نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئادىمىيلىك ئۆلمىسۇن

جاھان تېز ئۆزگەردى، پەن – تېخنىكا، يېڭىلىقلار ئىشىك قېقىپ كېلىۋەردى. بىراق، شۇنداق بىر تۇيغۇ باركى، ئۇ ھېچ قاچان ئۆزگەرمەسلىكى، ئىپتىدادا قانداق بولسا، ئىنتىھادا ھەم شۇنداق بولۇشى زۆرۈر. بۇ دەل ئادىمىيلىك تۇيغۇسىدۇر.
- بالام، بۇنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگەن بولساڭ.
- قانچە بېرىسە مۇماي.
- ئەي بالام، پۇلۇمنىڭ بارىنى بايا ئىشلەتتىم، يول كىراغا چۇشلۇق قالدى.
- كۆتەر چوڭنا، قۇرۇق گېپىڭىنى، بىكارغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدۇ ھازىر.
- نېمىلەرنى دەيدىغانسەن ئوغلۇم، پۇلۇم بولسا ئايارمىدىم، خالىساڭ دۇئا قىلىپ …
مۇماينىڭ گېپى ئاغزىدا قالدى. يىگىت ئاللىقاچان كېتىپ قالغان ئىدى. بىچارە مۇماي ئۇياققا – بۇ ياققا ئەلەڭلىدى – دە، ئۈمىد يوقلىغىنى سېزىپ، يۈك – تاقىلىرىنى مىڭبىر مۇشەقەتتە كۆتەردى. سىلىكىنىپ – سىلكىنىپ، يولغا چۈشتى. شۇ پەيت ئارقىدىن بىر ئايال يېتىپ كەلدى – دە، مۇماينىڭ قولىدىن يۈكنىڭ تولىسىنى ئالدى، ئۇلار ئاستاغىنە بېكەت تامان جۆنەشتى …
شۇندا خىيال كوچىسىغا كىرىپ، ئۇزاق ئوي سۈرۈپ قالغىنىمنى سەزدىم. ئىچ – ئىچىمدىن نەپرەت ئېتىلىپ چىقتى. بۇ نەپرەت ئادەملەرنىڭ نەۋقىران ياشلىغىنى تارتىپ ئالغۇچى ھاياتقىمۇ، تىرىكچىلىك دېگەن ‹‹ بالايىبەد ›› گىمۇ ياكى كىچىكىنە بىر ئىشنىمۇ پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىماقچى بولغان قاراكۆڭۈل يىگىتكىمۇ؟ بىلمىدىم … بىر قاراشتا بۇنداق ئىشلار دىققەتكە ئەرزىمەيدىغاندەك ئاددىي بولۇپ تۇيۇلىدۇ. بىراق، يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك جايدىن سېزىپ چىققان سۇ ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مۇستەھكەم توسىمىنىمۇ ئۆرۈپ تاشلاشقا قادىر بولغىنى كەبى، بۇ ھالەت ھەم ئەتە – ئۆگۈن تېخىمۇ چوڭ پاجىئەلەرگە زېمىن ھازىرلىشى مۇمكىنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.
دەرھەقىقەت، بازار ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلماقتا. نۇرغۇن نەرسىلەر بازار ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى تاپماقتا. لېكىن بازار ئىقتىسادىنىڭ تۈپ ماھىيىتى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى تاشباغىرلىققا ئۆزگەرتىش، ھەممە نەرسىنى پۇل بىلەن ئۆلچەش ئەمەسقۇ؟!…
ئەسلەردە بولسۇنكى، دۇنيانى ئۆز ئىزىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرغۇچى كۈچ بۇ – ئادىمىيلىك تۇيغۇسىدۇر.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئادىمىيلىك ئۆلمىسۇن

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!8 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    ئادىمىيلىك دەل بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ يەنە بىر ئېسل ئەخلاقى. دۇنيا ھەر قانچە تەرەققىي قىلىپ ئادەملەر پۇلغا دۈم چۈشسىمۇ، مېنىڭچە بۇ ئادىتىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن.

  2. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    ئادىمىيلىك دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەكسىچە ئۆز كۈچىنى يۇقىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ كاللسىنى سىلكىپ تۇرۇپ ئويلىنىشىغا تىگىشلىكتۇر.

  3. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    ئادىمىيلىك توغرىسىدا گەپ بۇلۇنغاندا، كۆپىنچە شەھەرلىكلەرنى ئىسىمگە ئالىمەن. نېمىشقا دېگەندە، شەھەرلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى يولدا بىرى يىقىلىپ قالسىمۇ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك كارى يوق ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئوغرى-يانچۇقچىلارنىڭ ئوغىرىلىق قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپمۇ مىت قىلماي ئولتۇرىدۇ. ھەتتا باشقىلارنىڭ ئېرىققا چۈشۈپ كېتىپ «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، كۆپىنچە كىشى ئاڭلىماسقا سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا «پۇختا» بۇلۇشۇپ مېڭىشىدۇ. مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئويلىغاندا، شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ « سەھرا كۆرمەي شەھەرلىكلەر شۈكرىلىك بولماس» دىگەن ئاددىي ئەمما تىرەن مەزمونلۇق شېىئرى مىسراسى كاللامدا زاھىر بۇلىدۇ…

    ھازىر ئادىمىيلىك تۇيغۇسىغا «قۇرت» چۈشكەن كىشلەر قورقماي يىمەك-ئىچمەككە خالىغانچە ساپ بولمىغان خۇرۇچلارنى قۇشۇپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، يىمەك-ئىچكمەكنى سۈنئىيلەشتۈرمەكتە
    . ئۆتكەن ھەپتە دەرس ئاڭلاۋېتىپ، ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ « ھازىر خاتىرجەم يىيىشكە بۇلىدىغان يېمەكلىكلەر ئازلاپ كەتتى!» دەپ ۋايساپ كەتكەن چىرايى مېنى خىياللارغا غەرق قىلدى.
    «ئۇن ئالساڭ ئاقارتقۇچى قوشىۋاتقان، ماي ئالساڭ چىرىشتىن ساقلىغۇچى خىمىيىلىك ماددىلار قۇشۇلىۋاتقان ھەتتا قۇدۇق مېيىنى (ئىشلىتىپ بولغان ماينى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش )قورقماي سېتىۋاتقان، گۆرۈچ ئالساڭ گېىنىنى ئۆزگەرتىۋاتقان،سەي ئالساڭ دېھقانچىلىق دورىلىرىنى بۇلۇشىغا چېچىۋاتقان، ئىچىملىك ئىچسەڭ تۈرلۈك خىمىيىلىك ماددا قۇشىۋاتقان، سۇ ئىچسەڭ سۇ تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتمىگەن، نەپەس ئالساڭمۇ، ساپ ھاۋا يوق! ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىك ئالساڭ، قۇغۇشۇن ۋە سۈنئىي تەركىبلەر ئېشىپ كېتىۋاتقان، يېقىندا ئىچكىرىدە يۈز بەرگەن «رەڭلىك ھور نان» ۋەقەسى…….. »
    بۇنىڭغا مەيلى دەپ تۇرساڭ، بەزى كىشلەرنىڭ چىرايلىردىمۇ سۈنئىي كۈلكە، سۈنئىي ئەزا، سۈنئىي قەلىب، سۈنئىي چىراي، سۈنئىي ھېسيات، سۈنئىي غەرەز……
    بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ساۋاقداشلىرىم : « يەيدىغان نەرسە قالماپتىغۇ ئەمدى؟ نېمە يېسەك بىخەتەردۇ؟» دىيىشىپ غۇدىرىشىپ كەتتى.
    بۇ تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، كىشلىرىمىزنىڭ ئادىمىيلىك ئىبارەت ئەڭ ئەزگۈ تۇيغۇلاردىن يىراقلاشۋاتقانلىقىنىڭ بىر توغرا كەسمە يۈزى. ئادىمىيلىك – كىشىنى نىجادلىققا، مىللەتنى گۈللىنىشكە، جەمئىيەتنى رونان تېپىشقا باشلايدۇ.
    ئادىمىيلىككە چوڭ بەدەل كەتمەيدۇ. ئۇ پەقەت سىزنىڭ ھېس قىلىشىڭىزغا ۋە ھەر بىر ئىشتا ئەمەلدە كۆرسىتىشىڭىزگە باغلىق خالاس…

  4. پىنھان مۇنداق يازغان:

    ئادىمىيلىك ئۆلمىسۇن تېمىسىكى بۇ يازما ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ!

  5. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    ئادىمىيلىك دىنىمىز ۋە مىللىتىمىزگە ئورتاق خاس بولغان ئىسىل ئەخلاق. بۇ بىزگە ياتلاشقانسىرى ئۆزىمىزگە نېمىنىڭ ياتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتكىلى بولىدۇ

  6. ۋەيرانى مۇنداق يازغان:

    بىزدە يوقىلىپ كىتىپ بارغان نەرسە خېلى بار ئىكەن.ئەڭ مۇھىمى بىز ئىنسان تۇرۇپ ئىنساننى ياخشى كورمەيمىز.شۇڭا بىزدە ئادىمىيلىك ئاستا -ئاستا يوقاپ كىتىپ بارىدۇ.

  7. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    بۇ ماقالە ھەممىمىزنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، شۇڭا بالىلىرىمىزغا ئەڭ ئالدى بىلەن ئادىمىلىك تەربىيىسىنى ياخشى قىلايلى.

  8. يوق مۇنداق يازغان:

    ئادىمىيلىكى يوق ئادەمنى ئادەم دېمەيمەن.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟