نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

مائاش ئۆسەمدۇ ،مال -باھا ئۆسەمدۇ؟

ئابدۇكېرەم راھمان ئالىپ

يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى

 

ئايلىق ئۆسىدىكەن ، دىگەن گەپنى ئاڭلىسا ئايلىق ئالىدىغان ئىشچى -خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا، سودىگەر- تىجارەتچىلەر ھەممىدىن بەك خۇشال بۇلۇشۇپ كىتىدۇ ، ھەم ئالدىراش -تىنەش مال باھاسىنى تەڭشەپ ،ئالىدىغان ھايان پايدىسىنى ھىساپلاپ ئۈلگۈرىدۇ .لېكىن سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ ، دەپ ئۆسكەن ئايلىقنىڭ ھۆججىتى چۈشمەي تۇرۇپ ، ياكى ئەمىلىيلەشمەي تۇرۇپ ، ئايلىقچىلار ھەر ئايلىق ئېستىمال خىراجىتىنى باشقىدىن تەڭشەشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. چۈنكى،بازار ئۇلارنىڭ ئۆسكەن ئايلىقىنىڭ قاچان ئەمىليلىشىپ قۇلىغا تىگىشىنى ساقلاپ ئولتۇرمايدۇ -دە . بازارغا پەقەت قايسى پارچە-پۇرات ئەمەلدارلارنىڭ ياكى سەھەر گېزىتىنىڭ «ئايلىق ئۆسىدۇ » دىگەن ئېلان خاراكتېرلىك بىرەر جۈملە سۆزى ياكى سەرلەۋھەلىك ماقالىسى بولسىلا بولدى .
ئۇنداقتا ، ئاشۇ ئۇششاق ئەمەلدارلارغا ، گېزىت ئىدارىلىرىغا ياكى تەشۋىقات ئۇرۇنلىرىغا ئايلىق ئۆستۈرۈش ھۇقۇقىنى كىم بەردى ؟ پۇل ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىن چىقمىغاندىكىن ، بۇنداق خەۋەرلەرنى كەلسە -كەلمەس تەشۋىق قىلىۋېرىدىغان گەپمۇ؟ھۈكۈمەتنىڭ بۇنداق تەشۋىقات ئاپپراتلىرىغا قارىتا تۈزۈم- سىياسەتلىرى يوقمۇ ؟
ئەگەر راستىنلا ئېشەنچىلىك خەۋەر بولسا ، مەركەز ياكى يەرلىك مالىيە تارماقلىرىنىڭ تامغا باسقان ، قىزىل جىيەكلىك ئاق ھۆججىتى قېنى ؟ شۇ ھۆججەتنىمۇ بىللە چىقىرىپ ، خەلق ئاممىسىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ تەشۋىق قىلىشمامسەن! يانچۇقچىنىڭ باش -ئاخىرى يوق گەپلىرىگە ئوخشاش قالايمىقان تەشۋىق قىلىۋېرىدىغان گەپمۇ؟بۇ ئېنىقلا بازار تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغانلىق بولماي نىمە ؟
ئايلىق ئۆستىمۇ دەيلى ، ئۇ قاچان ئەمىلىيلىشىدۇ كىم بىر نىمە دىيەلەيدۇ ، ھەتتا بەزى رايۇنلاردا بىر يېرىم يىل ياكى ئىككى يىلغىمۇ سوزۇلۇپ كىتىدۇ ، تېخې كىلەر قېتىملىق ئايلىق ئۆستۈرۈشكىمۇ بېرىپ تاقىلىپ قالىدۇ .سەۋەبى نىمە ؟ ھۆججەت چۈشمىدى ياكى مالىيەدە پۇل يوق !لېكىن كەسكىن بازار رىقابىتى ،شىددەت بىلەن ئۆسىۋاتقان مال باھاسى ھۆججەتنىڭ ئەمىلىيلشىنى ساقلىمايدىغان بۇلۇپ كەتتى .
ئۇنداقتا ، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىلىرى ، مال باھا ئىدارىلىرى نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ راسىتنى ئېيتسام كومپارتىيەنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئايلىقىغا باشقىلارنى بىلمىدىم مېنىڭ ھەممىدىن بەك قورسىقىم ئاغرىيدۇ ، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قۇلىدىن ئىش كەلمىگىنىنى ئاز دەپ كانىيى پوق .ئەلۋەتتە ،ئۇلار شۇنداق كۆپ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختۇتۇلامدۇ ؟سودا- ساراي ياكى ئۇششاق -تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىنى تاقىۋىتەلەمدۇ ؟خەلق ئاممىسىنىڭ تەخىرسىز ئېستىمالىغا چەك قۇيالامدۇ ؟!
ئۇنداق قىلالمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار دۆلەتكە توختىماي باج -كىرىم يارىتىدۇ ،ئۇلارنىڭ پايدا -كىرىمى قانچە ئاشقانسېرى باج كىرىممۇ شۇنچە ئاشىدۇكى ھەرگىز تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ .
ئۇلارنىڭ پەقەتلا قىلالايدىغىنى ،ئەسلى ماددىي بايلىقلارنىڭ(ئاشلىق ۋە ئىقتىسادى زىرائەتلەر) ئېتىزدىن چىقىش ، زاۋۇت -كانلاردىن چىقىش ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ، سۇ ،توك …باھاسىنىلا كونتىرول قىلايدۇ ، لېكىن ئەممە ئادەمنىڭ ئېتىز باشلىرىغا ، زاۋۇت ،كان-كارخانلارغا بېرىپ ئېستىمال قىلىشقا نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن !
شۇڭلاشقا ، گېزىتخانا ، تەشۋىقات ئۇرۇنلىرى ، ئۇششاق ئەمەلدارلار ئۆسكەن ئايلىقنى يانچۇقۇڭلاردىن چىقىرىپ بەرمىگەندىكىن ، ھۆججەت چۈشمەي تۇرۇپ ياكى ئەمىلىيلەشمەي تۇرۇپ شۈپەك ئېغىزىڭلارنى يۇمۇۋېلىڭلار !!!
بازار باھاسىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن ، ھۈكۈمىتىمىز تۈرلۈك ھاللاندۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ ، لېكىن بۇ چارە-ئاماللار ئۈرۈمچى ، شىخەنزە …دىگەندەك چوڭراق شەھەرلەردىكى چوڭ-چوڭ تاللا بازارلىرىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلىگىنى بىلەن ، بۇلۇڭ -پۇشقاقلاردا ، ناھىيە ، يېزا-بازارلاردا نەدىمۇ بۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن .
مەسلەن ، ياپۇنىيەنىڭ يادىرو زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەندە ، دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن يىمەكلىك تۇز« قىسىنچىلىق»نى تىلغا ئالىدىغان بولساق ،مەملىكەتنىڭ ھەممە يىرىدە بەس-بەس بىلەن يىمەكلىك تۇز سېتىۋېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ ، تۇزنىڭ باھاسى ناھايىتى تېز ئۆرلەپ كەتتىغۇ ، بۇمۇ بىر تەشۋىقات خاتالىقى ئەمەسمۇ ؟ ھۈكۈمىتىمىز مەخسۇس كىشى قۇيۇپ ،جىددى ھەم كەسكىن چارە قوللانمىغان بولسا بۇ بازار مالىمانچىلىقىنى ئوڭشىيالمىغان بۇلاتتى . ئەمىلىيەتتە ،ئەسلى بار بولغان زاپاس تۇز ئالتە ئاي تۇز ئىشلەپچىقىرىلمىسىمۇ بەھەزۇر يىتەتتى .
يىغىنچاقلىغاندا، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ، مال باھا تارماقلىرى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىش تۇتۇپ ، بىرەر كىمنىڭ ئەرز ئېيتىپ ئالدىغا كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي ، ھەرمىنۇت ، ھەر دەقىقىدە ، ھەر جايدا جىددى ھەم كەسكىن چارە قوللىنىپ ، چىكىدىن ئاشقان ھايانكەشلەرنىڭ تويماس نەپسىگە توختاتماي پوق كەپلەپ تۇرۇشى كېرەك . ھۈكۈمىتىمىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر قاتار بىمەنە تەشۋىقاتلارغا قاتتىق چەك قۇيۇشى كېرەك ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك ، دەپ قارايمەن .

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : مائاش ئۆسەمدۇ ،مال -باھا ئۆسەمدۇ؟

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!11 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تالىپ مۇنداق يازغان:

    مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئايلىق ئۆسۇدۇ دېگەن داۋراڭ گەپ بىلەن ئانچە مۇناسىۋەتىسز ! بۇ بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىدىكى تەرەققىيات ۋە مەسىللەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش. ماقالىدىكى مۇلاھىزىدە چوڭ بىر تەرەپلىمىلىك بار.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ماقالىدىكى مۇلاھىزىدە ھەقىقەتەن بىر تەرەپلىمىلىك بار. يەنى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى نۇقۇل « مائاش ئۆسمەكچى » دېگەن گەپكىلا باغلاپ قويغىلى بولمايدۇ. مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشى بازار، تەمىنلەش ۋە ئىھتىياج، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشىشى ۋەھاكازا دېگەندەك نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ.
      ئەمما، مەزكۇر ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلە، پۈتۈنلەي يوق مەسىلىمۇ ئەمەس . بەلكى جەمئىيتىمىزدە ئەينى مەۋجۇد مەسىلىدۇر. يەنى، ئالدى بىلەن ھەممە بىردەك مائاشنىڭ ئۆسىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلايمىز. گېزىت – ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋۇزۇر ۋە تور قاتارلىق تاراتقۇلار ئاغزى بېسقىماي خەۋەر قىلىشىدۇ. ئەمما، خېلى ئۇزاققىچە بۇ ئۆسكەن ماشنىڭ قارىسى تۇرماق سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما، بازارغا چىقساق، گۆشنىڭ باھاسىنىڭ ئىلگىركىدىن ئۆسۈپ قالغانلىقىنى، سەي – كۆكتاتلارنىڭ نەرقىنىڭمۇ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى … ئومۇمەن مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز. ئاران – ئاران كۈنىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئايلىقچىلارنىڭ بېشى قاتىدۇ. مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوق كىشىلەرنىڭ ئۈمىد قۇياشى يەنىمۇ پاتىدۇ …
      خۇلاسە، تۆۋەن كىرىم ۋە يۇقىرى مال باھاسى نۆۋەتتە جەمئىيتىمىز كىشىلىرىنى قىيناپ قويۋاتىدۇ. ھەر قېتىم گۆش سېتىۋالغاچ 10 يۈەنلىك ، ھەتتا 5 يۈەنلىك گۆش سېتىۋلىۋاتقانلارنى كۆرسەم كارنىيمغا بىر نېمە كەپلىشىپ قالغاندەك، غىققىدە بولۇپ قالىمەن. ئۆزۈم ئېلىۋاتقان ساننى شۇنداقلا كۆتەرتىپ قويغۇم كېلىدۇ. ئەمما، بۇنداق قىلسام كىشىنىڭ غورۇرىنى سۇندۇرغان ھېسابلىنىمەن -دە. قىلىدىغانغا ئىش بولماسلىق، ئىشقا چۇشلۇق ھەق بولماسلىق ، كىرىمگە يارىشا مال باھاسى بولماسلىق جەمئىيەت ئۈچۈن تولىمۇ خەتەرلىك بىر سېگىنال. ئۈمىدكى، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۆز فۇنكىسىيىسىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ بېشىغا يىقىلغان بۇ « تۆۋەن كىرىم ، يۇقىرى باھا » لىق تاغنى تېزراق ئاغدۇرۇپ تاشلىغاي!

  2. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    مائاش ئۆستى.ئۆي مۆلۈك پۇلى ئۆستى. داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلى ئۆستى.قولدا قالىدىغان پۇل ئاشمىدى،ئەكسىچە ئازلىدى.

  3. ۋۇلقان مۇنداق يازغان:

    مىنىڭچە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ فۇنكىيىسىنى تەڭشەش كېرەك، باش قۇرۇش قاتلىمى كۆپ كونكىرىتىنى ئىش قىلىدىغانلار بەك ئاز، خۇددى ئىشىت مۈشۈكنى بۇيرىسا مۈشۈك قۇپۇپ قۇيرىقىنى بۇيرۇپتۇ دىگەندەك بولۇپ، يۇقىرىنىڭ سىياسىتى ياخشى ئەمەلىيلىشىش ناچار پاسسىپ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى، شۇ سەۋەبتىنى جەمىئىيەت مەلۈم دەرىجىدە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالەت شەكىللىنىپ تۆۋەن يۇقرىنى ئالداپ اۇقرانى بوزەك قىلىدىغان قىلىمىشلار ئېغىرلا ۋاتىدۇ، بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىقدىساددا ئەكىس ئەتمەكتە، شۇڭا ھۆكۈمەت مال باھاسىنى تۇلۇق كونتىرول قىلالماي ۋاتىدۇ، دىسەك گەپ جېق مۇشىنچىلىك دىيىپ تۇرايلى.

  4. ياشنا مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى، ياخشىمۇسىز؟
    ئۈلۈشكۈن، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەليۇل ئەلا بولغان (ماتېماتىكىدا 150 نومۇر ئالغان) پەخرىيە ئەشرەپ توغرىسىدا نەق مەيدان سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. مۇمكىن بولسا، شۇ سۆھبەتنى ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز ياكى كۆچۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز؟ ( ئۇ قىزنىڭ بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيىدىكى رەسىملىرىمۇ بار )
    ____ ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت، بلوگىڭىزغا تېخىمۇ راۋانلىق تىلەپ:
    بلوگىر ياشنادىن

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      پەخىرىيە سىڭلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمىتھانىدا كاتتا شەرەپ قۇچقانلىقىنى تۇنجى بولۇپ مىكروبلوگىمىزدا (گۈدۈك) تە خەۋەر قىلغان ئىدۇق. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسىنىڭ مەزكۇر سۆھبەت پروگىراممىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئۇلىنىشنى مىكرو بلوگىمىزدا تارقىتىپ قويۇشقا تەييارمىز!
      سىلەردىن يەنىمۇ نادىر پروگىراممىلارنى كۈتىمىز – ئەلۋەتتە.

  5. كۆك كەپتەر مۇنداق يازغان:

    گۈدۈكدە بىر مىكرو بىلوگدا بىر گەپ بولغاندەك ئىسىمدە: «50 يىل بۇرۇن خىزمەتچىنىڭ بىر ئايلىق مائاشىغا 40كىلو گۆش كىلەتتى، ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىزمەتچىنىڭ بىر ئايلىق مائاشىغا 40 كىلو گۆش كىلىدۇ.» بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان بىر جۈملە سۆز. بۇ سۆزنى 20يىلدىن بىرى ھۆكۈمەتتىن ئايلىق ئىلۋاتقان دادام بىلەن تاغام ئاڭلاپمۇ ھەقىقەتەن شۇنداقلىقىنى دەلىللىدى.
    قارىغاندا يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ، بىزنىڭ مەمۇرى ئورۇنلارغا پىكىرى باردەك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ زادى نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئاللا خالىسا كۆرۈشكەندە مەن دەپ بىرەي. ^_^

    • ئەزھەر مۇنداق يازغان:

      ئەلئئەللىك يىل بۇرۇن بىر ئايلىق مائاشقا 40 كىلو گۆش كەلگەن بىلەن ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك تاۋار ئۆي دەيدىغان گەپ يوق . ئوزىڭىز ئەترەتتىن تەستىقىلىتىپ ئۆز قولىڭىز بىلەن ئۆي سالسىڭىز بولاتتى. ھازىر شۇ قىرىق كىلو گۆشنىڭ پۇلىنى بىر ئۆمۈر يىغسىڭىزمۇ ئۆي سېتىۋالالمايسىز.
      …جاھان تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ كۈندە ئەلۋەتتە ئەللىك يىل بۇرۇنقىدەك ياشىمايسىز .ئۇ چاغدا يانفون يوق ،ماشىنا يوق.بالىڭىزنىڭ تۈگىمەس ئوقۇش چىقىملىرى يوق،توي -تۆكۈنلەرنى رېستۇراندا كۆچۈرۈش يوق ،ئېسىل ماشىنا بىلەن كۆچۈرۈش يوق،دوسلار يىغىلىشى يوق . ئەڭ ئەقەللىسى ھازىرقىدەك ئادەتتىكى بىرەر كېسەلگىمۇ بىر دېھقاننىڭ ئون يىللىق كىرىمى بىلەن داۋالىتىش دېگەندەك ئەقىلگە سىغمايدىغان ،بىراق ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ بولغان ئىشلار يوق ئىدى .شۇڭا ئۇ چاغ بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇرۇش تولىمۇ ھاماقەتلىك ياكى ھارامتاماق باشلىقلار پۇقرانىڭ نارازىلىقىنى باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن ئويناۋاتقان ئويۇنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  6. مۇھەممەد ئىمىن مۇنداق يازغان:

    بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە بار،ھازىر جەمىيىتىمزدە بازارنىڭ سىتىخيلىك تەڭشىشى ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرماستى بەلكى بازارغا ھۇكۇمەتنىڭ ئارلىشىشى ئاساسلىق مەسىلىنىڭ مەنبەسى،شۇڭا جۇڭگۇنىڭ ئىزچىل ياۋرۇپا،ئامرىكا قاتارلىق دولەتلەر تەرپىدىن ئىقتىسادى بازار ئەركىنلىك ئورنىنىڭ ئىتىراپ قىلىنماسلىقى شۇنىڭغا ئوخشاش مۇرەككەپ سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن.ئەسلى بازار نازارەتچىسى بولغان مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار ئۆزنىڭ مۇناسىپ رۇلى يەرلىك ھاكىمىيەت ئىقتىسادى مەنپەتى بىلەن تۇقۇنىشقاندا پۇتۇن ئاخپارات مال باھاسىنى ئۇستۇرۇش ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ ھەرگىز توغۇرا ئەمىلى ئۇچۇر تەمىن ئەتمەيدۇ.كوپچىلىك يادىدا بولسا كىرەك 2009-2010يىلىرى قەشقەر،خۇتەن،ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ئۆي مۇلۇك باھاسىنىڭ تىز ئورلىشىدە پۇل پاخالىقى ۋە كۇپۇكسىمان ئىقتىسادتىن باشقا تەشۋىقاتتىكى ساختىلىق ئىغىر.مەسىلەن ھازىرقىدەك ئىسىمدە گىزىتلەردە قەشقەر ئىكىنجى شىنجىن بولماقچى،نۇرغۇن ۋىنجوۋلۇق سۇدىگەرلەر يىڭى سېلىنغان ئويلەرنى بىنا،بىنالاپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ دىگەندەك….مەخسەت قىسقاۋاقىت ئىچىدە ئوي باھاسىنى ئورلىتىپ ھەسىلەت پايدا ئېلىش.شۇڭا نۇرغۇن ئىستىمال بۇيۇملىرى يىمەك ئىچمەك بازارنىڭ ئادىل تەڭشىشىدىن،تويمىغۇر سودىگەرلەردىن،ھاكىمىيەنىڭ مەنپەتلىك ئارلىشىدىن كىيىن بىرنجى قول بولغان باقمىچى تىرىمىچى باھا تەڭشىمەستىلا باھا ئورلەپ كىتىدۇ. بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ قالار .بىرچاغلاردا لېكىن قاچان ؟ ئىقدىسادى كۇپۇك پارتلىغاندا،ئوي مۇلۇك ئامرىكا،كورىيە،تايلانىت قاتارلىق دولەتلەردەك ئىسىق سۇغاقلارنى باشتىن كەچۇرگەندە،جوڭگۇ يەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندا،باقمىچىلىق ،دىھقانچىلىق كۇلەملەشكەندە….سۇدىدا ئادىل رىقابەت بارلىققا كەلگەندە چۇقۇم بازار ئۆزىنىڭ ھەقىقى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ!!

  7. تاداب مۇنداق يازغان:

    ھازىر جەامىيەتتە سىز دىگەندەك مائاش ئۆسىدىكەن دىگەن خەۋەر تارقالغاندا بىر باھا ئۆسۇش،ھەقىقى تەڭشەلگەندا يەنەبىر باھا ئۆسۇشتەك ئەھۋال كۆرۇلمەكتە ،بولۇپمۇ بۇيىل ھۆكۇمەت ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشىگەنلىگىنى جاكارلسا يەنە مائاش ئۆسۇپتۇ دەپ باھانى ئۆستۇرىۋالدى.ھۆكۇمەت ئ.ەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى يىلدا بىر تەڭشەيدۇ،بۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوق، شۇنداقتىمۇ تىجارەتچىلەر ئۆزلىرى گەپ تارقىتىپ ئۆستۇرۇپ يۇرۇيدۇ.ھازىر بازارنى باشقۇرۇش مىخاينىزىمى يوق ،توپ باھا بىلەن پارچە سىتىلىش باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق زور بولماقتا.بۇ ئىستىمال مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئەمەس بەلكى قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن تىرىشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتى.ئامال بار كۆپچىلىكلنى ئىستىمالغا رىغبەتلەندۇرۇپ، ئازپايدا بىلەن كۆپ مىقداردا ئوبۇرۇت بولسا تىجارەتچىلەرنىڭ تاپاۋىتى ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كىتەتتى.

  8. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    ئىشقىلىپ ھەر قېتىمقى «ئۆسۈش» تىكى ئورتاقلىق بولسا ئاۋال باھا ئۆسىدۇ، ئاندىن مائاش سۆرۈلۈپ ئاران ئۆسىدۇ. ھازىر تىجارەت قىلماق تېخى تەس … بۇنىڭغىمۇ كۆپ شۈكرى

پاسىبان 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟