ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ئالدى بىلەن بارلىق تورداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى بارچە گۈزەل تىلەكلەر بىلەن قىزغىن قۇتلۇقلايمىز، ھەممەيلەننىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
«ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» پروگراممىسىنى نورۇز پەيتىدە تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنىدىغانلىقىمىز ھەققىدە تور، رادىئو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلاردا كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن مانا شۇ قۇتلۇق مىنۇتلاردا «ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» پروگراممىسىنىڭ تۇنجى سانىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا نورۇزلۇق سۈپىتىدە سۇندۇق.

 

شارائىتنىڭ چەكلىك، تەجرىبىمىزنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلى تورداشلار بىزدىن كۈتكەن ئۈنۈم ۋە سۈپەتكە يېتەلمىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما، بىز بۇندىن كېيىن تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، شارائىتىمىزنى پەيدىنپەي ياخشىلاپ، «ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» نى ساغلاملىق سۆيەر تورداشلارنىڭ ھەقىقى سىرداش دوستى بولۇشقا يارايدىغان، مۇنەۋۋەر تور ئىكرانى پروگراممىسى قىلىپ ئىشلەپ چىقىشقا تىرىشىمىز! سىزنىڭ قوللىشىڭىز، رېغبىتىڭىز، تەكلىپ-تەنقىدلىرىڭىز بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك، ئەلۋەتتە.

 

كامالىي ئېھتىرام بىلەن

 

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-يىل 03-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:47
كۆرۈلۈشى: 349 قېتىم
خەتكۈش: ،
يازما مەنبەسى: ?p=2004  [كۆچۈرۈش]