م  ئا  يۈكسەل

    2012-يىلى ئۆكتەبىر. بېيجىڭنىڭ ئاسمىنى كۆپ-كۆك، مامۇقتەك ئاق بۇلۇتلار كۆكتە لەزران ئۈزۈپ يۈرمەكتە. شەھەرنىڭ ھەممىلا يول-كوچا بويلىرى ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن ھەرخىل، ھەررەڭدىكى كۆركەم گۈل-گىياھلار بىلەن تولغان بولۇپ، گۈزەل ۋە قاينام-تاشقىنلىققا چۈمۈلگەن پايتەخت مەنزىرىسى ئادەمنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. مانا مۇشۇنداق ئالتۇن كۈز پەسىلىدە، بىز ئەر-ئايال ئىككىمىز نەۋرىمىز ئاتىللانى يوقلاپ كېلىش مەقسىتىدە بېيجىڭغا كېلىپ، بىرەر ئايدەك تۇرۇپ قالدۇق. بۇ جەرياندا كۆرگەن، ھېس قىلغان ئەھۋاللار خېلى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۇلاردىن ئالاھىدە بىلگەنلىرىمنى مىكرو خاتىرە شەكلىدە خاتىرىلەپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن بۇلارنى قىسقارتىپ رەتلەپ چىقتىم. بۇ بىر پۈتۈن زىيارەتنامە ياكى تەسىراتنامەمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە.

 

تاشپۈتۈكتىن تۇغۇلغان ئويلار

 

2012-يىلى 6-ئۆكتەبىر. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى بولسىمۇ، تارىختىكى مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ يازلىق ئوردىسى جايلاشقان خېبىي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدى شەھىرىدىكى يازلىق ئارامگاھقا كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى (5 ئادەم) بېيجىڭدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ، 3 سائەتتە بۇ يەرگە يېتىپ كېلىپ، ساياھىتىمىزنى باشلىدۇق. بۇ يازلىق ئوردا چېڭدى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان بولۇپ، 8500 موغا يېقىن دائىرە بىر تاغ چوققىسىنى چۆرىدىگەن شەكىلدە، ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە تاش تام بىلەن ئىھاتىلانغان ئىكەن. 1703-يىلى ياساشقا باشلىنىپ، 1792-يىلى پۈتكۈزۈلگەن بۇ يازلىق ئوردا بۈككىدە ئۆسكەن قويۇق قارىغايزارلىققا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمقى ئۇسلۇبتا سۈرلۈك، ئازادە ۋە كۆركەم ياسالغان ئىكەن. ئوردا ئالدى قوۋۇق، شاھ قەسىرى، تەختىگاھ، ھەرەمخانا قاتارلىق 120 ئېغىر ھوجرا-ئۆيدىن تەركىب تاپقان ئىكەن. بىز ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ باشلىشىدا ھەربىر قەسىر، ساراي، ھوجرا ھەققىدىكى قىزىقارلىق چۈشەندۈرۈشلەرنى قىزىقىپ ئاڭلىدۇق. كاڭشى خان، چىيەنلۇڭ خانلارنىڭ تېبەت بۇددا دىنى ئەنبىياسى دالاي لاما 6 نى قوبۇل قىلغان ھوجرىنى، ئويرات مۇڭغۇللىرىنىڭ خانى ئوباشنى ۋە ماكارتىنى باشچىلىقىدىكى ئەنگىلىيەنىڭ تۇنجى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلغان ھوجرىنى ھەمدە 1860-يىلى شىيەنفېڭ خان << جۇڭگو-رۇسىيە بېيجىڭ شەرتنامىسى>> نى ئىمىزالىغاندا تۇرغان ھوجرىنى ۋە خان ھوجرىسىنىڭ يان تېمىدىكى خانغا قىز -كېنىزەكلەرنى يالىڭاچ سوڭلايدىغان كىچىكرەك << ئارقا ئىشىك >> نى زىيارەت قىلدۇق.

 

چېڭدى شەھىرىدىكى يازلىق ئارامگاھ

 


بۇ يەردە، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر بۇدخانا بار بولۇپ، مېنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. بۇ بۇتخانىنىڭ نامى << پۇنىڭ بۇتخانىسى >> بولۇپ، يازلىق ئوردىنىڭ سىرتىغا، يەنى چېڭدى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دەريا بويىدىكى تاغ باغرىغا ياسالغان ئىكەن. بۇ بۇتخانىنى چىيەنلۇڭ خان 1755-يىلى شىنجاڭ مۇڭغۇلكۆرەدىكى گەدەن تېغىدا مەركىزىي ھۇكۇمەتكە بۇيۇنتاۋلىق قىلعان جۇڭغار خانى داباجىنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب قىلىپ، 1635-1755 يىلىغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ، شىنجاڭ زېمىنىنى مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياساتقان ئىكەن.

 

پۇنىڭ بۇتخانىسى

 

بۇتخانا ھويلىسىغا ئۇزۇنچاق بىر تاشپۈتۈك تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چىيەلۇڭ خان ئۆز قولى بىلەن يازغان بېغىشلىما ئۇيۇلغان بولۇپ، بېغىشلىمىدا، ئەشۇ تارىخى ۋەقە بايان قىلىنغان ئىكەن. شۇ تاپتا، مەنچىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي دىيار دەپ ئاتالغان بۈگۈنكى شىنجاڭنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن تارىخى ۋەقەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇڭغۇلكۆرەدىكى گەدەن تېغىدا، بەدەخشاندىكى يېشىل كۆل بويىدە، قەشقەر مىڭيولدا ۋە يەكەندە ئورناتقان تاشپۈتۈكلەر كارتىنىسى  …بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەندەك بولدى. جۇڭگوغا 268 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان مانجۇلاردەك بىر يايلاق مىللىتىنىڭ تارىختا ئىز قالدۇرۇشقا سەل قارىمىغانلىقى، مۇھىم ئىشلاردا حاتىرە قالدۇرۇش  ئادىتىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

 

پۇنىڭ بۇتخانىسىدىكى تاشپۈتۈك

 

مەسجىدتە ئىسرىق سېلىپ قەبرە ئۆپگۈچىلەر

 

نيۇجې (ئۇلاغ بازىرى ياكى كالا بازىرى) مەسجىدى مىلادىي 966-يىلى سېلىنغان، 1696-يىلى قايتا تەمىر قىلىنىپ، ھازىرىقى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلۈمى ئەڭ چوڭ بولغان كاتتا جامەدۇر. جامە ئىچىدە قۇتبىخانا (مىھرابخانا)، ئاينەزەرخانا قاتارلىق ئىمارەتلەر بار بولۇپ، جۇڭگو مىمارچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى بويىچە سېلىنغان، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە جامەدۇر.

 


نىيۇجې مەسجىدىگە كەلگەن ۋاقتىم دەل قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى يەنى ناماز كۈنى بولۇپ، ھېيت نامىزىغا كەلگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتاتتى، مەن نامازنىڭ رەسمىي باشلىنىشىدىن بۇرۇنقى، جامە ئىمامىنىڭ خەنزۇ تىلىدا قىلغان قۇربانلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى تەبلىغىنى ئاڭلىغاچ، ئادىتىم بويىچە مەسجىد ئىچىنى بىر قۇر ئەستايىدىل ئايلىنىپ چىقتىم. نامازخانلارنىڭ كۆپ قىسمى يەرلىك تۇڭگانلار بولۇپ، يەنە ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرى، چەتئەللىك مۇسۇلمانلار بار ئىدى. ئالاھىدە بىر ئەھۋال شۇ بولدىكى، مۇسۇلمان ئاياللارمۇ مەخسۇس بىر زالغا كىرىپ، نامازغا تەق بولۇشىۋاتاتتى.

 

 

مەسجىدنىڭ يان ھويلىسىدا ئىككى قەبرە بار بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. تۇڭگان ياشلىرى، ئەر-ئاياللار نۆۋەت بىلەن قەبرە ئالدىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. مېنى ئالاھىدە قىزىقتۇرغىنى، ئەر-ئاياللارنىڭ ئىككى-ئىككىدىن كېلىپ، ئالدى بىلەن كۈجىگە ئوت يېقىپ، ئىسرىقدانلارغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن، قەبرە ئالدىغا بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئىككى قەبرىنى ئىخلاس بىلەن ئۆپۈپ (سۆيۈپ) بولۇپ، دۇئاغا مەشغۇل بولۇشى ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەردە بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم.

 


بۇ ئىككى قەبرە 13-ئەسىردە خانبالىق-بېيجىڭگە كېلىپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان ئىككى كىشىنىڭ قەبرىسى بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى ئىرانلىق مۇھەممەد بىن ئەھمەد، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى بۇخارالىق ئەلى ئىكەن. بۇ ئىككى قەبرە ناھايىتى كۆركەم تەمىر قىلىنىپتۇ. قەبرە ئارقىسىدا ئەينى ۋاقىتتا تىكلەنگەن قەبرە تېشى بار ئىكەن. قەبرە تېشىدىكى يېزىقنى ئوقۇشقا مۇمكىن بولمىدى.

 

كوچىدىكى جاھان ئەينىكى

 

بېيجىڭدە تۇرغان كۈنلىرىمدە، بىرەر ئورۇنغا بارماقچى بولسام ئاساسلىق كوچىلارغا ئورنىتىلغان جاھان ئەينكى (كومپيۇتېر تاختىسى) دىن كۆپ پايدىلاندىم. بېيجىڭدىكى ئاساسلىق كوچىلارنىڭ بويلىرىغا، يول بۆلەكلرىگە مۇشۇنداق جاھان ئەينەكلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر كىشى خالىغان ۋاقىتتا، ئەينەك يۈزدىكى تىزىملىك-مۇندەرىجە بويىچە ئۆزىگە زۆرۈر بولغان خەۋەر، مەنزىل، يول خەرىتىسى، دوختۇرخانا، ئىدارە-ئورگان، مېھمانساراي، رىستۇران، سەيلىگاھ… قاتارلىقلارغا ئائىت كونكرېت ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىكەن. بۇ ئېكرانلارنىڭ ھەممىسى سەزمە ئېكران بولۇپ، مەشغۇلات قىلىش ناھايىتى ئوڭاي ئىكەن. بۇ خىل ئىلغار قولايلىقلارنى كۆرۈپ، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى جاھان ئەينىكى يادىمدىن كەچتى. بۇ خىل يېڭىلىق، بۇ خىل ئەلنەپ قولايلىقلار بىزنىڭ دىيارىمىزغا قاچان يېتىپ بارار دېگەن ئىنتىزالىق خياللار خېلى كۈنلەرگە قەدەر ئېسىمدىن كەتمىدى.

 

ئۇيغۇر قىزى ۋە نىگىر ئاشىق

 

21-ئۆكتەبىر كۈنى، يەكشەنبە. بېيجىڭدە ھاۋا سالقىنلاپ، ئىزغىرىن شامال چىقىۋاتاتتى. مەن ئوغلۇم پەرھاد بىلەن كەچلىك سەيلىگە چىقىپ، ئۇيغۇر بەگلىرى مەھەللىسى (ۋېيگوڭسۈن) كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدا ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە نەزەر سالغاچ، ئاستا پىيادە مېڭىپ كىتاۋاتاتتىم، تۇساتتىن ئالدىمدا پەيدا بولغان قىزىقارلىق كۆرۈنۈشكە يەنى ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككى ياشقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئافرىقىلىق بولسا كېرەك قارا ئۆڭلۈك بىر نىگىر ياش بىلەن ئېگىز بوي، زىلۋا كەلگەن چىرايلىق بىر ئۇيغۇر قىزى قول تۇتۇشۇپ، بىر-بىرىگە مەجنۇنلارچە بېقىشىپ، بەھوزۇر كېتىشىۋاتاتتى. ھەيھات! سېنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئاتا-ئاناڭغا سادىغاڭ كېتەي، دېدىم ئىچىمدە. دېمەك، بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىزمۇ ئىرىق، مىللەت، ۋەتەن، دىن ئايرىماي مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككىلى تۇرۇپتۇ-دە؟!…
بۇ ئىككى ياش بەلكىم، بېيجىڭدىكى چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ، پەرەز قىلدىم. ھەش-پەش دېگۈچە ئۇلار كۆز ئالدىمىزدىن غايىپ بولدى. ئاڭلىسام، بېيجىڭدە بۇنداق قىزلار خېلى كۆپ ئىكەن. بۇندىن كېيىن نىگىرلاردىنمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا كۈيئوغۇل، نەۋرىلەر پەيدا بولىدىغان ئوخشايدۇ…

 

يەكلىنىش ۋە شەكلىنىشتىن ئىللىقلىق ھېس قىلىشقىچە

 

7-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ، ھاۋا ئوچۇق. كەچكە يېقىن بېيجىڭنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان << ئىتالىيە قەسىرى >> (رېستۇران شەكلى بىلەن سەھرا مەنزىرىسى بىرلەشتۈرۈلگەن ئارامگاھ) گە بېرىپ قايتاشىمدا، بېيجىڭنىڭ سەھرا مەنزىرىسىگە نەزەر سالغاچ ماڭاي دېگەن خىيال بىلەن ئاممىۋىي ئاپتۇبۇسقا چىقتىم. قارىسام ئاپتۇبۇستا لىق ئادەم بار ئىكەن، ھە-ئۆرە تۇرۇپ ماڭىدىغان بولدۇم، دېگەن خىيال كاللامدىن غىل-پال ئۆتكەندەك بولدى. چۈنكى مەن ئاپتۇبۇسقا چىققان بىكەت بىلەن بارىدىغان مەنزىل- ئۇيغۇر بەگلىرى مەھەللىسى كوچىسىنىڭ ئارىلىقى بەلكىم 40-30 كىلومېتىر كېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇ خىيال ئىلكىدە تۇرىۋاتسام، << تاغا ماۋۇ ئورۇندا ئولتۇرۇۋېلىڭ >> دېگەن يېقىملىق ئاۋاز ئاڭلاندى. قارىسام يان تەرىپىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بىر خەنزۇ قىز ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان ئىكەن. رەھمەت سىز ئولتۇرۇۋېرىڭ دېسەممۇ ئۇنىماي ئۆز ئورنىغا مېنى تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالدى. مەن سەل قورۇنىۋراق ئۇ قىزنىڭ ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم-دە، 17 يىل بۇرۇنقى يەنى 1995-يىلى بېيجىڭگە تۇنجى كەلگەن ۋاقىتتىكى مەنزىرىلەر خىيال ئەينىكىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. بېيجىڭدىكى كوچا ئاپتۇبۇسلىرى ياكى مېتروغا چىققاندا، گۇمانىي نەزەر سېلىۋاتقان سوغۇق تەلەتلەر، ئاپتۇبۇس، مېترودىكى ئارقىغا داجىپ بىھودە ئورۇن بوشىتىشلار… قىسقىسى، يەكلىنىش، شەكلىنىشكە ئۇچرىغان ئاھانەتلىك تەسىراتلار… بۇنىڭ سەۋەبچىسىمۇ ئەلۋەتتە شىنجاڭدىن بارغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز، مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرى ۋە بىر قىسىم بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىدىكى ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان ناچار كەيىپىيات ئىدى.
بۇ قېتىم بېيجىڭگە كەلگەندە كۆرگەن، ئۇچراتقان ئەھۋاللارغا سېلىشتۇرۇپ ئويلىسام، بېيجىڭدىكى كىشىلەرنىڭ بىزدەك سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىسدە    زور ئۇزگىرىشلەر بولۇشقا باشلاپتۇ. گۇمانىي قاراشلار، ئەنسىز قاراشلارنىڭ ئورنىنى باشقىدىن تونۇش، نورمال قاراشلار ئالغىلى تۇرۇپتۇ. شۇ تاپتا ئۇيغۇرنىڭ تۇنجى ئاكادىمىكى، تۆھپىكارئالىمى ھۇشۇرئىسلام، بوكسىيۇر چىمپىيۇنى ئابدۇشۇكۈر، ئابلىكىم، ئەرىش ئەركىسى ئادىل ھۇشۇر، ساحاۋەتچى ئانا ھەنىپىحان، كاۋابچى ئالىم… قاتارلىق ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يورۇتۇپ نۇرلاندۇرىۋاتقان سۈيۈملۈك كىشىلىرىمىز  حۇددى نۇرلۇق يۇلتۇزلاردەك كۇز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى…  ئۇيغۇر دېگەن نامىمىز ئەنە شۇلارنىڭ شاراپىتىدىن قايتىدىن ئاقلىنىش، نۇرلىنىشقا باشلاپتۇ… دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
بىر ئادەمنىڭ ئۆز مىللىي مۇھىيتى ئىچىدىكى سۆز-ھەرىكىتى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلغان بىلەن، باشقا مىللەت مۇھىتىدا ئۆز مىللىتىگە، ئانا يۇرتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت  بۇ ئاددى ئۇقۇمنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە، چەتئەللەرگە چىققانلارنىڭ ھەممىسى چۈشەنگەن ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلغان بولسا. ،بىز ئۇيغۇرنىڭ يۇزى خۇنۈكلەشمىگەن، بەلكى دائىم يورۇق بولغان بولاتتى!

 

دېھقان ساياھەتچىلەر

 

5-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ، ھاۋا ئوچۇق. تىيەنئەنمىن مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان كاتتا دۆلەت مۇزىيىغا زىيارەتكە كەلدىم. بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن تەرتىپلىك ھالدا ئۆچرەت بىلەن ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، چوڭ زالغا كىرىۋاتاتتى. زىيارەت جەريانىدا مېنىڭ دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتقان بىر ئەھۋال شۇكى، تۈركۈم-تۈركۈملەپ، رەتلىك ئۆچرەت بىلەن مۇزىيغا كىرىپ كىرىپ-چىقىۋاتقانلار ئارىسىدا ئالاھىدە بىر قوشۇن-دېھقانلار توپى ئىدى (ئۇلارنى بەلكىم كەنت مەمۇرىيىتى تەشكىللىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن). ئۇلار توپلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم بايراقچە-ئەلەملەرنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاددىي-ساددا كىيىم-كېچەكلىرىگە، بىشىعا يۉگىۋالعان ئاددى لۇڭگىسىگە،پۇتىدىكى لاتا كەشلىرىگە قاراپمۇ ئۇلارنىڭ دېھقانلار ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولاتتى. بۇ خىل مەنزىرىنى ئەتىسى يەنى 6-ئۆكتەبىر چېڭدىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ يازلىق ئوردىسىدىمۇ كۆردۈم.
دېھقانلارنىڭ تەشكىللىك ساياھەتكە چىقىشى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتىكى بىر يېڭىلىق، بىر يۈكسىلىش بولۇپ، بىزنىڭ يۇرتىمىزدا-جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇنى ھازىرچە تەسەۋۋۇر قىلماق قىيىن ئىدى. گەرچە نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى ئۆلكىلەر ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى، كەنت سېكىرتار-مۇدىرلىرىنى تەشكىللەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىكىسكۇرسىيە-زىيارەتلەرگە ئاپىرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، دېھقانلارنىڭ تەشكىللىنىپ ياكى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا ساياھەتكە بېرىشى تېخى يوقنىڭ ئورنىدىكى ئەھۋال ئىدى. مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ، بېيجىڭدىكى دېھقان ساياھەتچىلەرگە قىزىقتىم، ھەۋەسلەندىم، جاپاكەش ئۇيغۇر دېھقان قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ تېزراق مۇشۇنداق سەۋىيەگە يېتىشىنى ئارزۇ قىلدىم.
دۆلەت مۇزىيىدا ماڭا بەكرەك يېڭىلىق تۇيۇلغان يەنە بىر ئەھۋال:
ماۋزېدوڭ، جۇدې، ليۇ شاۋچى، جۇ ئېنلەيدىن باشلاپ تاكى ھازىرقى رەئىس خۇ جىنتاۋغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان دۆلەت رەھبەرلىرىگە چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ 1950-يىلىدىن 2012-يىلى 5-ئايغىچە بولغان 62 يىل ۋاقىت ئىچىدە، ھەر خىل مۇراسىم، پائالىيەت، سورۇنلاردا تەقدىم قىلغان خاتىرە بويۇملاردىن ئىبارەت. خاتىرە بويۇملار ناھايىتى كۆپ، تۈرى، شەكلى، مەزمۇنى ناھايىتى مول بولۇپ، بىر چوڭ زالغا لىق تىزىلغان ئىدى. بۇ خاتىرە بويۇملارنىڭ كۆپ قىسمى ئالتۇن، بىرونزا، ئالماس، لەھەلتاش، كۈمۈش قاتارلىق ئەتىۋارلىق ۋە قىممەتلىك بۇيۇملاردىن ياسالغان بولۇپ، ناھايىتى نەفىس، سىپتا ۋە كۆركەم بولۇش بىلەن بىللە، تارىخى ۋە رىئال مەنالارنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىكەن.

 

سالام بېرىشمۇ مەدەنىيلىكنىڭ بىر بەلگىسى

 

20-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ ياباۋلۇ كوچىسىدىكى << قۇملۇقتىكى ئەتىرگۈل >> ناملىق تۈرك رېستۇرانى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تۈرك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش نىيىتىدە بۇ رېستۇرانغا كېلىپ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى زالنىڭ ئاخىرقى شىرەسىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ، تاماق بۇيرىدۇق. تۈرك تائاملىرى ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ تۇردى. شۇ ئەسنادا ئىككى تەرەپتىكى شىرەلەرگىمۇ خېرىدارلار بىر-بىرلەپ كىرىپ ئورۇن ئېلىشتى. بۇ رېستۇراننىڭ تائاملىرى ئۆزگىچە تەم، پۇراق، شەكىلگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئانچە ئوخشىمايدىكەن، يېيىشلىك، سىڭىشلىك ئىكەن.
بۇ رېسىتۇراندا مېنى تەسىرلەندۈرگەن بىر ئىش-ئەتراپىمىزدىكى شىرەلەردە ئورۇن ئېلىشقان خېرىدارلارنىڭ مەيلى تونىسۇن-تونىمىسۇن ئۆز-ئارا قىزغىن سالاملىشىشلىرىدىن ئىبارەت بولدى. بىز ئولتۇرغان شىرەنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئورۇن ئېلىشقانلار ئەزەرىيلەر، تۈركمەنلەر بولۇپ، بىزگىمۇ <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!>> دېيىشىپ، ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى. بۇ رېستۇراننىڭ خوجايىنىمۇ يېشى 40 ياشلاردا بار بولغان ئەزەربەيجانلىق بولۇپ، بىزنىڭ ماشىنىدىن چۈشىۋاتقانلىقىمىزنى رېستۇران ئىچىدە تۇرۇپ كۆرگەن بولسا كېرەك، رېستۇران ئالدىغان چىقىپ، بىزنى قىزغىن ھالدا << مەرھابا، مەرھابا!>> دەپ كۈتىۋالدى. قايتقاندا ھەم ئۆزى چىقىپ قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى.
بۇ رېستۇرانغا كېلىۋاتقان مېھمانلار شۇنچە كۆپ، ھەتتا ئورۇن ساقلاپ تۇرغانلارمۇ بار بولۇپ، خوجايىندىن تارتىپ، كۈتكۈچىلەرگىچە شۇنچە ئالدىراش ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، مۇلازىمىتى بەكمۇ قىزغىن ئىدى. بۇ خىل كۆرۈنۈشنى دىيارىمىز ئۈرۈمچى، قەشقەرلەردىكى رېستۇران، ئاشپۇزۇللاردىكى ئەھۋاللارغا سېلىشتۇرۇپ، بىزدىكى بىپەرۋالىق، ناخۇشلۇق ۋە بۇرۇختۇرمىلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆڭلۈمدە روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى. بولمىساڭ ئوچۇق چىراي، ئاچمىغىن دۇكان-ساراي. بۇ ئۇيغۇر ماقالىنىڭ تېرەن مەناسىغا تېخىمۇ يەتكەندەك بولدۇم. ئاشپۇزۇل، مېھمانساراي، ئاممىۋىي سورۇن… لاردا تونىسۇن-تونىمىسۇن، ئۆز-ئارا قىزغىن سالاملىشىش – نېمە دېگەن سەمىمى كەيپىيات، سۈزۈك ئاسماندەك مەدەنىي كۆرۈنۈش-ھە! نەدە بولمىسۇن ئۆز-ئارا سالام بېرىشمۇ مەدەنىيلىكنىڭ،ئىنسانىيلىقنىڭ بىر خىل ئاددىي بەلگىسى-دە، ئەلۋەتتە.

 

بولۇپ يەنە بېيجىڭ تامان سەپەر قىلىش ئىرادەت،
باغچا، ساراي، مۇزىيلارنى قىلدىم ئەركىن زىيارەت.
ھەيۋەت بىنا خۇددىي ئورمان، كۈمۈش لىنتا چىرماش يول،
قىلدى پەرۋاز تەپەككۇرۇم سۇمرۇغ كەبى ساياھەت.

2012-يىلى 30-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.

 

يوللانغان ۋاقتى: 2013-يىل 01-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 17:15
كۆرۈلۈشى: 644 قېتىم
خەتكۈش: ،
يازما مەنبەسى: ?p=2099  [كۆچۈرۈش]