزەر“ يەنى ”كېزىپ يۈرەر“ سۆزلىرى بىلەن چىشلىشىدۇ. شۇڭا، تۈركىي تىللاردىكى ”كەزەر“ سۆزىنىڭ ”قازار“غا ئۆزگىرىپ قېلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلماق تەس.

كېيىنكى چاغلاردا، ”قازار“ سۆزىنىڭ ”قازاق“ قا ئۆزگىرىپ قالغاننىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 6-ئەسىردىكى قازار خانلىقى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ بىر قىسىم زېمىنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۈركلەر قۇرغان ھازار خانلىقىنىڭ ھېكايىسى ”ھازار“ سۆزىنىڭ پارسچىدىن كەلگەنلكىدىن ئىبارەت سەپسەتىنى ئىنكار قىلىۋېتىشى مۇمكىن. چۈنكى، موڭغۇللار پارس زېمىنىغا باستۇرۇپ كەلمەستىلا، ”ھازار“ سۆزى، شۇنداقلا ھازار مەملىكىتى مەۋجۇت.

 

ھازار بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە

 

يەھيا (http://www.joshuaproject.net) تورى مەخسۇس دۇنيادىكى دۆلەت، مىللەت ۋە قەۋىملەرنى ستاتىستىكا قىلىدىغان، ھەمدە دىننى ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىدىغان توربەت بولۇپ، ئۆزەممۇ شۇنىڭغا قىزىققاچقا، بۇ توربەتنى بەك تولا زىيارەت قىلاتتىم. مېنى ئەجەبلەندۈرگىنى شۇكى، مىللەت تۈركۈمى (people cluster) دىگەن سەھىپىسىدە، ھازارلارنى ئۇيغۇر مىللەت تۈركۈمىگە تەۋە قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسىنى 14 مىليوندىن ئاشۇرىۋېتىپتۇ. بۇنداق خاتالىققا ئەلۋەتتە سۈكۈت قىلىشقا بولمايتتى. چۈنكى، پارس تىلىدا سۆزلىشىغان بىر مىللەت قانداق بولۇپ بىز بىلەن بىر مىللەت تۈركۈمىگە تەۋە بولسۇن؟! شۇڭا، توربەت باشقۇرغۇچىسىغا خەت يازدىم، لېكىن بۇنىڭغا ئائىت ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم. شۇڭا، ۋاقتىم چىقسا، ئۆزەم توربەت ئارىلاپ، ئۇيغۇر بىلەن ھازارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدەندىم. گەرچە بۇ بىر مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات بولمىسىمۇ، بارلىق ئىزدىنشىلىرىم پەقەت قىزىقىش ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

ئىزدىنىش جەريانىدا، ئۇيغۇر بىلەن ھازارنىڭ مۇناسىۋىتىگە توغرا كېلىدىغان نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئۇچراتتىم. بەزەنلىرى شەخسىي پىكىرلەر بولسا، يەنە بەزەنلىرى ئىلمىي خاراكتىرلىك ماقالىلەر ئىدى. بۇ ماقالىلەر ئىچىدە بۇ ئىككى قەۋىمنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقنى ئىشارە قىلسىمۇ، لېكىن بۇ مۇناسىۋەتنى كەسكىن باغلايدىغان جۈملىلەر يەنىلا يۇقنىڭ ئورنىدا ئىدى.

تور ئارىلاۋېتىپ، ”بۈيۈك كۇشان“ (Great Kushan) تەخەللۇسلۇق ھازار مىللىتىدىن بولغان بىر كىشىنىڭ تېمىسى مېنى بىر قەدەر جەلىپ قىلدى. بەلكىم ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭدىن بەزى كۆز- قاراشلارغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

 

بارلىق تۈرك ۋە تۈركىي موڭغۇل  قېرىنداشلارغا سالام

(Hi to all Turk and Turko-mongol brotheres and sisters)

 

تېما مەنبەسى: http://www.allempires.net/hazara-and-pan-turk_topic16083.html

(ئېنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ)

 

مەن ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ياشاۋاتقان ھازار مىللىتىدىن بولىمەن، ھەم ھازار بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. ھازارلار ئۇلۇغ مىللەت، ئۇلار باتۇر، كەڭ قۇرساق، ئىقتىدارلىق، سەمىمىي ۋە ئاقكۆڭۈل كېلىدۇ.

گەرچە پۇشتۇلار ۋە ئەنگلىيىلىكلەر ھازارلارنى چىڭگىزخاننىڭ پۇشتى دەپ كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەن ھازارلارنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايمەن (بۇ بىر ھازارنىڭ ئۆز نەسلىگە بولغان تونۇشى ئىكەن- تەرجىماندىن). ئەلۋەتتە، ھازارلاردا موڭغۇللارنىڭ تەسىرى بولغىنى راست، لېكىن بۇ ھازىرقى ھازارلار تارىخىنىڭ ئاران 13-ئەسىردىن باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ (ھازارلارنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن دىمەكچى- تەرجىماندىن).

ھازىرقى ھازارلارنىڭ كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكى ئېھتىماللىققا ئەڭ يېقىن. كۇشان ئىمپىرىيىسى مىلادى 1-ئەسىردىن 5-ئەسىرگىچە ھازىرقى ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىمى ۋە پاكىستان، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. كۇشانلىقلارنىڭ ئەسلى يۇرتى ھازىرقى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىدا (شىنجاڭنى دىمەكچى- تەرجىماندىن) بولۇپ، ئۇلار شۇ يەردىن ھازىرقى ئافغانىستانغا كۆچۈپ كەلگەن.

كۇشان ئىمپېرىيىسى غەرب تەرەپتىكى پارسلار قۇرغان ساسانىيلار ۋە شەرق تەرەپتىكى ھىندىلار قۇرغان گۇپتىلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن،  5- ۋەياكى 6-ئەسىرلەردە بەربات بولغان ئىدى.

مىلادى 5-ئەسىرلەردىن باشلاپ، ھازارلار پارسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىدى. ئافغانىستاندىكى ھازارلار تاكى ئىسلامىيەت كەلگەنگە قەدەر پارسلار قۇرغان ساسانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشىدى. (پارسلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزى ئارقىلىق رويقاپقا چىققان –تەرجىماندىن) ئافغانىستاندىكى ئەرەب كۈچلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، غەزنەۋىلەر، غورلار قاتارلىق قۇدرەتلىك تۈرك ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھازارلارنىڭ مەركىزى رايونلىرىدا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ رايونلار بۇرۇن پارسلار ھۆكۈمرانلىق قىلغاچقا، پارس تىلى ۋە مەدەنىيەتى تۈرك خانلىقلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىدى (مەسىلەن، ھىندىستانىكى موغۇل تۈرك ئىمپېرىيىسىدە). بەلكىم ھازارلار دەسلەپتە پارس تىلىنى قوشۇمچە تىل قاتارىدا ئۆگىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئانا تىلى بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن (پارس تىلىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە، ھەتتاكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ پارسچە شېئىر يېزىپ، پارس تىلىنى ئاناتىلىدەك بىلىدىغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس- تەرجىماندىن).

13-ئەسىردە، چىڭگىزخان ئافغانىستانغا يېتىپ كېلىدۇ. ئافغانىستان، پارس رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىغا خارازم ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. بۇمۇ تۈركلەر قۇرغان ئىمپېرىيەدۇر.

چىڭگىزخان ۋە موڭغۇللار دەۋىرىدە ھازارلار ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. چۈنكى ھازارلار سېرىق تەنلىك (موڭغۇللوئىد ئېرقى) بولۇپ، چىرايى موڭغۇللارغا ئوخشاپ كېتەتتى، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، ھازارلار پارسچە سۆزلىيەلەيتتى. مەسىلەن، موڭغۇللار ئىران ۋە ئافغانىستاننى كونترول قىلماقچى بولسا، پارس تىلى ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ، بۇ تىل ۋەزىپىسىنى ھازارلار ئورۇندىيالايدۇ. ئەگەر موڭغۇللار ھازارلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، بۇ رايونلارنى باشقۇرسا، موڭغۇللار تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش، چىڭگىزخان دەۋىرىدىن قالغان تەسىرلەرنى ھازىرقى ھازارلارنىڭ ئەھۋالاتىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھازارلار رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياگە 13- ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، مەسىلەن، تېمۇرلەڭ ۋە بابۇر قاتارلىقلار.

يېقىنقى 200 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 100 يىل مابەينىدە، ھازارلار تەسەۋۇر قىلغۇسىز ھالدىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچراپ كەلدى. 1880-يىللىرى، پۇشتۇ شاھى ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە قۇراللىق ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ھازارلار ئاھالىسىنىڭ ٪62نى قىرغىن قىلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ٪60 زېمىنىنى بېسىۋالدى، بۇ زېمىنلار تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر پۇشتۇلارنىڭ قولىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى تالبان پۇشتۇلارمۇ ھازارلارنىڭ كىملىكى ۋە تارىخىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. لېكىن ھازارلار ھېچكىمگە باش ئەگمەيدۇ.

گەرچە ھازارلار ھازاراگىدىن ئىبارەت پارس دىئالكتىكىدا سۆزلەشسىمۇ، لېكىن بىز تۈرك تىلىنى ھەر قاچان ئۆگىنىشنى خالايمىز. مېنىڭ تاغام ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تاشكەنتتە تۇرىدۇ، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزبەكچە سۆزلىشىدۇ. مەن بارلىق ھازارلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازارلارنىڭ كەلگۈسى تۈركلەرگە تەۋە.

 

ھازارلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار تۆۋەندىكى توربەتلەردە:

www.hazaraworld.com

www.hazara.org

www.hazara.net

www.hazarajat.com

www.hazarapress.com

www.hazaragiradio.com

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ھازارلارنىڭ ئەجدادى قەدىمكى ئۇيغۇرلارمۇ؟

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!15 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    مۇنداقمۇ مىللەت باركەن ھە،

  2. تڭلمىش مۇنداق يازغان:

    ھازارلارغا سالام!!!!

  3. ساپ ھاۋا مۇنداق يازغان:

    ھازار دىگەن ئىسمىنى كۆرسەملا نىمىشقىكىن ئەزەربەيجان دىگەن مىللەت يادىمغا يىتىدۇ، چۇنكى ئاھاڭداشلىق ۋە يۇرتىنىڭ ئۇخشاشلىقى سەۋەب بولسا كېرەك. ئەمما ئافغانىستاندا ھازارلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئۇلار ئۆزىنى ئۇيغۇر دىگەن بولسا مەنچە بۇ يامان ئىش ئەمەس.

  4. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا بەكلا قىزىقاتتىم، ھەم مىللەت ھەققىدىكى كۆرگەنلا مەزمۇننى خاتىرلىۋالاتتىم ياكى قىيپ ئېلىۋالاتتىم. ھازار مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە خاتىرەمگە مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى قالدۇرۋالغان ئىكەنمەن: «ھازارلىقلار 13- ئەسىردە بۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن تۈرك ۋە موڭغۇل تىلىدا سۆزلەيدىغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئارلىشىشىدىن مىللەت بۇلۇپ شەكىللەنگەن. ئۇلار ئۆز ئىچىدىن دەيزىك، بېسود، تەيمۇرى قاتارلىق تارماقلارغا بۆلىنىدۇ».
    يۇقىرىدىكى بايانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا پەرق بارمۇ قانداق؟

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ماقالىدىكىسى بىر ھازارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بولغان ئېنىقلىمىسى، خۇددى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بولغان تەبىرىگە ئوخشاش.
      بىر خەنزۇچە ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: «ئۇيغۇرلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيدىكەن، ئەكسىچە، ئوڭ قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ كۆرۈشىدىكەن» بۇ كۆرۈپ يا كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. بۇنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ بەرسە، ئېنىقكى ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى غەلىتە مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، تاشقى مەدەنىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ تەسەۋۇر قىلىنىدۇ.
      دىمەكچى بولغىنىم، ياتلار تەرىپىدىن يېزىلغان باشقا مىللەت ھەققىدىكى ئېنىقلىما ھامىنى بىر تەرەپلىمە، ھەمدە قىسمەن ھەتتاكى پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
      ھازارلارنىڭ 13-ئەسىردىن كېيىن شەكىللىنىشكە باشلىقىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىقلىمىسى پەقەت يەرلىك ئافغانلار ۋە ئېنگلىزلار (ئېنىقراقى غەرب ئەللىرى) تەرىپدىن كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان كۆز- قاراش ئىكەن. بۇ نۇقتىنى يۇقارقى ئەسەردىمۇ تىلغا ئېلىنغان. شۇڭا، سىز خاتىرلىگەن ھازارلار ھەققىدىكى ئېنىقلىما بىلەن مەزكۇر ماقالىدىكى ئېنىقلىما ئوتتۇرسىدا پەرق بولۇشى تەبىئىي.
      ئەگەر مەزكۇر ماقالە ھازارلار ھەققىدىكى ئادەتتىكى كۆز-قاراشلار بولسا، چوقۇمكى ماقالىنىڭ ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ماقالىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، ھازارلارنىڭ ئۆزى، ياكى ھېچ بولمىغاندا ھازارلارنىڭ بىر قىسىمى ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن باغلايدىكەن.

  5. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    مەن ئەسلى ماقالىنى ئازراق كۆرۈپ چىقتىم. ماقالە ئاپتۇرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى خېلى كۆپ جايلاردا تىلغا ئاپتۇ، ئىنكاسلاردىمۇ بىر نەچچە جايدا ئۇيغۇرنى تىلغا ئالغان جايلار باركەن. قارىغاندا ئۇلار راستىنلا ئۇيغۇرلار بىلەن مىللەتداشمۇ نېمە؟

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      بەلكىم شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
      مېنىڭ نەزىرىمدە، (پەقەت شەخسىي كۆز قارشىم) «ئۇيغۇر» دىگەن بۇ قالپاق ئاتالمىش «ھازىرقى ئۇيغۇر» لارغا بەڭ چوڭ كېلىپ قالىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئۇرۇق -ئەۋلادى پەقەت بىز «ئۇيغۇر»لارلا ئەمەس، بەلكى ئۆزبەك، تۇنگان ۋە يۇغۇرلارغىمۇ تۇتۇشۇپ بارىدۇ، ھەم شۇ مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ روللارنى ئوينىغان. بەلكىم سالارلار ۋە ھازارلارمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولۇشى مۇمكىن.
      بۇلارغا قەدىمكى تارىخى يازمىلار ۋە ھازىرقى ئەمەلىي پاكىتلار يېتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ. ئاللاھ خالسا، كېيىنچە بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرىمەن.
      بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلار تارىخى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ باقمىغان بولغاچقا، «ئۇيغۇر» ئۇقۇمى ئىنتايىن كىچىك بىر ئۇقۇم، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئەسلا خەۋىرى يوق دەپ ئويلايتتىم. ئالىي مەكتەپكە چىقىپ، ئوقۇشتىن ىسرتقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخى بىلەن ئۇچراشتىم، كېيىن خەنزۇچە ماتېرىيال ۋە ئنېگلىزچە ماتېرىياللار ئارقىلىق «قەدىمكى ئۇيغۇرلار» بىلەن ئۇچراشتىم. شۇنى ئويلاپ يەتتىمكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى مەن ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەس ئىكەن، بۇ، ھەتتاكى ئىنتايىن چوڭ قالپاق ئىكەن.
      شۇڭا، «ئۇيغۇر»دىن ئىبارەت بۇ چوڭ قالپاقنى ئۆزبەك، تۇڭگان، ھازىرقى ئاتالمىش ئۇيغۇر ۋە يۇغۇرلار (بەلكىم سالار ۋە ھازارلار) تەڭ كەيمىسەڭ، «بېشىمىز» بەك كىچىك كەپ بېرەمدىكىن دەيمەن.

      • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

        سالام كۆكتاش ئاكا، سالارلارنى ئىنسانشۇناسلار، مىللەتشۇناسلار ‹‹شەرقىي تۈركمەن››لەر دەپ ئاتايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە قانداشلىقى يوقكەن.

        • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

          مەن سالارلار بىلەن توردا پاراڭلاشتىم، ھەم سالارلار توغرۇلۇق توردىكى ماقالىلارنىمۇ كۆرۈپ باقتىم. «سالار» سۆزىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئاتىلىشى «سالغۇر» ئىكەن، بۇ سۆز «سارغۇر» سۆزى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تېخىمۇ قىززىق يېرى، ئوخشاش بىر گەنسۇ رايونىدا ياشاپ كېلىۋاتقان سالارلار بىلەن يۇگۇلارنىڭ خەنزۇچە مەتبەلەردىكى قەدىمكى نامى ئوخشاش يېزىلىدىكەن.
          ھازىرقى ئۇيغۇرلار بولۇپ ئاتالغان بىزلەرمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەل ئۆزى ئەمەس. بىزمۇ بەك ئەبجەش مىللەت. بىزدە قەدىمكى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئاز. پەقەت «ئۇيغۇر» دىگەن قالپاقنى كىيىۋالغان يېرىمىزلا بار.

      • مۇخلىس مۇنداق يازغان:

        مەنمۇ يېقىندىندىن بۇيان تارىخ ئوقۇپ يۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكە زامانلاردىكى يۇكسەك مەدەنىيەت ياراتقانلىقنى تۇركى مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگەن بولغانلىقىنى ،بولۇپمۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋىرىدە ئاجايىپ شۆھرەت قازانغانلىقنى بىلگەندىن كېيىن سىزدەك ھىسياتتا بولغان .ھەقىقەتەن «ئۇيغۇر » دېگەن بۇ سۆز سالمىقى ئېغىر سۆز. سىز يازمىڭىزدا («ئۇيغۇر»دىن ئىبارەت بۇ چوڭ قالپاقنى ئۆزبەك، تۇڭگان، ھازىرقى ئاتالمىش ئۇيغۇر ۋە يۇغۇرلار (بەلكىم سالار ۋە ھازارلار) تەڭ كەيمىسەڭ، «بېشىمىز» بەك كىچىك كەپ بېرەمدىكىن دەيمەن.) دەپسىز . مەن ئويلايمەن ،21 ئەسىردىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ كىسەللىكى بولغان مىللەتچىلىك بۇ قالپاقنى ھەرگىز بۇ قېرىنداش مىللەتلەرگە تەڭ كىيگۈزمەمدىكىن دەيمەن .(شەخسى قارىشىم خالاس)

  6. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    چەتئەللەرنىڭ مۇنبەرلىرىمۇ خېلى قىززامدۇ نېمە؟ سىلى قالدۇرغان مەنزىلدىكى ئىنكاسلارنى كۆرسەم، ئۇلار ‹‹ھازارلار تۈرك ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان كۇشان››نى چۆرىدەپ كىتىۋېتىپ، ‹‹موڭغۇللار تۈركمۇ-ئەمەسمۇ!››غا چۈشۈپ كېتىپتۇ!

  7. ھونزاد مۇنداق يازغان:

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم،شۇندھق ياخشى تېمىدا ئىزلىنۋېتپىسىز،سىزنى قوللايمەن دىيىشتىن ئارتۇق ئىشلار قۇلۇمدىن كېلىۇش ناتايىن،ئەمما مۇشۇ تېمىغا قىزىققۇچى دوسلارنىڭ غەيراتجان ئوسمان ئوتغۇر ئەپەندىمنىڭ ‹‹ ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەرپتە دىگەن ›› دىگەن ئىلمىي ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقىشىنى،مۇشۇ ئاساستا ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىشىنى ئۈمىد ھەم قىلىمەن.

  8. پانتكىن مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىدا ‹‹تارايتىۋىتش خاتالىقى ۋە كڭەيتۋتش خاتالىقى›› بەك ئىغىر بوپ كىتۋاتدۇ. بەزى‹‹ ئالىملار›› ئۇيغۇرلارنى ئەينى چاغدىكى ئورخۇن خانلىق ئاخىرلاشقان ۋاقتتا تامام يوقتلغان ھازىر پەقەت ئۇلارنىڭ ئىتپاقدىشى بولغان قەببللەر ئۇيغۇر نامىدا ساقلىنىپ كەلدى(9-12-ئەسرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى ئا گ مالياۋكىن رۇسيە، يەنە بىرى ئۇيغۇر تارىخى لىيۇزىشاۋ) دەپ كاپشسا، يەنە بەزىلەر ئۇيغۇر دىگەن توپ تۇرك دىگەن توپتىنمۇ كەڭرى قوللىنىلغان، تۇرك دەپ توپ يوق ھەممسى ئۇيغۇرنىڭ تارمىقى دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا تەقلدي دۇنيا خيالشۇناسلىقىدىكى17مىڭ يىل بۇرۇنقى مۇ چوڭ قۇرۇقلۇقى زامانلردىكى ئۇيغۇر ئىمپرىيسىنى شىپى كەلتۇردۇ.
    زامانىۋى ئاڭغا ئىگە تارىخشۇناس ھەرگىزمۇ بۇ ئككى خىل بىكىنمە خاتالىققا يول قويمايدۇ. دۇنيادا ساپ پاكزە مىللەت بولغان ئەمەس، ئارغۇنلۇق مىللەتنى شەكلدەندۇرۇشنىڭ قەدىمكى ئاساسلىق شەكلى خالاس. بىلپ قويشڭىز كىرەك بىزدە قەدىمكى ئۇيغۇرنىڭ قىنى باشقا قىرنداش مىللەتلەرگە قارغاندا ھەممىدىن كۆپ بولمىسا بىز ئۇيغۇر ئەمەس، يەنە باشقا مىللەت بوپ قالمىز قىرىندىشم

  9. سەمەندەر مۇنداق يازغان:

    مەن قايسى كۈنى ئاۋىستىرالىيلىك ئىككى ھازار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ،ئاتا-بالا ئىككىسى ئىكەن ئوغۇل مەن دىمەتلىك كىلەتتى ھەرقانداق بىرىمىز بولساقمۇ ئۇ بالىنى ئۇيغۇر دەپ ئويلىماي ئامالىمىز يوق ئىدى،ماڭا ئىنگىلىزچە گەپ قىلدى ھەيران قالدىم دە نىمىشقا ئۇيغۇرچە سۆزلىمەيسىز ؟سۆزلىيەلمەمسىز ؟دىدىم ياق سۆزلىيەلمەيمەن مىنى نىمىشقا ئۇيغۇر دەيسىز دەيدۇ.مەن ئەمەس ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر سىزنى كۆرسە مەن ئۇيغۇر ئەمەس دىسىڭىزمۇ ئىشەنمەيدۇ دىدىم .ئۇ كۈلۈپ كىتىپ راس دەيسىز ئىران ،ئافغانىستان،پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دەل ماڭا ئوخشايدىغان جۈملىدىن سىلەرگە ئوخشايدىغان بەش مىليونچە ھازار دەپ بىر مىللەت بار ئۇلارنىڭ DNAسىنى تەكشۈرسىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئەڭ يېقىن چىقتى شۇڭا ئوخشايمىز
    مەنمۇ دەل مۇشۇ ئۆخشاشلىقتىن ھەيران قىلىپ ساياھەتكە كەلگەن دىدى .خۇش بوپ قالدىم ھەم ھەيران قالدىم بۇ يەردە بۇ تىمىنى ئۇچرىتىپ شۇڭا بۇ ئەسلىمىنى يېزىپ قويدۇم.

  10. چىن دىل مۇنداق يازغان:

    كۆپچىلىك بۇ يازغانلىرىمنىڭ تور بەت يۈزگە چقىش- چىقماسلقنى بىلمەيمەن،ئەمما مۇنازىرگە ئامراق بولغاچ يازغۇم كەلدى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ، مەۋجۇتلىقنى بىرخىل ئىلاھى قەيسەرلىك دەپ بىلمەن!، بىز ئۇيغۇرلاركەڭ قۇساق،دىيانەتلىك شۇڭلاشقا ئەمەلدىن يىراق، ئىشلىتىپ يەيدىغان پازازىتلارچە ياشاشنى ئەجداتلىرمىز راۋا كۆرمىگەن،قۇل بولسىمۇ قۇل قىلمىغان ،باغرىمىز يۇمشاق،بىز ھىلمۇ ياشدۇق، تارىخىمىزنى ياتلارنىڭ كۆيدۈرگىنىنى ئاز دەپ ئۈزمىزمۇ قايتىلاپ -قايتىلاپ كۆيدۈرۈپ تاشلىدۇق،قەدىمدىن تارتىپ ھۆكۈمرانلارنىڭ بىزگە قىلغان زۇلۇمىدا ھىلمۇ بىز ئۇيغۇرلار يۇقلىپ كەتمىدۇق ،ئاللاغا مىڭ شۈكىرى!ھازىر سوتسسىيالىزم ئەمدى يۇقالمايمىز!، بۇرۇن قانداق ،بىز كىم دىگەن سۇئاللارنى ئىزدىمەيلى ،چۈنكى تارىخمىز كۇيۇپ كۈل بولدى،ئىزدەپ تاپدىغىنىمىز بەرىبىر دەر ھەقىقەت كۈل،بۇرۇنقى ئەجداتلار ئۈزنىڭ تارىخىغا ئىگە بۇلالمىغان، ئەگەر ئىگە بۇلالىغان بولسا ،سىلەر دىگەندەك ئۇيغۇرلار بولسا تارىخىمىزنى تۇتۇپ تۇرالايتى!،بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ،ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش،بىز ئىزدىمەي ئۈزمىزگە قارايلى ئىزدەنگۈچلەر….،توۋا ئۈزمىزنى تاپالماي تۇرۇپ بۇرۇنقىنى ئىزدەپمۇ ئىشمۇ؟!بىز ئۇيغۇرلار زادى بىكارچىلارمۇ؟ نىمىشقا شۇنداق ياخشى زاماندا ئىگلىك تىكلەشكە ئاتلىنىپ زامانىمىزنىڭ بايلىردىن بۇلۇپ ئاتنىپ كىيىنكىلەرگە ئابىدە بولمايمىز؟ نادانلىقتا قالغان كىينكلەرنى يۈلمەيمىز؟ھازىر بىزنىڭ سايىمىز ئۈزمىزگە دالدا بۇلالامدۇ؟ئاپتاپقا چىقىپ قاراپ بىقىڭلار؟بىز مۇشۇنداق ياخشى زاماندا ئاتنامماۋاتساق ،بۇرۇنقىلار شۇ قالاق زاماندا قانداق ناملارنى قازنالا كۆپچىلىك؟ ۋاقىتىمىزنى كونا خاماننى سورۇشقا ئاجراتماي،يېڭى بىلىمگە ،ئىقتىساتنى يۈكسەلدۈرۈشكە قارتايلى ،سىلەردەك ئىزدىنىش رۇھىغا ئىگە كىشلەردىن نىشاننى بىلىم كەشپىياتقا بۇرساڭلا نۇرغۇن ئالىم چىقاتتى،باي كارخانچىلار چىقاتتى،شۇندىلا ئۇيغۇرۇمنىڭ نامى چىقاتتى!سىلەرنىڭ نامىڭلارغا، شەرپىڭلارغا تەشنا يۈرەكلەر چاك-چاك يېرلاتتى…….!

چىن دىل 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟