ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنى ئۆيگە چاقىرغان ئىدىم. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزى بۇلاقبېشى كوچىسىدا دۇكان ئاچىدىغان بەشناماز، 10 ياشقا كىرگەن ئوغلى خەنزۇچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئاكىمىزمۇ بار ئىدى. ئۇلار شۇ كۈنى ھەممە تۇغقانلاردىن كېيىن كېلىشتى. دادىنىڭ قاپىقى تۈرۈك، بالىنىڭ كۆزى ياش ئىدى. بۇ ھالنى كۆرگەن ھەممەيلەن « نېمە بولدى؟…» دېيىشتۇق.
- دادام مېنى ئۇردى، تەپتى … ھۆ ھۆ ھۆ
- ۋاي ئۇماق بالام، يىغلىما، يىغلىماي ئالدىرىماي گەپ قىلغىن، داداڭ نېمىشقا ئۇردى؟…، دەپ سورىدى ئارىمىزدا چوڭراق بىر ھەدىمىز بالىنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ.
ھەممەيلەننىڭ كۆزى بالىنىڭ دادىسىغا بۇرالدى. ئۇمۇ چۈشەنگەندەك، چوڭقۇر خۇرسىنىۋېتىپ گەپ باشلىدى:
- چۈشتە جۈمەدىن چىقىپ، بالامغا يېڭى سومكا ئېلىپ بېرەي دەپ كاررېفورغا ئەكىرگەن. سومكىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، مۇزەپپەر يەيتىم دەپ بىر نېمىلەرنى ئالدى، شۇنىڭ بىلەن پۇل تۈلەيدىغان يەرگە كەلسەك، ئۇيغۇر قىز بىر ماڭا قارايدۇ، بىر قولىدىكى نەرسىگە قارىۋېتىپ، – ئاكا، بۇ خوتۈيچاڭ چوشقىنىڭ گۆشىدە ياسىلىدۇ، بۇنى ئوغۇللىرىغا ئەپ بەرسىلە قاملاشماس… ، دەيدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. – بالام مۇشۇنىمۇ ئالدىڭمۇ دېسەم، مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۈندە يەيمەن شۇ … دېمەسمۇ، شۇ يەردىلا ھاپپاققا ئىككىنى سېلىپ، قوڭىغا تەپكەنچە ياندۇرۇپ چىقتىم. بولغان ئىش مۇشۇ … نەچچە تەربىيە قىلىپ كەتتىم قالايمىقان نەرسە يېمە، ساۋاقداشلىرىڭ يېگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى پاكىز، ھالال بولمايدۇ، بىز ئۇيغۇر، بىز مۇسۇرمان (نېمىشقىدۇر خېلى كۆپ كىشى مۇسۇلمان دېگەن گەپنى مۇسۇرمان دەۋالىدۇ) بالام … دەپ دېمىگەن گەپلىرىم قالمىدى. بۇنىڭغا ھېچ ئامالىم قالمىدى…
ھەممەيلەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىچىمىزگە چوڭقۇر تىندۇق. ئۆينى سۈكىنات باستى. ئارىدىن بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، مەن گەپ باشلىدىم.
- ئاكا، ئەينى چاغدا بالىنى مەكتەپكە بېرىدىغاندا، خەنزۇچە مەكتەپكە بەرمەڭ، قوش تىللىق بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرى بار مەكتەپكە بېرىڭ. بولمىسا، بالىنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇ قىيناپ قويىسىز دېسەم، – ياق، مەن ئوقۇماي مۇشۇ كۈننى كۆرىۋاتىمەن، بۇ مەندەك تۆت پۇلنى تاپىمەن دەپ كوچىدا جاپا تارتىپ، نەرسەمنى كېم ئالاركىن دەپ خەقنىڭ كۆزىگە تەلمۈرۈپ ئۆتسە بولمايدۇ، يا بانكىغا بېرىپ گاچچىدە ئىش بېجىرەلمەي، يا دوختۇرغا بېرىپ كېسىلىنى كۆرسىتەلمەي، نېمە ئىش بولسا سىلىگە ئوخشاش ئوقۇغان تۇغقانلارنى ئاۋارە قىلىپ يۈرسە بولمايدۇ. بۇمۇ ئوقۇغاندىن كېيىن خەنزۇچە مەكتەپتە راۋرۇس ئوقۇپ، گەپ دېگەننى ئەركەكتەك بېجرىم قىلىپ، ھەر يەردە ئىشىنى ئاققۇزۇپ ئەدەمدەك ياشىمىسا بولمايدۇ. ئۇيغۇرچىدا ئوقۇغانلارنىمۇ كۆرىۋاتىمىز، مانا قارىمامسىز ماۋۇ بىزنىڭ شەخسىي سالغان سودا ساراي بىنانىڭ باۋئەنس ئەخمەتمۇ شىنجاڭ داشۆنى پۈتتۈرپتىكەن بولمىسا، 800 كويغا 10 سائەت ئىشلەۋاتىدۇ. ئاۋۇ دۇكان قوشنىمىز مارجانگۈلمۇ نەردە دەيدۇ سەيجىڭ داشۆدە ئوقۇپتىكەن، بىر ژىلغىچە خىزمەتكە ئورۇنلىشالماي، ئۆزەم بىر ئىش قىلاي دەپ ئاتا-ئانىسى ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي 8 پىڭپاڭ تار دۇكاننى ئېلىپ بالىلار كېيىملىرى سېتىپ يۈرۈيدۇ. بۇلارنىڭ مەندىن نېمە پەرقى؟! مەنمۇ باشلانغۇچتا مەلىمنى ئۇرۇپ سېلىپ يېنىپ چىققانچە، مانا شۇلار بىلەن ئوخشاش كۈن كۆرۈۋاتمامدىم… ياق، مېنىڭ ئوغلۇم خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ، راۋرۇس ئىستىقبال تاپمىسا بولمايدۇ…، دەپ تۇرىۋېلىپ، ئاقىۋەت خەنزۇچە مەكتەپكە بەردىڭىز. يا بالىنىڭ دەرس تەكرار قىلىشىغا قارىشىپ بېرەلمىدىڭلار، ئى ئارىلىقتا، بالىنىڭ نەتىجىسى ياخشى ئەمەس، ئوقۇتقۇچىسى تەڭ كۆزدە قالىمايدىكەن باللىغا… دەپ قاقشاپ يۈردىڭىز، ئەمدى قوپۇپ بالام خوتۈيچاڭ يەپتۇ، دەپ كوچىنى كوچا دېمەي ئۇرۇپ يۈرسىڭىز ، ئويلاپ بېقىڭ ئەيىپ كىمدە؟! … بۇ بالا، ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ ئاكا، ساۋاقداشلىرى شۆلگىيىنى ئېقىتىپ يەپ يۈرسە، يېگىسى كېلىدۇ. شۇلار بىلەن تەڭ يەپ، تەڭ ئىچمىسە، تەڭ ئولتۇرۇپ، تەڭ قوپمىسا ئۇ بالىلار ئارىغا ئالمايدۇ. بالا دېگەن بالىلار بىلەن تەڭ چوڭ بولىدىغان گەپ، مەكتەپكە بېرىشتىن ئاۋۋال مۇشۇلارنى ئويلاش كېرەك ئىدى. ئەمدى گۇناھنى بالىدا قويۇپ، بالىنى ئۇرۇپ دۈشكۈللەپ يۈرسەك توغرا بولامدۇ؟ مۇھىمى، مەسىلە بۇنىڭلىق بىلەن ھەل بولامدۇ؟!…
بۇ گەپلەردىن كېيىن ئۇ ئاكىمىز باشىنى قاماللاپ ئولتۇرۇپ كەتتى خېلى ئۇزۇنغىچە.
- ئەمسە قانداق قىلىمىز ئۇكام، مۇزەپپەر يەنە بۇنداق ھالال-ھارام ئايرىماي يەپ يۈرسە، كېيىن قانداق ئادەم بولىدۇ؟ بۇنداق ئوقىغاننىڭ، ياشىغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ بىر بالىنى جايلاپ ئەدەم قىلالماي، ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ ھېساب بېرەرمەن مەن … ھەيييييييييييي! دۇكاننى تاشلاپ، ئاستا يۇرتقا كېتىپ، مەلىدىكى مەكتەپ ئەكىرىپ بېرىپ، دېھقانچىلىقمنى قىلسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. پىشانىسىدە بولسا، خۇدا بۇيرىغان كۈننى كۆرەر بۇمۇ…
- ئەمدى بىراقلا بۇنداق دېسەك يەنە قاملاشماس ئاكا، بالىمۇ 3-سىنىپنى پۈتتۈرەي دەپ قالدى. ئەمدى بىر ئاز چىداپ، باشلانغۇچنى بولسىمۇ پۈتتۈرىۋالسۇن. ئاندىن، تۇلۇقسىزنى قوش تىللىق تولۇقسىز مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىڭ كويىغا چۈشىلى. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار مەكتەپ مۇھىتىغا بارسا، ھەممە ئىشلار يەنە ئىزىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ھازىر بۇ بالىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە خاتالىقىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا قىلىدۇ…
ئىشقىلىپ ئۇ كۈنى ئۇرۇق-تۇغقانلار بالىلارنى ئوقۇتۇش، بالىلارغا زۆرۈر بولغان بىخەر، ئىشەنچىلىك مۇھىت، مەكتەپ ھەققىدە جىق مۇڭداشتۇق… مېھمانلارنى ئۇزۇتۇپ ئارام تاپقاندىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككىمىز ئۇھ دېيىشىپ، ساپاغا ئولتۇرغاچ تېلېۋزۇرغا قاراپ بولغۇچە، «ئاللا ئامانە، خوش، ئەتە كۈيشەيلى…» دەپ تۇغقانلارنىڭ ئاۋازى پەشتاقلىق كارىدوردىن يۈتكىچە ئىشىكتە قاراپ تۇرغان ئوغۇز تايتاڭلاپ قۇچىقىمغا چىققانچە، « دادا، مەن چوڭ-چوڭ بولاپ ئوقۇي، مەكتەپ بارىپ ئوقۇي …» دەپ چۇرقىرغىلى تۇردى. ئىختىيارسىز ئەر-خوتۇن ئىككىمىز ئاۋۋال بىر-بىرىمىزگە، ئاندىن ئوغۇزغا قاراشتۇق…

يوللانغان ۋاقتى: 2012-يىل 06-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 12:36
كۆرۈلۈشى: 5,897 قېتىم
خەتكۈش: ، ،
يازما مەنبەسى: ?p=2050  [كۆچۈرۈش]