13-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تور ئىشلىرى تەرەققىياتى» باش تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتناشتۇق. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ھەمدە ج خ نازارىتى، ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى.
يىغىن داۋامىدا، ئەركىنجان تۇراخۇن قارلۇق، ئەلداۋا، ئۇلىنىش، ئەلكۈيى قاتارلىق ئۇيغۇرچە تور شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كەڭ-كۇشادە پىكىرلەشتى. كۆپچىلىك ئۇيغۇر تور تەرەققىيات ئەھۋالى، ساقلانغان مەسىلىلەر، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەركىنجان تۇراخۇن ھەر بىر سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە بەزى تەپسىلىي سۇئاللارنى سوراپ پىكىرلەشتى. ئاخىرىدا، رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تور ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە بەزى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تور ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك ئىنكاس قىلغان بەزى مەسىلىلەرنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا داۋاملىق تەتقىق قىلىش، ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى كېچىكتۈرمەي ھەل قىلىش توغرىسىدا يوليۇرۇق بەردى.
شۇ قاتاردا، پېقىر يۈكسەلمۇ ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزنى يىغىن ئەھلىگە بىرەر قۇر تونۇشتۇردۇم. ئەركىنجان تۇراخۇن ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە سەھىيە نازارىتىدىن مۇۋاپىق مەبلەغ ئاجرىتىپ قوللاشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.
ئەركىنجان تۇراخۇن بىلەن تور تەرەققىياتىمىز توغرىسىدا مۇڭداشتۇق
ئالدىنقى يازما: خوتۈيچاڭ يېگەن ئوغۇل
كېيىنكى يازما: «ياشلاردا بىلوگ قىزغىنلىقى» رادىيو سۆھبىتى (ئۈن قوشۇلدى)
يۈكسەل ئەپەندى: ئەل ئۈمۈدى يۈكسەلدە! سەمىمىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ تىرىشقانلار ھامان «تۆر»گە لايىقتۇر!
بۇ يىغىننىڭ بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تور تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ياخشى بولغان تەرەققىيات بوشلىقلىرى بېلەن تەمىنلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .
ئۇيغۇر بىلوگچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى يۈكسەلنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم بىزلەرنىمۇ ئورتاق قوللاپ قويۇشىنى سورايمەن ;-)
ئۇيغۇر تور ئىشلىرنىڭ تېخىمۇ يۈكىشىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.