بۈگۈن (2012– يىلى 8– ئاينىڭ 5- كۈنى، يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 دىن 8:00 غىچە ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگراممىسى «ياشلىق مىلودىيەسى FM101.7» دە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل (قىسمەت) ، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى كەمىنە ئەلقەم ئىلھام يۈكسەلنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ياشلاردا بىلوگ قىزغىنلىقى» ھەققىدە رادىيو سۆھبىتى ئاڭلىتىلغان ئىدى. تۆۋەندە، شۇ سۆھبەتنىڭ ئۈن ھۆججىتى تەمىنلەندى.
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : «ياشلاردا بىلوگ قىزغىنلىقى» رادىيو سۆھبىتى (ئۈن قوشۇلدى)
ئاڭلاپ بولدۇم مەزمۇنى خېلە ياخشى چىقىپتۇ
ئە راست مەن ئۇز بىلوگ ئۇلىنىشلىرىغا ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغان تېخىچە تەستىقلانماپتىغا
يىللىق ئون چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە ئۇزبلوگنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىمدىن خەۋەرلىرى يوق ئىكەندە-ھە؟!
بۇ ئىشلرنى بىلمەيدىكەنمەن
يۇكسەل ئۇستاز ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرىگە كىرىپ قۇيۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن
ئايەم مۇبارەك ! سەھرالىق پەتىگە كەلدى!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سەھرالىق باغرىم! كەسىلە، ئاۋۇ كالاچلىرىنى سېلىۋېتىپ، تۆرگە ئۆتسىلە!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەمىنە ئۇيغۇربەگ پرېستاننىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى ئالغاچ كەلگەچ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى، پرېستان بلوگى، ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى، بلوگىمىز فىلىم قانىلى، WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى( بلوگداش ئۇيغۇر بلوگ مۇنبىرى)، سازبلوگلار جەمگاھى قاتارلىق بلوگ-بېكەتلەرنىڭ تۇغلىرىنى لەپىلدىتىپ ھېيتلىق پەتىگە كەلدىم، بلوگىڭىز كۈنسىرى روناق تاپسۇن، ئالتۇن بۇيىڭىز ئامان بولسۇن، ئىشلىرىڭىز ئالغا باسسۇن.
ۋاي-ۋۇي … نېماندا جىق تۇغ-ئەلەملەر بۇ؟! كاللاڭلار ساقمۇ؟ نامىنى ئوقۇپ بولغىچىمۇ كاللام ئوماچ بولدى مېنىڭ. ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن ھەر ئىشىڭلارغا، كۆكلەڭلەر، ئۆرلەڭلار! يۈكسەك چوقىلار مەنزىلگاھىڭلار بولسۇن. بۈيۈك شامان پەقەت يۈكسەك تاغلاردىنلا چىقىدۇ.
ئايىمىڭىز مۇبارەك بولسۇن يۈكسەلكا
بىرگە بولسۇن، ھەممەيلەنگە ئىمان-ھىدايەت، ئىككى ئالامەلىك بەخت-سائادەت شەربىتىنى ئىچىشكە نىسىپ بولسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشىم! ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال-خورام ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن. كەمىنە لوپنۇرىنىڭ ئايەملىك سالىمنى قۇبۇل قىلغايسىز! لوپنۇرى بلوگىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. قالغان سالامنى تۆۋەندىكى ئايەملىك يازمىدىن كۆرگەيسىز!
http://www.lopnuri.com/?p=2324
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئۆزلىرىنىڭمۇ مۇبارەك ھېيىتى قۇتلۇق بولسۇن. تولا گۈزەل تېلەكلەر ئىكەن. پېقىرمۇ يانفوندا شۇ تېلەكلەرنى قېرىنداشلارغا يوللاپ، بارچەمىزنىڭ ھېيىتىنى تەبرىكلىگەن ئىدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېىندىشىم، چەۋەندازلار روزى ھېيىتىڭىزنى قۇتلۇقلايدۇ! كۈنلىرىڭىز خۇشاللىققا تولسۇن. ھېيىتنىڭ خاسىيىتى دىللارنى يورۇتسۇن!