نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

كارۋات ئۈستىدىن رەئىس سەھنىسىگىچە

جۇڭگودا سۆز بايلىقىنىڭ موللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. جۇڭگولۇقلارنى يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. مەيلى قەدىمىقلەرنىڭ گەپ – سۆزلىرى، يازمىلىرىدا بولسۇن ياكى كۈنىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغزىدىن چىقىۋاتقان ھەررەڭ – سەرەڭ گەپلەر بولسۇن ھەممىسدە يۇمۇرىستىك ئامىللار كۆپ. بەزىلىرى كۈلكىڭىزنى قىستىسا، بەزىلىرى غىدىقىڭىزنى كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ زۇۋانىدىن چىقىۋاتقان < قارا يۇمۇر > لارنى ئاڭلىسىڭىز يا كۈلىشىڭىزنى يا غەزەپتىن يېرىلىشىڭىزنى بىلمەي قالىسىز . قېنى ئەشۇ < ئەمەلدار بەگ > لەرنىڭ سۆزلىرىنى ئىشتىپ كۆرەيلى:

1 . چىرىكلىشىشتە مەنمۇ ئاز جاپا تارتىمىدىم.

ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈجۇۋ شەھرى ( 安徽省滁州市 ) خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق ئورۇنباسار مۇدىرى 陈兆丰 ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئەھۋال ئىگىلەپ قىلغان سورىقى جەريانىدا << سىلەر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ جاپا تارتساڭلار ، مەن چىرىكلىشىپ بولالماي جاپا تارتىمەن ، مېنىڭ چىرىكلەشمىكىممۇ ئاسان ئەمەس … >> دەيدۇ.
ئادەتتە بىز كىشىلەرنىڭ خىزمەت ياكى ئەمگەك قىلىپ جاپا تارتقانلىقىنى – چارچىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئەمما ، چىرىكلىشىش، پارا ئېلىش، مال – دۇنيا يىغىش، راھەت – پاراغەتتە ياشاش ئۈچۈن جاپا تارتىپ – چارچىغاننى ئاڭلاپ باقىمغان ئىدۇق.
ئەمما ئويلاپ باقساق، بۇ مۇدىرنىڭ دېگەنلىرىمۇ ھەق ئىكەن. چىرىكلىشىمەن دېسە ، پارا ئالىدىغان گەپ، كىم ئىشەنچىلىك ، كىمدىن ئېلىش كېرەك ، قانچىلىك ئېلىش كېرەك ؟ كۆپ ئېلىپ قويسا تېخى قاملاشمايدۇ، پۇل -بايلىق كۆپەيسە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ بىرگەپ، ئۆيدە قويۇشقا تېخى بولمىغان، بانكىدا تېخى، بولۇشىغا خەجلەي دېسە كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغان گەپ … دېمەك مۇشۇ ئىشلارنىڭمۇ ئېپى – جىپىنى ئويلاپ تېپىش كېرەك. يېگەن ئېغىز ئۇيۇلار دېگەن گەپ بار، خەقتىن ئالغاندىن كېيىن جاۋاب تەرىقىسىدە ئىشىنى بېجرىپ بېرىدىغان گەپ … مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى باشنى ئاغرىتىدىغان ئىشلار ئەمەسمۇ ؟ بىچارە ئەمەلدارلار مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇسى ئۇيقۇ بولمىغان، پاش بولۇپ قالسام قانداق بولۇپ كېتەرمەن دەپ، كۈنبۇيى دەكە – دۈكىدە يۈرگەن ، دېمىسىمۇ ئۇلارغا < جاپا > كەن ئەمەسمۇ ؟ …

2 . ئەلدىن ئالغاننى ، ئەلگە قايتۇرۇش

خۇنەن ئۆلكىسى شياڭ شەھرى ( 湖南省临湘市 ) نىڭ ئورۇنباسار شەھەر باشلىقى 余斌 چىرىكلىشىش جىنايىتى بىلەن سۇئال – سوراق قىلىنغاندا << پاراۋانلىق – ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن پارا ئالدىم >> دېگەن مەشھۇر گەپنى دەيدۇ. ئۇ ئۆز گېپىنى شەرھىيلەپ، مەن ئالمىسام باشقىلار ئالىدۇ ، باشقىلار ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتسا مەن ئالغان پارىلارنى ساخاۋەت – پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتتىم. مەن ئەلۇ خەلقنى بىر كۈنمۇ كۆڭلۈمدىن نېرى قىلمىدىم، بۇنى ئەلدىن ئېلىپ ئەلگە قايتۇرۇش دەيمىز ، سىلەر مېنى ماختاپ مۇكاپاتلىمغان تەقدىرىڭلاردىمۇ ، مېنى جازالىسىڭلار بولمايدۇ …

3. چىرىكلىشىشمدىكى سەۋەب يۇقىرىدا، كىم مېنى ئۆستۈرسۇن دەپتۇ ؟

خۇبىي ئۆلكىسى يېز  – بازار كارخانىلىرى تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ( 湖北省乡镇企业培训中心 ) ئورۇنباسار مۇدىرى  王毛弟 ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتا مۇنداق دەيدۇ: << چىرىكلىشىپ بۇ ھالغا قېلىشىمدىكى ئەيىب تەشكىلنىڭ مېنى باشلىق قىلىپ ئۆستۈرگەنلىكىدە، ئەگەر يۇقىرى مېنى باشلىق قىلمىغان بولسا مەنمۇ چىرىكلەشمەيتتىم، ھەم بۇ كۈنگىمۇ قالمايتتىم … >> بۇ مۇدىر خىيالىدا يۇقىرى باشلىق قىلىپ ئۆستۈرگەن كىشى چوقۇم چىرىكلىشىدىغان چېغى ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتە بىرمۇ باشلىق بولماسلىقى كېرەك ئوخشايدۇ. نېمە دېگەن بىمەنە تەپەككۇر – ھە ؟

4. تەكشۈرۈلۈش نۆۋىتى مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بولسا ئەلھەكمۇللاھ  ، تەلىيىم كاژكەن !

جياڭشى ئۆلكىسى 赣州市 شەھرى تاشيول ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى 李国蔚 زور دەرىجىدە پارا يەپ چىرىكلەشكەنلىك جىنايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن تەكشۈرلگەندە : << مېنىڭ بۇ ئىشلارنى سادىر قىلىشمدا جەمئىيەتنىڭ تەسىرىمۇ بار، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى كەيپىياتى ناچار ، تەكشۈرۈش مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بولسا ، ئەلھەكمۇللاھ ، پىشانەم راستىنلا كاژكەن ! >> . ما گەپنى كۆرسىلە، لاۋلىنىڭ تەپەككۇرى بويىچە ئۇنىڭ تەلىي كاژ بولماي ئوڭ بولغان بولسا يەنە داۋاملىق پارا ئېلىپ، چىرىكلىشىپ يۈرۈۋەرگىسى بار ئىكەن. جەمئيەتتە باشقا تەلىيى ئوڭ باشلىق – ئەمەلدارلار ھە دېگەندە چىرىكلىشىپ يايراپ يۈرۈشىپتۇ – دە !

5. مەن سىزنى كارۋاتتىن تاكى رەئىس سەھنىسىگىچە بىر قوللۇق يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن …

<<  ئۇمىقىم سىز ياش ھەم مەدەنىيەتلىك ، مەن سىزنى كارۋات ئۈستىدىن تاكى رەئىس سەھنىسىگىچە بىر قوللۇق تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن. سىزنى يېزنىڭ بىرىنچى قولى ، ناھىيلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قىلىمەن.  >> ____ بۇ  ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈەنچىڭ شەھەرلىك ( 安徽省宣城市 ) پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئورۇنباسار شەھەر باشلىقى 赵增军 زىشى ناھىيىسىگە ( 绩溪县 ) ھاكىم بولغان مەزگىلىدە، ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن چىرايلىق ئاشنىسىغا بەرگەن ۋەدىسى. لاۋجاۋ ھەقىقى << لەۋزىدە تۇرىدىغان ئەركەك >> بولۇپ، دېگىنىنى ئەمەلىدە كۆرسەتكەن. ھېلىقى سەتەڭ ئاشىنىسى ھە ھۇ دەپلا يېزىلىق ھۆكۈمەت پارتكومىنىڭ ئورۇنباسار سېكرتارى ، خەلق قۇرۇلتاينىڭ مۇدىرى بولغان، كۆپ ئۆتمەيلا << راكتا >> سۈرئىتىدە ئۆرلەپ، ناھىيلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە رەئىس بولغان، تېخى لاۋجاۋ ئاغىينىمىز شۈەنچىڭ شەھرىگە ئورۇنباسار شەھەر باشلىقى بولغاندا، مەزكۇر شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يۆتكىلىپ خېلى كۆرۈنەرلىك ئەمەل تۇتقان. لاۋجاۋ سەتەڭ ھىيلىسىغا  مەستخۇش  بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى شەخسىي بۇيۇم سۈپىتىدە كۆرۈپ ، ئۇنى خالىغانچە ئاشنىلىرىغا كۆڭۈل ئوۋلاش سوۋغىسى سۈپىتىدە بېرىۋەرگەن.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : كارۋات ئۈستىدىن رەئىس سەھنىسىگىچە

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟